تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

سۈرەتلىك ھېكايە | 28 يىللىق چىڭ تۇرۇش پامىر ئېگىزلىكىدىكى دۆلەت دەرۋازىسى يولىنى ئاسرىغۇچى __ لى كېچېڭ

10-ئاينىڭ 4-كۈنى، لى كېچېڭ (ئوڭدىن 4-كىشى) خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-پاكىستان دوستلۇق تاشيولىنىڭ قونجىراپ يول بۆلىكىنى ئاسراش مەشغۇلاتىنى تاماملىغاندىن كېيىن قايتماقتا.

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ئۆتكۈر نىجات خەۋىرى، فوتوسى) 10-ئاينىڭ 4-كۈنى، پامىر ئېگىزلىكىدە ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، ھەيۋەتلىك تاغ تىزمىلىرىنىڭ ئۈستىدە ئاسمان ئوچۇق كۆك رەڭگە كىرگەنىدى، ئىللىق قۇياش نۇرى دۆلەت چېگراسىدىكى تاشيولغا چۈشۈپ تۇراتتى. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4753 مېتىر كېلىدىغان جۇڭگو-پاكىستان دوستلۇق تاشيولى (دۆلەت يولى 314-لىنىيەسى)نىڭ قونجىراپ بۆلىكىدە، لى كېچېڭ خىزمەتداشلىرىنى باشلاپ يول ئەھۋالىنى ئىنچىكە چارلاپ تەكشۈرۈپ، يول يۈزىنى تۈزلەپ، يولدىكى توسالغۇلارنى تازىلاپ، دۆلەت دەرۋازىسى يولىنى ئۈن-تىنسىز قوغدىدى.

​10-ئاينىڭ 4-كۈنى، قەشقەر تاشيول ئىشلىرى تەرەققىيات مەركىزىنىڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىك تاشيول ئاسراش ئورنى قونجىراپ يول ئاسراش پونكىتىدىكى يول ئاسراش خادىملىرى جۇڭگو-پاكىستان دوستلۇق تاشيولىنىڭ قونجىراپ يول بۆلىكىدە يول بويىدىكى ئەخلەتلەرنى تازىلىماقتا.

   بۇ جايدىكى ئوكسىگېن مىقدارى تۈزلەڭلىكنىڭ %60ىگە يەتمەيدۇ، يىل بويى قار-شىۋىرغان چىقىپ ئاپەت كۆپ يۈزبېرىدۇ، بۇ جاي ئىسمى-جىسمىغا لايىق «ھاياتلىق چەكلەنگەن رايون» بولۇپ، قەھرىتان سوغۇق پەسىل تېخى باشلانمىغان بۇ قىسقا مەزگىللىك ئوچۇق ھاۋادا ئېگىزلىكتە تېپىلغۇسىز ياخشى مەنزىرە بارلىققا كەلگەنىدى. 48 ياشلىق لى كېچېڭ قەشقەر تاشيول ئىشلىرى تەرەققىيات مەركىزىنىڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىك تاشيول ئاسراش ئورنى قونجىراپ يول ئاسراش پونكىتىنىڭ باشلىقى، ئۇ ئەسلىي مەقسەتنى قەلبىگە پۈكۈپ، ئىش ئورنىدا 28 يىل چىڭ تۇرۇپ، چېگرا ھالقىغان بۇ دوستلۇق يولىنى قوغداپ كەلدى.

10-ئاينىڭ 4-كۈنى، لى كېچېڭ (ئوڭدا) خىزمەتدىشى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-پاكىستان دوستلۇق تاشيولىنىڭ قونجىراپ يول بۆلىكىدىكى سۈڭگۈچتە بايقالغان يوشۇرۇن يېرىقنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرمەكتە.

   قونجىراپ تاشيولىغا جايلاشقان يول ئاسراش پونكىتى جۇڭگو-پاكىستان دوستلۇق تاشيولىنىڭ دۆلەت ئىچى بۆلىكىدىكى ئەڭ ئاخىرقى يول ئاسراش پونكىتى بولۇپ، 1969-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، كۆپ مىللەتتىن بولغان ئۈچ ئەۋلاد يول ئاسراش ئىشچىلىرى دۆلەت دەرۋازىسى يولىنى كۈچ ئۇلاپ قوغداپ كەلدى. ئىلگىرى يول ئاسراش شارائىتى ئىنتايىن جاپالىق بولۇپ، ئىشچىلار ئىچىدىغان سۇنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ يۈرەتتى، كۆكتات ئاي بويىچە تەقسىملەپ يەتكۈزۈلەتتى، توكمۇ ۋاقىت بەلگىلەپ تەمىنلىنەتتى، تۇنجى ئەۋلاد يول ئاسرىغۇچىلار پىيادە يول چارلايتتى، يولنى قۇرۇق قولدا رېمونت قىلاتتى، لى كېچېڭ پېشقەدەم يول ئاسرىغۇچىلارنىڭ قولىدىن كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، باشتىن-ئاخىر ئېگىزلىكنىڭ بىرىنچى سېپىدە يىلتىز تارتتى.

10-ئاينىڭ 4-كۈنى، لى كېچېڭ (سولدا) خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە قونجىراپ تاشيولىدىكى يول ئاسراش پونكىتىدا تاشيول چارلاش ئاپتوموبىللىرىنى تەكشۈرۈپ ئاسرىماقتا.

   «ئوكسىگېن كەمچىل بولسىمۇ روھ كەمچىل ئەمەس، ئاسرالمايدىغان تاشيول يوق»، بۇ، يول ئاسراش پونكىتىدىكىلەر ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەن ئېتىقاد. ھەر قېتىم يولدىن ئۆتۈۋاتقان ساياھەتچىلەر ۋە چەت ئەللىك دوستلارنىڭ تەكشى، راۋان ئېگىزلىك تاشيولىنى ماختىغىنىنى ئاڭلىغاندا، لى كېچېڭ تولىمۇ خۇشال بولىدۇ ۋە پەخىرلىنىدۇ. ئۇ 20 نەچچە يىل قار-شىۋىرغانغا قارىماي ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلىدى، لى كېچېڭ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى تاشيول قوغدىغۇچىلار بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭگو-پاكىستان دوستلۇقىنى ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلەر، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلاردۇر، ئۇلار سەمىمىي-سادىق بولۇپ ۋە ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، «ھاياتلىق چەكلەنگەن رايون»دا تەسىرلىك پەلەك يولى مەدھىيە ناخشىسىنى داۋاملىق پۈتمەكتە.

10-ئاينىڭ 4-كۈنى، قونجىراپ تاشيولىغا جايلاشقان يول ئاسراش پونكىتىنىڭ يول ئاسراش ئىشچىلىرى جۇڭگو-پاكىستان دوستلۇق تاشيولىنىڭ قونجىراپ يول بۆلىكىدە يول ياقىسىنى تۈزلىمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.