
10-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئاپتوموبىللار ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدىن ئۆتمەكتە.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سەي زېڭلې فوتوسى ۋە خەۋىرى) 10-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى كۆپ شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت مەركىزىدە ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلدى، كىران شوپۇرى ۋاڭ يىنشياڭ يۈك ساندۇقىنى چاققانلىق بىلەن قاچىلىماقتا-چۈشۈرمەكتە ئىدى. «بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يۈك مىقدارى داۋاملىق ئاشتى، كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت مەركىزىنىڭ ئامبار ئورنى يۇقىرى ھالەتنى ساقلاپ، ھەربىر ئاسما كىران كۈنىگە 100گە يېقىن يۈك ساندۇقى قاچىلاپ توشۇدى» دېدى ۋاڭ يىنشياڭ.

10-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت مەركىزىدە، بىر ئاسما كىران يۈك ساندۇقى توشۇماقتا.

10-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت مەركىزىدە، ئىشچىلار يۆتكەش-توشۇش ماشىنىسى ھەيدەپ ماددىي ئەشيالارنى توشۇماقتا.
ئاۋات ئەشيا ئوبوروتى مەنزىرىسى شىنجاڭ تاشقى سودىسىنىڭ كۈچلۈك ئېشىشىنىڭ جانلىق كارتىنىسى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 10-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە، شىنجاڭ «تىيانشان ناملىق» كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت كۇرسلۇق نۆۋەتچى پويىزى جەمئىي 764 قېتىم قاتناپ، توشۇش مىقدارى تەخمىنەن 1 مىليون 410 مىڭ توننىغا، مال قىممىتى ۋە تۈرتكە بولغان ئىمپورت-ئېكسپورت سودا سوممىسى تەخمىنەن 13 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يەتكەن. تاشيول تىرانسپورتىمۇ ئوخشاشلا كۆرۈنەرلىك بولۇپ، جەمئىي 7246 ئاپتوموبىل مال توشۇلغان، بۇنىڭ ئىچىدە تەۋەلىك بويىچە بىۋاسىتە قاتنايدىغان ئاپتوموبىل 1165، TIR چېگرا ھالقىغان تاشيول تىرانسپورتى 152 بولۇپ، توشۇش مىقدارى 89 مىڭ 700 توننىغا يېتىپ، 3 مىليارد 747 مىليون يۈەن سودا سوممىسىغا تۈرتكە بولغان.
شىنجاڭ ئۆزى ياراتقان ماركىدىكى جۇڭگو-ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «تىيانشان ناملىق» پويىز 2023-يىلى تۇنجى قېتىم سىناق تەرىقىسىدە قاتنىغاندىن بۇيان، دائىملىق، كۆپ قېتىملىق توشۇش ئىقتىدارىغا تايىنىپ، ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان «شىنجاڭ ئىسىم كارتىسى»غا ئايلاندى. ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىدىن ئىبارەت بۇ مەملىكەت بويىچە غەربىي يولدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، ياۋروپاغا ئەڭ يېقىن ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنىگە تايىنىپ، نۆۋەتچى پويىز «شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش» يۈك تىرانسپورتىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك راۋانلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، شەرقىي جۇڭگو، جەنۇبىي جۇڭگو قاتارلىق جايلارنىڭ ئەلا سۈپەتلىك تاۋارلىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپا بازارلىرىغا ئۈزلۈكسىز يەتكۈزۈپ بەردى.

10-ئاينىڭ 7-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىدىكى جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (ئۈرۈمچى) يىغىلىش مەركىزىنى چارلىماقتا.

10-ئاينىڭ 7-كۈنى، بىر يۈك ئاپتوموبىلى ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنىڭ كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت مەركىزىگە كىرمەكتە.
كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت سىستېمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگە، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئەندىزىسىنىڭ سىجىل ئەلالىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمى كۈنسېرى گەۋدىلىنىپ، «ئۆتۈشمە يول»دىن «تۈگۈن ئىقتىساد»قا ئۆزگىرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشى ۋە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






