تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بېكىتىلدى! شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ مۇسابىقىنىڭ ۋاقتى كېچىكتۈرۈلدى، 10-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ

   مۇخبىرنىڭ قەشقەر ۋىلايىتى پوسكام ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2026-يىللىق شىنجاڭ پوسكام 4-نۆۋەتلىك «ئالتۇن توغراق لوڭقىسى» تاشيول ۋېلىسپىت مۇسابىقىسىنىڭ ۋاقتى كېچىكتۈرۈلگەن بولۇپ، 10-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىكەن، مەملىكەت بويىچە ۋېلىسىپىت مىنىش ھەۋەسكارلىرى مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتسا بولىدىكەن.

  بۇ قېتىمقى مۇسابىقە يولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 52 كىلومېتىر بولۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، كۆرۈش دائىرىسى كەڭ، يەنە تاشيول مۇسابىقىسىنىڭ سۈرئەتتە بەسلىشىش شارائىتى ۋە سەيلە-ساياھەت قىلىش تۇيغۇسىنى ھازىرلىغان، توغراق ئورمانلىقى، يەكەن دەرياسىنىڭ زۇمرەتتەك سۇلىرى ۋە يېزا-قىشلاقلارنى تۇتاشتۇرىدىغان ئالتۇن رەڭلىك مۇسابىقە يولى ھېسابلىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى پوسكام ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزىدىكەن، شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى پوسكام شۆبە قوماندانلىق ئىشتابى، پوسكام ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالىدىكەن.

  10-ئاينىڭ 31-كۈنى، ۋېلىسىپىت كوماندىلىرىنىڭ داكا قىلىش مۇسابىقىسى ۋە شەھەرنى ئايلىنىپ ۋېلىسىپىت مىنىپ شەرەپ قۇچۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. 11-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي مۇسابىقە كۈنى بولۇپ، ئەرلەر سەرخىللەر گۇرۇپپىسى (18 ياشتىن 36 ياشقىچە)، ئەرلەر ئاممىۋى گۇرۇپپىسى (16 ياشتىن 60 ياشقىچە)، ئاياللار گۇرۇپپىسى (18 ياشتىن 55 ياشقىچە)دىن ئىبارەت ئۈچ تاشيول مۇسابىقە گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىنىدىكەن؛ بۇنىڭدىن باشقا، خۇشاللىق ئىزدەش گۇرۇپپىسى (14 ياشتىن 60 ياشقىچە، مۇسابىقە مۇساپىسى 15 كىلومېتىر، ۋېلىسىپىت تىپى چەكلەنمەيدۇ) تەسىس قىلىنىدىكەن. مۇسابىقىدە جۇڭگو ۋېلىسىپىت تەنھەرىكىتى جەمئىيىتى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى قائىدىسىگە ئاساسەن، ئاخىرقى نۇقتىغا ئىلگىرى-كېيىن يېتىپ بېرىش تەرتىپى بويىچە رەت تەرتىپى تىزىلىدىكەن.

  مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار جيېئەنتې ۋېلىسپىت مىنىش(捷安特骑行) APPسى ئارقىلىق تىزىملاتسا بولىدىكەن، مۇسابىقىگە تىزىملىتىش ۋاقتى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 14كىچە بولىدىكەن (تاشيول مۇسابىقىسى 200 كىشى بىلەن، ئامما ۋېلىسىپىت مىنىش 200 كىشى بىلەن چەكلىنىدىكەن). مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغانلار بىخەتەرلىك قالپىقى، ۋېلىسىپىت مىنىش كۆزەينىكى، ۋېلىسىپىت مىنىش پەلىيى قاتارلىق قوغدىنىش جابدۇقلىرىنى ئۆزى سەپلىشى كېرەك ئىكەن.

(سىن سۈرەتلىرى توردىن ئېلىندى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.