تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى قۇرۇشنى تېزلەتتى

​تىرىشىپ 2030 - يىلىغىچە ئېنېرگىيە ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى 700 مىليون توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرگە يەتكۈزىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 10 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئاچقان «مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش» تېمىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق تونۇشتۇرۇلدى: شىنجاڭ ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلان ئارقىلىق تەرەققىيات يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ «15 - بەش يىل»لىق مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىش يىرىك پىلانى، شىنجاڭنىڭ «15 - بەش يىل»لىق يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى ھەمدە ھەرقايسى ئېنېرگىيە ساھەلىرىنىڭ ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، بەش چوڭ تەدبىر ئارقىلىق مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى قۇرۇلۇشىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ. تىرىشىپ 2030 - يىلىغىچە، ئېنېرگىيە ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يۈكسەلدۈرۈپ 700 مىليون توننا ئۆلچەملىك كۆمۈردىن كۆپرەككە يەتكۈزىدۇ.

ئېنېرگىيە بايلىقى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى سىجىل كۈچەيتىدۇ. نېفىت - تەبىئىي گاز بايلىقىنى چارلاش - ئېچىش ۋە زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش - ئېچىش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، شەرقىي جۇڭغار ۋە قومۇل كۆمۈردىن ماي - گاز ئېلىش ئىستراتېگىيەلىك بازىسىنى كۈچلۈك قۇرۇپ، «قۇملۇق، چۆللۈك، قاقاسلىق» پاكىز ئېنېرگىيە بازىسىنى تەرتىپلىك قۇرۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك كان ئىزدەشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، قېزىلما بايلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قوزغىتىشنى تېزلىتىدۇ. «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» «شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش» «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» يوللىرىنىڭ توشۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئېنېرگىيە بايلىقى خەلقئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى بىخەتەرلىكىنى تېخىمۇ كۈچلۈك تىرەك ۋە كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئېنېرگىيە بايلىقىنىڭ تىپىنى يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپقا ئۆزگەرتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىدۇ. ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى كۆپ خىل ئېچىش - پايدىلىنىش ئەندىزىسىنى بېيىتىپ ۋە كېڭەيتىپ، مەنبە، تور، يۈك كۆتۈرۈش، ساقلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، يېشىل توكنى بىۋاسىتە ئۇلاش قاتارلىق يېڭى ئېنېرگىيەنى يېقىن ئەتراپتا ئىشلىتىش يېڭى كەسپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ. ھاسىلىي ئېنېرگىيەلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى مەجبۇرىي ئىشلىتىش مېخانىزمىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن پاكىز ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش مىقدارىنىڭ پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى تەدرىجىي قاپلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. چارلاش كەسپىنىڭ يېشىل، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، كان رايونى ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى چىڭىتىپ، يېشىل كان قۇرۇلۇشىنى تۈرگە ئايرىپ تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ يېشىل تەرەققىيات رىقابەت ئەۋزەللىكىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.

ئېنېرگىيە بايلىقى كەسپىدە يېڭى زەنجىر يېتىلدۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولىدۇ. دىققەتنى ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش، يېشىللىشىش، يۇغۇرۇلۇش يۆنىلىشىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېنېرگىيە بايلىقى تېخنىكىسىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئۈلگە كۆرسىتىپ قوللىنىشنى قانات يايدۇرۇپ، خىمىيە سانائىتى، مېتاللۇرگىيە، ماتېرىيال قاتارلىق ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت، ئېنېرگىيە ساقلاش، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ ۋە كۈچەيتىپ، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى، ھېسابلاش كۈچى قاتارلىق كېلەچەك كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ئېنېرگىيە بايلىقى كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ «بايلىق چوڭ رايونى»دىن «كەسىپ كۈچلۈك رايونى»غا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

ئېنېرگىيە بايلىقى تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئېچىش - باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېشىل ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسەت - مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بازار سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ۋە باھا مېخانىزمى ئىسلاھاتى قاتارلىقلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرىدۇ.

ئېنېرگىيە بايلىقىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرىدۇ. جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش بويىچە تۇرۇبا يولىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، يېزا، چارۋىچىلىق رايونلىرى ھەم چەت - يىراق رايونلارنىڭ ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، پاكىز ئىسسىنىش خىزمىتىنى مۇستەھكەملەپ، يۈكسەلدۈرۈپ ۋە شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، توك قاچىلاش، باتارېيە ئالماشتۇرۇش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىدىكى ئېنېرگىيە ئىشلىتىش يېڭى ئارزۇسى، يېڭى ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.