—— شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسى جۇڭگونىڭ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز راۋاجلاندۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدى
□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى
10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى» ئاشكارا ئېلان قىلىندى. پىكىردە، جۇڭگونىڭ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئومۇمىي تەلىپى ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىسى چۈشەندۈرۈلۈپ، تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ئۇقۇم ۋە يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ۋەزىپىنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم بايانلىرى ماركسىزملىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئىلمىي كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلىدى.
يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز راۋاجلاندۇرۇشتا، جۇڭگو ئىقتىسادى ئېشىش لوگىكىسىنى چوڭقۇر قايتا يارىتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىيات ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈلمە - مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىختىساسلىقلار خىزمىتى مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ھەر تەرەپلىمە ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشقان ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ كۈچلۈك موتورىنى سىجىل قوزغاتتى.
( 1 )
بېيجىڭ يىجۇاڭ، تاڭ ئەمدىلا سۈزۈلگەنىدى، شوپۇرسىز ئاپتوموبىل كوچىلاردا ئۇياقتىن - بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىدە، تەنلىك ئەقلىي ئىقتىدار «تەدرىجىي تەرەققىيات» قەدىمىنى باستى.
پايتەختتىكى ئالىي، سەرخىل، ئىلغار كەسىپلەرنىڭ بۇ ئاساسىي بازىسىدا سودا ئىشلىرى ئالەم قاتنىشى، كىۋانت ئۇچۇرى قاتارلىق كېلەچەك كەسىپلەر تېز ئۆسۈپ يېتىلدى. بۇ يىل 4 - ئايدا، ئىنتايىن زور كېلەچەك تۇيغۇسىغا تولغان بىر مەيدان ئاتلىنىش − 2026 - يىللىق بېيجىڭ يىجۇاڭ ئادەمسىمان ماشىنا ئادەم يېرىم مۇساپىلىك مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى بۇ جايدا ئۆتكۈزۈلدى.
2026 - يىلى 2 - ئايدا، «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدا تۇنجى قېتىم يەرلىكتە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ يىجۇاڭغا كېلىپ، سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق تاپىلىدى: «دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىشكە كۈچ سەرپ قىلىش، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ۋە كېلەچەك كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك».
مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىش، كېلەچەك كەسىپلەرنى چىڭ تۇتۇپ، پەن - تېخنىكا رىقابىتىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش. يىجۇاڭنىڭ ئەمەلىيىتى دەل يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرگەنلىكىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى.
بۈگۈنكى دۇنيادا، يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى تېز يېتىپ كەلمەكتە، پۈتۈن دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە كىردى، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ كۈچ سىنىشىشى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتى ۋە كەسكىنلەشتى، ئېنىقسىزلىق كۆپەيدى.
جۇڭگوغا نەزەر سالساق، بىز ھازىر «چوڭ دۆلەت»تىن «قۇدرەتلىك دۆلەت»كە ئۆتۈشتىن ئىبارەت ئاچقۇچلۇق ھالقىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىمىز، نوپۇس قۇرۇلمىسىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، بايلىق ۋە مۇھىت چەكلىمىسى كۈچىيىۋاتىدۇ، بەزى ساھەلەردىكى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا باشقىلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراش ۋەزىيىتى تېخى تۈپتىن ئۆزگەرگىنى يوق. مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئىقتىدارى، رىقابەت ئىقتىدارى، تەرەققىيات ئىقتىدارى، سىجىل داۋاملاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشتە، يېڭىلىق يارىتىش شىفىرىنى قوزغىتىپ، تەرەققىياتتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش جىددىي زۆرۈر.
دەۋر ئىمتىھان سوئالىغا جاۋاب بېرىشتە، جەزمەن نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى دادىل ئالغا سىلجىتىش كېرەك، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۆنىلىشى دەل ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردە قانداق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يەنىمۇ ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ نېگىزلىك، ئەڭ تەخىرسىز ۋەزىپە يەنىلا ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يەنىمۇ ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش».
2023 - يىلى 9 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خېيلۇڭجياڭدا تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدە: «پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ۋە كېلەچەك كەسىپلەرنى يېتەكلەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز شەكىللەندۈرۈش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى. «يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى»دىن ئىبارەت بۇ ئىجادىي ئۇقۇم ئاممىنىڭ نەزەر دائىرىسىگە كىردى.
شۇ يىلى 12 - ئايدا ئېچىلغان مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش، بولۇپمۇ ئاغدۇرما خاراكتېرلىك تېخنىكا ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلار ئارقىلىق يېڭى كەسىپ، يېڭى ئەندىزە، يېڭى قۇۋۋەتنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.
«يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى دېگەن نېمە، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قانداق راۋاجلاندۇرۇش كېرەك؟ بۇ ھەقتە مەن ئىزچىل ئويلىنىپ كەلدىم». 2024 - يىلى 1 - ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 11 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ پىلانىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئىچكى تەلەپ ۋە مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى.»
مەۋقەنى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشىگە قويۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر كۆزىتىش ۋە ئىستراتېگىيەلىك يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن، يۆنىلىش خاراكتېرلىك، تۈپ خاراكتېرلىك، ئومۇمىي خاراكتېرلىك بىر قاتار مەسىلىلەرگە سىستېمىلىق جاۋاب بېرىپ، ئامىللار ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتىن يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشقا قاراپ يۈكسىلىشتىكى نەزەرىيە جەھەتتىكى قويۇق تۇماننى تۈگەتتى.
مۇھىم مەزمۇننى كۆرسىتىپ بەردى: «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى نەزەرىيەسى ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىشقا ئېھتىياجلىق» «يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئەمەلىيەت داۋامىدا شەكىللەندى ھەم يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا بولغان كۈچلۈك تۈرتكە بولۇش كۈچى، تىرەك بولۇش كۈچىنى نامايان قىلدى»، «نەزەرىيە جەھەتتىن يەكۈنلەپ، يىغىنچاقلاپ، يېڭى تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشقا توغرا كېلىدۇ»؛
ماھىيەتلىك مەزمۇننى ئىزاھلاپ بەردى: «يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى يېڭىلىق يارىتىشتا يېتەكچى رول ئوينايدىغان، ئەنئەنىۋى ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش شەكلى، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدىن قۇتۇلغان، يۇقىرى پەن - تېخنىكا، يۇقىرى ئۈنۈم، يۇقىرى سۈپەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سۈپەت ھالىتى» «تولۇق ئامىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈشنى يادرولۇق بەلگە قىلغان» «ئالاھىدىلىكى − يېڭىلىق يارىتىش، ئاچقۇچى − ئەلا سۈپەتلىك بولۇش، ماھىيىتى − ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچى»؛
يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى: «پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك» «پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك» «تەرەققىيات ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك» «تۈزۈلمە - مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك» «ئىختىساسلىقلار خىزمىتى مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك»؛
...
ھەربىر بەلگە خاراكتېرلىك تۈگۈن، ھەربىر ئاچقۇچلۇق يول باشلاش دەۋر ئاساسىنى تىكلەپ بەردى، دەۋر سوئالىغا جاۋاب بەردى، دەۋر ئۆزگىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.
نەزەرىيە تەرەققىيات ئەمەلىيىتىدىن كەلگەن، شۇنداقلا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش داۋامىدا سىجىل مۇكەممەللىشىدۇ.
يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ئۇقۇم ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، ھەرقايسى جايلار تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتتى، لېكىن بەزى جايلار يەنە تونۇش جەھەتتىكى خاتا قاراشقا پېتىپ قالدى: بەزىلىرى يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئاددىي ھالدا يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ، كېلەچەك كەسىپ بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بوشلۇقىغا سەل قارىدى؛ بەزىلىرى ئۆز ئۈستۈنلۈكىدىن چەتنەپ، قارىغۇلارچە قىزىق مۇسابىقە يولىغا توپلىنىۋېلىپ، بايلىق ئىسراپچىلىقى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ «ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىكى باش قېتىنچىلىقى»نى سەزگۈرلۈك بىلەن كۆزىتىپ، تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ۋاقتىدا توغرىلىدى.
2024 - يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، باش شۇجى ئۈچ قېتىم ئۆمەك، گۇرۇپپىلارغا بېرىپ، «يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى» توغرىسىدا ئۈچ قېتىم توختىلىپ، «يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئەنئەنىۋى كەسىپلەرگە سەل قاراش ياكى ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىش دېگەنلىك ئەمەس» دەپ نۇقتىلىق تەكىتلىدى.
شۇ يىلى 4 - ئاي، چۇڭچىڭ؛ 5 - ئاي، شەندۇڭ؛ 10 - ئاي، فۇجيەن، ئەنخۇي؛ 2025 - يىلى 1 - ئاي، لياۋنىڭ... زىچ تەكشۈرۈشتە بولۇش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە مۇھىم يىغىنلاردا، باش شۇجى سىجىل تۈردە چوڭقۇر ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، يوللارنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش پىكىر يولى ۋە ئۇسۇلىنى يەنىمۇ ئىزاھلىدى.
كەسىپلەر قانداق سەپ بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ؟ «ئەمەلىي ئىقتىسادنى يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، ئەمەلىي ئىقتىسادتىكى ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ» «<يېڭى ئۈچ خىل> كەسىپكىلا ئېسىلىۋېلىشقا بولمايدۇ، چوڭ داغدۇغا پەيدا قىلىشقا، قارىغۇلارچە شامالغا ئەگىشىپ ئىش قىلىشقا، نەتىجىسىز تارقىلىپ كېتىشكە بولمايدۇ»؛
رايونلار قانداق ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك؟ ھەرقايسى جايلار «ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاۋۋال ئورنىتىپ ئاندىن بىكار قىلىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۆز جايىنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى، كەسىپ ئاساسى، پەن تەتقىقات شارائىتى قاتارلىقلارغا ئاساسەن، يېڭى كەسىپ، يېڭى ئەندىزە، يېڭى قۇۋۋەتنىڭ تەرەققىياتىغا تاللاش خاراكتېرلىك تۈرتكە بولۇشى كېرەك»؛
قۇۋۋەتنى قانداق ئالماشتۇرۇش كېرەك؟ «كونا قۇۋۋەتنىڭ ئورنىغا يېڭى قۇۋۋەتنىڭ ئالمىشىشىنىڭ ئۆتكۈنچى مەزگىلى ۋە جىپسىلىشىشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىجادىي مېخانىزم ئارقىلىق ساقلانما مىقدار جاھىل ئىللەتلەرنى تۈگىتىش، تەدرىجىي ئىلگىرىلەش كېرەك» «جەزمەن يېڭى قۇۋۋەت يېتىلدۈرۈش بىلەن كونا قۇۋۋەتنى يېڭىلاشنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك»...
پىكىر يولى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، يول سىجىل ئىنچىكىلەشتى.
«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى»نى تەتقىق قىلىپ ئوقۇساق، نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان تەدبىرلەر پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش، تەرەققىيات ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىش، تۈزۈلمە - مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش، ئىختىساسلىقلار خىزمىتى مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، يېڭىلىق يارىتىشنى يېتەكچى قىلىش، ئىسلاھاتنى ئاچقۇچلۇق تۇتقا قىلىش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، ئاۋۋال ئورنىتىپ ئاندىن بىكار قىلىشتىن ئىبارەت يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش سىياسەت سىستېمىسى كۈنسېرى بېيىتىلدى ۋە پىشىپ يېتىلدى، سىستېمىلىق، مۇكەممەل بولۇشقا يۈزلەندى.
ئەمەلىيەتتىن كەلگەن ئىلمىي نەزەرىيە ئەمەلىيەت داۋامىدا ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچىنى ئۇرغۇتماقتا −
مەۋقە ئەمەلىيەتكە قويۇلۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى «نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش»تىن «سىستېمىلىق توپلىنىش»قا يۈزلەندى: بېيجىڭدا، خەلقئارا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇش تېزلىتىلىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار (AI)، كىۋانت ئۇچۇرى قاتارلىق ساھەلەردە بىر تۈركۈم مۇھىم دەسلەپكى ئىجادىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى؛ گۇاڭدۇڭدا، تىرىليون يۈەن دەرىجىلىك كەسىپ توپلىرى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى ۋە زورايدى، 20 كەسىپ توپىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %30تىن ئاشتى؛ ئەنخۇيدا، «ئەنخۇيدىن چىقماي تۇرۇپمۇ بىر پۈتۈن يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ياسىغىلى بولىدىغان» سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇش ئىقتىدارى شەكىللەندى...
باتۇرلۇق بىلەن دەۋرنىڭ ئالدىدا مەزمۇت تۇرۇپ، تەرەققىيات قۇۋۋىتى يەككە نۇقتىدا كۈچەشتىن پۈتۈن رايون كۈچ قوشۇشقا يۈزلەندى: ھەممىباب چوڭ مودېلىنى يېڭىلاشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، چوڭقۇر ئىزدىنىش (DeepSeek) قاتارلىق دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن مودېللار كۈچلۈك قەد كۆتۈردى؛ ئادەمسىمان ماشىنا ئادەم كۈنسېرى پىشىپ يېتىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ قوللىنىش مۇساپىسى تېزلىتىلدى؛ تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى يېڭى مۇسابىقە يولىنى كېڭەيتتى؛ كىۋانت پەن - تېخنىكىسى ئالدىنقى قاتاردىكى ساھەلەردە دادىل بۆسۈش ھاسىل قىلدى... پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ، تولۇق ئامىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى مۇقىم ئۆستى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى بارغانسېرى يېتەرلىك بولدى.
8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، خەلقئارا ئىناۋەت دەرىجىسىنى باھالاش ئاپپاراتى ئۆلچەم پور دوكلات ئېلان قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇق ئىناۋەت دەرىجىسىنىڭ «+A» بولۇشنى ساقلايدىغانلىقى، كەلگۈسىدىمۇ «مۇقىم بولۇش»نى ساقلايدىغانلىقىنى قارار قىلدى.
«جۇڭگو سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، تېخنىكا دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇشنى ئالاھىدىلىك قىلغان يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويماقتا.» گېرمانىيە - جۇڭگو ئىقتىساد بىرلەشمە كېڭىشىنىڭ باشلىقى كلېيمېنىس شۇت مۇنداق قارىدى: بۇ خىل تىپ ئۆزگەرتىش پىشىپ يېتىلگەن ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇقەررەر يول، جۇڭگو تېخىمۇ تەشەببۇسكار ۋە ئالدىن كۆرەر قىياپەت بىلەن بۇ ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرماقتا.
( 2 )
نەزەرىيە ئارقىلىق ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش ئىلمىي ئۇسۇلنىڭ تىرەك بولۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ.
يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا، قانداق ئۇسۇلنى قوللىنىش، قانداق يولنى بويلاپ مېڭىش توغرىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن - ئاخىر ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، سىجىل ئېنىق كۆرسەتمە بەردى.
يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى يېڭىلىق يارىتىش، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا، ئاچقۇچلۇقى يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىش كېرەك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى»دە، «پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش» قىسمى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئىچىدە باش ئورۇنغا قويۇلغان بولۇپ، دەسلەپكى ئىجادىي خاراكتېرلىك، ئاغدۇرما خاراكتېرلىك پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىش، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا تېز بۆسۈش ھاسىل قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى ئۆز - ئۆزىدىن مەلۇم.
ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى 3750تىن ئارتۇق يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل بۇ جايدىن چىقىدۇ، بۇلتۇر پۈتۈن بىر يىلدا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى پۈتۈن مەملىكەتتىكى شەھەرلەر ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى − تېخنىكا جۇغلانمىسى ۋە كەسىپ تىرىكىگە تايىنىپ، خېفېي «يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل مەركىزىي شەھىرى» بەرپا قىلدى.
«ئەنخۇينىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىنى <كۆرۈشمىگىلى ئۈچ كۈن بولسىمۇ، ئۇلارغا يېڭىچە نەزەر بىلەن قاراش كېرەك> دېيىشكە بولىدۇ.» 2024 - يىلى 10 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خېفېي بىڭخۇ ئىلىم - پەن شەھەرچىسىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى مۇھىم پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، چىن ھېسسىيات بىلەن: «ئەگەر بىر كۈن يېڭى ئۆزگىرىشنى قولغا كەلتۈرگىلى بولسا، ئۇنداقتا ھەر كۈنى يېڭى ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش، شۇنداقلا داۋاملىق يېڭىلاش ۋە يۈكسەلدۈرۈش كېرەك» دېدى ھەم بۇنىڭ «تۈرلۈك ئامىل ۋە شارائىتنى توپلاشتۇرۇپ ئەلالاشتۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىشى» ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر كۆرسەتتى.
تەرەققىيات يېڭى ساھەسى، يېڭى مۇسابىقە يولىنى ئېچىش، تەرەققىيات يېڭى قۇۋۋىتى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىشتا، نېگىزىدىن ئېيتقاندا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىش كېرەك.
باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئەگەر پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يۈكسەلدۈرۈلمىسە، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، بىز دۇنياۋى ئىقتىساد رىقابىتىدە پايدىسىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالىمىز.»
يېڭىلىق يارىتىشنى تۇتۇشتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «تەخىرسىز» دېگەن سۆزنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى. «ھەل قىلغۇچ قەدەم»نى ياخشى ئېلىش، «ئۆتكۈر قورال»نى تاۋلاش، «كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى»دە سالماق يۈگۈرۈش، «ھالقىلىق تۇتقا»نى چىڭ تۇتۇش، باش شۇجىنىڭ قايتا - قايتا تەكىتلىگىنى دەل پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يولى ۋە ئاچقۇچى −
«ئاساس تەتقىقاتنى كۈچەيتىشتە ئىزچىل چىڭ تۇرۇش كېرەك» «جەزمەن تۈزۈلمە - مېخانىزم توسالغۇسىنى تۈگىتىش كېرەك» «تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىنى مەھكەم تۇتۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلارنى ئىگىلەش كېرەك»...
كىۋانت پەن - تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنى قوللىنىش ئىستىقبالى، يېڭى ئېنېرگىيە تېخنىكىسى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تەرەققىياتى ۋە ئۇنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، كېلەچەك كەسىپلەرنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كۆپ قېتىم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى كوللېكتىپ ئۆگىنىشىنىڭ مۇھىم قارالمىسى بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.
چاڭئې 6 - نومۇر ئاي شارىنىڭ ئارقا يۈزىدىن 1935.3 گىرام ئەۋرىشكە ئېلىپ قايتىپ كەلدى؛ كاربون تۆت ئوكسىدىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا بىرىكتۈرۈپ كىراخمال ياساش بويىچە دۇنياۋى دەسلەپكى ئىجادىي بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ كىۋانت ئۇچۇرى، گېن تەھرىرلەش، ئىلغار ماتېرىيال قاتارلىق ساھەلەردە ئارقا - ئارقىدىن زور ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، بىر تۈركۈم «0دىن 1گىچە» بولغان دەسلەپكى ئىجادىي نەتىجىلەر بەس - بەستە مەيدانغا كەلدى، جۇڭگونىڭ پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى سىجىل يۈكسىلىپ، ئىشەنچى تولۇپ تاشتى.
بىر تەرەپتىن يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچلۇق نۇقتىنى چىڭ كۆزلەش كېرەك، يەنە بىر تەرەپتىن تېخىمۇ مۇھىمى مەۋقەنى كەسىپتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا قويۇش كېرەك.
يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش»تىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچلۇق تۇتقىنى قايتا - قايتا ئېنىق كۆرسىتىپ، «پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى كونكرېت كەسىپ ۋە كەسىپ زەنجىرىدە ۋاقتىدا قوللىنىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.
2025 - يىلى 11 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭجوۋدا گۇاڭدۇڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش يۇغۇرما تەرەققىيات نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈردى. پەن - تېخنىكا ئالدىنقى سېپىنى چىڭ كۆزلەش، كەلگۈسى تەرەققىياتقا يۈزلىنىش، مەۋقەنى كەسىپتە قوللىنىشقا قويۇش... «قولتۇق رايونى ياسىمىچىلىقى» نەتىجىلىرى مول بولدى. باش شۇجى بۇلارنى تەپسىلىي كۆردى.
«سىلەرنىڭ ئەمەلىي ئىقتىساد بىلەن بولغان ئالاقەڭلار زىچ، قوللىنىش ھالىتىڭلار مول بوپتۇ. ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىش جەريانىدا، يەنە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىلغان مەھسۇلاتلارنى قوللىنىشقا زور كۈچ بىلەن مەدەت بېرىپ، ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.» باش شۇجى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن شۇنداق دېدى، سەمىمىي تاپىلاپ كەسىپلەشتۈرۈشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ يادرولۇق ھالقىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ بەردى.
«پەن - تېخنىكا + كەسىپ» يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئەمەلىيەت يولى. زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى مۇجەسسەملەنگەن كەڭ مۇنبەت تۇپراق. بۇ ھەم كېلەچەك كەسىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشى، بۆسۈش ھاسىل قىلىشىغا ئېھتىياجلىق، شۇنداقلا ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ ئاساسنى پۇختىلاپ ئۇلنى كۈچەيتىشىدىن ئايرىلالمايدۇ.
يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش»نى قايتا - قايتا تەكىتلىدى.
ھەرقايسى جايلارنىڭ زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى، بەرپا قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى −
«قارىغۇلارچە پىلانسىز ئىش كۆرۈشكە، شامالغا ئەگىشىپ قارىسىغا ئىلگىرىلەشكە بولمايدۇ، يېڭىسىنى كۆرۈپ كونىسىدىن ۋاز كېچىشكە، ئەنئەنىۋى كەسىپ ئەۋزەللىكىنى چۆرۈپ تاشلاشقا تېخىمۇ بولمايدۇ» «دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجى، تېخنىكىنىڭ پىشىپ يېتىلىش دەرىجىسى، ئامىللارنىڭ تىرەك بولۇش شارائىتى قاتارلىق ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، پەرقلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك» «كەسىپلەرنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، كېلەچەك كەسىپلەرنىڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر، ئەنئەنىۋى كەسىپلەر بىلەن بىر - بىرىنى تولۇقلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك».
يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى رايونلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش چوڭ شاھمات ۋەزىيىتىگە قويدى −
ئوتتۇرا قىسىمنىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا: «ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ پەن - مائارىپ بايلىقى توپلانغان بولۇش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك» دەپ تاپىلىدى؛ غەربىي قىسىمنى گۈللەندۈرۈشنى پىلانلاپ: «ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك» «رايون تەرەققىياتىنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى؛ خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنى قوغداش توغرىسىدا: «نۇقتىلىق ساھەلەردە ئېنېرگىيە تېجەش، كاربوننى تۆۋەنلىتىش بويىچە ئۆزگەرتىش ۋە ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك» «شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى.
يېشىل بولۇشنى يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ روشەن ئاساسىي رېڭى قىلدى −
«يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ئۆزى دەل يېشىل ئىشلەپچىقىرىش كۈچى» «يېڭى تېخنىكا ئارقىلىق ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش، يېشىللىشىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش» «رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى تېزلىتىش» قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېشىل بولۇش ئىدىيەسىنى يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، تەرەققىيات سۈپىتىنى يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدۈردى.
ھەرقايسى جايلار مەۋقەنى ئۈستۈنلۈكىگە قويۇپ، ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇردى: گۇاڭدۇڭ 6G، تەنلىك ئەقلىي ئىقتىدار، ھۈجەيرە ۋە گېن ئارقىلىق داۋالاش قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى مۇسابىقە يولىدا زىچ ئورۇنلاشتۇرما قىلدى؛ يۈننەن «چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا + كەسىپ بەلبېغى» يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى؛ ئىچكى موڭغۇل سۈتچىلىك، سىرەك توپا، يورۇقلۇق ۋولت قاتارلىق 100 مىليارد دەرىجىلىك كەسىپ زەنجىرى يېتىلدۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى... ئەۋزەل مۇسابىقە يولى دەل جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلغان جانلىق ۋەزىيەت شەكىللەندى.
بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن ھاسىلىي ئېنېرگىيە گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %70تىن ئاشتى؛ ئېلېكتىرونلۇق زاپچاسلار، كومپيۇتېر پارچە زاپچاسلىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئېكسپورتى بىردەك ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئاشتى؛ AI تېخنىكىسى بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەقلىدىي ماشىنا ئادەم ئېكسپورتى 10 مىڭدىن ئېشىپ، دۇنيادىكى 90دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوننى قاپلىدى... يېشىل تېخنىكا ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق جابدۇقلار تېز سۈرئەتتە دۇنياغا يۈزلىنىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ قۇۋۋىتى سىجىل ئۇرغۇتۇلدى.
كەسىپلەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ قىياپىتى كۈنسايىن يېڭىلاندى.
( 3 )
4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، شاڭخەي، ئاساس تەتقىقاتنى كۈچەيتىش سۆھبەت يىغىنى مۇشۇ جايدا ئېچىلدى.
«تېخىمۇ زور سالماق، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق ئاساس تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى ئۇلىنى يەنىمۇ پۇختىلاش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىندا ئىستراتېگىيەلىك، سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، تېخنىكا بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت روشەن سىگنالنى تارقاتتى.
«15 - بەش يىل» مەزگىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق مۇساپە.
دۇنياۋى ئەندىزە چوڭقۇر تەڭشىلىپ، چوڭ دۆلەتلەر رىقابىتى كۈنسېرى كەسكىنلەشتى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى باسقۇچلۇق ئورۇنلاشتۇرمىلار قاتلاممۇقاتلام ئالغا سىلجىتىلدى. مۇشۇنداق تارىخىي ئۆتكەلدە تۇرۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز راۋاجلاندۇرۇش ئومۇملۇققا مۇناسىۋەتلىك، ئۇزاق كەلگۈسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
«جەزمەن شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇش كېرەك» − باش شۇجى شى جىنپىڭ مەۋقەنى دەۋر ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە قويۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆلكە - مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىدا «يىل بېشىدىكى تۇنجى دەرس»نى سۆزلىدى، بۇ يىلقى تۇنجى قېتىملىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلدى، جايلاردا تەكشۈرۈشتە بولدى، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ھەممىسىدىلا مۇھىم باش تېما قىلىندى.
«شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك» «مەۋقەنى ئوبيېكتىپ شارائىتقا قويۇپ، سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، پەلەمپەيسىمان يېتىلدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىز كېلەچەك كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك» «دۆلىتىمىزنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك ئەلا سۈپەتلىك ئامىللارنى توپلاپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشىمىز كېرەك»... باش شۇجى شى جىنپىڭ قاتلاممۇقاتلام ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، قەدەممۇقەدەم يېتەكچىلىك قىلىپ، كەلگۈسى بەش يىللىق، ھەتتا تېخىمۇ ئۇزاق مەزگىللىك جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى.
قانداق قىلغاندا شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويغىلى بولىدۇ؟
ئالدى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلان يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش داۋامىدا يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات يول خەرىتىسىنى پىلانلاش كېرەك.
«15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا «يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش» مەخسۇس بابتا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، دۆلەت قاتلىمىدىن يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش بىلەن كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئومۇمىي رامكىسى ۋە تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى نىشانلاندى؛ يېقىندا باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلغار ياسىمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، «ئىلغار ياسىمىچىلىقنى تايانچ قىلغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملەش ۋە زورايتىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى؛ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى»دە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يول خەرىتىسى سىزىپ چىقىلدى.
پۈتۈن مەملىكەتتىكى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا بىردەك يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش چۆرىدىلىپ قاراتمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى:
خېنەن نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرى توپىنىڭ تېزدىن سىستېما، تۈۋرۈك، تىرەككە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، مەملىكەت بويىچە مۇھىم ئىلغار ياسىمىچىلىق بازىسى قۇرىدۇ؛ خۇبېي يۇقىرى دەرىجىلىك تۈجۈپىلىك خىمىيە سانائىتى، يېڭى ئېنېرگىيە ماتېرىيالى، ئىلغار ئېلېكتىرونلۇق ماتېرىيال قاتارلىق قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى مەھسۇلاتلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىنى ئۆستۈرىدۇ؛ جېجياڭ «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئارقىلىق تۈرلۈك كەسىپلەرگە كۈچ قوشۇشقا تۈرتكە بولۇپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىش»نى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، 2030 - يىلىغا بارغاندا، كۆلەمدىن يۇقىرى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار يادرولۇق كەسپىنىڭ تىجارەت كىرىمىنى 1 تىرىليون 200 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈشنى ئايدىڭلاشتۇردى...
ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ «يۇقىرى دەرىجىلىك بولۇش»قا ئۆرلەپ، «يېڭى» بولۇشقا يۈزلىنىشىگە پائال تۈرتكە بولۇپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ۋە كېلەچەك كەسىپلەرنىڭ يېڭى مۇسابىقە يولىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى جايلار دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە زىچ جىپسىلىشىپ، «پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇش، رايونلارنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بار بولۇش»تىن ئىبارەت پەرقلىق ئالغا سىلجىتىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.
ئۆركەشلەپ تۇرغان يېڭىلىق يارىتىش دولقۇنى تۈزۈلمە - مېخانىزمنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچ قوشىدۇ.
شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇش جەزمەن تېخىمۇ زور ئىسلاھات سالمىقى ئارقىلىق توسۇق نۇقتا، بوغۇق نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى تۈگىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇش كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بىر «زەنجىر»نىڭ ئارقىسىدا سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇلغان ئىسلاھات تېمىسى بار.
2024 - يىلى 11 - ئايدا، خۇبېيدا تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋۇخەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات تەتقىقات ئورنىغا بېرىپ، نەزەرىنى يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرى، مەبلەغ زەنجىرى، ئىختىساسلىقلار زەنجىرىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈردى.
كۆرگەزمە زالىدىكى يۇقىرى ھوسۇللۇق، يۇقىرى ئاقسىللىق كۆممىقوناق، ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى چارلاپ تەكشۈرۈش - يۈرۈشتۈرۈش - ئاسراش ماشىنا ئادىمى، ئادەم ئۆپكىسىنى گاز ئارقىلىق ماگنىتلىق رېزونانس تەسۋىرىنى ھاسىل قىلىش سىستېمىسى قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنىڭ ھەممىسى ئاممىنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەش، ئاۋامنىڭ كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ھەمكارلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ جەۋھىرى.
«سىلەر قانچىلىك ۋاقىتتا يېتىشتۈردۈڭلار؟» «تەننەرخنى قانچىلىك ئازايتتىڭلار؟» «خەلقئارا نۇقتىدىن قارىغاندا قانداق ئەۋزەللىكىڭلار بار؟» «كارخانىلار بىلەن ئۇدۇللىشىشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ئوڭۇشلۇق بولۇۋاتامدۇ؟» باش شۇجى تولىمۇ قىزىقىپ، تەپسىلىي تەكشۈرۈپ ئىنچىكە سورىدى، كۆڭۈل بۆلگىنى دەل پەن - تېخنىكىنى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇش يولىنى قانداق ئېچىش بولدى.
يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرىنىڭ توپلىنىپ بىرىكىشى ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سەپلىنىشىدىن ئايرىلالمايدۇ.
باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان تۈزۈلمە - مېخانىزمدىكى توسالغۇلارنى تۈگىتىش جەھەتتە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.»
«ئىقتىسادىي تۈزۈلمە، پەن - تېخنىكا تۈزۈلمىسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىنى چۈشەپ قويۇۋاتقان توسۇق نۇقتا، بوغۇق نۇقتىلارنى كۈچەپ راۋانلاشتۇرۇش كېرەك» «يۇقىرى ئۆلچەملىك بازار سىستېمىسى ئورنىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى تەقسىملەش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تۈرلۈك ئىلغار، ئەلا سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا قاراپ راۋان يۆتكىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك»... بۇ مۇھىم كۆرسەتمىلەر ئىسلاھات ئارقىلىق يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە كۈچ قوشۇشقا ئەمەلىيەت يولىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.
«ئىگىلىك تىكلەش بۆلىكى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر» ئېلان قىلىنىپ، كاپىتال بازىرى تۈزۈمىنى يېڭىلاش ئارقىلىق پۇل مۇئامىلىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوشۇش، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشتىن سانلىق مەلۇمات مەھسۇلاتلىرىنى «بىر جايدا بازارغا سېلىش، مەملىكەت بويىچە ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش»نى ئالغا سىلجىتىپ، سانلىق مەلۇمات ئامىللىرىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك سەپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكىچە؛ يەنە بازار ئىجازىتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشقىچە... «15 - بەش يىل» نىڭ باشلىنىش يىلىدا، چوڭقۇر سۇ رايونىغا قاراپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ دەل جايىدا مەركەزلەشتۈرۈپ، ماسلىشىپ كۈچ چىقىرىپ، ئامىللارنىڭ يۆتكىلىشىدىكى توسۇق نۇقتىلارنى سىجىل راۋانلاشتۇرۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن توسالغۇلارنى تۈگەتتى ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلدى.
ئىسلاھات ئارقىلىق ئېچىۋېتىش ئىلگىرى سۈرۈلدى، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق تەرەققىيات پىلانلاندى.
2025 - يىلى 2 - ئايدا تۇنجى تۈركۈمدىكى قوشۇلما قىممەت تېلېگراف كەسپى تىجارىتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تەستىقىي جاۋابى تارقىتىلغاندىن بۇيان، چەت ئەل مەبلىغى كارخانىسىدىن 221ى تەستىقلاندى. نۆۋەتتە، مەملىكەت بويىچە چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان تېلېگراف كارخانىسى 3100دىن ئېشىپ، تىجارەت دائىرىسى تېلېگراف كەسپىنى تۈرگە ئايرىش مۇندەرىجىسىدىكى بارلىق ئون تۈرلۈك قوشۇلما قىممەت تېلېگراف كەسپىنى قاپلىدى.
«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى»دە پۈتۈن دۇنياغا يۈزلەنگەن ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى سەپلەش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەم دۇنياۋى يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق تورىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن بەرپا قىلىش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولاي، بىخەتەر سانلىق مەلۇماتلارنى چېگرا ھالقىپ يۆتكەش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش قاتارلىقلار تەكىتلەندى، بىر قاتار تەدبىرلەر يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىغا تېخىمۇ كۈچلۈك ھاياتىي كۈچ قوشىدۇ.
تۈزۈم، ئۇلۇغۋار پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىسلاھات پايدىسىنى يەتكۈزۈش، ئېچىۋېتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشتا ئاخىرىدا بىردەك ئادەم كۈچىگە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ئەمەلىي ئىشلەشكە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ.
«پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تېخىمۇ قەتئىي، كۈچلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك»؛
«ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ۋە يولى ئۈستىدە ئەستايىدىل ئىزدىنىشى كېرەك»؛
«ھازىر ئېشىۋاتقىنى قاتتىق ئەمەلىي كۈچ، ئىنتىلىدىغىنىمىز يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش. ئۈزلۈكسىز تۈردە تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ يېڭىلاش ئارقىلىق، قەدەممۇقەدەم يۇقىرىغا قاراپ مېڭىش كېرەك»؛
…
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى ئىزچىل بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار پەن - تېخنىكا ئالدىنقى سېپىدىكى بىلىملەرنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكىنى بىلىش، كەسىپنى چۈشىنىش، تەدبىر بەلگىلەشكە ماھىر بولۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.
«15 - بەش يىل» باشلانغان ئاچقۇچلۇق تۈگۈندە، دەۋر يەنە يېڭى سەھىپە پۈتىدۇ.
«بىز يېڭى جۇڭگو قولغا كەلتۈرگەن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان مۇۋەپپەقىيەتلەردىن چەكسىز پەخىرلىنىمىز، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پارلاق ئىستىقبالىغا تولۇق ئىشەنچىمىز بار.» كەلگۈسىگە يۈزلەنگىنىمىزدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاراڭلىق سۆزلىرى قەلبلەرنى لەرزىگە سالدى.
يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز راۋاجلاندۇرۇشنى مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئۆزگىرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتقاندا، چوقۇم جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تېخىمۇ كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنى ئېچىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىنى كۈچلۈك قۇۋۋەت بىلەن تەمىنلەپ، پۇختا ئاساسىنى مۇستەھكەملىگىلى بولىدۇ.
(مۇخبىرلار خەن جيې، جاڭ شىنشىن، ۋېي يۈكۇن، يەن فۇجىڭ)
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى)






