تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چوڭقۇر غەمخورلۇق بۇ تۇپراقتا يىلتىز تارتتى، تىيانشان جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە

ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدىن بىر كۆرۈنۈش (10 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تارتىلغان). 10 - ئاينىڭ 6 - كۈنىگىچە، بۇ يىل ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىدا «تىيانشان ناملىق» كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت ماركىسىدىكى نۆۋەتچى پويىزى جەمئىي 764 قېتىم قاتناپ، مال كىرگۈزۈش - چىقىرىش مىقدارى 1 مىليون 415 مىڭ 100 توننىغا يەتتى؛ جەمئىي 7246 يۈك ئاپتوموبىلى قاتناپ، مال كىرگۈزۈش - چىقىرىش مىقدارى 89 مىڭ 700 توننىغا يەتتى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ

ۋاقىت دەرياسى ئۆركەشلەپ ئاقماقتا، ھەمىشە بەزى مۇھىم پەيتلەردە دەۋر ئىزناسى نەقىشلىنىپ، يېپيېڭى مۇساپە باشلىنىدۇ.

پات ئارىدا ئېچىلىدىغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - قۇرۇلتىيى شىنجاڭنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر چوڭ ئىش، يېڭى تارىخىي ئورۇندا تۇرۇپ، بۇ بىپايان تۇپراق يەنە بىر قېتىم ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان ئاچقۇچلۇق تۈگۈننى كۈتۈۋالىدۇ.

باسقان يولىمىزنى ئەسلىسەك، ھەر بىر نەتىجىگە تىرىشىپ كۈرەش قىلىش ئەجرى سىڭگەن؛ يېڭى مۇساپىگە نەزەر سالساق، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدا يەنىلا دەھشەتلىك بوران - چاپقۇننىڭ سىنىقى بار. يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا، بىز قانداق قىلغاندا داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭنى جاسارەت بىلەن قۇرۇپ چىقالايمىز؟

جاۋاب قەلبلەرنى ھاياجانغا سالىدىغان كۈرەش كەچۈرمىشلىرىگە چوڭقۇر مۇجەسسەملەنگەن؛ ھەقىقەت قۇلاق تۈۋىمىزدە ياڭراپ تۇرغان سەمىمىي تاپشۇرۇققا مۇجەسسەملەنگەن.

يول باشلاپ يۆنىلىش بەلگىلەش

پاراخوت تۈمەن چاقىرىملىق سەپەردە يول باشلاشقا تايىنىدۇ.

شىنجاڭنىڭ بەش يىللىق قاينام - تاشقىنلىققا تولغان جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش مەزگىلىنى ئەسلىسەك، تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ قەلبىگە ئورناپ كەتكەن سەمىمىي تاپشۇرۇق ۋە چوڭقۇر ئۈمىد خۇددى ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى ماياكقا ئوخشاش، شىنجاڭنىڭ مۇساپىسىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات دەۋر كۈچلۈك ساداسىنى ياڭراتتى.

2022 - يىلى 7 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىن 15 - كۈنىگىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن كۆڭۈل بۆلگەن بۇ تۇپراققا قەدەم قويۇپ، مەكتەپ، خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى، مەھەللە، مۇزېي، يېزا ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ كۆزدىن كەچۈردى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. باش شۇجى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن شىنجاڭغا يېڭى ئۈمىد ۋە تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى: «يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك».

2025 - يىلى 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن 25 - كۈنىگىچە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق تارىخىي پەيتنى كۈتۈۋالدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى، بۇ، پارتىيە ۋە دۆلەت تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، مۇھىم بېغىشلىما ھەدىيە قىلىپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بەردى.

مول مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، زور ئۈمىد كۈتۈلدى. «باش شۇجى قانداق قىل دېسە، بىز شۇنداق قىلىمىز!» شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ھەربىر سۇڭ تۇپراقتا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، سادىق بولۇش، مىننەتدار بولۇشتىن ئىبارەت قىزغىن ئېتىقادىنى مۇستەھكەملىدى.

بۇ بەش يىلدا، شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە چوڭقۇر كۆيۈنۈشىنى «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىققا ئايلاندۇردى.

بۇ بەش يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى كەڭ كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

بۇ بەش يىلدا، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي نەتىجە يارىتىش ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ جاۋاب قەغىزىنى پۈتتى.

بۇ جاۋاب قەغىزىدە، پۇختا قەدەم بىلەن ئۆرلەۋاتقان ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلار بار، «ئانارنىڭ دانىسىدەك قەلبداش بولغاندا تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يەڭگىلى بولىدۇ» دېگەن ئىتتىپاقلىق كۈچى بار، «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، بىرمۇ مىللەت كەم بولسا بولمايدۇ» دېگەن چوڭقۇر ھېسسىيات بار، شادلىققا تولغان، ۋەزنى ئېغىر خەلق تۇرمۇشى بەخت ھېسابات تالونى بار...

ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى قانچە ياخشى ئۆگەنسەك، قانچە چوڭقۇر چۈشەنسەك، قانچە كۈچلۈك ئىزچىللاشتۇرساق، تەرەققىيات نەتىجىلىرى شۇنچە كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.

شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئۆزگىرىش، ئىدارە قىلىشتىكى ئۆزگىرىش، خەلق تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىش، قىياپىتىدىكى ئۆزگىرىش ھەر مىللەت خەلقنىڭ باش شۇجىدىن مىننەتدار بولۇش، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاش، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت جانلىق ئەمەلىيىتىنى ئىزاھلاپ بەردى.

مېھىر - مۇھەببەت ئارقىلىق چېگرا رايوننى ئىللىتىش

بۇ يىل 9 - ئايدا، شىنجاڭ داشۆنىڭ قەشقەر مەكتەپ رايونى تۇنجى تۈركۈمدىكى تولۇق كۇرستا، ماگىستىرلىقتا ئوقۇيدىغان يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى كۈتۈۋالدى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ياش ئوقۇغۇچىلار تاغ - دەريالاردىن ھالقىپ، شىنجاڭغا كېلىپ، يېپيېڭى مەكتەپ ھويلىسىدا ئارزۇغا ئىنتىلىش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى.

ئەنخۇي خاۋجوۋدىن قەشقەرگە كەلگەن داشۆ 1 - يىللىقنىڭ يېڭى ئوقۇغۇچىسى لى مۇ ئارزۇغا ئىنتىلگەن مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ياشلارنىڭ بىرى. «شىنجاڭ نۇرغۇن كىشىنىڭ قەلبىدىكى <ئارزۇدىكىدەك جاي>، مەن بۇ جايدا قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ھېكايىسى، يىپەك يولىنىڭ جەلپكارلىقىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە سۆزلەپ بېرىمەن.»

شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى، شىنجاڭ تىيانشان كەسپىي تېخنىكا داشۆسىنىڭ قىزىلسۇ ئوبلاستى مەكتەپ رايونى قاتارلىق مەكتەپلەرنىڭ ئارقا - ئارقىدىن قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا تولۇق كۇرس مائارىپى تولۇق قاپلاشتىن ئىبارەت تارىخىي بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. تارىم ئويمانلىقىنىڭ گىرۋىكىدىن پامىر ئېگىزلىكىنىڭ ئېتىكىگىچە، قاتار - قاتار زامانىۋىلاشقان ئالىي مەكتەپلەر قەد كۆتۈرۈپ، سانسىزلىغان ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش يولىنى يورۇتتى.

جەنۇبىي شىنجاڭدا ئالىي مائارىپنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى دەل مەركەزنىڭ يۆتكىمە چىقىم ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەسىنى كاپالەتلەندۈرۈشىدىكى مول نەتىجىلەرنىڭ بىرى.

ئۇزاقتىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ مالىيەدە ئۆزىنى ئۆزى قامداش نىسبىتى تۆۋەن، مەركەزنىڭ يۆتكىمە چىقىمىغا تايىنىش دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ كەلدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، مەركەزنىڭ يۆتكىمە چىقىم سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، بىر قاتار ئالاھىدە مايىللاشقان سىياسەتلەرنى ئېلان قىلدى، ئۈزلۈكسىز ئاجرىتىلغان مەبلەغ، بىر قاتار دەل جايىدا بولغان قوللاش چېگرا رايون تۇپرىقىنى ئوزۇقلاندۇرىدىغان شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرىدىغان سۈزۈك بۇلاققا ئايلىنىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، رايونلار ئارا تەرەققىيات پەرقىنى كىچىكلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

شىنجاڭنىڭ «بەخت ھېسابات دەپتىرى» پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىللىق كۆيۈنۈشى بىلەن لىق تولدى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 6 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، مەركەز مالىيەسى بۇ يىل ئاپتونوم رايونغا 395 مىليارد 230 مىليون يۈەن يۆتكىمە چىقىم مەبلىغى چۈشۈرگەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.6 ئاشقان. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش جەھەتتە، مەركەز مالىيەسى ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالاش - سەھىيە، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، سۇچىلىق، تۇرالغۇ كاپالىتى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە 96 مىليارد 810 مىليون يۈەن يۆتكىمە چىقىم مەبلىغى چۈشۈرگەن.

تاغ - دەريالار تومۇرداش بولدى جۇدۇندا، تولۇن ئاي گۇۋاھ بولدى يۈرەكتىكى سېغىنىشقا. بۇ يىل 7 - ئايدا، مەركەزدىكى 130 نەچچە ئورۇندىن كەلگەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان 800دىن ئارتۇق كادىر، ئىختىساسلىق شىنجاڭ تۇپرىقىغا قەدەم قويدى. بۇنىڭ بىلەن، 12 - تۈركۈمدىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش «كۈچ ئۇلاش كالتىكى»نى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ئۈچ يىللىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى باشلىدى.

«دىققەتنى شىنجاڭغا كەسىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەركەز كارخانىلىرى بىلەن يەرلىكنىڭ ھەمكارلىق كۆۋرۈكىنى پائال بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى كەسىپ ئەۋزەللىكى، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، تىرىشىپ بىز بۇ تۈركۈمدىكىلەرنىڭ قالتىسلىقىنى نامايان قىلىمىز» دېدى 12 - تۈركۈمدىكى مەركەز ئورۇنلىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر، ئىختىساسلىق فەن ۋېنبو.

دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتى، زامانىۋىلاشقان زاۋۇت ئۆيلىرى قەد كۆتۈردى، يېشىل تاغلارنى ياخشى قوغداش «بايلىق» ياراتتى... شىنجاڭ تۇپرىقىنى ئايلانسىڭىز، شىنجاڭدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار توغرىسىدا سۆزلىگەنلىرىنى ئاڭلىسىڭىز، ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنغىنى «رەھمەت» دېگەن سۆز ئىكەنلىكىنى بايقايسىز.

بۇ يىللاردا، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە سېلىنغان مەبلەغنىڭ زورلۇقى، قاتنىشىۋاتقان خادىملارنىڭ كۆپلۈكى، قاپلاش ساھەسىنىڭ كەڭلىكى، قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنىڭ زورلۇقى مىسلىسىز بولدى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىدە نامايان بولغىنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى، سوتسىيالىزمنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىدىغان تۈزۈم ئەۋزەللىكى بولدى، شۇنداقلا بۇ، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان قويۇق مۇھەببىتىنى چوڭقۇر ئىزاھلىدى.

كۆرگىلى بولىدىغان ئۆزگىرىش، تۇتقىلى بولىدىغان بۇ بەختلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە چوڭقۇر كۆيۈنگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پارتىيەدىن مىننەتدار بولۇش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى، شۇنداقلا قەلبلەرنى مۇجەسسەملەيدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچنى توپلىدى.

چىن قەلبتىن مىننەتدار بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىدە كۆرسىتىش

داغدام يولدا ماڭغاندىلا، تۈمەن چاقىرىم يول يۈرگىلى بولىدۇ. ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ يول باشلاش ۋەتىنىمىزنىڭ چېگرا رايونىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما چوڭقۇر مىننەتدار بولۇش ھېسسىياتى بىلەن، دەۋر مەسئۇلىيىتىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، مەۋقەنى دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارى، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا قويۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېز تۈرتكە بولدى.

قورغاستا، چېگرادىن چىقىش ئالدىدا تۇرغان ئاپتوموبىللارنىڭ ماركىلىرى كۆزنى قاماشتۇرۇپ تۇراتتى، خۇددى چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىگە ئوخشايتتى. 2025 - يىلى قورغاس تاشيول پورتى ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىنغان تاۋار ئاپتوموبىل 450 مىڭغا يېتىپ، مەملىكەت بويىچە ئاپتوموبىل ئېكسپورت قىلىدىغان بىرىنچى چوڭ قۇرۇقلۇق پورتى ئورنىدا مۇقىم تۇردى.

«مەن <ماي تەپكىسىنى بىر دەسسىسەملا>، ئۆزىمىزنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلىمىز چەت ئەلگە چىقالايدۇ، دۆلەتنىڭ تاشقى سودا تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك كۈچ قوشالىغانلىقىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن» دېدى پورتتىكى «توشۇغۇچى» ياڭ يېچۇن.

«توشۇغۇچى» دېگىنىمىز مەخسۇس جۇڭگونىڭ تاۋار ئاپتوموبىللىرىنى ئوتتۇرا ئاسىياغا توشۇيدىغان كىشىلەر توپىنى كۆرسىتىدۇ. نۆۋەتتە، قورغاستا ياڭ يېچۇنگە ئوخشاش مۇشۇنداق «توشۇغۇچى»دىن 5000غا يېقىن كىشى بار.

كۈز شامىلى تىيانشاننى سىيپاپ ئۆتۈپ، تۆگە كولدۇرمىسىنىڭ ئاۋازى بىلەن گۈدۈك ساداسىنى ئاسىيا - ياۋروپانىڭ ئىچكىرىسىگە ئېلىپ باردى. قورغاس، ئالاتاۋ، قونجىراپ، تورغات... ماشىنا - ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى، ئاپتوموبىل، توقۇلما بۇيۇملار، مېتال بۇيۇملار لىق قاچىلانغان يۈك ئاپتوموبىللىرى گۈرۈلدەپ دۆلەت دەرۋازىسىدىن ئۆتۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە يۈرۈپ كەتتى؛ چۇڭچىڭ - شىنجاڭ - ياۋروپا، تىيانشان ناملىق قاتارلىق «پولات كارۋان»لار غۇيۇلداپ ئۆتۈپ، جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ جۇشقۇن قۇۋۋىتىنى ياۋروپا - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە يەتكۈزدى.

شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش، غەربتىن كىرگۈزۈپ شەرقتىن ئېلىپ كېلىش. شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە ئۇدا 100 مىليارد يۈەنلىك تۆت پەللىدىن ھالقىپ، 2025 - يىلى 520 مىليارد 370 مىليون يۈەنگە يەتتى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئېيىدا، شىنجاڭنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 394 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.7 ئاشتى. بۈگۈنكى شىنجاڭ ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە مىسلىسىز ئېچىۋېتىش قىياپىتى بىلەن تەرەپ - تەرەپتىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ، دۇنياغا قۇچاق ئېچىپ، دۆلەتنىڭ ئېچىۋېتىش ئومۇمىيىتىدىكى مۇھىم رولىنى كۈنسېرى گەۋدىلەندۈردى.

تۆۋەنگە قاراپ نېفىت ئېلىش، يۇقىرىغا قاراپ يورۇقلۇقنى قوغلىشىش. «ئۈچ تاغ ئارىسىدا ئىككى ئويمانلىق» بولغان شىنجاڭنىڭ تاغلىرىدا بايلىق بار، ئويمانلىقلىرىدا نېفىت، كۆمۈر بار، ھەممىلا يېرىدە «شامال، يورۇقلۇق» بايلىقى بار. مول ئېنېرگىيە بايلىقى ھەم دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىشتىكى پۇختا ئاساس، شۇنداقلا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تىرەك.

«غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» 400دىن ئارتۇق شەھەرنى قاپلاپ، 500 مىليون نوپۇسقا نەپ يەتكۈزدى؛ «شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش» يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %33.7 ئاشتى؛ «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» ئۇدا ئالتە يىل 100 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئېشىپ، 22 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنى قاپلىدى... شىنجاڭنىڭ «شامال، يورۇقلۇق» بايلىقى «تۈمەنلىگەن ئائىلە»لەرنى يورۇتۇپ، «مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن ئائىلە»لەرنى ئىللىتىپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ئومۇملۇقىغا مۇلازىمەت قىلغانلىقىنىڭ جانلىق ئىزاھاتى بولۇپ قالدى.

ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى، دۆلەت ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى، مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىش... پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنىڭ ھەممىلا يېرىدە مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، ئەمەلىي ئىشلەپ ئالدىدا مېڭىشقا تىرىشىدىغان جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىدىغان ھەيۋەتلىك مەنزىرە نامايان قىلىنماقتا.

دەۋر پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ شامالغا قارشى ئاتلىنىپ جاسارەت بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلدى، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ ئاۋانگارتلاردىن بولدى. گۈزەل كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، شىنجاڭ سوتسىيالىزمنىڭ داغدام يولىدا دولقۇن يېرىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە!

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.