
10 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، ساياھەتچى باغراش كۆلى داخېكوۋ مەنزىرە رايونىدا سۇ ئۈستىدە ئۇچۇش تۈرىنى ھېس قىلماقتا. □ ياڭ بىن فوتوسى

10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونىدىكى دۇنيا موگۇيچېڭ مەنزىرە رايونىدا، ساياھەتچىلەر بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ، ئەڭ گۈزەل دەقىقىنى خاتىرىلىدى. □ موۋ يىنيۈەن فوتوسى

10 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، ساياھەتچىلەر خوتەن يوتقان قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا يۇڭ يىپ يۆگەشنى ھېس قىلىپ، توقۇش خۇشاللىقىدىن ھۇزۇرلانماقتا.□ مەھمۇت فوتوسى

10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ساياھەتچىلەر سانجى دۆلەت يېزا ئىگىلىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىكى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسىدا جۇخارگۈلىنى تاماشا قىلىپ سۈرەتكە چۈشمەكتە. □ تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى

10 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ساياھەتچىلەر جىڭ ناھىيەسىدىكى مۇتتار قۇملۇقى مەنزىرە رايونىدا تۆگە مىنىپ سەيلە قىلماقتا. دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ساياھەتچىلەر بۇ جايدا قۇملۇقنى تاماشا قىلىپ، مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىپ، دەم ئېلىش مەزگىلىدىن خۇشال بەھرىلەندى. □ تيەن گوجيەن فوتوسى

10 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، ساياھەتچىلەر ئارا تۆرۈك توغراقلىق مەنزىرە رايونىدا كىچىك پويىزغا ئولتۇرۇپ سەيلە قىلماقتا. 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 6 - كۈنىگىچە، بۇ مەنزىرە رايونى 50 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى. □ ۋاڭ شېڭرۇڭ فوتوسى

10 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ساياھەتچىلەر قاناس مەنزىرە رايونىدا سەيلە قىلماقتا. كۈز كۈنلىرىدىكى قاناستا ئورمان ۋە تاغ - دەريالار بىر - بىرىگە ھۆسن قوشۇپ، چەكسىز گۈزەل تۈسكە كىردى. □ جاڭ چىڭخۇا فوتوسى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ
دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا كۈز مەنزىرىسى كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلىدى، مەدەنىيەت - ساياھەت بازىرى سىجىل جانلاندى. ھەر مىللەت ئامما ۋە ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بىرلىكتە ساياھەت قىلىپ، بىرلىكتە كۆڭۈل ئېچىپ، شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكىنى چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلدى.
ياخشى ئېكولوگىيە گۈزەل مەنزىرىنى ئوزۇقلاندۇردى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى قويۇق ئورمانلار رەڭدار تۈسكە كىرىپ، ئادەملەر بىلەن لىق تولدى. قاناس، قۇمقاناس، تىيانشان بوغدا كۆلى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىدا كۆل ۋە تاغلار بىر - بىرىگە ھۆسن قوشۇپ، گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلدى، ساياھەتچىلەر ئورمان ئارىسىدىكى كۆل بويىدا سەيلە قىلىپ، ئالتۇن رەڭگە پۈركەنگەن گۈزەل مەنزىرىلەرنى قانغۇچە تاماشا قىلدى؛ باغراش كۆلى، ئۇلۇنگۇر كۆلى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرى گۈزەل تۈسكە كىرىپ، كۈز كۈنلىرىدىكى كۆل مەنزىرىسىگە ھاياتىي كۈچ قوشتى؛ پىچان ناھىيەسىدىكى قۇمتاغ، جىڭ ناھىيەسىدىكى مۇتتار قۇملۇقى قاتارلىق قۇم دېڭىزلىرى ھەيۋەتلىك ھەم بىپايان بولۇپ، كارۋان قۇم بارخانلىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ، قۇملۇقتا دەم ئېلىش شادلىقىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى.
ئالتۇن كۈز ھوسۇل ئالىدىغان پەسىل، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار يېزا ئىگىلىكى، مەدەنىيەت، ساياھەتچىلىكنى يۇغۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، دەم ئېلىش كۈنلىرى كەسىپ ھالىتىنى تېخىمۇ بېيىتتى. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسىدا 400 مىڭ تۈپ كۈزلۈك جۇخارگۈلى پورەكلەپ ئېچىلدى، تۇتاش كەتكەن گۈل دېڭىزى مەنزىرىسى كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى. ھەرقايسى جايلارنىڭ خاسلىققا ئىگە يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەت يۇغۇرۇلغان سەيلە - ساياھەت تۈرلىرى دەم ئېلىش كۈنلىرى كەسىپ ھالىتىنى بېيىتىپ، ئىستىراھەت كەيپىياتى قوشتى.
مول مەزمۇنلۇق تارىخىي مەدەنىيەت ساياھەت سەپىرىنى تېخىمۇ ماھىيەتلىك مەزمۇنغا ئىگە قىلدى. ئۈرۈمچى چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى، خوتەن يوتقان قەدىمىي شەھىرى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىدا سەيلە قىلغاندا، دۆلەت ئۇسلۇبى كۆرىكى، سەييارە ئويۇن، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بازىرى، ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرگە ئەنئەنىۋى ھۈنەر - سەنئەت، خەلق ئۆرپ - ئادىتىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدۇردى، مەدەنىيەتنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدۇردى.
«دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش» مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ ساياھەت كەسىپ ھالىتى مول ۋە كۆپ خىل بولۇپ، تەبىئىي مەنزىرە، يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەت يۇغۇرۇلغان ئىستىراھەت، خەلق ئۆرپ - ئادىتى مەدەنىيىتى بىر - بىرىگە ھۆسن قوشۇپ، ھەممە جاي قاينام - تاشقىنلىققا چۆمۈپ، شىنجاڭنىڭ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان ئالتۇن كۈز ساياھەت مەنزىرىسى سىزىپ چىقىلدى.






