تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تۈمەن چاقىرىم ئارىسىدا قائىدە - تۈزۈم ئوخشاش بولدى، ئويما يېزىق ۋە تامغا دۆلەتنىڭ بۈيۈك بىردەكلىك تارىخىغا گۇۋاھ بولدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ ۋېي

2800 كىلومېتىر، بۇ ۋېيخې دەرياسى قىرغىقىدىكى جوۋيۈەن بىلەن كوئېنلۇن بوستانلىقىنى كېسىپ ئۆتكەن ئارىلىق؛ 3000 يىللىق تارىخقا خې زۇندىكى بىرونزا بۇيۇملار دات ئىزلىرى بىلەن بەش يۇلتۇزلۇق كىمخابنىڭ بەش خىل رەڭدىكى ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى مۇجەسسەملەنگەن. «ئىككى جاي ئارىسىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى سۆھبىتى» توغرىسىدىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلىش بويىچە رايون ھالقىپ ئىزدەپ زىيارەت قىلىش داۋامىدا، باۋجى بىرونزا بۇيۇملار مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان خې زۇن بىلەن شىنجاڭ مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان «بەش يۇلتۇز چىقىپ شەرقتىن، ئامەت كەلدى جۇڭگوغا» دېگەن خەت كەشتىلەنگەن كىمخاب مۇھاپىزەت يەڭلىكى زامان - ماكان ھالقىپ بىر - بىرىگە قارىشىپ تۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىر مەيدان چوڭقۇر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى سۆھبىتى باشلاندى. بىر دانە بىرونزا بۇيۇم، بىر پارچە كىمخاب، بىر قېتىملىق باشلىنىش، بىر قېتىملىق جۇلالىنىش، بىر سوئال - بىر جاۋاب ئارىلىقىدا «نېمە ئۈچۈن جۇڭگو» دېگەن ئورتاق سوئال ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بۇ سۆھبەتنىڭ تەسىرى ھەرگىزمۇ يەككە تەرەپلىك بولمىدى.

غەربىي جەنۇبتىكى يۈننەندىن غەربىي يۇرتتىكى قۇملۇققىچە، لياۋدۇڭ دېڭىز ياقىسىدىن لىڭنەن قەدىمىي ۋىلايىتىگىچە، يەنشەن جىلغىلىرىدىن ئىلى دەرياسى ۋادىسىغىچە، ئارىلىقى يىراق ئىككى جايغا تارقالغان تۈركۈم - تۈركۈم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تۈمەنلىگەن تاغ - دەريالار ئايرىپ تۇرسىمۇ ئۆزئارا ھەمنەپەس بولماقتا. بىرونزا بۇيۇملاردا ئويما يېزىق بار، تامغىلارغا خەت ئويۇلغان بولۇپ، يۇرتقا بولغان رىشتە، قاتمۇقات تاغلاردىن ھالقىپ بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىش خاتىرىلەنگەن.

ئويما يېزىق ۋە تامغا دۆلەتنىڭ بۈيۈك بىردەكلىك تارىخىغا گۇۋاھ بولدى، تۈمەن چاقىرىم ئارىسىدىكى جايلاردا ئوخشاش قائىدىگە ئەمەل قىلىندى.

تۈمەن چاقىرىملىق مۇساپىدە ئوخشاش قائىدە - تۈزۈمگە ئەمەل قىلىش دېگەن نېمە؟ ئۇ ھەرگىزمۇ جاھاندىكى بۇيۇملارنىڭ شەكلى، ياسىلىشىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەستىن، بەلكى بۈيۈك بىردەكلىك تارىخىي مۇساپىسىدە، قانۇن - نىزام، قائىدە - تۈزۈملەرنىڭ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى، ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئوخشاش يولدا ئىكەنلىكى، مەدەنىيەت تومۇرىنىڭ مەنبەداش ئىكەنلىكى، دۆلەت پۇقرالىرى قەلبىنىڭ ئوخشاش يۆنىلىشتە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بىرونزا بۇيۇملارغا ئويۇلغان، يىپەك رەختلەرگە كەشتىلەنگەن، كىچىك گۇۋاھ بۇيۇملارغا مۇجەسسەملەنگەن، كىشىلەرنىڭ تومۇرىدا ئاققان، تۈمەن چاقىرىملىق چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش يولىدا ئەمەلدە كۆرسىتىلگەن ئاشۇ تارىخىي ئىزنالار دەل بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنىڭ شەكىللىنىش ۋە تەرەققىي قىلىش مۇساپىسىنى يېشىپ چۈشەندۈرۈشتىكى جانلىق ماددىي ئىسپات.

ئويما يېزىق . مىس ۋە تاش ئابىدىلەر ئارقىلىق داۋلى سۆزلەش

بىرونزا بۇيۇملارغا خەت ئويۇلۇپ، كىمخاب كەشتىلىنىپ بەخت ئىپادىلەندى.

باۋجى بىرونزا بۇيۇملار مۇزېيى «جوۋ سۇلالىسى دەۋرىدىكى قائىدە - يوسۇن بەگلىكلىرى» كۆرگەزمە زالىدا، غۇۋا چىراغ نۇرى خې زۇنغا جىمجىت چۈشۈپ تۇراتتى. مىس يېشىلى رەڭدىكى ئالىچىپار خې زۇننىڭ تەكتىدىكى 122 خەتلىك ئويما يېزىق جىمجىت تۇراتتى، «جەيزى جۇڭگو» دېگەن بۇ تۆت خەت ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىچىدە «جۇڭگو» دېگەن سۆزنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئەمەلىي بۇيۇمدىكى خاتىرىسى ئىدى. كۆرگەزمە زالىدا، تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىشكە كەلگەن ئۆسمۈرلەر قەدىمىنى توختىتىپ كۆرۈپ، نەزەرىنى 3000 يىللىق تارىخقا ئاغدۇرۇپ، جوۋ بەگلىكى كىشىلىرىنىڭ «جاھاننىڭ مەركىزىدە تۇرۇپ ئىدارە قىلىش» ئۇلۇغۋار غايىسىنى چۈشەنمەكچى بولدى.

باۋجى بىرونزا بۇيۇملار مۇزېيىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى ليۇ رۈيشۆ نەق مەيداندا يېشىپ چۈشەندۈردى: «<مەن جەيزى جۇڭگودا دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، خەلقنى ئەمىن تاپقۇزىمەن>، ئەينى چاغدىكى <جۇڭگو> شۇ دەۋردىكى جاھاننىڭ مەركىزى لويىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ، جوۋ سۇلالىسىنىڭ خانلىق ھوقۇقى ئەنئەنىۋىلىكىنىڭ جۇغراپىيەلىك ۋە سىياسىي كوردىناتى، خۇاشيانىڭ بىرلىككە كېلىش تەرتىپىگە بولغان ئىنتىلىشى دەل مۇشۇ جايدىن باشلانغان.» شەنشى تارىخ مۇزېيىنىڭ بەش يۇلتۇز دەرىجىلىك چۈشەندۈرگۈچىسى شۈ داۋېي يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بايان قىلدى ۋە چۈشەندۈردى: «خې زۇندىكى ئويما خەتلەر مەنبەنى جاكارلىغانلىق. ئۇنىڭدا <جۇڭگو> دېگەن بۇ ئۇقۇم جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ گېنىغا چوڭقۇر سىڭدۈرۈلگەن.»

مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتا، شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ «جۇڭخۇا كىمخاب كەشتىسى» كۆرگەزمە زالىدا، «بەش يۇلتۇز چىقىپ شەرقتىن، ئامەت كەلدى جۇڭگوغا» مۇھاپىزەت يەڭلىكى نۇر قايتۇرۇشچانلىقى تۆۋەن كۆرگەزمە ئىشكاپى ئىچىگە قويۇلغان بولۇپ، رەڭلىرى يەنىلا جۇلالىنىپ تۇراتتى. ئاچ كۆك، توق قىزىل، مايسىرەڭ، ئوچۇق سېرىق، ئاق بۇلۇتتەك بەش خىل رەڭلىك يىپەك يىپلار گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى لىشۇ خەت نۇسخىسىدا يېزىلغان خەيرلىك سۆز، بۇلۇت، قۇتلۇق ھايۋان نۇسخىلىرى ئۇنىڭ ئۈستىگە يېيىلغان، نۇرغۇن ئېكسكۇرسىيەچى قەدىمىنى توختىتىپ زەن قويۇپ قاراپ، بۈيۈك خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى دۆلەتنىڭ تىنچلىقىغا بولغان بۇ تىلەكنى ھېس قىلىپ، يىپەك يولىنى بويلاپ، جىڭجۆ تۇپرىقىغا يېتىپ باردى.

شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى بايىنچىچىگ كۆرگەزمە ئىشكاپى ئالدىدا تۇرۇپ مۇنداق تونۇشتۇردى: «بۇ كىمخاب ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ھۈنەرخانىدا ئىشلەنگەن بولۇپ، ئوردىنىڭ گۇۋاھ بۇيۇمى سۈپىتىدە غەربىي يۇرتقا ئىنئام قىلىنغان. خېزۇندا بىرونزىغا <جۇڭگو> دېگەن خەت ئويۇلغان، بەش يۇلتۇزلۇق كىمخابقا ئۇزۇنلۇق - كەڭلىك بويىچە <جۇڭگو> دېگەن خەت توقۇلغان. ئىككىسى يىراقتا تۇرۇپ بىر - بىرىنى دەلىللەيتتى، خەن سۇلالىسى دەۋرىدىلا، غەربىي يۇرت مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ ئىدارە قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، <جۇڭگو>نى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش كوئېنلۇن تېغى ئېتىكىدە يىلتىز تارتقان.»

خېزۇن بىلەن كىمخاب تاغ - دەريالار ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ. ئۇلار «جۇڭگو» دېگەن بۇ نام قانداق كېلىپ چىققان دېگەن سوئالنىڭ تارىخىي جاۋابىنى مىس، تاش ئابىدە ۋە يىپەك رەختلەرگە نەقىشلەپ، كېيىنكىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز ئەسلىشىگە قالدۇرغان.

تامغا . كىچىك بۇيۇمدىكى سالاھىيەت

ھۆكۈمەت تامغىسى ئارقىلىق سىياسەت - بۇيرۇقلار جاكارلىنىدۇ، مۇراسىم بۇيۇملىرى قائىدە - يوسۇنلارنى نامايان قىلىدۇ.

ھەربىر تامغا، ھەربىر مۇراسىم بۇيۇمى، ھەربىر مىس ئەينەك سۇلالىنىڭ ھەممە جايىدا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىۋاتقان گۇۋاھ بۇيۇم بولۇش سۈپىتىدە، كىچىككىنە بۇيۇمغا بۈيۈك بىردەكلىككە ئىگە تۈزۈم شىفىرى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى تەرەپتىكى چېگرا رايونلىرىغا يېتىپ بارغان.

بۇ قېتىمقى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئىزدەپ زىيارەت قىلىش جەريانىدا، غەربىي جەنۇب ۋە غەربىي يۇرتتىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنىڭ ھۆكۈمەت تامغىسى كېيىنكىلەرگە خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىشنىڭ ئېنىق مەنزىرىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بەردى. يۈننەن ئۆلكىلىك مۇزېينىڭ كۆرگەزمە زالىدا، «يۈننەن بەگ تامغىسى»نىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى (ئەسلىي نۇسخىسى جۇڭگو دۆلەت مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتىدۇ) تىپتىنچ تۇرغان بولۇپ، نۇرغۇن تاماشىبىننى ئېڭىشىپ تەپسىلىي كۆرۈشكە جەلپ قىلاتتى. 20 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدا، شىجەيشەن تېغىدىكى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشتا، بۇ يىلان توپچىلىق ئالتۇن تامغا قېزىۋېلىنىپ، «تارىخىي خاتىرىلەر»دىكى خەن ۋۇدىنىڭ «يۈننەن بېگىگە بەگ تامغىسى ئىنئام قىلىپ، پۇقرالىرىنى باشقۇرۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى» توغرىسىدىكى خاتىرىنى دەلىللىدى. يۈننەن ئۆلكىلىك تارىخ - مەدەنىيەت تەتقىقات سارىيىنىڭ مەسئۇل باشقۇرغۇچىسى، ئۆلكىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باھالاش مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ يۇڭكاڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: «ئالتۇن تامغا مەركەز مەرتىۋە بەرگەندىكى گۇۋاھ بۇيۇم، تامغا ئىنئام قىلىش بىلەن بىللە، ئوردا يىجۇ ۋىلايىتى تەسىس قىلىپ، يۈننەن ۋەزىرىنى ۋىلايەت، ناھىيە بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشقا ئەۋەتكەن، غەربىي جەنۇب رايونى شۇنىڭ بىلەن بۈيۈك بىردەكلىككە ئىگە ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىگە كىرگۈزۈلگەن.»

نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتا، شىنجاڭ نىيەدىكى نىيا خارابىسىدىن قېزىۋېلىنغان ئاشلىق مەھكىمىسى تامغىسى شىنجاڭ مۇزېيىدا جىمجىت تىزىپ قويۇلغانىدى. بايىنچىچىگ مۇنداق چۈشەندۈردى: «<ئاشلىق مەھكىمىسى> مەخسۇس ئەسكەر تۇرغۇزۇپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشتەك تېرىقچىلىق ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ئاساسىي قاتلام ئاپپاراتى. ئالتۇندىن ئىشلەنگەن بەگ تامغىسى غەربىي جەنۇبتىكى بەگلەرگە مەرتىۋە بەرگەندە ئىشلىتىلگەن، كاربونلۇق تامغا غەربىي يۇرتتىكى ئاساسىي قاتلام ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىش بېجىرىشىدە ئىشلىتىلگەن، گەرچە ماتېرىيال سۈپىتىدە پەرق بولسىمۇ، لېكىن خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئوخشاش بىر يۈرۈش ھۆكۈمەت تامغىسى تۈزۈمىگە ئەمەل قىلىنىپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش، ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنىڭ غەربىي يۇرتتىكى بوستانلىقلاردا ئەمەلىيلەشكەنلىكى دەلىللەندى.»

ئەگەر تامغىنى مەمۇرىي ھوقۇقنىڭ ئىسپاتى دېسەك، ھەر خىل يۇقىرى دەرىجىلىك مۇراسىم بۇيۇملىرى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پۈتۈن مەملىكەتتە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىۋاتقان قائىدە - يوسۇن ئۆلچەملىرىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. لياۋدۇڭ دېڭىز ساھىلى، داليەن شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى (داليەن خەن سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە قەبرە مۇزېيى)نىڭ تەتقىقاتچىسى جاڭ سۇيمىن داليەن خەن سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە ئون لۇڭلۇق ئالتۇن توقانى تونۇشتۇردى: «بۇ بۇيۇمنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ھۈنەرخانىدىن چىققانلىقى پەرەز قىلىندى، سوقۇش، سىمدا قىسىش، نەقىشلەش ھۈنەر - سەنئىتى تولۇق بولۇپ، ئوردا يۇقىرى دەرىجىلىك ئاقسۆڭەكلەرگە ئىنئام قىلغان مۇراسىم بۇيۇمى ھېسابلىنىدۇ.» تىيانشاننىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى يەنجىدىن قېزىۋېلىنغان سەككىز لۇڭ نەقىشلىك ئالتۇن توقانىڭ شەكلى، نۇسخىسى يۈكسەك دەرىجىدە ماس كېلىدۇ. بايىنچىچىگ مۇنداق دېدى: «بوخەي دېڭىزى ساھىلىدىن يىپەك يولىدىكى مۇھىم يولغىچە، ئوخشاش پاسوندىكى يۇقىرى دەرىجىلىك مۇراسىم بۇيۇملىرى يىراقتىن بىر - بىرىگە قارىشىپ، خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى مۇراسىم تۈزۈمىنىڭ بىپايان تۇپراقنى تۇتاشتۇرغانلىقىغا گۇۋاھ بولدى.»

ئوخشاش ھۈنەر - سەنئەت ئېستېتىكىسىمۇ مىس ئەينەك ئۈستىدە نامايان بولدى. گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا، «ئەۋلادلار بەختلىك بولسۇن» ناملىق تۆت بەرگىلىك ئانار سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن مىس ئەينەك پارقىراق، سىلىق ئىدى؛ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق مۇزېيدا، لوپنۇردىن قېزىۋېلىنغان «مەرتىۋىڭىز ئۆسسۈن» مىس ئەينىكىنىڭ نەقىشلىرى رەتلىك ئىدى. گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي ساقلانغان بۇيۇملارنى باشقۇرۇش ۋە كۆرگەزمە قىلىش بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچى خادىمى سۇي شياۋجيې ئىككى دانە مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى سېلىشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئىككى جايدىكى مىس ئەينەكتىكى خەيرلىك سۆزلەر ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن قۇيمىچىلىق سىستېمىسى تومۇرداش.» خۇبېينىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرى بولغان بىرونزا بۇيۇملارنى ياساش ھۈنەر - سەنئىتى (بىرونزا ئەينەكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەم كۆپەيتىش ھۈنەر - سەنئىتى، بىرونزا تىزما قوڭغۇراق ياساش ھۈنەر - سەنئىتى)نىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ۋارىسى شيەن يوۋشېڭ مۇنداق قارىدى: مەيلى غەربىي يۇرتتا ياكى لىڭنەندە بولسۇن، قېتىشما تەڭشەش، قۇيۇپ ياساش، سىلىقلاشنىڭ ھەممىسىدە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ھۈنەر - سەنئەت ئۆلچىمىگە ئەمەل قىلىنغان، بۇ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك قول ھۈنەرۋەنچىلىك تېخنىكىسى ۋە بەخت - سائادەت ئېستېتىكىسىنىڭ ھەممە جايغا تارقالغانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.

تامغا ئىدارە قىلىشنى بەلگىلىدى، ئالتۇن توقا قائىدە - يوسۇننى ئايدىڭلاشتۇردى، مىس ئەينەككە ئۈمىد مۇجەسسەملەندى. تاغ - دەريالاردىن ھالقىپ ئۆتكەن بۇيۇملار كىچىك بۇيۇمنى ئىسپات قىلىپ تۈمەن چاقىرىمدىكى ئوخشاش قائىدىنىڭ تارىخىغا گۇۋاھ بولدى.

ئائىلە . يۇرت قوينىغا قايتىش

تاش ئابىدىلەردە يۇرتقا بولغان تەلپۈنۈش خاتىرىلەندى.

ئائىلە جاپا - مۇشەققەتتىن ھالقىشقا توغرا كەلسىمۇ ئاتلىنىدىغان مەنىۋى ماكان، تۇرغۇتلارنىڭ تۈمەن چاقىرىمنى بېسىپ شەرققە قايتىشى دەل مۇشۇ خىل دۆلەت مۇھەببىتىنىڭ ئەڭ جانلىق ئىزاھاتى.

خېبېي چېڭدېدىكى پۇتو زۇڭچېڭ ئىبادەتخانىسىدا ئابىدە شىپاڭى غايەت چوڭ ئىككى دانە خانلىق ئابىدىنى قوغداپ تۇرىدۇ، «تۇرغۇتلارنىڭ قەبىلە بويىچە بويسۇنۇش خاتىرىسى» «تۇرغۇت قەبىلىسىگە غەمخورلۇق قىلىش خاتىرىسى» خەنزۇچە، مانجۇچە، موڭغۇلچە، زاڭزۇچە تۆت خىل يېزىقتا ئويۇلغان بولۇپ، قەلبلەرنى لەرزىگە سالىدىغان ئاشۇ شەرققە قايتىش ئۆتمۈشى تولۇق خاتىرىلەنگەن. چېڭدې شەھىرى ۋەيبامياۋ ئىبادەتخانىسىنى باشقۇرۇش مەركىزى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېيىنىڭ خادىمى ۋۇ شۆجۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: «تاش ئابىدىدە قەبىلىنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇپ، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي ۋەتەنگە قايتىپ كېلىش مۇساپىسى ئەينەن خاتىرىلەنگەن، ئۇ يېزىقنىڭ ئويۇلۇشىلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۈچلۈك مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنىڭ ئەمەلىي ئىسپاتى.»

3000 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق مۇزېينىڭ كۆرگەزمە زالىدا، چېڭدېدىكى ئەسلىي نۇسخىغا ئاساسەن تەقلىد قىلىپ ياسالغان تاش ئابىدە جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. ئىلگىرى بايىنغولىن ئوبلاستلىق مۇزېينىڭ باشلىقى بولغان نيۇ گېڭ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «2011 - يىلى، چېڭدې خانلىق ئابىدىنىڭ نۇسخىسىنى كورلىغا سوۋغا قىلدى، بىز بۇنىڭغا ئاساسەن قايتا ئويۇپ كۆرگەزمە قىلدۇق، بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت چېگرا رايوندىكى ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى نېمىنىڭ قان قېرىنداشلىق دۆلەت مۇھەببىتى ئىكەنلىكىنى بىۋاسىتە چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش.»

مىلادى 1771 - يىلى تۇرغۇت قەبىلىسىدىكىلەر ۋولگا دەرياسى ۋادىسىدىن ئايرىلىپ، مۇھاسىرە، قوغلاپ توسۇشتىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئاچارچىلىق، سوغۇق، يۇقۇملۇق كېسەللەرنى باشتىن كەچۈرۈپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى، يولغا چىققاندا 170 مىڭغا يېقىن ئادەم بار بولۇپ، قايتىپ كەلگىنى 70 مىڭغىمۇ يەتمىدى. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى پۇل، ئاشلىق، چارۋا ئاجرىتىپ، قەبىلىدىكىلەرنى شىنجاڭدىكى سۇ ۋە ئوت - چۆپ مول بولغان ئوتلاققا ئورۇنلاشتۇردى.

بۈگۈنكى كۈندە، خېجىڭ ناھىيەسىدىكى مەنخەن ۋاڭ ئوردىسى يىل بويى تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش قوشۇنىنى كۈتۈۋالىدۇ. خېجىڭ ناھىيەسى شەرققە قايتىش مۇزېيىنىڭ باشلىقى سەيرېنجاپ بالىلارغا مۇنداق دېدى: «تارىخ ئەزەلدىن تاش ئابىدىدە پېچەتلىنىپ ساقلىنىپ قالمىغان. كېيىن تۇرغۇت قەبىلىسىنىڭ ئەۋلادلىرى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ توپىلاڭنى تىنچىتىش، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇشىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتناشقان، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە يەنە پۇل، ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلىپ ئالدىنقى سەپكە ياردەم بېرىپ، دۆلەتكە بولغان ساداقەتمەنلىككە ۋارىسلىق قىلغان.»

تاش ئابىدە بوران - چاپقۇن، شامالنىڭ ئۇپرىتىشىنى باشتىن كەچۈرىدۇ، كۆچۈرۈلگەن نۇسخا تارىخنىڭ قىياپىتىنى ساقلاپ قالالايدۇ، لېكىن قەلبنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى ماكانغا بولغان ئىنتىلىشنى يىللار ئۆچۈرەلمەيدۇ. تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، قىيىنچىلىق ئالدىدا قايتىش ئىرادىسىنى ئۆزگەرتمىدى، بۇ دەل «ئائىلە»نىڭ ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلارنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقان قۇدرەتلىك كۈچى.

دۆلەت . قاتمۇقات تاغلاردىن ھالقىپ چېگرانى قوغداشقا بېرىش

ئائىلە قەلبتىكى رىشتە، دۆلەت زىممىدىكى بۇرچ.

بىر پارچە يارلىق بىلەن تۈمەن چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلاندى. شىبە مىللىتىدىن بولغان ئەسكەرلەر - پۇقرالار يۇرتى بىلەن خوشلىشىپ، غەربىي شىمالدىكى چېگرا رايونغا بېرىپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق دۆلەت زېمىنىنى قوغداشتىن ئىبارەت دەۋر مەسئۇلىيەتچانلىقىنى زىممىسىگە ئالدى.

لياۋنىڭ شېنياڭدىكى جۇڭگو شىبە مىللىتى مۇزېيىنىڭ سىرتىدا، كۆتۈرەڭگۈ ھالەتتىكى ياش تۇبوتنىڭ ھەيكىلىدە غەربكە كۆچۈپ بۇيرۇق تاپشۇرۇۋالغان چاغدىكى قىياپەت ئىپادىلەنگەنىدى. جۇڭگو شىبە مىللىتى مۇزېيىنىڭ باشلىقى ۋاڭ زىدۇڭ كۆرگەزمە قىلىنغان موم ھەيكەل كۆرۈنۈشىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق تونۇشتۇردى: «1764 - يىلى، 3275 شىبە قوماندان - ئەسكەر ھەم ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى بۇيرۇق بويىچە شېڭجىڭدىن يولغا چىقىپ غەربكە كۆچتى. بۇ ئادەتتىكى كۆچۈش ئەمەس، بەلكى ئائىلە تەۋەلىرىنى ئېلىپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىشتىن ئىبارەت دۆلەت بۇرچى ئىدى. يولدا شىۋىرغان، ۋابا كەينى - كەينىدىن كۆرۈلۈپ، چارۋىلار تۈركۈملەپ ئۆلۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئەجدادلارنىڭ غەربكە مېڭىش قەدىمىنى توسۇپ قالالمىدى.»

تۈمەن چاقىرىم يىراقلىقتىكى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىدە تۇبوتنىڭ يەنە بىر ھەيكىلى يىراقلارغا پۈتۈن دىققىتى بىلەن نەزەر سېلىپ تۇراتتى. چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي ئورنىنىڭ باشلىقى جاۋ چيەنچيەن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئۆسمۈر ۋاقتىدا قوشۇنغا ئەگىشىپ غەربكە كۆچكەن تۇبوت كېيىن شىبە يىڭىنىڭ باش باشقۇرغۇچىسى بولدى. ئارمىيە - خەلقنىڭ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىشىدا سۇ كەمچىل ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇ پۇقرالارنى يېتەكلەپ ئالتە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ چاپچال ئۆستىڭىنى قازدى، بۇنىڭ بىلەن 80 مىڭ موغا يېقىن مۇنبەت ئېتىزنى تېرىش ئىمكانىيىتى يارىتىلدى. شېنياڭدىكى ھەيكەل يولغا چىقىشتىكى ئەسلىي مەقسەتكە ۋەكىللىك قىلسا، چاپچالدىكى ھەيكەل چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ چىڭ تۇرۇشقا گۇۋاھ بولدى.»

تارىخنىڭ ساداسى ھازىرقىدا ئىپادىلەندى. ئەينى يىللىرى غەربكە كۆچكەن قوشۇن 200 نەچچە يىلدىن كېيىن كېيىنكىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىزىنى بويلاپ قارشى يۆنىلىشتە ئىلگىرىلەيدىغانلىقىنى − يۇڭ تىڭتىڭ، ۋۇ جىڭجىڭدىن ئىبارەت بۇ بىر جۈپ شىبە ئەر - خوتۇننىڭ قارشى يۆنىلىشتە ئەجدادلىرى غەربكە كۆچكەن قەدىمىي يولدا قايتا مېڭىپ، 5000 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنى باسقانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئىككىيلەن شېنياڭدا ئولتۇراقلىشىپ، شىبە مىللىتى مەدەنىيەت ھويلىسى قۇردى، بۇ، لياۋنىڭ بىلەن شىنجاڭدىن ئىبارەت ئىككى جايدىكى خەلق ئىچىدىكى يىلتىز ئىزدەش بىرلەشمە دوستلۇق ئورنىتىش پونكىتىغا ئايلىنىپ، ئەجدادلارنىڭ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش روھى زامانىمىزدىكى قاينام - تاشقىنلىق ئىچىدە داۋاملاشتى. ۋاڭ زىدۇڭ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەرنىڭ غەربكە كۆچۈش يولىدا قايتا مېڭىپ، مەدەنىيەت ھويلىسى قۇرغانلىقىدەك زامان ۋە ماكاندىن ھالقىغان مەنىۋى ئەسلىمە دۆلەتنى قوغداش روھىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.»

يۇرت بىلەن خوشلىشىپ، تۈمەن چاقىرىملىق قاتمۇقات تاغلاردىن ھالقىپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئارقىلىق خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشىپ، چېگرا چارلاش ئارقىلىق زېمىننى قوغدىدى، ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەر ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق سەلتەنەتلىك چوڭ دۆلەتكە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ئەمەلدە كۆرسەتتى. بۇ مەسئۇلىيەتچانلىق دەل «تۈمەن چاقىرىم ئارىسىدىكى ئوخشاش قائىدە»نىڭ قاتمۇقات تاغلاردىن ھالقىغان چېگرانى قوغداش يولىدىكى چوڭقۇر سادا.

2025 - يىلى 9 - ئايدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۆزىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىدىن ئىبارەت شانلىق پەيتنى كۈتۈۋالدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چوڭقۇر مۇھەببىتى مۇجەسسەملەنگەن قىممەتلىك سوۋغا − جۇڭخۇا قەلبداشلىق زۇنى تاغ - دەريالاردىن ھالقىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا يېتىپ كەلدى.

جۇڭخۇا قەلبداشلىق زۇنىنىڭ ھەيۋەتلىك قىياپىتى ۋە تىك ئومۇمىي كۆرۈنۈشىدە خې زۇننىڭ شەكلىگە تەنتەنىلىك ۋارىسلىق قىلىنغان. ئاشۇ ئېگىز سىزىقچىلار، ۋەزىنلىك بولغان سۈپەت تۇيغۇسى «جۇڭگو» دېگەن سۆز ئەڭ بۇرۇن بارلىققا كەلگەن زۇنغا بولغان يۈكسەك ھۆرمەت ئىدى. زۇن گەۋدىسىدە، «بەش يۇلتۇز چىقىپ شەرقتىن، ئامەت كەلدى جۇڭگوغا» دېگەن خەت كەشتىلەنگەن كىمخاب مۇھاپىزەت يەڭلىكىنىڭ جەۋھىرى ھۈنەرۋەن روھى ئارقىلىق تاۋلاپ چىقىلدى − بەخت - سائادەت تۈسىگە ئىگە بۇلۇت نۇسخىسى، مەزمۇت ئەپسانىۋى ھايۋان ۋە بەخت قۇشى، ئەڭ يادرولۇق سەككىز خەتلىك خەيرلىك سۆز زامانىۋى قاپارتما نەقىش ۋە ئالتۇنرەڭ ھەل بېرىش ھۈنەر - سەنئىتى ئارقىلىق، خې زۇننىڭ بۇيۇم شەكلى بىلەن مۇكەممەل يۇغۇرۇلغان. خې زۇننىڭ شەكلى، بەش يۇلتۇزلۇق كىمخاب مۇھاپىزەت يەڭلىكىنىڭ روھى، جۇڭخۇا قەلبداشلىق زۇنى دۆلەتنىڭ ۋاقىت ئارىلىقى ئۇزاق، ئورۇن ئارىلىقى يىراق بولغان ئىككى گۆھىرىنى يۇغۇرۇپ بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ، «جۇڭگو» دېگەن سۆزنى بىرونزا بۇيۇمدىكى ئويما يېزىقتىن كىمخابنىڭ ئۇزۇنلۇق - كەڭلىكتىكى يىپلىرىغا توقۇپ كىرگۈزۈپ، يەنە تارىخنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن دەۋر يېڭى سەھىپىسىگە يۈزلەندۈردى.

بىرونزا بۇيۇم ئۈنسىز بولىدۇ، كىمخاب جۇلالىق ساقلىنىپ قالىدۇ، تامغىدا سالاھىيەت ساقلىنىدۇ، ئابىدىدە سادالار قالىدۇ. ماكان ھالقىپ نەزەر سېلىنغان ھەربىر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى شۇنى ئورتاق ئىسپاتلىدىكى: بۈيۈك بىردەكلىك ئەزەلدىن ئابستراكت تارىخىي ئۇقۇم ئەمەس، ئۇ بىرونزا بۇيۇمغا قۇيۇلغان، كىمخابقا توقۇلغان، كىچىك گۇۋاھ بۇيۇمغا يوشۇرۇنغان بولۇپ، قەلبلەردە ئەكس ئەتتى، قاتمۇقات تاغلاردىن ھالقىپ چېگرانى قوغداشتا ئەمەلدە كۆرسىتىلدى − ئۇلار مۇنداق سوئالغا ئورتاق جاۋاب بەردى: تۈمەن چاقىرىم ئارىسىدىكى ئوخشاش قائىدە دېگەن نېمە؟

قۇيۇپ ياسالغان ئويما يېزىق: بىرونزا بۇيۇمدىكى ئويما يېزىق، كىمخابتىكى خەيرلىك سۆزلەر دۆلەت ئىدىيەسىنى مەدەنىيلىك تومۇرىغا نەقىشلىدى؛

تامغىدىكى سالاھىيەت: ھۆكۈمەت تامغىسى، ئالتۇن بۇيۇملار، مىس ئەينەك ھەممە جايغا تارقىلىپ، بۈيۈك بىردەكلىك تۈزۈمى جۇڭخۇا زېمىنىنى كەڭ قاپلىدى؛

ئائىلىنىڭ ئىنتىلىشى: تۈرلۈك جاپا - مۇشەققەت ۋە خەۋپ - خەتەرلەر قايتىش ئىرادىسىنى ئۆزگەرتەلمىدى، ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلارنىڭ قەلبى قان قېرىنداشلىق يۇرتىغا تەلپۈندى؛

دۆلەتكە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىق: بۇيرۇققا بىنائەن يىراقتىكى قاتمۇقات تاغلاردىن ھالقىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىپ، بىپايان تاغ - دەريالارنى، زېمىننى قوغدىدى.

نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ مەركىزىي رايونىدىن بىپايان چېگرا رايونغىچە تۈزۈم ئوخشاش بولدى، قەلبلەر ئوخشاش يۆنىلىشكە تەلپۈندى. ھەرقايسى مىللەتلەر بۇ تۇپراقتا ئارىلىشىپ، ئالماشتۇرۇپ، يۇغۇرۇلۇپ، بەخت - سائادەت ۋە جاپادا بىللە بولۇپ، تەقدىر - قىسمەتتە بىللە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ مەنىۋى تومۇرىنى ئورتاق تاۋلىدى.

تارىخنىڭ ساداسى ئۇزاق يىللاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، يەنە بۈگۈنكى كۈندە بىزنى شۇنداق ئىلھاملاندۇردى: ئۇزاققا سوزۇلغان تاغ - دەريالارنىڭ يىلتىزى بىر - بىرىگە تۇتاشقان؛ ئائىلىنىڭ دۆلەت بىلەن بىر گەۋدە بولۇشى ئەۋلادمۇئەۋلاد مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ.

بۇ دەل «تۈمەن چاقىرىم ئارىسىدىكى ئوخشاش قائىدە» كېيىنكىلەرگە قالدۇرغان ئەڭ ۋەزىنلىك دەۋر جاۋابى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.