
ئۆپكىگە قۇرۇق سوغۇق تەگكەن بولسا تۆۋەندىكى پەللىلەرنى ئۇۋۇلاشقا بولىدۇ:
ليېچۆ پەللىسى: ئوڭ-سول ئىككى قولنىڭ باش بارماق بىلەن كۆرسەتكۈچ بارماق ئارىلىقىنى گىرەلەشتۈرۈپ، بىر قولنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى يەنە بىر قولنىڭ يان بىلەك سۆڭىكىدىكى غول ئۆسۈكچىگە بېسىپ تۇرغاندا، كۆرسەتكۈچ بارماقنىڭ ئۇچى يېتىپ بارغان ئويمان جاي.

چىزې پەللىسى: جەينەكنى ئېگىش، جەينەكنىڭ توغرا يۆنىلىشلىك سىزىقچىسىنىڭ يان بىلەك تەرەپكە ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن جايى.

فېييۈ پەللىسى: دۈمبە قىسىمدىكى 3-كۆكرەك ئومۇرتقىسىنىڭ تىكەنسىمان ئۆسۈكچىسى ئاستىدىكى ئوڭ-سول يان تەرەپكە ئىككى بارماق كېلىدىغان جاي.

باش بارماقنىڭ بارماق ئىچىنى سائەت ئىسترېلكىسىنىڭ يۆنىلىشى بويىچە 50 قېتىم ئەتراپىدا ئۇۋۇلاپ، ئاندىن 20 قېتىم ئەتراپىدا بېسىش كېرەك، چىڭقىلىپ ئاغرىغاندەك سېزىم كۆرۈلسە توغرا بولغان بولىدۇ. ئەگەر يۆتەل، بەلغەم تۈكۈرۈش ئېغىر بولسا، دوختۇرخانىغا بېرىپ دوختۇردىن بۇ ئۈچ پەللىگە لوڭقا قويۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. لوڭقا قويغاندىن كېيىن كۆپرەك ئىسسىق سۇ ئىچىش، كۆپرەك ئارام ئېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ئەگەر بىرلا ۋاقىتتا پۇت-قوللار تېلىپ ئاغرىسا، ئۆز ئالدىغا دورا ئىشلەتمەسلىك، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.
«生命时报» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






