دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئاخىرلاشتى
نۇرغۇن كىشى ئۇدا ئوپچە تاماق يەپ، دەم ئېلىش-مەشغۇلات قىلىشى قالايمىقانلاشقانلىقتىن
بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بايقاپ
ئورۇقلاشقا ئالدىراشقا باشلىدى
ئىچكى ئەزالاردىكى ماينى ئازايتىش ئېغىرلىق چۈشۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى
ئىچكى ئەزالاردىكى ماي دېگەن نېمە؟ قانداق قىلغاندا ئازايتقىلى بولىدۇ؟
ئىچكى ئەزالاردىكى ماي دېگەن نېمە؟
ئىچكى ئەزالاردىكى ماي قورساق بوشلۇقىنىڭ چوڭقۇر يېرىگە يوشۇرۇنغان بولۇپ، جىگەر، ئاشقازان ئاستى بېزى، ئۈچەي قاتارلىق ئەزالارنىڭ ئەتراپىنى ئوراپ تۇرىدۇ. تۇتقىلى بولىدىغان قورساقتىكى «يۇمشاق گۆش»، بىلەكتىكى «بوش گۆش» قاتارلىق تېرە ئاستىدىكى مايلارغا ئوخشىمايدىغىنى، مۇۋاپىق مىقداردىكى ماينىڭ ئىچكى ئەزالارنى تىرەش ۋە قوغداش رولى بار، لېكىن زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە ساغلاملىققا ئېلىپ كېلىدىغان خەۋپنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

ئىچكى ئەزالاردىكى ماي ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتسە
سالامەتلىككە كۆپ خىل تەسىر كۆرسىتىدۇ
1. بىلىشنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىدۇ
تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ئىچكى ئەزالاردىكى ماي ھەر 0.27 كىلوگىرام ئاشسا، بىلىش ئىقتىدارى مۇناسىپ ھالدا تۆۋەنلەيدىكەن، بۇ، بىلىش ئىقتىدارىنىڭ 0.7 يىل قېرىغانلىقىغا باراۋەر ئىكەن.

2. بەدەننىڭ مېتابولىزم ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ
ئىچكى ئەزالاردىكى ماينىڭ «ئىچكى ئاجراتما ئىقتىدارى» بەدەننىڭ ياللۇغلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆرلىتىۋېتىپ، ئۈچەي يولى باكتېرىيە توپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ئىنسۇلىننىڭ قارشىلىقىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مېتابولىزمنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ماينىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، كۆپ خىل سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
3. دىيابېت كېسىلى خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ
تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىچكى ئەزالار ماي كۆرسەتكۈچى (CVAI) داۋاملىق ئاشقان، بۇنىڭ ئىككىلەمچى تىپلىق دىيابېت كېسىلى خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئېشىشى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى كۆرۈنەرلىك ئىكەن. CVAI ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، CVAI يېنىك دەرىجىدە ئۆرلىگەن، ئوتتۇرا دەرىجىدە ئۆرلىگەن ۋە كۆرۈنەرلىك ئۆرلىگەن كىشىلەرنىڭ ئىككىلەمچى تىپلىق دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپ-خەتىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %73، %248 ۋە %450 ئاشقان.
4. يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ
ئىچكى ئەزالاردىكى ئارتۇقچە ماي تېخىمۇ كۆپ ئوكسىگېن سەرپ قىلىدۇ، شۇڭا يۈرەك چوقۇم تېخىمۇ تىرىشىپ قان ئىشلەپچىقىرىشى كېرەك، ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشسا يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.
ئىچكى ئەزالاردىكى ماينىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن-كەتمىگەنلىكىگە قانداق ھۆكۈم قىلىمىز؟
بەل ئايلانمىسىنى ئۆلچەش
ئەرلەرنىڭ بەل ئايلانمىسى 85 سانتىمېتىر ياكى ئۇنىڭدىن چوڭ بولسا، ئاياللارنىڭ بەل ئايلانمىسى 80 سانتىمېتىر ياكى ئۇنىڭدىن چوڭ بولسا بەل ئايلانمىسى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن بولىدۇ، بۇنىڭدا ئىچكى ئەزالاردىكى ماينىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش خەۋپى بار.
بەل-ساغرا نىسبىتىگە قاراش
بەل-ساغرا نىسبىتى = ساغرا ئايلانمىسىنىڭ سانلىق قىممىتى ÷ بەل ئايلانمىسىنىڭ سانلىق قىممىتى؛ قۇرامىغا يەتكەن ئەر-ئاياللارنىڭ بەل-ساغرا نىسبىتى 1.0دىن چوڭ بولسا، قورساق تىپلىق سېمىزلىك دەپ دىياگنوز قويۇشقا بولىدۇ، بۇ، ئىچكى ئەزالاردىكى ماينىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
BRI بەدەننىڭ يۇمىلاقلىق كۆرسەتكۈچى
BRI قىممىتى 5.5~4.5 ئەتراپىدا بولغان كىشىلەر توپى نىسبەتەن ساغلام ھېسانلىنىدۇ، BRI قىممىتى 3.4تىن كىچىك بولغان كىشىلەر توپىدا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، مۇسكۇل يىگىلەش ياكى ھەرىكەت كەمچىل بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن، BRI قىممىتى 6.9 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولغان كىشىلەرنىڭ ئىچكى ئەزالىرىدا ماي يىغىلىپ قېلىش ئەھۋالى بىرقەدەر كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.
ئىچكى ئەزالاردىكى ماينى ئازايتىشقا ياردەم بېرىدىغان ئۈچ ئۇسۇل
ئېغىرلىقنى ئۈنۈملۈك چۈشۈرۈش ئۈچۈن، ئىچكى ئەزالاردىكى ماينى ئازايتىش ئاچقۇچ. تۆۋەندىكى ئۈچ ئىشنى ياخشى قىلىش قورساقنى ئاچ قويۇشقا قارىغاندا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك.
1. ياخشى يېمەك-ئىچمەك ۋە تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈش
بالدۇر ئۇخلاپ، بالدۇر تۇرۇش، ئۈچ ۋاق تاماقنى ۋاقتىدا يېيىش، يېمەك-ئىچمەكنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەكتە شېكەرلىك ئىچىملىكلەرنى ئاز ئىچىش، ئاق بولكا، پېچىنە قاتارلىق پىششىقلانغان كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنى ئاز يېيىش كېرەك، بۇنداق بولغاندا ئىچكى ئەزالاردىكى ماينى ئازايتىشقا ياردەم بېرىپلا قالماي، يەنە بەدەننى تېخىمۇ ساغلام قىلغىلى بولىدۇ.
2. تېخىمۇ كۆپ يېمەكلىك تالاسى قوبۇل قىلىش
يېمەكلىك تالاسى بىر تەرەپتىن تويۇنۇش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، زىيادە كۆپ ئېنېرگىيەنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ، زىيانلىق ماددىلار ۋە زىيادە كۆپ خولېستېرىننىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ.
يېمەك-ئىچمەك جەريانىدا يېمەكلىك تالاسى مول بولغان يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى، مەسىلەن: قارا ئاشلىق، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر، ياڭيۇ تۈرىدىكىلەر، كۆكتات، مېۋە-چېۋە قاتارلىقلارنى كۆپرەك تاللاش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
3. مۇۋاپىق ھالدا كۆپرەك ھەرىكەت قىلىپ بېرىش
يۈگۈرۈش، سۇ ئۈزۈش، ئارغامچا سەكرەش، پۇتنى ئېچىپ-يېپىپ سەكرەش، يوگا ۋە ساغلاملىق گىمناستىكىسى قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى كۆپرەك قىلىپ بېرىش كېرەك، ھەر كۈنى 30 مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملاشتۇرغاندا، ياخشى ئورۇقلاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇزاق ئولتۇرۇپ مىدىرلىماسلىقتىن ساقلىنىپ، ھەر بىر سائەت ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئورنىدىن تۇرۇپ 10-5 مىنۇت مېڭىپ بېرىش كېرەك.
«央视一套» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






