تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ئۆزى يېتىشتۈرگەن، پاختىسى ماشىنا بىلەن يىغىۋېلىنىدىغان كېۋەز سورتىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىندى

​«شىننۇڭزاۋ 134 - نومۇر»نىڭ مىڭ مولۇق تۇتاش ئېتىزدىكى چىگىتلىك پاختا مو بېشى ھوسۇلى 558.25 كىلوگىرام بولدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 7 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەن خەۋەر قىلىدۇ: «چىگىتلىك پاختا مو بېشى ھوسۇلى 558.25 كىلوگىرامغا يەتتى!» يېقىندا، ماناس ناھىيەسىنىڭ تاشىرقاي قازاق يېزىسى داساۋتەن كەنتىدىكى 1300 مو «شىننۇڭزاۋ 134 - نومۇر»لۇق كېۋەز سورتىدىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش ئۈلگە ئېتىزىدىن غەلىبە خەۋىرى تارقالدى. شىنەن داشۆ، تارىم داشۆ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئۆسۈملۈك قوغداش كارانتىن پونكىتى قاتارلىق ئورۇنلاردىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر بۇ ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىنىڭ ئەۋرىشكە نۇقتىسى قىلىنغان ئېتىز نەق مەيدانىدا ئەمەلىي يىغىپ، جىڭلاپ تەكشۈرۈپ، ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇلىنى بېكىتتى.

«بۇ يىل يازدا ئۇدا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى، قۇرغاقچىلىق بولدى، بۇ ھوسۇل ماناس ناھىيەسىنىڭ بۇلتۇرقى چىگىتلىك پاختا ئوتتۇرىچە بىرلىك ھوسۇلىدىن 67.25 كىلوگىرام ئېشىپ، <سورتلۇق ئۇرۇقلۇق + ياخشى ئۇسۇل + مۇنبەت ئېتىز + ياخشى تۈزۈم>دىن ئىبارەت مۇھىم بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردى» دېدى ماناس ناھىيەلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى لۈ شياۋچىڭ.

بۇ نەتىجىگە تىرەك بولغىنى دەل شىنجاڭ ئۆزى يېتىشتۈرگەن، پاختىسى ماشىنا بىلەن يىغىۋېلىنىدىغان كېۋەز سورتىدىكى پەن تەتقىقاتتا بۆسۈش ھاسىل قىلغانلىقى. شىمالىي شىنجاڭدىكى پاختا بالدۇر ئېچىلىدىغان رايونلاردا يۇقىرى تېمپېراتۇرا، قۇرغاقچىلىق كۆپ يۈزبېرىپ، غوزا - چېچەكلەر تۆكۈلۈپ كېتىش بىرلىك ھوسۇلنى ئاشۇرۇشقا تەسىر يەتكۈزۈشتەك گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى پاختا تەتقىقات ئورنى «كېۋەز سورتىنى ياخشىلاش» نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، 12 يىل ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، بالدۇر ئېچىلىدىغان ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ھوسۇللۇق، ناچار شارائىتقا تاقابىل تۇرالايدىغان كېۋەز يېڭى سورتى «شىننۇڭزاۋ 134 - نومۇر»نى يېتىشتۈرۈپ چىقتى ھەمدە 2025 - يىلى تەكشۈرۈپ بېكىتىشتىن ئۆتكۈزدى.

«بۇ سورت يۇقىرى تېمپېراتۇرا، قۇرغاقچىلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان غوزا - چېچەكلەر ئېغىر دەرىجىدە تۆكۈلۈپ كېتىشتەك قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، پاختىكارلارنىڭ ھوسۇلنى مۇقىملاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشىنى ئەلا سورت تاللىشى بىلەن تەمىنلىدى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى پاختا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دۆلەت پاختا، چىگە كەسىپ - تېخنىكا سىستېمىسى قەشقەر ئۇنىۋېرسال تەجرىبە پونكىتىنىڭ باشلىقى شۈ خەيجياڭ.

«شىننۇڭزاۋ 134 - نومۇر»نىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلى قىسقا، يېتىپ قېلىشقا تاقابىلچان، بەش بەرگىلىك چېچىكى كۆپ، چىگىتلىك پاختا بىلەن ساپ پاختىنىڭ نىسبىتى يۇقىرى، تالا سۈپىتى «قوش 30»دىن يۇقىرى ئۆلچەمگە يەتكەن بولۇپ، بالدۇر ئېچىلىدىغان ئەلا سۈپەتلىك پاختا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ؛ كېسەللىككە تاقابىلچانلىقى ياخشى، يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا چىداملىق، رايون سىنىقى ۋە ئىشلەپچىقىرىش سىنىقىدا سېلىشتۇرما گۇرۇپپىغا قارىغاندا ھوسۇلى %10تىن يۇقىرى. نۆۋەتتە، بۇ سورت سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى قاتارلىق پاختا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ئاساسلىق رايونلاردا ئۈلگە كۆرسىتىپ كېڭەيتىلدى، ئومۇمىي كېڭەيتىلگەن كۆلەم 30 مىڭ مودىن ئاشتى.

سورتلۇق ئۇرۇقلۇق يەنە ياخشى ئۇسۇلنى يۈرۈشلەشتۈرۈشكە ئېھتىياجلىق. ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىدا يەككە داننى تۈجۈپىلەپ تېرىش، پۈتۈن ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە سۇغىرىش بىلەن ئوغۇتلاشنى دەل جايىدا تەڭشەش - تىزگىنلەش، توپلاشتۇرۇپ تەڭشەش - تىزگىنلەش ۋە خىمىيەلىك يېپىش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلار توپلاشتۇرۇلۇپ قوللىنىلىپ، مۇكەممەل بولغان يېنىك، ئاددىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش تېخنىكا سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈلۈپ، بۇ سورتنىڭ ھوسۇلنى ئاشۇرۇش يوشۇرۇن كۈچى تولۇق قوزغىتىلدى.

«<شىننۇڭزاۋ 134 - نومۇر>نىڭ تاللاپ يېتىشتۈرۈلۈشى ۋە كېڭەيتىلىشى شىمالىي شىنجاڭدىكى پاختا بالدۇر ئېچىلىدىغان رايونلارنىڭ پاختىسى ماشىنا بىلەن يىغىۋېلىنىدىغان كېۋەز سورتىدا يېڭىلىق يارىتىشىدا ئاچقۇچلۇق بىر قەدەم تاشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىپ، شىنجاڭ پاختىسىنىڭ كەڭ كۆلەمدە بىرلىك ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش ۋە كەسىپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئەلا سورت تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى» دېدى ھوسۇلنى ئۆلچەش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، شىنەن داشۆنىڭ پىروفېسسورى شياۋ يۆخۇا.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.