تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۆزئارا گىرەلىشىپ ئولتۇراقلىشىپ، بەخت مەنزىرىسىنى ئورتاق سىزىپ چىقىش

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يايۈن

«مومام موڭغۇل، ئۇلۇغ مومام خۇيزۇ. كېلىنىم رۇس، ئۈچ كېلىن سىڭلىمنىڭ بىرى شىبە، بىرى ئۇيغۇر، يەنە بىرى خۇيزۇ!» يېقىندا چۆچەك شەھىرىدىكى 73 ياشلىق ئاھالە خەن جىفېن ئاچا - سىڭىللىرى بىلەن بىللە ناخشا - ئۇسسۇل رېپېتىتسىيە قىلىۋاتقان ئارىلىقتا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «ھەرقايسى مىللەتنىڭ بايرىمىنى ھەممىمىز بىللە ئۆتكۈزىمىز.»

بۇنداق ئىللىق ھېسسىيات ئادەتتىكى ئىش، بۇ دەل شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئارىلىشىش، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇش، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنىڭ جانلىق ئىخچام كۆرۈنۈشى.

«ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشتا ئۆزئارا ياردەم بېرىشى، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆزئارا تايىنىشى، مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشى، ئۆرپ - ئادەت جەھەتتە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشى، ھېسسىيات جەھەتتە ئۆزئارا يېقىنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش» «ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گىرەلەشمە مەھەللە قۇرۇلۇشى كۆرسەتمىسى»دە تەسۋىرلەنگەن گۈزەل تۇرمۇش نىشانى مەنزىرىسى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: گىرەلەشمە جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

شىنجاڭ مەۋقەنى رايون ئەمەلىيىتى، مەھەللە تىپى ۋە ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا قويۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيەسىنى پۇختا ئىگىلەپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ گىرەلەشمە شەكىلدىكى مۇكەممەل تۇرالغۇ مەھەللىسى قۇرۇش يېتەكچى قائىدىسى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى ئېلان قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭدا بىخەتەر - ساغلام، ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل، باشقۇرۇشى تەرتىپلىك، ئىتتىپاق - ئىناق بولغان گىرەلەشمە شەكىلدىكى مۇكەممەل تۇرالغۇ مەھەللىسى قۇرۇپ، ھەر مىللەت ئامما بىللە ياشاپ بىللە ئۆگىنىدىغان، ئورتاق قۇرۇپ ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، بىللە ئىشلەپ بىللە كۆڭۈل ئاچىدىغان ياخشى كەيپىياتنىڭ يارىتىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

ئورتاق يۇغۇرۇلغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان مەنزىرە بەرپا قىلىش

كۈز كۈنلىرى چۈشتىن كېيىن، چۆچەك شەھىرىنىڭ يېڭىشەھەر كوچا باشقارمىسى غۇلجا مەھەللىسى پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ئۇسسۇل ئۆيىدە دۇمباقلار يېنىك چېلىنىۋاتاتتى، كىشىلەر لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشكەنىدى. قازاق مىللىتىنىڭ «شادلىق» ناملىق ناخشىسىغا جور بولۇپ ئوينالغان داپ ئۇسسۇلىنىڭ ئاخىرلىشىشىغىلا، ئافرىقا دۇمبىقى بىلەن ئورۇنلانغان «ئالتۇن قۇياش» ناملىق ئويۇن باشلاندى.

«ئىلگىرى سىرتتىكى ۋاسكېتبول مەيدانىدا پائالىيەت قىلغاندا، ئاسانلا ھاۋارايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايتتۇق. پائالىيەت ئۆيى بار بولغاندىن كېيىن، مەن ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن رېپېتىتسىيە قىلغىلى بارىدىغان بولدۇم.» بۇ يىل 70 ياشقا كىرگەن شيې چيۇڭفاڭ چۆچەك مۇزىكا - ئۇسسۇل - داپ ئەترىتىنىڭ ئەزاسى، ئۇ بېشىغا دوپپا، ئۇچىسىغا ئۇسسۇل چاپىنى، پۇتىغا يۇمشاق ئۆتۈك كىيگەن بولۇپ، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق ھالدا مۇنداق دېدى: «مۇشۇنداق ئىتتىپاق - ئىناق چوڭ ئائىلىدە ياشاۋاتقىنىمدىن ئۆزۈمنى چەكسىز بەختلىك ھېس قىلىمەن.»

مەھەللە شەھەر ئاھالىلىرى تۇرمۇش كەچۈرۈشتىكى ۋە شەھەرنى ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي بۆلەك، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەشتىكى ئاساسىي قاتلام بازىسى.

شىنجاڭ بوشلۇقنى ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق ئەھۋالنى ئۆزگەرتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىش - تۇرمۇش كەچۈرۈش، خىزمەت قىلىش - ئۆگىنىش، مەدەنىيەت - كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى جۇغراپىيەلىك بوشلۇق ئايرىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ھەر مىللەت ئامما ئۈچۈن بىللە ياشاپ بىللە ئۆگىنىدىغان شارائىت يارىتىپ بەردى.

خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، خۇيزۇ قاتارلىق 19 مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان غۇلجا مەھەللىسى 2025 - يىلى پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىپ، 2700 كىۋادرات مېتىرلىق مەھەللە مۇلازىمەت بازىسى بەرپا قىلىپ، ھەرىكەت ئۆيى بىلەن جىمجىت مەشغۇلات قىلىش ئۆيىنى قاتلامغا بۆلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۇسسۇل ئۆيى، تىكتاك توپ ئۆيى، دۆلەت تېبابىتى ئۆيى، خەتتاتلىق ۋە رەسىم ئۆيى قاتارلىق 20 نەچچە فۇنكسىيەلىك ئۆينى تەسىس قىلىپ، ھەر مىللەت ئاھالىنىڭ كۆپ خىل ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

16 ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىن تەركىب تاپقان يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى يەنجى بازىرى دوستلۇق مەھەللىسى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش تۈرىگە تايىنىپ، سۇ بىلەن تەمىنلەش - يۇندى چىقىرىش تۇرۇبا تورىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئولتۇراق رايون يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈردى ھەم چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرى، خەلققە قولايلىق توكلىغۇچ، كىچىك گۈللۈك قاتارلىقلارنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلدى، ھەر مىللەت ئاھالىلەر بىنادىن چۈشسىلا ئارام ئېلىش مەيدانىدىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان بولدى، بۇنىڭ بىلەن «بىر بىنادا بىللە ئولتۇرۇش، بىر گۈللۈكتىن ئورتاق بەھرىلىنىش» ئىناق كەيپىياتى شەكىللەندى.

12 مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئاقسۇ شەھىرىنىڭ لەڭگەر كوچا باشقارمىسى يېڭىئاۋات مەھەللىسى ھەر ئايدا مەدەنىيەت مەيدانىدا «جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرى» ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى، قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ باھالاش قاتارلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قەرەللىك قانات يايدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق رىشتىنى كۈچەيتتى.

جۇڭنەن مىللەتلەر داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى چۈ شياۋلىن مۇنداق قارىدى: گىرەلەشمە شەكىلدىكى مەھەللە قۇرۇلۇشىدا ھەر مىللەت ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈش كۆپ خىللاشقان بولۇشى كېرەك، بۇ ھەم بوشلۇقنىڭ گىرەلىشىشى ئېلىپ كەلگەن ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىش، مەدەنىيەتنىڭ گىرەلىشىشى ئېلىپ كەلگەن گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھەم ئىقتىسادنىڭ گىرەلىشىشى ئېلىپ كەلگەن ئورتاق بېيىش، جەمئىيەتنىڭ گىرەلىشىشى ئېلىپ كەلگەن ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش ۋە پىسخىكىنىڭ گىرەلىشىشى ئېلىپ كەلگەن بىرنىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بىللە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش، ئورتاق بېيىش يولىنى كېڭەيتىش

بورتالا شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمال بۇرجىكىگە جايلاشقان چىندېل كوچا باشقارمىسى دۇڭفاڭخۇڭ مەھەللىسى كەپىلىك مەھەللىدە ئولتۇرغان ئاھالىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش رايونى، شۇنداقلا تىپىك بولغان ھەرقايسى مىللەتلەر گىرەلەشمە تەرەققىي قىلىش مەھەللىسى بولۇپ، خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل قاتارلىق سەككىز مىللەت ئولتۇراقلاشقان.

«ئاپتوموبىلنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ، كومپيۇتېر ئارقىلىق تازىلاشقا تېگىشلىك كاشىلا كودىنى تازىلىۋېتىڭ.» يېقىندا چېڭلۇڭ ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش - ئاسراش مەركىزىدە، دۇكان ئىگىسى ما چېڭلۇڭ دۇكان خىزمەتچىسى مەمەت بىلەن ئاپتوموبىلنى رېمونت قىلىۋاتاتتى.

«دۇكان ئىگىسى ماڭا خۇددى ئائىلەمدىكىلەرگە ئوخشاش كۆيۈنىدۇ، تۇرمۇشتا كۆڭۈل بۆلۈپ، غەمخورلۇق قىلىپلا قالماي، رېمونت قىلىش ماھارىتىدىن تىجارەت قىلىش يولىغىچە قىلچە قالدۇرماي ماڭا ئۆگەتتى.» ما چېڭلۇڭغا ئەگىشىپ ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش ھۈنىرىنى ئۆگىنىۋاتقىنىغا ئون يىل بولغان مەمەت مۇنداق دېدى: مەن ھازىر ئېيىغا 8000 يۈەن تاپالايمەن، ئىككى يىلدىن كېيىن ئۆزۈم دۇكان ئېچىپ ئىگىلىك تىكلەشكە تەييارلىق قىلىۋاتىمەن.

دۇڭفاڭخۇڭ مەھەللىسىدە 350تىن ئارتۇق يەككە سودا - سانائەتچى ۋە كىچىك، مىكرو كارخانا بار بولۇپ، كەسىپ ھالىتى بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان، ئىقتىساد ئۆزئارا يۇغۇرۇلغان سودا گىرەلىشىش يېڭى ئەندىزىسى شەكىللەندى. بۇ جاي ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىگىلىك تىكلىشى، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشى، بىرلىكتە كىرىمىنى ئاشۇرۇشىدىكى خەلقنى بېيىتىش بازىسىغا ئايلانماقتا.

شىنجاڭ سىفەن داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى شياۋ جىيۈەن مۇنداق قارىدى: گىرەلەشمە شەكىلدىكى مۇكەممەل تۇرالغۇ مەھەللىسى قۇرۇشتا، ئىقتىسادىي پائالىيەت داۋامىدا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بىر - بىرىگە تايىنىشى ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى بىرلىكتە ئىگىلىك تىكلەش، بىللە ئىشلەش، بىللە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، بار - يوقنى ئۆزئارا ئالماشتۇرىدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى بەرپا قىلىش كېرەك.

چۆچەك شەھىرىنىڭ شىنچېڭ كوچا باشقارمىسى غۇلجا مەھەللىسىگە ئائىلە مۇلازىمىتى، تېز يەتكۈزۈش، يېمەك - ئىچمەك، پارچە سېتىش، چاچ گۈزەللەشتۈرۈش، تېببىي دورا قاتارلىق كەسىپ ھالىتىدىكى 219 سودىگەر توپلاشقان بولۇپ، ھەر مىللەت سودىگەرلەر قول تۇتۇشۇپ تىجارەت قىلىپ، كەسىپ ھالىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىش، سودىگەرلەر بىللە تىجارەت قىلىش، مەدەنىيەتنى گىرەلەشتۈرۈپ يۇغۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، مەھەللىدىكى ئاممىنىڭ «مال سېتىۋالغاندا مەھەللىدىن چىقماسلىق، تۇرمۇش ئېھتىياجىدىن غەم قىلماسلىق»ىنى ئىشقا ئاشۇردى.

يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى يەنجى بازىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسى «ماھارەت بويىچە تەربىيەلەپ ئاساسنى پۇختىلاش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يار - يۆلەك بولۇشتا كۆۋرۈك بولۇش، ئىگىلىك تىكلەشكە يار - يۆلەك بولۇشقا كۈچ قوشۇش، سودىدا گىرەلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش»تىن ئىبارەت پۈتۈن زەنجىرلىك تەرەققىيات سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، تامچىلىق، كەپشەرلەش، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش - چاچ گۈزەللەشتۈرۈش، ئاشپەزلىك قاتارلىق ئەمەلىي قوللىنىشچان ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى قاراتمىلىق قانات يايدۇرۇپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى ئۇدۇللاشتۇرۇش سۇپىسى قۇرۇپ، قوشنا مەھەللىلەر بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ ئۆزگىچە گىرەلەشمە ئەتىگەنلىك بازار، كەچلىك بازار بەرپا قىلىپ، كەسىپتە ئۆزئارا ياردەم بېرىش، بىرلىكتە تەرەققىي قىلىش داۋامىدا ئىتتىپاقلىق ئۇلىنى پۇختىلىدى.

ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەش

«ئاممىنىڭ ئىلتىماس - تەلىپىنى ئىنكاس قىلىدىغان <قەلبداشلىق كودى> بار بولغاندىن كېيىن، ساۋما قىلىپلا مەسىلىنى ئىنكاس قىلالايدىغان بولدۇق، بىر تەرەپ قىلىش سۈرئىتىنى ھەرۋاقىت تەكشۈرەلەيمىز. ھازىر مەھەللىدە ئىش بېجىرىش ھەقىقەتەن ھەم تېز ھەم كۆڭۈلدىكىدەك بولۇۋاتىدۇ!» يېقىندا، مەھەللىگە ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنىڭ ناھايىتى تېزلا ھەل بولغانلىقىنى تىلغا ئالغاندا، خوتەن شەھىرى گۈلباغ كوچا باشقارمىسى كەيشۈەن مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى خوۋ شياۋمەننىڭ چېھرىدە خوشاللىق جىلۋىلەندى.

كەيشۈەن مەھەللىسى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىشنى تۇتقا قىلىپ، «تور + تور سىرتى»دا ئىلتىماس - تەلەپنى قوبۇل قىلغان ھامان بېجىرىش سىستېمىسى بەرپا قىلدى، ئاھالىلەر ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرگە يولۇققاندا، «قەلبداشلىق كودى»نى ساۋما قىلىپ ئىلتىماس - تەلىپىنى ئىنكاس قىلسىلا، خىزمەتچى خادىملار بىرىنچى ۋاقىتتا جاۋاب قايتۇرىدۇ. مەخسۇس ۋەزىپىدىكى دائىرىگە مەسئۇل خادىم تۇغۇت مۇلازىمىتى كىنىشكىسى بېجىرىش، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇشنى تىزىملاش، سوزۇلما كېسەللىك كارتىسى بېجىرىش قاتارلىق 16 تۈرلۈك كەسىپ بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالغان، قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى دائىرىگە مەسئۇل خادىم يۇندى يولىنى راۋانلاشتۇرۇش، جۈمەك رېمونت قىلىش قاتارلىق «N + 7» مۇلازىمىتىگە مەسئۇل.

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى»نىڭ 23 - ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەندى: يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھەر مىللەت ئاممىنى مەھەللە قۇرۇلۇشى، مەھەللىنى ئىدارە قىلىش، مەھەللە پائالىيىتىگە ئورتاق قاتنىشىشقا تەشكىللىشى ۋە يېتەكلىشى، ئالاقىدار ئورۇن ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشىنى قوللىشى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىناق يۇغۇرۇلۇپ ئولتۇراقلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى قانات يايدۇرۇپ، مەھەللىلەردە دائىرىلەشكەن باشقۇرۇش، ئىنچىكىلەشكەن مۇلازىمەتنى يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى مەھەللىنىڭ ئۆز - ئۆزىنى باشقۇرۇشى ۋە ئاساسىي قاتلام دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا پائال يېتەكلەپ، زىددىيەت - ماجىرالارنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ ھەل قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش ۋە تەرەققىيات مۇھىتى بىلەن تەمىنلىدى.

قەشقەر شەھىرى دۇڭخۇ كوچا باشقارمىسى دۇڭخۇ مەھەللىسى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى كېڭىشىش نۇقتىسى قۇرۇپ، توكسىكلىت توختىتىش، ئولتۇراق رايوننى كۆكەرتىش، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئىلتىماس - تەلەپلەرنى دائىملىق توپلاپ، سىياسەتتىن لېكسىيە سۆزلەش، خەلق ئەھۋالى توغرىسىدا سەمىمىي سۆھبەتلىشىش يىغىنىنى قەرەللىك تەشكىللەپ، «مەھەللە پۇشتەك چېلىش، تارماقلار تىزىمغا ئالدۇرۇش»تىن ئىبارەت ھەمتۈرتكە بولۇش مېخانىزمىغا تايىنىپ، كىچىك ئىشلار ئولتۇراق رايوندىن چىقماسلىق، زىددىيەتنى ئۆز جايىدا ھەل قىلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم يول، ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى چوڭقۇر ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش يەنە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ھەر تەرەپلىمە گىرەلىشىشىدىن ئىبارەت ئەمەلىيەت تىرىكىدىن ئايرىلالمايدۇ.

گىرەلەشمە شەكىلدىكى مۇكەممەل تۇرالغۇ مەھەللىسى قۇرۇلۇشى بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرۇشى، مەدەنىيەت جەھەتتە يۇغۇرۇلۇش، ئىقتىساد جەھەتتە ھەمتۈرتكە بولۇش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ۋە پىسخىكا جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشقا چېتىلىدىغان بىر تۈرلۈك سىستېمىلىق قۇرۇلۇش. «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ گىرەلەشمە شەكىلدىكى مۇكەممەل تۇرالغۇ مەھەللىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەھەللە مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان تۇرمۇش مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ئاھالىلەرنى ھەقىقىي تۈردە مەھەللە قۇرۇلۇشىنىڭ قاتناشقۇچىسى ۋە مەنپەئەتلەنگۈچىسىگە ئايلاندۇرۇپ، ھەر مىللەت ئامما بىللە ياشاپ ئورتاق يۇغۇرۇلغان، ئورتاق قۇرۇپ ئورتاق بەھرىلىنىدىغان بەخت مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.