تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ يېڭى شانلىق سەھىپىسىنى يارىتىش

​− شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىدا پۇختا قەدەم تاشلاشقا يېتەكچىلىك قىلدى

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى شۈ جۇاڭ، شىڭ تو

2023 - يىلى 10 - ئايدا، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى مەملىكەتلىك تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى يىغىنىدا رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش ئەمەلىي تەجرىبىلىرىنىڭ نەزەرىيەۋى يەكۈنى، «ئىككى بىلەن بىرلەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇش، ماركسىزملىق مەدەنىيەت نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى زور نەتىجە بولۇش سۈپىتى بىلەن، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال ۋە ئىلمىي ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى.

يېڭى ئىدىيە يېڭى ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلدى، يېڭى ئىدىيە يېڭى مۇساپىگە يېتەكلىدى.

«15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدا، بىز مەدەنىيەت ئارقىلىق مەنىۋى ماكانىمىزنى ئوزۇقلاندۇردۇق، جۇڭگو زېمىنىدا مەدەنىيەت ئىجادىيىتى ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىدا پۇختا قەدەم تاشلاندى. يېڭى دەۋردىكى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىشلار تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ يېڭى شانلىق سەھىپىسىنى ياراتتى.

نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش

ئالتۇن كۈزدىكى قۇياش نۇرى چاڭئەن كوچىسىغا چېچىلىپ تۇراتتى. چاڭئەن كوچىسىنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى بېيجىڭ كىتاب سارىيىغا كىرگەندە، يېقىندا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان «شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئەسەرلىرىدىن تاللانما»نىڭ 1 - تومى، 2 - تومى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇرىدىغان جايغا قويۇلغانىدى.

ئەسەرلەردىن تاللانمىنى ۋاراقلاپ كۆرسەك، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «گۈللىنىش يولى» ناملىق كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان چاغدىكى «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى» دېگەن سۆزى مۇقەددىمە قىسمىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.

مەدەنىيەت تەقدىرى دۆلەت تەقدىرى بىلەن باغلانغان.

باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى ھامان مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشىنى تىرەك قىلىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى شەرت قىلىشقا ئېھتىياجلىق.»

يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدۇق، «پۈتكۈل مىللەتنىڭ مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش» ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسىنىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىغا كىرگۈزۈلۈشىگە ئەگىشىپ، مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى، روناق تېپىشىغا تۈرتكە بولۇش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش نىشانى ۋە يولى بارغانسېرى روشەنلەشتى.

بۇ يىلدىن بۇيان، «شى جىنپىڭنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە»، «شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئەسەرلىرىدىن تاللانما»نىڭ 1 - تومى، 2 - تومى ۋە «يېڭى دەۋردە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا خاتىرە»نىڭ 1 - تومىنىڭ جۇڭگو تىل - يېزىقى، ئىنگلىز تىل - يېزىقى نۇسخىسى قاتارلىقلار نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئاڭلىق ھالدا ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇپ، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىپ، قانۇنىيەتنى ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردە دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتىدە گەۋدىلەندۈردى.

«يېڭى مۇساپىدە، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى سىستېمىلاشتۇرۇش، ئىلمىي قائىدىلەشتۈرۈش جەھەتتىكى تەتقىقات، بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەن مۇستەقىل بىلىم سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك». باش شۇجى شى جىنپىڭ پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەرگەندە شۇنداق تەكىتلىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، بىرەر ئالىي مەكتەپنىڭ كۇتۇپخانىسىغا كىرىپ، ئون يىلدىن بۇيانقى ئىلمىي ژۇرناللارنى ۋاراقلاپ كۆرسەك، پارتىيەمىز ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى ئىدىيە، يېڭى ھۆكۈملەرنى تەتقىق قىلىدىغان، بايان قىلىدىغان ۋە چۈشەندۈرىدىغان نەزەرىيە نەتىجىلىرىنىڭ بارغانسېرى بېيىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز.

جۇڭگو مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەن سېپىدىكىلەر تېخىمۇ مۇستەھكەم مەدەنىيەت ئاساسىي گەۋدىلىك خاراكتېرى ۋە تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى ئارقىلىق، بىلىمدە يېڭىلىق يارىتىش، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەنلەرنى بەرپا قىلىشنى تېزلەتتى.

ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچى جۇڭگو زېمىنىدا مەۋج ئۇردى، پارتىيەنىڭ ياخشى ئاۋازى جەمئىيەتنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ساداسىغا ئايلاندى.

شەندۇڭ زىبو «داۋلى چۈشەندۈرۈش تار كوچىسى»، چۇڭچىڭ «كىچىك ھويلا دەرسخانىسى» قاتارلىق نەزەرىيە ئۆگىنىش پائالىيەتلىرى ئاممىنىڭ چوڭقۇر ئالقىشىغا ئېرىشتى؛ «80 - يىللار، 90 - يىللاردا تۇغۇلغانلار يېڭى دەۋر نەزەرىيە تەشۋىقات ئۆمىكى»، فۇدەن داشۆ «ئۇچقۇن» پارتىيە ئەزالىرى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قاتارلىقلار «يېڭى ئىدىيە»نى تارقاتتى... پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئۈزلۈكسىز تۈردە پۇقرالار چۈشىنەلەيدىغان، ئېسىدە تۇتالايدىغان، ئورتاق سادانى مۇجەسسەملەيدىغان سۆزلەرگە ئايلاندۇرۇلۇپ، ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتتى، چېچەكلەپ مېۋە بەردى.

7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، خەلق سارىيى چوڭ زالى. ھەيۋەتلىك «ۋەتەن قەھرىمانلىرىغا ئېھتىرام» ناملىق مۇزىكا ياڭرىدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەرگە بىر - بىرلەپ ئوردېن بەردى ھەم ئۇلار بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، ئۇلارنى تەبرىكلىدى.

ئۈلگىنىڭ كۈچى چەكسىز بولىدۇ. مەنىۋى جەھەتتىن يېتەكلىگەندە، تىپلار ئۈلگە كۆرسەتكەندە، پۈتكۈل جەمئىيەت ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىپ، قەھرىمانلارنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ ئاۋانگارتلاردىن بولالايدۇ.

سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئۈزلۈكسىز تۈردە قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىغا سىڭدۈرۈلۈپ، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا سىڭدۈرۈلۈپ، كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈلۈپ، «يادرولۇق قىممەت قارىشىغا دائىر 100 مەيدان لېكسىيە مۇنبىرى» سىجىل قانات يايدۇرۇلۇپ، «دەۋر نەمۇنىچىلىرى» «جۇڭگودىكى ياخشى كىشىلەر» «ئەڭ گۈزەل شەخسلەر» بەس - بەستە مەيدانغا كېلىپ، تور بوشلۇقى ئاكتىپ كۈچى ئارقىلىق زور ئېقىم مىقدارى ئاشۇرۇلۇپ، بىپايان يېزىلاردا مەدەنىي يېزا ئىستىلى ئەۋج ئالدۇرۇلۇپ، ئالغا باسىدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان جەمئىيەت كەيپىياتى يەنىمۇ شەكىللەندۈرۈلدى.

قىممەت ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، جەمئىيەت ئاساسىي ئېقىم قىممىتى مۇستەھكەملەندى ۋە زورايتىلدى. مەدەنىيەتنىڭ رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، «15 - بەش يىل»دا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچ مۇجەسسەملەندى.

«سىلەرنىڭ 1 - قۇرۇلتاي ئېچىلغان جاي ۋە نەنخۇ كۆلى قىزىل كېمىسى يېنىدا پارتىيە تارىخى، ئىنقىلابىي ھېكايىلەر ۋە قەھرىمانلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن بايان قىلىپ، پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، چېنىقىش ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشكە ئېرىشكەنلىكىڭلاردىن خەۋەر تېپىپ، ناھايىتى خۇشال بولدۇم.» بۇ يىل «1 - ئىيۇن» ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1 - قۇرۇلتىيى خاتىرە سارىيى، نەنخۇ ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيى پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ قىزىل گالىستۇكلۇق چۈشەندۈرگۈچىلىرىگە جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنى يېڭى مۇساپىدىكى تارىخىي كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە ياخشى يۈگۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى.

تارىخىي ئەقىل - پاراسەت قوبۇل قىلىنىپ، يېڭى ئۇلۇغ ئىشلار يارىتىلدى. مەدەنىيەتنىڭ ئىرادىنى تاۋلاش، پەزىلەت يېتىلدۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەندىلا، پۈتۈن مىللەتنىڭ كۆتۈرەڭگۈ قىياپەتتە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان مەنىۋى خىسلىتىنى تېخىمۇ ياخشى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈشتىن جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسىنىڭ ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى ئارقا - ئارقىدىن ئۆتكۈزۈشكىچە؛ «<15 - بەش يىل>نى باشلاش، قەدەم ئېلىش» يۈرۈشلۈك باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ھەيۋەتلىك ئۇلۇغۋار پىلاننى ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇرۇشتىن 2026 - يىلى «دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، گۈللەندۈرۈشتە مەن بار» ئاممىۋى خاراكتېرلىك باش تېمىلىق تەشۋىق - تەربىيە پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشقىچە، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپىدىكىلەر كەڭ كادىرلار، ئاممىنى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا پائال ئاتلىنىشقا يېتەكلىدى، خەلقنىڭ مەدەنىيلىك ساپاسى ۋە جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى.

داغدام يول مەزمۇت ھەم كەڭ بولۇپ، مەدەنىيەت چوڭقۇر ئۇل سالدى. شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەقىقەت نۇرى ئەمەلىيەت مۇساپىسىنى يورۇتتى، گۈللىنىش يولى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش

2026 - يىلى 7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، كورېيە پۇسان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ 48 - نۆۋەتلىك دۇنيا مىراسلىرى يىغىنىدا، دۆلىتىمىز سۇنغان «جىڭدېجېن قول ھۈنەر ساپال - فارفۇر بۇيۇملار كەسپى مىراسى» تۈرى قاراپ چىقىشتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ 61 - تۈرلۈك دۇنيا مىراسى بولۇپ قالدى.

ئۈچ يىل ئىلگىرى، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭشىغا بېرىپ، جىڭدېجېندا «ساپال - فارفۇر بۇيۇملار جۇڭخۇا گۆھىرى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مۇھىم نام كارتىسى» دەپ ماختىدى، «<مىڭ يىللىق ساپال - فارفۇر بۇيۇملار شەھىرى>دىن ئىبارەت بۇ يارقىن نام كارتىسىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇش كېرەك» دەپ تاپىلىدى.

جۇڭخۇا گۆھىرىدىن دۇنيا مىراسىغىچە، «مىڭ يىللىق ساپال - فارفۇر بۇيۇملار شەھىرى» بارغانسېرى جۇلالاندى. بۇ ھەم شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى، ھەم جۇڭگو زېمىنىدا مەدەنىيەت ئىشلىرى گۈللەنگەنلىكىنىڭ جانلىق ئىخچام كۆرۈنۈشى.

مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ئەندىزىسى يېڭىلاندى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنىڭ <15 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلانى»نى بېسىپ تارقىتىپ، كەلگۈسى بەش يىلدىكى مەدەنىيەت مىراسلىرى ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ «يول خەرىتىسى» «ۋەزىپىنامىسى»نى ئېنىق پىلانلاپ بەردى.

مەدەنىيەت مىراسلىرىغا پارلاق مەدەنىيلىك مۇجەسسەملەنگەن، ئۇنىڭدا تارىخىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىنغان، مىللەت روھى ساقلانغان.

4 - قېتىملىق مەملىكەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش بويىچە ئۆلكە رايونىدا تولۇق تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى، مەملىكەت بويىچە دۆلەت ئىلكىدىكى مۇزېيلاردا ساقلىنىۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى بىخەتەرلىك بويىچە باشقۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش بۆلەك رايونى قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ھېس قىلىش ئەسلىھەلىرى سىستېمىسى تەدرىجىي تاكامۇللاشتۇرۇلدى... مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئومۇميۈزلۈك قوغداش ئەندىزىسى كۈنسېرى ئايدىڭلىشىپ، «تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئۆز ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك ياخشى قوغداش» قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.

بۈگۈنكى كۈندە، «قەدىمىي جۇڭگو ئۇسلۇبى ياشلار نەزەرىدىكى <ئەڭ مودا گۈزەللىك>كە ئايلاندى». بېيجىڭدىكى لۇڭفۇسى، سۇجوۋدىكى پىڭجياڭ يولى، فۇجوۋدىكى سەنفاڭ چىشياڭ قاتارلىق تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونلىرىدا كىشىلەر غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن ھۇزۇرلاندى، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى بۇيۇملىرىنى سېتىۋالدى، جۇڭخۇا داڭلىق يېمەكلىكلىرىنى تېتىدى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىنقىلابىي يادىكارلىق ئورۇنلىرى ۋە خاتىرە مەيدان - سارايلاردا، ھەر يىلى 600 مىليون ئادەم قېتىم ئېكسكۇرسىيەچى كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش داۋامىدا، جۇڭخۇا مەدەنىيەت تومۇرى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇلدى، مەدەنىيەت ئىشەنچى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇلدى.

مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچى سىجىل ئۇرغۇدى.

8 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىن 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنىگىچە، 7 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات - سەنئەت كۆرىكى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. 48 مۇنەۋۋەر تىياتىر نومۇرى ئويۇن قويۇشقا قاتناشتۇرۇلۇپ، سان جەھەتتە تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى؛ تور ۋە تور سىرتىدا ئويۇن كۆرگۈچىلەر تەخمىنەن 180 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىنكاسى قىزغىن بولدى.

مەدەنىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچى يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشتا. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشنى مەدەنىيەت تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مەركىزىي ھالقىسى قىلىش كېرەك.

«ئالاقە تورى شارائىتىدىكى يېڭى ئاممىۋى ئەدەبىيات - سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش» «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىغا كىرگۈزۈلدى، «<ئەدەبىيات - سەنئەت ئارقىلىق يېزا - كەنتلەرگە گۈزەللىك قوشۇش> خىزمەت لايىھەسى (2025 - يىلىدىن 2027 - يىلىغىچە)» «تىياتىرچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى (2026 - يىلىدىن 2028 - يىلىغىچە)» قاتارلىق سىياسەت - تەدبىرلەر داۋاملىق ئېلان قىلىندى، ۋەيمەي يەتكۈزگۈچى شائىر، پۇقراۋى يازغۇچى ئاساسىي ئېقىم ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى... مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ھەربىر يېڭى يارقىن نۇقتا مەدەنىيەت ئېكولوگىيەسىدىكى ئۆزگىرىشنى نامايان قىلدى.

مەدەنىيەت ئىجادىيىتىنىڭ يادروسى ئادەمدە. مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا جەزمەن ئادەمنى كۆزلەش، ئادەمنى ئاساس قىلىش كېرەك.

3253 ئاممىۋى كۇتۇپخانا، 7188 مۇزېي، 44 مىڭغا يېقىن ئاممىۋى مەدەنىيەت ئاپپاراتى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلدى، «ھاياتلىق دەرىخى» «مومامغا يازغان مۇھەببەت خېتى» «لۇڭ ئاشخانىسىغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز» قاتارلىق نادىر كىنو - تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلدى، مەدەنىيەت - ساياھەت بازىرى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، «شەھەرلەر ئالاھىدە پۇتبول مۇسابىقىسى» «كەنتلەر ئالاھىدە پۇتبول مۇسابىقىسى» ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتتى... تېخىمۇ مول مەدەنىيەت ئوزۇقى خەلق ئاممىسىنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئۈنۈملۈك كۈچەيتتى.

مەدەنىيەت ئارقىلىق تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇش ۋەزىيىتى بارغانسېرى گەۋدىلەندى.

بىڭۋۇ ئات يىلى باھار بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، مول مەدەنىيەت بايلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، مەدەنىيەت، سودا، ساياھەت، تەنتەربىيە، كۆرگەزمىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

«كىنو - تېلېۋىزىيە، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى، ناخشا كېچىلىكىگە ئەگىشىپ ساياھەت قىلىش» ئەۋج ئېلىپ ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلىنىشتىن ئۆزگىچە مەدەنىيەت كەسپى، يېزا - كەنت ساياھىتىنىڭ يېزىلارنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشكىچە؛ 14 مىڭ 900 غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەرخانىسىنىڭ ئالاقىدار كەسىپلەردىكى 1 مىليون 300 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشىدىن «تارىخىي نادىر كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى پىكىر»دە 100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك كۆلەمدىكى بىرقانچە ئۆزگىچە كەسىپلەر توپىنى بەرپا قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىشقىچە، مەدەنىيەت يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تىرەكلىك رولىنى كۈچلۈك جارى قىلدۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىچكى ئېھتىياجغا تۈرتكە بولماقتا، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرمەكتە، ئىشەنچنى ئاشۇرماقتا.

باشلىنىش يىلىدا، مەدەنىيەت ھەم قەلبلەرنى مۇجەسسەملىدى، ھەم خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇردى. شەرقتىكى چوڭ دۆلەتتە تۈرلۈك - تۈمەن ئۆزگىرىش بارلىققا كەلدى، «ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ھالىتى» بارغانسېرى گۈزەل ئىستىقبالنى نامايان قىلدى.

ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق گۈللىنىش

مول ھوسۇل پەسلىدە، جۇڭگو - چەت ئەل بىرلەشمە ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشىدىن خۇش خەۋەر تارقالدى −

جۇڭگو بىلەن مىسىر مونتۇ ئىبادەتخانىسى خارابىسىدە شۇۋاڭشېڭخۇ يادىكارلىق ئورنىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، جۇڭگو بىلەن تۇنىس بىن ئالۇس ئورمان خارابىسىدە جۇڭگونىڭ چوڭ خارابىلىكلەرنى قوغداشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى كېڭەيتتى، جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان خۇڭخې خارابىسىدە يىپەك يولىدىكى مەدەنىيلىك جەھەتتە ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش جانلىق مەنزىرىسىگە گۇۋاھ بولدى.

ئۈچ تۈرلۈك يېڭى بايقاشتا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگو - چەت ئەل بىرلەشمە ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مول نەتىجىلەر ئەكس ئەتتۈرۈلمەكتە، جۇڭگونىڭ دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى پائال ئەمەلدە كۆرسىتىدىغان چوڭ دۆلەت ۋەدىسى نامايان قىلىنماقتا.

«مەدەنىيلىك جەھەتتە ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئارازلىقتىن ھالقىپ ئۆتۈش، مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئارقىلىق مەدەنىيلىك جەھەتتىكى توقۇنۇشتىن ھالقىپ ئۆتۈش، مەدەنىيلىك جەھەتتە سىغدۇرۇشچان بولۇش ئارقىلىق مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئەۋزەللىك تۇيغۇسىدىن ھالقىپ ئۆتۈش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، جۇڭگو دۇنياغا كەڭ قۇچاق ئېچىپ، ئالماشتۇرۇش داۋامىدا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈردى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش داۋامىدا بىر - بىرىنى ئۇتۇق قازاندۇردى.

بېيجىڭنىڭ ئوتتۇرا ئوق لىنىيەسىدە، تيەنتەننىڭ چىنيەنديەن سارىيىنىڭ قاتمۇقات لەمپىلىرى كۆزنى چاقنىتىپ تۇراتتى. بۇ يىل 5 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن بۇ جايغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيەدە بولدى.

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ خەلقنى ئاساس قىلىش ئىدىيەسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت تۈپ مەقسەتتە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ قەتئىي قوللىشى ۋە چىن قەلبتىن ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشتى.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تونۇشتۇرۇش، بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈشىدىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئەقىل - پاراسەت ئىلھامىنى ئورتاق ھېس قىلدى.

بۇ يىلدىن بۇيان، دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسىنى ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچى قىلىپ، بارغانسېرى كۆپ دۆلەت جۇڭگو ھېكايىسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى، جۇڭگو تەشەببۇسىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلدى، خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندى. ئامېرىكا پىيوۋ تەتقىقات مەركىزى ئېلان قىلغان يىللىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان 36 دۆلەت ۋە رايون ئىچىدە، كۆپلىگەن دۆلەتنىڭ جۇڭگونى ياخشى كۆرۈش دەرىجىسى بۇ ھەقتە خاتىرە قالدۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن.

بۇ قېتىمقى دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، «جۇڭگو قىزىلى» كۆزنى چاقناتتى، «جۇڭگو ساياھىتى» قىزىپ كەتتى. كىشىلەر ھەرقايسى چوڭ مەنزىرە رايونلىرىدا چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپەيگەنلىكىنى بايقىدى.

«جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى سىرتقا چىقىرىشقا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق داۋلى سۆزلەپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق سادا تارقىتىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، دۇنياغا جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، جۇڭگو روھىنى نامايان قىلىدىغان، جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر مەدەنىيەتنى بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش، تونۇشتۇرۇش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

پۈتۈن دۇنياغا نەزەر سالساق، «باھار بايرىمى شادلىقى» «چايغا مۇجەسسەملەنگەن دۇنيا ئىناقلىقى» قاتارلىق مەدەنىيەت ماركىلىرى قوللىغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى سىجىل تارتتى، تور ئەدەبىياتى، تور ئويۇنى، تور تىياتىرى، مودا ئويۇن قاتارلىق مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتى تېز سۈرئەتتە مەملىكەت سىرتىغا چىقىرىلدى، «جۇڭگولۇق بولۇش» «ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە جۇڭگوچىلاشتۇرۇش» مەملىكەت سىرتىدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا تېزلىكتە كەڭ تارقالدى... تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت كارخانىلىرى ۋە مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى دۇنياغا يۈزلىنىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ خەلقئارا تەسىر كۈچى كۈندىن - كۈنگە كۈچەيدى.

بۈگۈنكى جۇڭگو، جۇڭگونىڭ جۇڭگوسى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئاسىيانىڭ جۇڭگوسى، دۇنيانىڭ جۇڭگوسى.

يېقىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مىسىردا زىيارەتتە بولۇپ، مىسىر چوڭ مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: «ئىككى تەرەپ باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، سۆھبەتلىشىش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتىن ئىبارەت مەدەنىيلىك قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكلەرنىڭ سىغدۇرۇشچان بولۇش - بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، ئالماشتۇرۇش - ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيلىك كۈچىنى توپلىشى كېرەك.»

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش پارلاق نۇر چېچىپ كۈنسېرى يېڭى تۈسكە كىردى، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشالايدۇ.

2 - نۆۋەتلىك دۇنيا كىلاسسىك ئىلىم يىغىنى، «2026 . دۇنياۋى كىشىلىك ھوقۇقنى ئىدارە قىلىش يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرى»، 2026 - يىللىق دۇنيا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار يىغىنى قاتارلىقلارنىڭ ئارقا - ئارقىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىدىن «جۇڭگونى چۈشىنىش» «لەنخۇا مۇكاپاتى» قاتارلىق كۇرسلۇق پائالىيەتلەرنىڭ سىجىل قانات يايدۇرۇلۇشىغىچە، يەنە مائارىپ، ساياھەت، پەن - تېخنىكا، سەھىيە، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردە خەلقئارا ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقىچە، بىز ئۈزلۈكسىز تۈردە دۇنياغا جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسىنى تەقدىم قىلدۇق، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن قىياپەتتە دۇنياغا قۇچاق ئاچىمىز، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولغان مەدەنىيلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق دۇنياغا تۆھپە قوشىمىز.

تارىخنىڭ قويۇق سىياھ قەلىمى ئارقىلىق، يېڭى تارىخ ئۈزلۈكسىز پۈتۈپ چىقىلدى.

شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، بىز قەتئىي تۈردە تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرساق، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتى تەرەپتە تۇرساق، چوقۇم دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان مەدەنىيەت ئىجادىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ رەڭدار مەدەنىيەت گۈزەل سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.