كۈزلۈك يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدە، شېنجېن شەھىرى سۇڭگاڭ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئارزۇگۈل ئارمان شىنجاڭ كوناشەھەر ناھىيەسىگە جايلاشقان شېنتا ئوتتۇرا مەكتىپىگە كېلىپ، ئۈچ يىللىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۇرمۇشىنى باشلىدى. شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدىكى ئارزۇغا ئىنتىلگەن ئوقۇغۇچىدىن يۇرتىغا قايتىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچى بولۇشقىچە، ئارزۇگۈل ئارماننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش يولى مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ جانلىق ئىزاھاتى، شۇنداقلا «سىرتقا چىقىش، ئاندىن يۇرتىغا قايتىش» جەريانىدا تاماملانغان ئىللىقلىققا تولغان مائارىپ يېپىق ھالقىسى.
شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ مۇھىم ئەمەلىيىتى. تۈركۈم - تۈركۈم شىنجاڭلىق بالىلار، بولۇپمۇ چەت، يىراق يېزا - كەنتلەردىكى بالىلار يۇرتىدىن چىقىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئەلا سۈپەتلىك مەكتەپلەردە تەربىيە ئالدى. ئۇلار دەرسخانىدا تونۇشىنى بېيىتىپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تۇرمۇش جەريانىدا ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدى. سىياسەتنىڭ ياردەم بېرىشى ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغىنى ئۆرلەپ ئوقۇش، بىلىم ئېلىش يولى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى چېگرا رايوندىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ ۋەتەنگە قۇچاق ئاچقان، دەۋرگە قۇچاق ئاچقان، كەلگۈسىگە قۇچاق ئاچقان ئۆسۈپ يېتىلىش پەلەمپىيى بولدى.
شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدىكى بىلىم ئېلىش كەچۈرمىشى ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلار مائارىپنىڭ چېگرا رايون تەرەققىياتىدىكى سالمىقىنى تېخىمۇ ئېنىق تونۇپ يەتتى، شۇنداقلا ئاشۇ ياردەم بېرىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چۈشەندى. ياردەمگە ئېرىشكەن ئادەم باشقىلارغا ياردەم بېرىدىغان ئادەم بولۇشنى تېخىمۇ خالايدۇ. ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا شەكىللەنگەن بۇ ئېتىقاد شىنجاڭغا قايتىپ يۇرتنى گۈللەندۈرۈشنى نۇرغۇن شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىنىڭ چىن قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان تاللىشىغا ئايلاندۇردى.
شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى چېگرا رايوندىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇرتتىن چىقىپ، قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىشتىن، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە مائارىپقا ياردەم بېرىش، ئىختىساسلىقلارنىڭ يۇرتىغا قايتىشىغا تىرەك بولۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكىچە، چىقىش بىلەن قايتىش ئارىسىدا ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى بىلەن يۇرت تەرەققىياتى ئارىسىدىكى ماس قەدەمدە ئىلگىرىلەش بار، تېخىمۇ مۇھىمى سىياسەتنىڭ داۋاملىق كۈچ چىقىرىشى ۋە سىستېمىلىق پىلانلاش بار.
«قۇشنىڭ ئۇۋىسىغا قايتىشى»دىن ئىبارەت يۇرتقا نەپ يەتكۈزۈش ھېكايىلىرى ھەر ساھە، ھەر كەسىپلەردە ئىللىقلىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقماقتا، سىياسەتنىڭ ئۈنۈمى جەزمەن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش، ئىشلارنى گۈللەندۈرۈش جانلىق ئەمەلىيىتى داۋامىدا ئۈزلۈكسىز نامايان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىدىغان ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى مۇجەسسەملەيدۇ.
(«جياڭ شياۋيەن» ماقالە ئەۋەتىش خەت ساندۇقى: xjrbplb@126.com)






