تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىناق-گۈزەل يېزا-كەنت

كورلا شەھىرىدە ماشىنىدا يىغىۋېلىنىدىغان پاختىلاردىن «مول ھوسۇل ناخشىسى» ياڭرىدى

    ئالتۇن كۈزدىكى 10-ئايدا، كېۋەزلىك پاختا گۈللىرىگە تولغان بولۇپ، ھازىر دەل پاختا يىغىشنىڭ ياخشى مەزگىلى. كورلا شەھىرىنىڭ قارايۇلغۇن بازىرى جۇڭشىڭ مەھەللىسىدىكى تۇتاش كەتكەن كېۋەزلىكتە، شاخلار ئاپئاق پاختىلارغا تولغانىدى، چوڭ تىپتىكى پاختا يىغىش ماشىنىلىرى كېۋەزلىكتە موكىدەك ئۆتۈزۈپ يۈرۈپ، تەرتىپلىك مەشغۇلات قىلىپ، بۇ يىلقى كۈزلۈك پاختا يىغىش خىزمىتىنى يۇقىرى ئۈنۈمدە باشلىدى، ئېتىزلاردا قاينام-تاشقىنلىققا تولغان مول ھوسۇل مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى.

كورلا شەھىرىنىڭ قارايۇلغۇن بازىرى جۇڭشىڭ مەھەللىسىدىكى كېۋەزلىك.

مۇخبىر ۋاڭ يۈخاۋ فوتوسى

    10-ئاينىڭ 5-كۈنى، تېرىقچىلىق ئائىلىسى خۇ گۇيفۇنىڭ كېۋەزلىكىدە تۇنجى ئايلانما پاختا يىغىش خىزمىتى باشلاندى. كېۋەزلىكتە پاختا يىغىش ماشىنىسى پاختا چۆنەكلىرىنى بويلاپ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەپ، تەكشى سۈرئەتتە پاختا يىغىش، پاختىنى ئاپتوماتىك توپلاش، پىرىسلاپ تايلاشنى بىر يولدىلا تاماملىدى، تولۇق تايلانغان پاختىلار ماشىنىدىن كېۋەزلىككە ئاپتوماتىك چۈشۈرۈلدى، ئومۇمىي مەشغۇلات يۇقىرى ئۈنۈمدە تېز تاماملاندى. خۇ گۇيفۇ كېۋەزلىكتە تۇرۇپ، پاختا يىغىش سۈرئىتى ۋە مەشغۇلات سۈپىتىنى ھەر ۋاقىت تەكشۈرۈپ تۇردى ھەم كېۋەز يىغىش ماشىنىسى مەشغۇلاتچىسى بىلەن مەشغۇلات تەپسىلاتى توغرىسىدا بىردەم-بىردەم پىكىر ئالماشتۇرۇپ، پاختا يىغىش خىزمىتىنىڭ ئىنچىكە، دەل جايىدا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

كورلا شەھىرىنىڭ قارايۇلغۇن بازىرى جۇڭشىڭ مەھەللىسىدىكى كېۋەزلىك.

مۇخبىر ۋاڭ يۈخاۋ فوتوسى

    ئىلگىرىكى ئادەم كۈچىگە تايىنىپ پاختا يىغىدىغان ئەنئەنىۋى ئەندىزىگە سېلىشتۇرغاندا، بۈگۈنكى كۈندە ئومۇمىي جەرياندا ماشىنا ئارقىلىق پاختا يىغىش كۈزلۈك پاختا يىغىش ئۇسۇلىنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتتى. پاختا يىغىش، تايلاش بىر گەۋدىلەشكەن مەشغۇلات ئادەم كۈچىگە تايىنىپ پاختا يىغىش، مەركەزلىك تايلاش قاتارلىق مۇرەككەپ ئىش تەرتىپلىرىنى قىسقارتىپ، ئادەم كۈچى تەننەرخىنى زور دەرىجىدە تېجەپ، پاختا يىغىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى، يۆتكەپ توشۇش ئاپتوموبىللىرى ئېتىز بېشىدا ھەر ۋاقىت بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرۇپ، پاختا يىغىش، يۆتكەپ توشۇشنى يوچۇقسىز جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

كورلا شەھىرىنىڭ قارايۇلغۇن بازىرى جۇڭشىڭ مەھەللىسىدىكى كېۋەزلىكتە، پاختا يىغىش ماشىنىسى مەشغۇلات قىلماقتا.

مۇخبىر ۋاڭ يۈخاۋ فوتوسى

كورلا شەھىرىنىڭ قارايۇلغۇن بازىرى جۇڭشىڭ مەھەللىسىدىكى كېۋەزلىك.

مۇخبىر ۋاڭ يۈخاۋ فوتوسى

    نۆۋەتتە، كورلا شەھىرىدىكى ھەرقايسى يېزا-بازارلار پاختا يىغىش خىزمىتىنى تەدرىجىي ئالغا سىلجىتىپ، تەرتىپلىك قانات يايدۇرماقتا. كۈزلۈك يىغىم خىزمىتىنىڭ مۇقىم، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەرقايسى جايلار يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش، تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش، ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق كاپالەت خىزمىتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ياخشى ئىشلەپ، پاختىكارلارنىڭ پاختا يىغىش ئېھتىياجىنى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇپ، پاختا يىغىش، يۆتكەپ توشۇش، تاپشۇرۇش-سېتىشتىن ئىبارەت پۈتۈن ھالقىغا يېقىندىن ئەگىشىپ، كۈزلۈك يىغىمنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە مۇلازىمەت زەنجىرىنى راۋانلاشتۇردى.

   ( كورلا شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شياۋشۈەن، ۋاڭ  يۈخاۋ)

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.