تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كۈز پەسلىگىلا خاس گۈزەل مەنزىرە  ئاقسۇدىكى توغراقلىق ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش مەزگىلىگە كىردى

  ئالتۇن كۈز پەسلىدە، جەنۇبىي شىنجاڭغا بېرىپ توغراقنى تاماشا قىلىش نۇرغۇن ساياھەتچىنىڭ «ئارزۇدىكىدەك جاي»ىغا ئايلاندى. دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئىپتىدائىي ئېكولوگىيەلىك توغراقلىق توپلاشقان رايونلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاقسۇ ۋىلايىتى يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان توغراق تاماشا قىلىش پەسلىنى كۈتۈۋالدى. تارىم دەرياسى بويىدىكى كەڭ كەتكەن توغراقلىق ئارقا-ئارقىدىن ئالتۇن رەڭگە كىردى، شىنجاڭ كىلىمات مەركىزى ئېلان قىلغان «2026-يىللىق شىنجاڭدىكى توغراقلىقنى تاماشا قىلىش مەزگىلى توغرىسىدا ئالدىن مۆلچەر»گە بىرلەشتۈرۈپ، شايار ناھىيەسى، كۇچا شەھىرى، ئاۋات ناھىيەسى قاتارلىق جايلار توغراق تاماشا قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلنى ئېلان قىلدى، يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ئالتۇن رەڭلىك كاتتا مەرىكە پات ئارىدا باشلىنىدۇ.

تارىم دەرياسى بويىدىكى كەڭ كەتكەن توغراقلىق ئارقا-ئارقىدىن ئالتۇن رەڭگە كىردى. (ماتېرىيال سۈرەت)

  شايار ناھىيەسىدە چوڭ دۇنيا جىننېس رېكورتى ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشكەن، كۆلىمى ئەڭ چوڭ ھەم ساقلىنىشى ئەڭ مۇكەممەل بولغان 4 مىليون 700 مىڭ مو ئىپتىدائىي ئېكولوگىيەلىك توغراقلىق بار، ئۇ جەنۇبىي شىنجاڭدا توغراق سەيلىسى قىلىشتىكى «ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان» داكا قىلىش ئورنى بولسىمۇ، لېكىن توغراق تاماشا قىلىش كۆزنەك مەزگىلى ئاران 20 نەچچە كۈن. توغراقنىڭ دەسلەپكى سارغىيىش مەزگىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى باشلىنىدۇ، بۇ چاغدا ئورمانلىق سېرىق-يېشىل ئارىلاشقان رەڭدە بولىدۇ؛ ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش مەزگىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە بولۇپ، پۈتكۈل ئورمانلىق ئومۇميۈزلۈك ئالتۇن رەڭگە كىرىدۇ. شايەنجوۋ مەنزىرە رايونىدىكى سۇنىڭ يۈزىگە چۈشكەن توغراقلارنىڭ شولىسى خۇددى سۈرەتتەك گۈزەل كۆرۈنىدۇ؛ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 139 كىلومېتىر كېلىدىغان توغراقلىقنىڭ جەلپكار مەنزىرىسى ئىچىدە ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى قىلغانلار ئىپتىدائىي توغراقلىقنىڭ ئىچكىرىسىنى كېسىپ ئۆتۈپ، يول بويى قەدىمىي توغراقلىقنىڭ ھەممىلا يېرىدە داكا قىلالايدۇ؛ 1400 يىلدىن ئاشقان ئۇزاق يىللىق توغراق شاھى سىرتقا ھەقسىز ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، بۇ جايدا ئۇزاق يىللىق قەدىمىي دەرەخنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەش، ھۆل- يېغىن كۆرۈلۈش سەۋەبىدىن توغراق يوپۇرمىقىنىڭ سارغىيىش سۈرئىتى ئۈچ كۈندىن بەش كۈنگىچە تەسىرگە ئۇچرايدۇ، يولغا چىقىشتىن بۇرۇن مەنزىرە رايونىنىڭ ئەمەلىي ۋاقىتتىكى ھالىتىگە دىققەت قىلىش تەكلىپى بېرىمىز.

بىپايان توغراقلىق تارىم دەرياسى بويىدا يىلتىز تارتقان، قەدىمىي توغراقلار ھەر خىل شەكىلدە ئۆسكەن بولۇپ، قۇملۇق بىلەن ئالتۇن رەڭ توغراقلىق بىر-بىرىگە ھۆسىن قوشۇپ تۇرىدۇ. (ماتېرىيال سۈرەت)

  كۇچا شەھىرىنىڭ تارىم بازىرىدىكى 640 مىڭ مو كېلىدىغان تەبىئىي توغراقلىق تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شىمالغا كېڭىيىشىنى توسۇپ تۇرىدىغان «يېشىل توسۇق» بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى يەنە بىر ئۆزگىچە بولغان توغراق داكا قىلىش ئورنىدۇر. بۇ جايدىكى توغراقلارنى تاماشا قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى كۆزنەك مەزگىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە بولۇپ، بىپايان توغراقلىق تارىم دەرياسى بويىدا يىلتىز تارتقان، قەدىمىي دەرەخلەر ھەر خىل شەكىلدە ئۆسكەن بولۇپ، قۇملۇق بىلەن ئالتۇن رەڭ توغراقلىق بىر-بىرىگە ھۆسىن قوشۇپ تۇرىدۇ. ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئورمانلىققا ئىچكىرىلەپ كىرگەندە، قەدەمدە بىر مەنزىرە كۆزگە چېلىقىدۇ، توغراقنىڭ ئالتۇن رەڭ يوپۇرماقلىرى قۇياش نۇرىدا كۆزنى چاقنىتىدۇ، بىپايان چۆللۈك بىلەن چەكسىز ئورمانلىق يۇغۇرۇلۇپ گۈزەل تۈسكە كىرىدۇ، ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى قىلىش، مەنزىرىلەرنى سۈرەتكە تارتىش، كۈسەن تۇپرىقىنىڭ كۈز پەسلىدىكى سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسىنى چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلىشقا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ.

ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئورمانلىققا ئىچكىرىلەپ كىرگەندە، قەدەمدە بىر مەنزىرە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ، توغراقنىڭ ئالتۇن رەڭ يوپۇرماقلىرى قۇياش نۇرىدا كۆزنى چاقنىتىدۇ.

  ئاۋات ناھىيەسىدىكى دولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونىدا ئۇزاق يىللىق توغراق بىلەن دولان ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى يۇغۇرۇلۇپ بىر گەۋدىگە ئايلانغان، بۇ جايدىكى توغراقنى تاماشا قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى كۆزنەك مەزگىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە بولىدۇ، تەخمىنەن 3000 مو ئىپتىدائىي توغراقلىق سۇ بويىدا ئۆسكەن بولۇپ، ئالتۇن رەڭ توغراقلارنىڭ شولىسى كۆل يۈزىگە چۈشۈپ، جانلىق، كۆركەم تۈسكە كىرىدۇ. بۇ جايدا توغراق تاماشا قىلغاندىن سىرت، يەنە دولان ئۆرپ-ئادەت سارىيىنى زىيارەت قىلىپ، دولان مۇقامىنى ئاڭلاپ، توغراقنىڭ بورانغا باش ئەگمەيدىغان غەيرەت-جاسارىتى ۋە قويۇق دولان ئۆرپ-ئادىتىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. دولان قۇملۇق توغراق لاگېرىدا قۇملۇق، توغراقلىق، قۇم بارخانلىرى تۇتاش كەتكەن بولۇپ، كەچكى شەپەق نۇرىدا ئالتۇن رەڭ توغراقلىق ئۆزگىچە گۈزەل تۈسكە كىرىدۇ.

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى مۇنداق ئەسكەرتتى: توغراقلىق رايونىدا كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى ئىنتايىن چوڭ، ئەتىگەن-كەچتە تېمپېراتۇرا تۆۋەن بولۇپ، نېپىز مامۇق چاپان، بوراندىن مۇداپىئەلىنىش چاپىنى تەييارلاش تەكلىپى بېرىمىز؛ قۇملۇق رايوندا ئۇلترا بىنەپشە نۇر كۈچلۈك، ئاپتاپتىن ساقلىنىش بۇيۇملىرىنى ياخشى تەييارلاش، سەيلە قىلىش جەريانىدا مەدەنىي تاماشا قىلىش كېرەك، قەدىمىي دەرەخلەرگە يامىشىش، دەرەخ شاخلىرىنى سۇندۇرۇش چەكلىنىدۇ، ئەخلەتنى يىغىشتۇرۇپ ئېلىپ كېتىپ، تارىم دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى ئەتىۋارلىق توغراق ئېكولوگىيەسىنى ياخشى قوغداش كېرەك. ئالتۇن كۈز پەسلىدە، شايار، كۇچا، ئاۋات قاتارلىق جايلاردىكى توغراقلارنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ ئۆز خاسلىقى بار، بىر لىنىيە كۆپ خىل مەنزىرىنى تۇتاشتۇرىدۇ، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى ئاقسۇغا بېرىش، تارىم دەرياسى بويىدىكى ئالتۇن رەڭ توغراق ئۇچرىشىشىغا ئورتاق ئاتلىنىشقا سەمىمىي تەكلىپ قىلىمىز.

​(ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى جاڭ لۇ، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ چاۋ)

«ئاقسۇ ۋىلايىتى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 玛丽亚·玉努斯

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.