دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە شىنجاڭدا قىزىل ساياھەت، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي ساياھىتى قىزىپ كەتتى ——
قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش

10 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئېكسكۇرسىيەچىلەر شىنجاڭ ئىنقىلابىي ھەربىي ئىشلار سارىيىدا ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا. دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، كىشىلەر بەس - بەستە شىنجاڭ ئىنقىلابىي ھەربىي ئىشلار سارىيىغا كىرىپ، قىزىل تارىخنى چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلىپ، ئىنقىلابىي روھقا ۋارىسلىق قىلدى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شېن زۇشياۋ
دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قىزىل ساياھەت، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي ساياھىتى سىجىل قىزىپ كەتتى. ھەر مىللەت ئامما بەس - بەستە قىزىل مەيدان - ساراي، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي مەيدان - سارايلىرىغا كىرىپ تارىخنىڭ تومۇرى بىلەن ئۇچرىشىپ، قاينام - تاشقىنلىق يىللارنى قايتا ئەسلەپ، دۆلەت مۇھەببىتىنى ھېس قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ۋەتەن بىلەن قان قېرىنداش بولۇپ كەلگەن تارىخىنى چۈشىنىپ، ئۇنىڭدىن جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلدى.
10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، قۇياش نۇرى ئۈرۈمچىنىڭ چوڭ - كىچىك كوچىلىرىغا چۈشكەنىدى. ماۋ زېمىن ئەسلىي تۇرالغۇسى خاتىرە سارىيى ئېچىلىشتىن ئىلگىرى دەرۋازا ئالدىدا نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ئۆچرەتتە تۇرۇپ ساقلاۋاتاتتى.
«دەم ئېلىشنىڭ 1 - كۈنى، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى بالىلارغا ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنى قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئالايىتەن كەلدۇق.» ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى لو سۇڭچياڭ 11 ياشلىق قىزى لو دەننى ئېلىپ قورۇغا كىرىپ، بىر دەستە سېرىق، ئاق جۇخارگۈلىنى ماۋ زېمىننىڭ يېرىم بەدەنلىك مىس ھەيكىلىنىڭ ئالدىغا ئاۋايلاپ قويدى.
مىس ھەيكەلنىڭ ئارقا تەرىپى ماۋ زېمىننىڭ ئىشخانىسى ھەم ياتىقىنىڭ ئەسلىي ئورنى − توپا - ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئىككى يېرىم ئېغىزلىق بىر قەۋەتلىك ئۆي ئىدى. ئۆي چوڭ ئەمەس، بىر ياغاچ ئۈستەل، بىرنەچچە ياغاچ ئورۇندۇق، بىر تار كارىۋات، بىر كىتاب ئىشكاپى بار بولۇپ، خۇددى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئۆيىگە ئوخشاش ئاددىي ئىدى. لو دەن ئۆيدە تۇرۇپ، ناھايىتى ئۇزاق قارىدى.
«دەل سانسىزلىغان ئىنقىلابىي ئەجدادلار بەدەل تۆلىگەچكە ۋە قۇربان بەرگەچكىلا، شىنجاڭنىڭ بۈگۈنكىدەك گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشى ۋە بىزنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىمىز بار بولدى.» لو دەن مۇنداق دېدى: مەن تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، چوڭ بولغاندا دۆلەتكە ياراملىق ئادەم بولىمەن.
ماۋ زېمىن ئەسلىي تۇرالغۇسى خاتىرە سارىيىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى نادىرە نەبى مۇنداق تونۇشتۇردى: 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىنىڭ ئۆزىدە، خاتىرە ساراي جەمئىي 490دىن ئارتۇق ئېكسكۇرسىيەچىنى كۈتۈۋالدى، بۇنىڭ ئىچىدە 150تىن ئارتۇق ياش - ئۆسمۈر ئوقۇغۇچى بار.
دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، نۇرغۇن ئاتا - ئانا بالىلىرىنى شىنجاڭ ئىنقىلابىي ھەربىي ئىشلار سارىيىغا ئېلىپ بېرىپ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىشنى تاللىدى. 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 13 - باشلانغۇچ مەكتەپ 2 - يىللىق 3 - سىنىپ ئوقۇغۇچىسى گاۋ خاۋشۈەن ئاتا - ئانىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا بۇ جايدا ئالاھىدە دۆلەت بايرىمى ئۆتكۈزدى. شىنجاڭ ئىنقىلابىي ھەربىي ئىشلار سارىيىدىكى ھەربىر قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى، ھەربىر ھۆججەت - ئەسەر، سۈرەت، ھەربىر ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنۈش ئەۋلادمۇئەۋلاد شىنجاڭدا تۇرغان ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىش، سادىقلىق بىلەن چىڭ تۇرۇش، شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلاشتەك تەسىرلىك ئىش ئىزلىرىنى جانلىق نامايان قىلدى. گاۋ خاۋشۈەن ھەرقايسى كۆرگەزمە زاللىرىنى تەرتىپ بويىچە ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، پات - پات كۆرگەزمە ئىشكاپى ئالدىدا توختاپ زەن قويۇپ كۆردى. چۈشتىن كېيىن، گاۋ خاۋشۈەن ئائىلىسىدىكىلەر يەنە جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ باش تارماق ئەترىتى خاتىرە سارىيىغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
بىر كۈنلۈك ئېكسكۇرسىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇ ئانىسىنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشىمىز ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ كۈرەش قىلىشىدىن كەلگەن ئىكەن. بۇنىڭدىن كېيىن مەن ياخشى ئوقۇپ، چوڭ بولغاندا ۋەتىنىمىزنى تېخىمۇ ياخشى گۈللەندۈرىمەن.»
گاۋ خاۋشۈەننىڭ ئانىسى مۇنداق بىلدۈردى: دۆلەت بايرىمىدا بالامنى ئېلىپ قىزىل مەيدان - سارايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇشۇم، ئۇنىڭغا ئەجدادلار بېسىپ ئۆتكەن يوللارنى چۈشەندۈرۈپ، بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن.
قومۇل شەھىرىدىكى جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرىش خاتىرە سارىيى ئوخشاشلا نۇرغۇن ئېكسكۇرسىيەچىنى كۈتۈۋالدى. چۈشەندۈرگۈچى تەن رەنيى مۇنداق تونۇشتۇردى: دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلار توپى ئىچىدە، ئائىلىلەر ۋە ياش - ئۆسمۈرلەر تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش توپى بىرقەدەر كۆپ نىسبەتنى ئىگىلىدى. خاتىرە سارىيىمىز چۈشەندۈرۈش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، چۈشەندۈرۈش مەيدان قېتىم سانىنى كۆپەيتىپ، ئىسمېنا ئورۇنلاشتۇرۇشىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى چۆكۈش شەكلىدە ئىنقىلابىي روھنى ھېس قىلىپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى شانلىق مۇساپىنى چوڭقۇر چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇزېيلارمۇ ئوخشاشلا ئېكسكۇرسىيە قىلىش قىزغىن دولقۇنىنى كۈتۈۋالدى، ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.
«بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى تۆمۈر ساپان چىشى، ئۇ، غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئەسكەر تۇرغۇزۇپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش پائالىيىتىنىڭ بىۋاسىتە ماددىي ئىسپاتى... » 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، شىنجاڭ مۇزېيىدا، كىچىك چۈشەندۈرگۈچى مېي مەن ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە شۇنداق چۈشەندۈرۈۋاتاتتى.
دۆلەت بايرىمىلىق يەتتە كۈنلۈك دەم ئېلىشتا، مېي مەن ئۈچ كۈن شىنجاڭ مۇزېيىدا ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە چۈشەندۈرگۈچى بولۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئارقىسىدىكى مول تارىخنى بايان قىلدى.
مېي مەن مۇنداق دېدى: مەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ھېكايىلىرىنى چۈشەندۈرگۈچى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى تارىخىي مەدەنىيەتنى تارقاتقۇچى، ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشنى ئاڭلاش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
«دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، بىز يېڭىدىن <نىياغا قايتا بېرىش − شىنجاڭ نىيا خارابىسى رەقەملىك كۆرگەزمىسى>نى يولغا قويدۇق، يەنە مول، رەڭدار جەمئىيەت تەربىيەسى پائالىيەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ياش - ئۆسمۈرلەرگە چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلىش داۋامىدا جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنىنى ھېس قىلدۇردۇق، ئېكسكۇرسىيەچىلەر سانى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 12 مىڭ ئادەم قېتىم ئەتراپىدا بولدى» دېدى شىنجاڭ مۇزېيى جەمئىيەت تەربىيەسى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ لېي.
10 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇزېي نۇرغۇن ئېكسكۇرسىيەچىنى كۈتۈۋالدى. «زۇنيى يىغىنى، ئۇلۇغ بۇرۇلۇش − جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسىنىڭ ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەش مەخسۇس تېمىلىق كۆرگەزمىسى» كۆرگەزمە قىلىنىۋاتاتتى، ھەربىر قىممەتلىك تارىخىي سۈرەت، ئەسلىمىلەر مۇجەسسەملەنگەن ھەربىر مەدەنىيەت يادىكارلىقى، ھۆججەت - ئەسەرلەر قاينام - تاشقىنلىق ئىنقىلابىي يىللارنى قايتا نامايان قىلدى.
كۆرگەزمە زالىدا، چۈشەندۈرگۈچى جاۋ جىرۇڭ ئۇزۇن سەپەر ھېكايىسىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن بايان قىلدى، ھەر مىللەت ئېكسكۇرسىيەچىلەر قەدىمىنى توختىتىپ كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى. بالىسى بىلەن بىللە كۆرگەزمىنى كۆرۈۋاتقان ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى ئابىدەم ئېزىز بالىسىغا مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى ياخشى تۇرمۇشىمىز سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق قولغا كەلگەن، بىز ھەرقايسى مىللەتلەر ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، تەستە قولغا كەلگەن بەختلىك تۇرمۇشنى ئورتاق قوغدىشىمىز كېرەك.»
10 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، بۈگۈر ناھىيەسى غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى مۇزېيى ئېچىلىشى بىلەنلا نۇرغۇن ئېكسكۇرسىيەچىنى كۈتۈۋالدى. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ياسىنجان ياقۇپ ئاتا - ئانىسى بىلەن بىللە ئېكسكۇرسىيە قىلغاچ چۈشەندۈرۈشنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى.
«خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي يۇرتقا پەرمان چۈشۈرۈشى جاڭ چيەندىن باشلىنىپ، جېڭ جىدا مۇكەممەللەشتى.» سارايدىكى ھەربىر قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى، ھەربىر تارىخىي ماتېرىيال ۋە سۈرەت تارىختا ئۆتكەن مەركىزىي ھاكىمىيەتلەرنىڭ شىنجاڭنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلغانلىقىغا دائىر تارىخىي ئىزلارنى جانلىق نامايان قىلىپ تۇراتتى.
«بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە تارىخىي ماتېرىياللار شۇنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇكى، شىنجاڭ ئەزەلدىن دۆلىتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قان قېرىنداش ئائىلە ئەزاسى.» ياسىنجان مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋردىكى ياش - ئۆسمۈر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنى قەلبىمدە چىڭ ساقلاپ، ھەرىكىتىمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتچان، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالىدىغان ياش - ئۆسمۈرلەردىن بولىمەن.
قىزىل مەيدان - سارايلاردىن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي مەيدان - سارايلىرىغىچە، دۆلەت بايرىمىلىق بۇ دەم ئېلىش مەزگىلىدە، كىشىلەر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە تارىخىي ماتېرىياللاردىن شىنجاڭنىڭ ۋەتەن بىلەن تومۇرداش بولغان تارىخىنى چۈشىنىپ، قىزىل ھېكايىلەردىن ئەجدادلارنىڭ كۈرەش قىلىش جەريانىدىكى جاپا - مۇشەققىتىنى ھېس قىلىپ، دۆلەت مۇھەببىتىنى قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزدى.






