تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى 1 مىليون 313 مىڭ 600 ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇدى

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ) دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ جەمئىي 10 مىڭ 600 ئايروپىلان-قېتىم قاتنىشىغا كاپالەتلىك قىلغان، بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.28 ئاشقان؛ توشۇغان يولۇچى 1 مىليون 313 مىڭ 600 ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.03 ئاشقان.

   10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭدا ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان نۆۋەتچى ئايروپىلان 1900 قېتىمدىن ئاشقان، توشۇغان يولۇچى 333 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشقان. بۇ يىل جۇڭچيۇ بايرىمىلىق، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشنىڭ ئارىلىقى يېقىن بولغاچقا، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىدا تارقاق بولۇش، يۇقىرى پەللە مەزگىلىگە تاقاشتۇرماسلىق ئالاھىدىلىكى نامايان بولغان. دۆلەت بايرىمىنىڭ تۇنجى كۈنىدە، بۇ نۆۋەتلىك سەپەرگە چىقىشنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلى كۆرۈلگەن، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭدا كۈنىگە توشۇغان يولۇچى 51 مىڭ 800 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى كۈندىلىك ئەڭ كۆپ يولۇچى توشۇش مىقدارىغا سېلىشتۇرغاندا %2.2 ئاشقان.

جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى يولۇچىلارنى ئايروپىلان ئالمىشىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىمەكتە.   لەن شۇەييۈن فوتوسى

   «شىنجاڭدا كۈزنى تاماشا قىلىش» بۇ يىللىق دۆلەت بايرىمىلىق سەپەرگە چىقىشتىكى قىزىق تېمىغا ئايلىنىپ، ئاۋىياتسىيە يولۇچىلار ئېقىمىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولغان، قەشقەر، ئالتاي كۈزنى تاماشا قىلىشتىكى يادرولۇق مەنزىلگاھقا ئايلانغان. دەم ئېلىش مەزگىلىدە، دۆلەت ئىچىدىن شىنجاڭغا بېرىپ كۈزلۈك ساياھەت قىلىش دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، گۇاڭجوۋ، بېيجىڭ، شاڭخەي، چېڭدۇ قاتارلىق جايلاردىن قەشقەرگە بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىدە يولۇچىلار ئايروپىلانلىرىنىڭ تولۇش نىسبىتى %90تىن ئاشقان؛ بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردىن ئالتايغا قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىدە يولۇچىلار ئايروپىلانلىرىنىڭ تولۇش نىسبىتى %85تىن ئاشقان، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئالتاي بازىرىدىكى يولۇچى توشۇش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28 ئاشقان.

   دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچىدىن تىبلىس، باكۇ، ئىستانبۇل، تاشكەنت قاتارلىق ئالقىشلىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىگە ئۇچقان يولۇچىلار ئايروپىلانلىرىنىڭ تولۇش نىسبىتى %80تىن ئاشقان. 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭ بازىرىدىكى خەلقئارا يولۇچى توشۇش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %48 ئاشقان.

  «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.