− «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش نىزامى» يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقىغا نەزەر
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن
بىر قانۇنچىللىق «ئالتۇن ئاچقۇچى» بىلەن نېمىنى ئاچقىلى بولىدۇ؟
2025 - يىلى 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش نىزامى» ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22 - يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، شۇ يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلدى. شىنجاڭ «نىزام»نى باش يېتەكچى قىلىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ ۋە يولغا قويۇپ، بازار ئىجازىتى، ئامىل كاپالىتى، مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتى، قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت بەش چوڭ ساھەگە ماس كۈچىدى.
بىر يىلدىن بۇيان، «نىزام»نىڭ يولغا قويۇلۇش ئۈنۈمى قانداق بولدى؟
شىنجاڭ خۇياجيا ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيەسى چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى چېن يۇڭپىڭ ھۆكۈمەت - بانكا ھەمكارلىقىدىكى «شياۋبىڭ باڭبەن» يولى ئارقىلىق، بىر سائەتتىلا بارلىق رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ بولدى؛ شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا، شىنجاڭ جۈننېڭ ئېغىر سانائەت چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى سۈن گۇيشياڭ مەسلىھەت سوراشتىن كىنىشكا ئېلىشقىچە پەقەت ئۈچ سائەتلا ۋاقىت سەرپ قىلدى؛ قەشقەر شەھىرى ئاھالىسى ئەمەت سابىرنىڭ سامسىخانا تىجارەت كىنىشكىسى يېرىم سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە بېجىرىلىپ بولدى... تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى بۇ كۆرۈنۈشلەر ئۆزئارا تۇتىشىپ مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتىدىكى ئۈنۈم ئەگرى سىزىقىنى ھاسىل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنىڭ ئەلالىشىشقا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىدەك جانلىق مەنزىرىنى سۈرەتلەپ بەردى.
بۇ يىل 9 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىدىكى 68 تۈرلۈك ئىنچىكىلەشتۈرۈلگەن ۋەزىپىنىڭ 48 تۈرى تاماملىنىپ، تاماملىنىش نىسبىتى %70.6 بولۇپ، باسقۇچلۇق ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. شىنجاڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى كارخانىلارغا نېمىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟ تەرەققىياتقا نېمە قوشىدۇ؟ دېگەن سوئاللارغا جاۋاب بەرمەكتە.
قانۇنچىللىق ئارقىلىق يېتەكلەش:
قاتتىق تۈزۈم ئارقىلىق تەرەققىيات ئېكولوگىيەسىنى قايتا يارىتىش
تىجارەت - سودا مۇھىتىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق ئەلالاشتۇرۇلۇشى مۇقەررەر ھالدا تۈزۈمنىڭ يۇقىرى قاتلاملىق قايتا تۈزۈلۈشىدىن باشلىنىدۇ.
«نىزام»نىڭ چىقىرىلىشى شىنجاڭنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتى قۇرۇلۇشىنىڭ سىياسەت ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتىن قانۇنچىللىق ئارقىلىق يېتەكلەشتىن ئىبارەت يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. «نىزام» ئۈستۈن قانۇنغا قاتتىق ئەمەل قىلىش ئاساسىدا، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، تۈزۈم لايىھەسى جەھەتتىن بازارنى «باغلاقتىن بوشىتىپ»، يېڭىلىق يارىتىشقا «كۈچ قوشۇپ»، تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنى مەبلەغ سېلىشقا جۈرئەت قىلىش، ئىگىلىك تىكلەشنى خالاش، تەرەققىي قىلالايدىغان بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
يۇقىرى پەللىدىن تۈرتكە بولۇش بۇ بىر يىلدىكى ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئۇنى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تۇتقا، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشتىكى ئاچقۇچ قىلدى. بۇ يىل 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش بويىچە سەپەرۋەرلىك قىلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنىدا: تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنى ئاڭلىق ھالدا «بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش» سۈپىتىدە تۇتۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنىڭ بىر پۈتۈنلۈككە، سىستېمىلىققا قاراپ يۈكسىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك، دەپ تەكىتلەندى. 3 - ئايدا، شىنجاڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى رەسمىي باشلاپ ۋە يولغا قويۇپ، «ئاپتونوم رايوننىڭ 2026 - يىللىق تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكەت لايىھەسى»نى تۈزۈپ ۋە بېسىپ تارقىتىپ، قاتتىق يادرولۇق تەدبىر ئارقىلىق تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى پۇختىلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بىرتۇتاش پىلانلاش - ماسلاشتۇرۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ماسلىشىپ ئالغا سىلجىتىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولىدىغان، تارماقلار ماسلىشىدىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.
تۈزۈمنىڭ ھاياتىي كۈچى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، قىممىتى بىكار قىلىش بىلەن ئورنىتىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە.
بىر يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ يوشۇرۇن توسۇقلارنى قەتئىي بۇزۇپ تاشلاپ، «چەكلەنمىگەن بولسىلا كىرگۈزۈش»نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىغا پائال سىڭىشىپ، نامۇۋاپىق سىياسەت، بەلگىلىمە، كەمسىتىش خاراكتېرلىك چەكلىمە، پەرقلىق ئۆلچەملەرنى ئېنىقلاپ بىكار قىلىپ، «ئۈستەك بېرىش شەكلى»دە سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشقا دائىر گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «ئادىل رىقابەتنى قوغداش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يېڭىدىن كۆپەيگەنلىرىنى تەكشۈرۈپ ۋە ساقلانما سىياسەت - تەدبىردىن 4397نى ئېنىقلاپ، ئادىل رىقابەتلىشىشكە خىلاپ ئۆلچەمدىن 654نى تۈزىتىپ، ئادىل رىقابەتلىشىش تەرتىپىنى مەنبەدىن كاپالەتلەندۈردى.
فۇنكسىيەنى ئۆزگەرتىشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەمۇرىي ھوقۇق ئىش تۈرىدىن جەمئىي 700دىن كۆپرەكنى ئازايتىپ، 3201 تۈرلۈك مەمۇرىي ۋەزىپە ھوقۇقىنى ۋىلايەت - ئوبلاست - شەھەر، ناھىيە - شەھەر - رايونلارنىڭ يۈرگۈزۈشىگە تەڭشىدى − ھۆكۈمەتنىڭ قولى ئورنىغا قايتتى، بازارنىڭ قولى قويۇۋېتىلدى.
كارخانىلارغا ئالاقىدار قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، كارخانىلارغا ئالاقىدار مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش مەسىلىسى يىپ ئۇچىدىن 1900دىن ئارتۇقى بىرمۇبىر تەكشۈرۈلۈپ ۋە توپلىنىپ، كارخانىلار 100 مىليون يۈەنگە يېقىن ئىقتىسادىي زىياندىن ساقلاپ قېلىندى − قانۇن ئىجراسى ئىللىقلىققا، تەرەققىيات ئىشەنچكە ئىگە بولدى.
ئىسلاھات ئۈنۈمى جەھەتتە كارخانىنىڭ ئەڭ پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى بار.
شىنجاڭ يىنشېڭ بەنيې يېڭى تىپتىكى ماتېرىيال چەكلىك شىركىتىنىڭ تۈرىدە ئىلتىماس قىلىنغاندىن تارتىپ قۇرۇلۇش باشلانغۇچە پەقەت بىر ئاي ۋاقىت كەتتى. بۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى پۇ گاۋچى چوڭقۇر تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «توك ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىشتىن كىنىشكا بېجىرىشكىچە، مەخسۇس ئادەم بىرگە بىر ئەگىشىپ مۇلازىمەت قىلدى. سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقىرىش مەزگىلىدە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى يۈكى يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىگە يولۇققاندا، مەخسۇس ئادەم توك بىلەن تەمىنلەش تارماقلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ئۈچ كۈن ئىچىدە ھەل قىلىپ بەردى، بۇ خىل <بالا باققۇچى شەكلى>دىكى مۇلازىمەتتىن بىز كەلگۈسى تەرەققىياتقا نىسبەتەن ئىشەنچكە تولدۇق.»
قانۇنچىللىقنىڭ يېتەكچىلىكىدە بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى سىجىل ئۇرغۇدى. 2026 - يىلى 8 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا تىزىمغا ئالدۇرغان تۈرلۈك تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسى 2 مىليون 741 مىڭ 800گە، پۇقراۋى ئىگىلىك ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %97.06كە يەتتى.
ئامىللار ئارقىلىق كۈچ قوشۇش:
تەننەرخ جەھەتتىكى كېمەيتىش ئۇسۇلىدىن تەرەققىيات جەھەتتىكى قوشۇش ئۇسۇلىغىچە
ياخشى تۈزۈم لايىھەسى ئاخىرىدا تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسى ھېس قىلالايدىغان ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئايلىنىشى كېرەك.
«نىزام» يولغا قويۇلغان بىر يىلدىن بۇيان، پۇل مۇئامىلە، ئېنېرگىيە، ئەشيا ئوبوروتى، ئاممىۋى مۇلازىمەت قاتارلىق ئامىللار ماسلىشىپ كۈچەپ، تەننەرخ جەھەتتە كېمەيتىش ئۇسۇلىنى، تەرەققىيات جەھەتتە قوشۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، كارخانىلارنىڭ تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىغا كۈچلۈك قۇۋۋەت قوشتى.
بۇ يىل 4 - ئايدا، شىنجاڭ لۈجيايۈەن يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى نيۇ جياگۇي قەرەلى پات ئارىدا توشىدىغان 10 مىليون يۈەن قەرز پۇل ئۈچۈن غەمگە پاتتى. «پۇلنىڭ ھەممىسىنى خام ئەشيا ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا سەرپ قىلغان تۇرساق، نەدىن 10 مىليون يۈەننى غەملەپ قەرز قايتۇرىمىز؟» دەل مۇشۇ چاغدا، سانجى شەھىرى يېڭىدىن يولغا قويغان كارخانا كىرېدىت ئايلانما مەبلىغى سىياسىتى «دەل ۋاقتىدا ياغقان يامغۇر» بولدى − بانكىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ، كېپىللىك شىركەتلىرىنى ھەمكارلىشىپ ئۇدۇللاشتۇردى، ماتېرىيال تاپشۇرۇشتىن باشلاپ ھېسابلىغاندا تۆت خىزمەت كۈنىگە يەتمەيلا مەبلەغ ھېساباتقا كىرىپ بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايلانما مەبلەغ رەسمىيىتى پۈتۈنلەي ھەقسىز بولدى.
بۇ، شىنجاڭ پۇل مۇئامىلىسىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا كۈچ قوشقانلىقىنىڭ بىر ئىخچام كۆرۈنۈشى.
«نىزام» يولغا قويۇلغان بۇ بىر يىلدا، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىش تېزلىتىلدى − 8 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، بۇ يىل شىنجاڭ رايونىدا يېشىل توك سودىسى 14 مىليارد 300 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %512 ئاشتى؛ ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ھالقىغان يېشىل توك سودىسى 8 مىليارد 900 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %85 ئاشتى. پاكىز ئېنېرگىيە كارخانا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئاساسىي رېڭىگە ئايلانماقتا.
«نىزام» يولغا قويۇلغان بۇ بىر يىلدا، ئەشيا ئوبوروتىدا تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى − بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئېيىدا، شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ يۈك توشۇش مىقدارى 170 مىليون توننىغا، شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش مىقدارى 68 مىليون 840 مىڭ توننىغا يېتىپ، يول تۈگۈنى ئەۋزەللىكى سىجىل تۈردە تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندى؛ 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ ھەممىسىدە سۇ، توك، تەبىئىي گاز، تور، پارنى بىرلەشتۈرۈپ ئورنىتىشقا يوللاش، توردا بېجىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، كارخانىلارنىڭ ۋاقىت تەننەرخىنى تېجىشىگە ياردەم بېرىلدى.
«نىزام» يولغا قويۇلغان بۇ بىر يىلدا، كارخانىلارغا ئالاقىدار ھەق ئېلىش سىجىل قېلىپلاشتۇرۇلدى − ئاپتونوم رايون بويىچە كارخانىلارغا ئالاقىدار ھەق ئېلىش ساقلانما سىياسەتتىن 8000دىن ئارتۇقى رەتلىنىپ، ھەق ئېلىش مۇندەرىجە تىزىملىكى ھەرىكەت ھالىتىدە يېڭىلىنىپ، 23 بانكىنىڭ ھەق ئېلىشتا ئۆز - ئۆزىنى تەكشۈرۈشنى تاماملىشىغا ھەم بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولمىغان 7 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ھەقنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قايتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارنىڭ يۈكى ھەقىقىي يېنىكلىتىلدى.
ئامىل تەننەرخى جەھەتتىكى كېمەيتىش ئۇسۇلىنىڭ ئېلىپ كەلگىنى تەرەققىيات ئىشەنچى جەھەتتىكى قوشۇش ئۇسۇلى بولدى. تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ «مىكرو تەسىراتى» بىلەن تۈزۈم لايىھەسىنىڭ «ماكرولۇق يېتەكچىلىكى» ماس قەدەمدە بولۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ئەڭ پۇختا خەلق رايى ئاساسىغا ئىگە بولدى.
ئېچىۋېتىش ئارقىلىق قاتمال ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاش:
يول ئىقتىسادىدىن تۈزۈملۈك ئېچىۋېتىشكىچە
رايون ئورنى شىنجاڭنىڭ ئەۋزەللىكى، ئېچىۋېتىش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى مۇقەررەر تاللاش.
تۈزۈملۈك ئېچىۋېتىش تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنى قائىدە يېتەكچىلىكى ۋە ئىسلاھات قۇۋۋىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشى تۈزۈملۈك ئېچىۋېتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش شارائىتى ۋە ئۈنۈم سىنىقى بىلەن تەمىنلەيدۇ. «نىزام» يولغا قويۇلغان بىر يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ مەۋقەنى ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بولۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىگە قويۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، تۈزۈملۈك ئېچىۋېتىشتە پۇختا قەدەم تاشلىدى.
يېڭى گۈلنىڭ غەرب سەپىرى بۇنىڭ جانلىق ئىزاھاتى. سەھەر سائەت 2دە قورغاس پورتىدا چىراغلار يوپيورۇق يېنىپ تۇراتتى، يېڭى گۈل بېسىلغان سوغۇق زەنجىرلىك يۈك ئاپتوموبىلى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش يولىغا ئاستا - ئاستا كىردى، ئىلتىماس قىلىشتىن ئۆتۈپ بولۇشقىچە بولغان پۈتۈن مۇساپىگە يېرىم سائەتمۇ كەتمىدى. قورغاس لىڭشى خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ۋاكالەتچىلىكى چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: «ھازىر 24 × 7 سائەت بۇرۇن تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى ئالدىن كېلىشكىلى بولىدۇ، ئالدىن ئەنگە ئالدۇرغان بولسا كەلگەن ھامان تەكشۈرتكىلى بولىدۇ، پۈتۈن مۇساپىلىك سوغۇق زەنجىرلىك يۆتكەپ توشۇشتا خوراش نىسبىتى %3 ئىچىدە كونترول قىلىندى، يېڭى گۈللەرنى كۇنمىڭدا ئۈزۈپ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى گۈل دۇكانلىرىغا يەتكۈزۈشكىچە بولغان ۋاقىت ئىلگىرىكىدىن توپتوغرا بىر كۈن تېز بولدى.»
«نىزام» يولغا قويۇلغان بىر يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى تورغا چىقىرىلىپ يۈرۈشتۈرۈلۈپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسى سىجىل ئۆستۈرۈلدى؛ جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك قۇرۇلۇشى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلىپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى تەرەققىيات ئەمەلىي ئۈنۈمىگە تېز ئايلاندۇرۇلدى؛ 9 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشتىكى «دوستلار چەمبىرىكى» بارغانسېرى كېڭەيدى، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك قىممىتى سىجىل گەۋدىلەندى...
بىر يىللىق ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، «نىزام» ئېلىپ كەلگەن تۈزۈم پايدىسى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلانماقتا. قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈنۈمى ئاخىرىدا تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ئارقىلىق سىنىلىشى كېرەك؛ ئىسلاھاتنىڭ چوڭقۇرلۇقى ئاخىرىدا بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىدە نامايان بولۇشى كېرەك.
تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، داۋاملىشىدۇكى، ئاخىرلاشمايدۇ − بۇ، شىنجاڭنىڭ كەڭ تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىگە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى، شۇنداقلا كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ئەڭ كۈچلۈك ھەرىكەت خىتابنامىسى.






