
10-ئاينىڭ 8-كۈنى، شىنجاڭ مىڭجۇ گۈل-گىياھ بازىرىدا، شەھەر ئاھالىلىرى تەشتەكتە ئۆستۈرۈلگەن ئەتلىك گۈل-گىياھلارنى تاللاپ سېتىۋالماقتا.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى شيۇڭشىن فوتوسى ۋە خەۋىرى) دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى گۈل-گىياھ بازىرى قىزغىنلىقى پەسەيمىدى، گۈل تاماشا قىلىش، گۈل تاللاپ سېتىۋېلىش ۋەكىللىكىدىكى «گۈزەل ئىقتىساد» داۋاملىق جانلىنىپ، شەھەرنىڭ كۈز پەسلىدىكى ئىستېمالىغا ھاياتىي كۈچ قوشتى.

10-ئاينىڭ 8-كۈنى، شىنجاڭ مىڭجۇ گۈل-گىياھ بازىرىدا، شەھەر ئاھالىلىرى سۈرەتكە تارتىپ داكا قىلماقتا.
10-ئاينىڭ 8-كۈنى، مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھىرىگە جايلاشقان شىنجاڭ مىڭجۇ گۈل-گىياھ بازىرى زالىغا كىردى، گۈللەرنىڭ خۇش پۇرىقى ئەتراپنى بىر ئالغانىدى، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى گۈل-گىياھلارنى تاللاشقا كەلگەنىدى. پۈتۈن شىنجاڭدىكى كۆلىمى بىرقەدەر چوڭ گۈل-گىياھ بازىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ يەرگە 600 دىن ئارتۇق تىجارەتچى ماكانلاشقان بولۇپ، يىل بويى تىجارەت قىلىدىغان گۈل-گىياھ تۈرى مىڭ خىلدىن ئاشىدۇ. بايرامدىن كېيىن بازاردا مال زاپىسى يېتەرلىك بولدى، گۈل-گىياھلارنىڭ باھاسى مۇقىم بولدى، ھەر خىل يېڭى گۈل، تەشتەكتە ئۆستۈرۈلگەن يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنى سېتىۋېلىش-سېتىش تەرتىپلىك بولدى.

10-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى ئۆسۈملۈك باغچىسىدا جۇخارگۈلى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى، ساياھەتچىلەر جۇخارگۈلىنى سۈرەتكە تارتماقتا.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۈرۈمچى شەھىرى ئۆسۈملۈك باغچىسىنىڭ ئالتۇن كۈز جۇخارگۈلى كۆرگەزمىسى يەنىلا ئېچىۋېتىلدى، شەھەر ئاھالىلىرى يۇقىرى پەللە مەزگىلىگە تاقاشتۇرماي سەيلە قىلىپ، داكا قىلىپ، «گۈل تاماشا قىلىش، گۈل سېتىۋېلىش» قوش يۆنىلىشلىك ئىستېمال مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈردى.

10-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى ئۆسۈملۈك باغچىسىدا جۇخارگۈلى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى، ساياھەتچىلەر باغچىدا سەيلە قىلىپ گۈللەرنى تاماشا قىلماقتا.
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






