يولۇچىلار شىنجاڭغا چۈشىدىغان مۇھىم تۈگۈن بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۈرۈمچى گاۋتيې ۋوگزالىدا يولۇچىلار زىچ بولۇپ، يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە كۈندىلىك يولۇچى ئېقىم مىقدارى 100 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىدۇ. ۋوگزالدىكى زور يولۇچىلار ئېقىمىغا تايىنىپ، قىسمەن قانۇنسىز ئۇنسۇرلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىپ، ساغلام ئىستېمالنى دەستەك قىلىپ، ۋوگزال ئىچىدە زورلاپ ئىستېمال قىلدۇرۇش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى سادىر قىلغان.
بۇ يىل 7-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا تارماق ئەترىتى كۈندىلىك ساقچى ئەھۋالىنى رەتلەپ بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈش داۋامىدا، تەۋەلىكتىكى نۇرغۇن ئىستېمال ماجىراسى تۈرىدىكى ساقچى مەلۇماتىنىڭ بىردەك ئۈرۈمچى گاۋتيې ۋوگزالىدىكى بىر ساغلاملىق بۇيۇملىرى ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى دۇكىنىغا مەركەزلەشكەنلىكىنى بايقىدى. خەلق ساقچىلىرى زىيارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، يىپ ئۇچىنى چوڭقۇر قېزىش ئارقىلىق، يېڭى تىپتىكى قارا، رەزىل كۈچلەر شايكىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېنىقلاپ بېكىتتى.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ شايكا ساياھەتچىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىش ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، مۇقىم دېلو سادىر قىلىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرگەن. كىچىك سوۋغاتلارنى ھەقسىز سوۋغا قىلىش ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنى دۇكانغا كىرىپ ئىستېمال قىلىشقا جەلپ قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، خادىملارنى خېرىدار قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، بازىرى ئىتتىك، ماللارنى تالىشىپ سېتىۋالىدىغان ساختا كۆرۈنۈش پەيدا قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان؛ ساياھەتچىلەر دۇكاندىكى يۇقىرى باھالىق، گۇمانلىق ساغلاملىق بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىشتا ئىككىلىنىپ قالغاندا، شايكا خادىملىرى قورشاپ توسۇۋېلىش، تۇتۇپ قېلىپ توسۇش قاتارلىق يۇمشاق زوراۋانلىق شەكىللىرى ئارقىلىق، ساياھەتچىلەرنى ئىستېمال قىلىشقا زورلىغان. بۇ شايكا يولۇچىلارنىڭ سەپىرىگە دەخلى يېتىشتىن قورقۇش، كېتىشكە ئالدىراشتەك پىسخىكىسىدىن دەل جايىدا پايدىلىنىپ، كۆپ قېتىم قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى سادىر قىلغان.
بازار تەرتىپىنى قالايمىقان قىلىش، شەھەر ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزۈشتەك قانۇنغا خىلاپ قالايمىقان ھادىسىلەرنى قەتئىي تۈزەش ئۈچۈن، يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا قىلىش، ئالاھىدە ساقچى قاتارلىق كۆپ خىل ساقچى تۈرلىرىنى تەشكىللەپ مەخسۇس تۇتۇش ھەرىكىتىنى بىرلىكتە قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن زەنجىر بويىچە بۇ جىنايەت شايكىسىنى بىتچىت قىلىپ، نەق مەيداندا دۇكاندىكى كەسىپكارلار ھەم يۇقىرى ئېقىندىكى مال بىلەن تەمىنلىگۈچى خادىمدىن 12نى تۇتۇپ، دېلوغا چېتىشلىق 2 مىليون 700 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغنى توڭلىتىپ قويدى.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق، 2024 ـ يىلىدىن ھازىرغىچە، بۇ شايكا قاقتى ـ سوقتى قىلىش، سودىدا زورلاش، ئالدامچىلىق قىلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشتىن جەمئىي 20 قېتىمدىن ئارتۇق سادىر قىلغان. نۆۋەتتە، گۇڭئەن ئورگىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، قاقتى-سوقتى قىلىش جىنايىتى، سودىدا زورلاش جىنايىتى گۇمانى بىلەن بۇ دېلونى دېلو تۇرغۇزۇپ تەھقىقلەپ، قانۇن بويىچە 12 جىنايەت گۇماندارىغا جىنايى ئىشلار مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللاندى.
«شىنجاڭ گېزىتى» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىندى






