يۆلياڭۋەننىڭ گۈزەللىكىنى كۆرۈش ئۈچۈن، قاناس مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچىلەر ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇردى، تورداشلار ھاياجانلانغان ھالدا: «ھەممە جاي ئادەم بىلەن لىق تولۇپتۇ» دېدى؛ «ئاجايىپ دۇنيا»غا كىرىش ئۈچۈن، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، تورداشلار چاقچاق قىلىپ: «100 مىليون ئادەم كەپتۇ» دېدى؛ قەدىمىي شەھەرنى يېقىن ئارىلىقتىن ھېس قىلىش ئۈچۈن، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ شەھەر ئېچىش مۇراسىمىنى كۆرۈشكە كەلگەنلەر ئىنتايىن كۆپ ئىدى... دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى ھەممە جاي قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، رەڭگارەڭ تۈسكە كىردى، تاغ - دەريالاردا گۈزەللىك نامايان بولدى، تۇرمۇشقا ھۆسن قوشۇلدى.
تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى ئىستېمالنىڭ كونكرېت كۆرسەتكۈچى بولۇپ، «دۆلەت تىنچ بولغان، خەلق خاتىرجەم ئۆتۈۋاتقان» كەيپىياتنىڭ تەسۋىرى. قاينام - تاشقىنلىق بولغاندا، مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرىدا ئاندىن كۈچلۈك تومۇر سوقۇش بولىدۇ، ئۆزگىچە كوچىلار ئاندىن ئىللىقلىققا ۋە رەڭدارلىققا تولىدۇ؛ سودا چەمبىرەكلىرى ئاندىن كۈچلۈك يۈرۈشەلەيدۇ، كىچىك دۇكانلاردا ئاندىن خېرىدارلار كۆپىيىدۇ؛ «ساياھەتچىلەرنى كۆپلەپ جەلپ قىلىش»نىڭ ئەھمىيىتى سان جەھەتتە تېز كۆپىيىش بىلەنلا توختاپ قالماستىن بەلكى قەلبلەرنىڭ مۇجەسسەملىنىشىدە، «ئارزۇدىكىدەك جاي»نىڭ قىممىتى يەككە يۆنىلىشلىك ئىزدىنىش بىلەن توختاپ قالمايدۇ بەلكى قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىشتا ئىپادىلىنىدۇ. ھەر قېتىمقى مۇشۇنداق گۈزەل پەيتتە، بۇ قاينام - تاشقىنلىق تاغ - دەريالارنى ھاياتىي كۈچكە، ھاياتلىقنى جۇشقۇنلۇققا، كەيپىياتنى قاينام - تاشقىنلىققا تولدۇرۇپ، تۇرمۇشنى تېخىمۇ جەزبىدار، تېخىمۇ مەنىلىك، تېخىمۇ رەڭگارەڭ تۈسكە ئىگە قىلىدۇ.
كىشىلەرنى جەلپ قىلىدىغىنى سەمىمىي مۇئامىلە قىلىش سەنئىتى. ھەربىر ساياھەتچى ئارزۇ ۋە ئۈمىد بىلەن كېلىدۇ، ھەربىر مۇساپىگە ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشقا بولغان ئىنتىلىش ۋە ئۈمىد مۇجەسسەملەنگەن بولىدۇ. بۇ جايدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بىز ماكانىمىزنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىنى، «زور ئېقىم مىقدارى» ۋە «زور تۇرۇپ قېلىش مىقدارى»نىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى ئوزۇقلاندۇرۇشىنى تېخىمۇ ئۈمىد قىلىمىز.
«مەن» بىلەن «سىز»نىڭ ئۇچرىشىشىمىز گۈزەل جايلارنى ساياھەت قىلىشتەك ئاددىي ئىش بولماستىن، بەلكى مەركەزداش چەمبەرنى ئورتاق سىزىپ چىقىش جەريانىدۇر: بىز ۋەتەننى سۆيۈش، شىنجاڭنى سۆيۈش قەلبىمىز، مۇنەۋۋەر بولۇشقا ئىنتىلىش، يۇقىرى ئۆرلەشكە ئىنتىلىش قەلبىمىز، مېھماندوست بولۇش، مېھمانلارنى ئېلىپ قېلىش قەلبىمىز بىلەن سەمىمىي تۆھپە قوشۇپ، «مېھمانلار»نى «ئائىلە ئەزالىرىمىز» دەپ بىلىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت تەسىراتىنى مەدەنىيەت تەسىراتىغا ئايلاندۇرايلى؛ بىز جەمئىيەت مۇھىتىنىڭ ئۇيۇل تاشتەك مۇقىم بولۇشى، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ تەرتىپلىك بولۇشى، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنىڭ ئىناقلىققا ۋە گۈزەللىككە تولۇشى، جەمئىيەت ھاياتىي كۈچىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇشىدىن ئورتاق بەھرىلىنەيلى.
شىنجاڭ ئىسمى - جىسمىغا لايىق گۈزەل جاي؛ شىنجاڭ ئىسمى - جىسمىغا لايىق ياخشى جاي. قاينام - تاشقىنلىق تۇرمۇش كىشىلەرنى خاتىرجەم قىلىدۇ، قاينام - تاشقىنلىق تاغ - دەريالارنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ، قاينام - تاشقىنلىق جەمئىيەتنىڭ مەركەزگە ئۇيۇشۇشىدىكى «سەۋەب»، شۇنداقلا «نەتىجە»، ئىقتىسادنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنىڭ ئالدىنقى شەرتى، شۇنداقلا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. كۈنسېرى يۇقىرى ئۆرلەۋاتقان بۇ خىل قاينام - تاشقىنلىق كەيپىيات پەقەت دەم ئېلىش كۈنى ئىقتىسادىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىلىنىشى بولۇپلا قالماي، يەنە كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى قىممەتلىك بايلىق بولۇپ، گۈزەل شىنجاڭغا ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ بىر مەقسەتتە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان سىجىل ھاياتىي كۈچ قوشتى.
(«جياڭ شياۋيەن» ماقالە ئەۋەتىش خەت ساندۇقى: xjrbplb@126.com)






