10-ئاي كىرگەندىن بۇيان، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ھەرقايسى جايلىرى پاختا يىغىش، سېتىش يۇقىرى پەللە مەزگىلىگە كىردى. ئاقسۇ شەھىرىدىكى ھەرقايسى پاختا زاۋۇتلىرى پاختا يىغىۋېلىشقا باشلىدى، يېڭى پاختا سېتىۋېلىش، چىگىت ئايرىپ پىششىقلاش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇپ، قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن مول ھوسۇل مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى.

ئاقسۇ شەھىرىدىكى ھەرقايسى پاختا زاۋۇتلىرى پاختىنى جىڭلاپ يىغىۋېلىشقا باشلىدى، يېڭى پاختا سېتىۋېلىش، چىگىت ئايرىپ پىششىقلاش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلدى.
يېقىندا، ئاقسۇ شەھىرىدىكى ھەرقايسى پاختا زاۋۇتلىرىدا، ئاپئاق چىگىتلىك پاختا لىق بېسىلغان ئاپتوموبىللار تەرتىپلىك ھالدا زاۋۇتقا كىرىپ، تەرتىپ بويىچە پاختىنى جىڭلىدى. پاختا سېتىۋېلىش نەق مەيدانىدا، خىزمەتچى خادىملار پاختا سېتىۋېلىش تەرتىپىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، ئەۋرىشكە ئېلىش، تەكشۈرۈش، دەرىجىسىنى بېكىتىش، جىڭلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ئىشلەپ، «بىرنى تەكشۈرۈش، بەشنى بېكىتىش»تىن ئىبارەت پاختا سېتىۋېلىش ئۆلچىمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپلا قالماي، يەنە تەرتىپنى قېلىپلاشتۇرۇش، دەرىجىنى دەل جايىدا بېكىتىش، ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پاختا سېتىۋېلىش خىزمىتىنىڭ ئادىل، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.

ئاقسۇ شەھىرىدىكى ھەرقايسى پاختا زاۋۇتلىرى پاختىنى ئارقا-ئارقىدىن جىڭلاپ يىغىۋېلىشقا باشلىدى، يېڭى پاختا سېتىۋېلىش، چىگىت ئايرىش، پىششىقلاش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلدى.
پاختىكارلارنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىللىق پاختا سېتىۋېلىش پەسلىدە، ئاقسۇ شەھىرىدىكى ھەرقايسى پاختا پىششىقلاش كارخانىلىرى ئالدىن پىلان تۈزۈپ، تولۇق تەييارلىق قىلىپ، سېتىۋېلىش مەبلىغىنى تولۇق تەييارلاپ، پۈتۈن كۈنلۈك سېتىۋېلىش ئەندىزىسىنى يولغا قويدى. سېتىۋېلىش جەريانىدا، كارخانا ئەلا سۈپەتلىك پاختىغا يۇقىرى باھا قويۇش، سۈپىتىگە قاراپ باھا بېكىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، دەرىجە ۋە باھانى تۆۋەنلىتىش، پاختىكارلارنىڭ پۇلىنى تۇتۇپ قېلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى قەتئىي توسۇپ، سېتىۋېلىش تەرتىپىنى پۈتۈن مۇساپىلىك قېلىپلاشتۇرۇپ، ئادىل سېتىۋېلىش، ۋاقتىدا راسچوت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پاختىكارلارنى خاتىرجەم سېتىش، خاتىرجەم كىرىم قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

ئاقسۇ شەھىرىدىكى ھەرقايسى پاختا زاۋۇتلىرى پاختىنى ئارقا-ئارقىدىن جىڭلاپ يىغىۋېلىشقا باشلىدى، يېڭى پاختا سېتىۋېلىش، چىگىت ئايرىپ پىششىقلاش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلدى.

ئاقسۇ شەھىرىدىكى ھەرقايسى پاختا زاۋۇتلىرى پاختىنى ئارقا-ئارقىدىن جىڭلاپ يىغىۋېلىشقا باشلىدى، يېڭى پاختا سېتىۋېلىش، چىگىت ئايرىپ پىششىقلاش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئاقسۇ شەھىرىدە 2026-يىلى پاختا پىششىقلاش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن كارخانا جەمئىي 44 كە يەتكەن. ھازىرغىچە 37 كارخانا پاختا سېتىۋېلىشنى ئوڭۇشلۇق باشلىغان، قالغان 7 كارخانا سېتىۋېلىش خىزمىتىنى ئارقا- ئارقىدىن باشلىماقچى بولغان. پاختا سېتىۋېلىش پەسلى يېتىپ كەلگەن مەزگىلدە، ئاقسۇ شەھىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار ھەرقايسى پاختا زاۋۇتلىرىنى چارلاپ تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، پاختا سېتىۋېلىش بازىرىنىڭ تەرتىپىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى پىششىقلاش كارخانىلىرىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىگە قاتتىق رىئايە قىلىشى، مەشغۇلات تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇشى، پاختا پۇلىنى تولۇق نەقلەشتۈرۈشى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ پاختا سېتىۋېلىش، پىششىقلاش خىزمىتىنىڭ مۇقىم، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلغان.
(ئاقسۇ شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ۋاڭ شۈ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ساۋ جيەنجۈن، ئەنۋەر ئىسمايىل)
«ئاقسۇ شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






