9-ئاينىڭ 30-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ كىلىمات مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە: مۆلچەرلىنىشىچە، 10-ئايدا شىنجاڭدا سوغۇق ھاۋا ئېقىمى ھەرىكىتى كۆپ كۆرۈلىدىكەن، پۈتۈن شىنجاڭدا ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ئادەتتىكى يىللاردىكىدىن سەل يۇقىرى ياكى يۇقىرىراق بولىدىكەن، ھۆل-يېغىن ئاساسلىقى شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، قالغان رايونلاردا ئازراق بولىدىكەن. شىنجاڭ كىلىمات مەركىزى ئاممىغا سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىپ ئۆزىنى ئىسسىق ساقلاش، سەپەرگە چىقىشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى؛ ھەرقايسى جايلارغا ھاۋا ئوچۇق پەيتنى چىڭ تۇتۇپ، كۈزلۈك يىغىم، كۈزلۈك تېرىلغۇنى تېزلىتىشنى تەۋسىيە قىلدى.

9-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە مەملىكەت بويىچە ھۆل-يېغىن مىقدارىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش خەرىتىسى. مەنبە: مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى
تېمپېراتۇرا جەھەتتە، مۆلچەرلىنىشىچە، 10-ئايدا ئالتاي ۋىلايىتى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئىلى دەرياسى ۋادىسى، قاراماي شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرىدە ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ئادەتتىكى يىللاردىكىدىن 0.4 سېلسىيە گىرادۇستىن 0.8 سېلسىيە گىرادۇسقىچە يۇقىرى بولىدىكەن؛ ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى ۋە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ئادەتتىكى يىللاردىكىدىن 1.2 سېلسىيە گىرادۇستىن 1.8 سېلسىيە گىرادۇسقىچە يۇقىرى بولىدىكەن.
10-ئايدا ھۆل-يېغىن ئاساسلىقى شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدە مەركەزلىك كۆرۈلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ شىمالى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار ۋە قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلاردا ھۆل-يېغىن مىقدارى 20 مىللىمېتىردىن 40 مىللىمېتىرغىچە بولىدىكەن؛ ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ كۆپ قىسم جايلىرى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبى، بورتالا ئوبلاستى، ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ جەنۇبى، قاراماي شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، سانجى ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، قومۇل شەھىرىنىڭ كۆپ قىسم جايلىرى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ غەربى ۋە شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ كۆپ قىسم جايلىرى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ غەربىدە ھۆل-يېغىن مىقدارى 5 مىللىمېتىردىن 20 مىللىمېتىرغىچە بولىدىكەن؛ باشقا رايونلاردا ھۆل-يېغىن مىقدارى 1 مىللىمېتىردىن 5 مىللىمېتىرغىچە بولىدىكەن ياكى ھۆل-يېغىن ئاساسەن كۆرۈلمەيدىكەن.

ماتېرىيال سۈرەت
ئادەتتىكى يىللاردىكى ئوخشاش مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا، ئالتاي ۋىلايىتى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ غەربى ۋە شىمالىدىكى كۆپ قىسىم جايلار، قىزىلسۇ ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ غەربىدە ھۆل-يېغىن مىقدارى %20تىن %60كىچە كۆپ بولىدىكەن؛ تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبى، بورتالا ئوبلاستى، ئىلى دەرياسى ۋادىسى، قاراماي شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، سانجى ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، قومۇل شەھىرىنىڭ جەنۇبى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شەرقى ۋە جەنۇبى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەرقى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ كۆپ قىسم جايلىرى، تۇرپان شەھىرى قاتارلىق جايلاردا ھۆل-يېغىن مىقدارى %20تىن %50كىچە ئاز بولىدىكەن ياكى ھۆل-يېغىن ئاساسەن كۆرۈلمەيدىكەن.
ھاۋارايى جەريانى جەھەتتە، مۆلچەرلىنىشىچە، 10-ئايدا شىنجاڭدا ئاساسلىق بەش قېتىم ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى جەريانى كۆرۈلىدىكەن، بۇ ئايرىم-ئايرىم 10-ئاينىڭ باشلىرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى (ئوتتۇرا ھال ئاجىز)، 10-ئاينىڭ باشلىرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلى (ئوتتۇرا ھال)، 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى (ئوتتۇرا ھال ئاجىز)، 10-ئاينىڭ ئاخىرلىرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلى (ئوتتۇرا ھال) ۋە 10-ئاينىڭ ئاخىرلىرىنىڭ كېيىنكى مەزگىلى (ئوتتۇرا ھال ئاجىز)گە توغرا كېلىدىكەن.
شىنجاڭ كىلىمات مەركىزى مۇنداق ئەسكەرتتى: 10-ئايدا سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كۆپ كۆرۈلىدۇ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلاردا قار-يامغۇرلۇق ھاۋارايى كۆپ كۆرۈلىدۇ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربى ۋە شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار ھەم تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونلىرىدا يوللار تېيىلغاق بولۇپ مۇز تۇتۇش، كۆرۈش دەرىجىسى تۆۋەن بولۇشتەك خەۋپ-خەتەرنىڭ كۆرۈلۈش ئېھتىمالى چوڭ بولىدۇ، بۇ ساياھەت، قاتناش، سەپەرگە چىقىشقا كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. 10-ئاي كۈزلۈك يىغىمنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى شۇنداقلا كۈزلۈك تېرىلغۇنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى بولۇپ، ھۆل-يېغىن كۆرۈلۈش، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەشتەك ھاۋارايى چارۋىچىلىق ئىشلىرىدا چارۋىلارنى كۆچۈرۈش، ئوچۇقچىلىقتا تېرىلغان كۆكتات قاتارلىقلارغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ، تېيىز بولغان تاغلىق رايونلار ۋە تاغلىق رايونلاردا ئۈششۈك كۆرۈلۈش خەۋپ-خەتىرى چوڭ بولىدۇ، ھاۋا ئوچۇق پەيتنى چىڭ تۇتۇپ، كېۋەز، قوناق، باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتى قاتارلىق زىرائەتلەرنى يىغىش شۇنداقلا كۈزگى بۇغداي تېرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش كېرەك. سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ رايون ھالقىش تەسىرىدە، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى ھەم شەرقىي شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردىكى شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى كۈچلۈك بولۇپ، يول قاتنىشى، ساياھەت ھەم يورۇقلۇق ۋولت، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، خەۋەرلىشىش ئەسلىھەلىرىگە پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ.
«تىيانشان تورى» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






