
10 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى خوتەن چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى لاڭرۇ چېگرا ساقچىخانىسى چوڭ يۇلغۇنساي چېگرا ساقچى ئىشلىرى پونكىتى چېگرا چارلاش كىچىك ئەترىتى ئەۋەتىپ، مۇھىم تاغ ئېغىزلىرى ۋە يوللارنى چارلىدى، تەكشۈردى. □ لى يافېي فوتوسى
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا
دۆلەت دەرۋازىسىدا قىزىل بايراق جەۋلان قىلدى، شەپەق نۇرى تاغ - دەريالارنى يورۇتتى.
پۈتۈن مەملىكەت شاد - خۇراملىققا چۆمگەن دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلى، شىنجاڭدا مۇنداق بىر توپ چېگرا مۇھاپىزەتچىلىرى بار، ئۇلار دۆلەت دەرۋازىسى ۋە پورت، قار - شىۋىرغانلىق چېگرا ئۆتكىلى، چۆل - باياۋانلارنى چىڭ ساقلاپ، ئامانلىقنى قوغداپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ، «بىر ئۆمۈر پەقەت بىرلا ئىشنى قىلىمەن، ۋەتىنىمىزنىڭ چېگراسىنى قوغدايمەن» دېگەن جاراڭلىق قەسىمىنى ئۈن - تىنسىز ئىزاھلىدى.
پورتتا، تاموژنىدىن راۋان ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش
شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتىنىڭ ئىلگىرىكى تەھلىلى، ھۆكۈمىگە ئاساسلانغاندا، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى پورتلار ئارقىلىق چېگرادىن كىرىدىغان - چىقىدىغان يولۇچىلار ئېقىمى نىسبەتەن مۇقىم بولغان، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن چېگرادىن كىرىدىغان - چىقىدىغان يولۇچىلارنىڭ 10 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇشى مۆلچەرلەنگەن، ئايروپورت پورتلىرى ھازىرقى خەلقئارا نۆۋەتچى ئايروپىلان پىلانى بويىچە يۈرۈشتۈرۈلگەن.
10 - ئاينىڭ 4 - كۈنى كەچتە، ئىلى غۇلجا خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ چېگرادىن چىقىش زالىدا، غۇلجا چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خەلق ساقچىلىرى چېگرادىن كىرىش - چىقىش كىنىشكىسىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، پورت بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، يولۇچىلارنى تاموژنىدىن تېز، تەرتىپلىك ئۆتۈشكە يېتەكلىدى.
«موما، سىز تاموژنىدىن ئالدىن ئۆتسىڭىز بولىدۇ، مەن سىزنى ئاپىرىپ قوياي.» بىر ياشانغان يولۇچىنىڭ ئارانلا مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش 2 - ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىسى شۈدۇ خۇيزى تېز بېرىپ موماينىڭ يۈك - تاقلىرىنى كۆتۈرۈپ، ئۇنى يۆلەپ خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت يولىغا ئاپىرىپ تاموژنىدىن ئالدىن ئۆتكۈزۈپ قويدى.
دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە پورتتىكى يولۇچىلار ئېقىمى زىچ بولدى، غۇلجا چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش لايىھەسىنى ئالدىن پىلانلاپ، ۋەزىپە ئىجرا قىلىدىغان ساقچى كۈچلىرىنى ھەرىكەتچان تەڭشەپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ، نەق مەيداندا يېتەكلەش، تارقاقلاشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت يوللىرىنى ئېچىپ، رايونلارغا ئايرىپ يېتەكلەش، تەرتىپنى ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق، ياشانغانلار، بالىلار، ھەرىكىتى قولايسىز يولۇچىلارنى تاموژنىدىن ئالدىن ئۆتكۈزۈش، پۈتۈن جەريانلىق ياردەم بېرىش قاتارلىق ئىللىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ھەم دۆلەت دەرۋازىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلىدى، ھەم يولۇچىلارغا تاموژنىدىن ئۆتۈش قولاي بولۇش ھارارىتىنى ھېس قىلدۇردى.
10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ، جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ھەمكارلىق مەركىزى» دېيىلدى)دە ھەر كۈنى نۇرغۇن ساياھەتچى چېگرا ساياھىتى، چېگرا ھالقىغان ساياھەت، مال سېتىۋېلىش ساياھىتىنى ھېس قىلدى، يولۇچىلار ئېقىمى، ئاپتوموبىل ئېقىمى، ئەشيا ئوبوروتى بايرامدىن ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا زور دەرىجىدە ئاشتى.
قورغاس چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى ئالدىن پىلانلاپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، تاقاشتۇرماي تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش، ۋاقىت ئۇزارتىپ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش، ئالدىن كېلىشىپ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش، تېز، قولاي يول ئارقىلىق تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش قاتارلىق قولايلىق يارىتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، يولۇچىلار ھەم ئاپتوموبىل، ماللارنىڭ تاموژنىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، ساياھەتچىلەرنى بەھۇزۇر ساياھەت قىلىش بىلەن بىللە كۆڭۈلدىكىدەك تاۋارلارنى سېتىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بۇ تەكشۈرۈش پونكىتى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش 8 - ئەترىتىنىڭ سىياسىي جياۋداۋيۈەنى خو شياۋفېڭ مۇنداق دېدى: «بىز ھەر كۈنى ئىش ئورنىغا يېرىم سائەت بۇرۇن بېرىپ، مۆلچەردىكى يولۇچىلار ئېقىمى، ئەشيا ئوبوروتىغا ئاساسەن، ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، تاموژنىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ھەمكارلىق مەركىزىدە تۈرلۈك تاۋار بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا، مالنىڭ كەمچىل بولماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق.»
قارلىق دالىدا چېگرا چارلاش - قوغداش
10 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، قونجىراپ دۆلەت دەرۋازىسى رايونىدا تۇيۇقسىز قېلىن قار يېغىپ، تېمپېراتۇرا تېز تۆۋەنلەپ، يول يۈزىدە قار يىغىلىپ قېلىش، مۇز تۇتۇش ئەھۋالى كۆرۈلدى. شۇ كۈنى گەرچە تاموژنا تاقالغان ۋاقىت بولسىمۇ، ئاۋات ساياھەت مەنزىلگاھى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلەت دەرۋازىسى يەنىلا نۇرغۇن ساياھەتچىنى قارغا قارىماي بۇ جايغا كېلىپ سەيلە قىلىش، داكا قىلىشقا جەلپ قىلدى. دۆلەت دەرۋازىسىدىن ئۆتىدىغان يول بۆلىكىدە، ئۆتۈشۈپ تۇرغان ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى قىلىدىغان ساياھەتچىلەر، ساياھەت ئاپتوموبىللىرى مەركەزلەشكەن، ئادەم ئېقىمى، ئاپتوموبىل ئېقىمى كۆپ بولۇپ، تېيىلغاق يول يۈزىدە ئاپتوموبىللار ئاسانلا تېيىلىپ، يول توسۇلۇپ قالدى.
«قار يېغىشنىڭ ئۆزى ساقچىغا مەلۇم قىلىش دېمەكتۇر.» قونجىراپ چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش 1 - ئەترىتىنىڭ باشلىقى مى كەيرۇي مۇنداق تونۇشتۇردى: قونجىراپ چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى بىرىنچى ۋاقىتتا ناچار ھاۋارايىدا جىددىي تاقابىل تۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشنى باشلاپ، ساقچى كۈچلىرىنى يولنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىگە ئاتلىنىشقا ئەۋەتتى. ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خەلق ساقچىلىرى قار - شىۋىرغانغا قارىماي، چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوبۇسى، ئۆزى ھەيدىگەن كىچىك ئاپتوموبىللارنى سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ، ئاستا يۈرۈشكە يېتەكلەپ، ئۇزاق ۋاقىت قاتناش توسۇلۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالدى؛ ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خەلق ساقچىلىرى يەنە ساياھەتچىلەرنىڭ يېنىغا بېرىپ، يۈزتۇرا بىخەتەرلىك ئەسكەرتمىسى بېرىپ، ئېگىزلىكتە قار ياغقان كۈنلەردە يول يۈرگەندە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى تونۇشتۇردى. شۇ كۈنى، خەلق ساقچىلىرىنىڭ تىرىشىپ كاپالەتلەندۈرۈشى بىلەن، 7000دىن ئارتۇق ساياھەتچى دۆلەت دەرۋازىسىنىڭ ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل قار مەنزىرىسىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى.
10 - ئايدا قاراقۇرۇم تېغىنىڭ ئىچكىرىسى ئاپئاق قارغا پۈركەنگەنىدى، 10 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىۋاتقان خەلق ساقچىلىرى ۋە چېگرا قوغدىغۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن چېگرا چارلاش كىچىك ئەترىتى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4000 مېتىردىن ئاشىدىغان تۇرۇشلۇق جايىدىن يولغا چىقىپ، نۇقتىلىق رايونغا بېرىپ چېگرانى چارلاش - تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى.
ئەترەتنى باشلاپ ماڭغان خوتەن چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى لاڭرۇ چېگرا ساقچىخانىسى چوڭ يۇلغۇنساي چېگرا ساقچى ئىشلىرى پونكىتىنىڭ خەلق ساقچىسى لى شياۋلۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: دەسلەپتە، چېگرا چارلاش كىچىك ئەترىتىمىز ھەيدىگەن ئاپتوموبىل ئوڭغۇل - دوڭغۇل توپا - شېغىللىق يولدا تەستە ئىلگىرىلىدى، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 5000 مېتىردىن ئاشىدىغان داۋاندىن ئۆتىدىغان يولدا پەقەت بىرلا ئاپتوموبىل ماڭالايدىغان بولۇپ، سول تەرىپى تاغ گەۋدىسىگە ناھايىتى يېقىن، ئوڭ تەرىپى تىك يار ئىدى، ئاپتوموبىل داۋاملىق ئىلگىرىلىيەلمىگەندە، ئەترىتىمىزدىكىلەر پىيادە ئىلگىرىلەشكە باشلىدى، كۆپچىلىك قار يىغىلىپ قالغان تاغ يولىدا يامىشىپ مېڭىپ، بوش يەرگە دەسسىۋېلىپ تېيىلىپ كېتىشتىن ھەر ۋاقىت ھوشيار بولدى، ئاخىرقى نۇقتىغا يېقىنلاشقانسېرى، قار يىغىلىپ شۇنچە قېلىنلاپ كەتكەنىدى.
ئاخىر دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 5100 مېتىر كېلىدىغان تاغ ئېغىزىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، چېگرا چارلاش كىچىك ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى دەم ئېلىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي، شامالدا بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى جەۋلان قىلدۇرۇپ، دۆلەت بايرىقىغا تەنتەنىلىك سالام بەردى. 23 ياشلىق چېگرا قوغدىغۇچى مۇكەررەم توختىتۇرسۇن پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «مەن تۇرۇۋاتقان جاي جۇڭگو، دۆلىتىمىز ئۈچۈن چېگرانى قوغداش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز، مەن ئىزچىل چىڭ ساقلايمەن.»
مەنزىرە رايونىدا ئىللىق مۇلازىمەت قىلىش
دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئارا تۆرۈك ناھىيەسىنىڭ تۇزكۆل بازىرى خۇەنسەيخۇ كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەر يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى، يەككە كۈندىكى ساياھەتچى مىقدارى 1000 ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. تېز ئېشىۋاتقان ئامانلىق قوغداش بېسىمى ئالدىدا، قومۇل چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى تۇزكۆل چېگرا ساقچىخانىسى ئالدىن ھۆكۈم قىلىپ، ساقچى كۈچىنى ئىلمىي تەڭشەپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق يول بۆلەكلىرى ۋە خەتەرلىك ئەھۋال ئاسان كۆرۈلىدىغان رايونلاردا چارلاش، نۆۋەتچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ساياھەتچىلەر ۋە مەنزىرە رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.
10 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، جياڭسۇدىن كەلگەن ساياھەتچى جۇ يېخاۋ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى مەنزىرە رايونىدا سەيلە قىلىۋاتقاندا، يول ئەھۋالىنى پىششىق بىلمىگەچكە، ئاپتوموبىلىنى كۆل ساھىلىدىكى بوش تۇپراق بەلبېغىغا ھەيدەپ كىرگەندە، ئاپتوموبىلىنىڭ چاقى تېيىلىپ پاتقاققا چوڭقۇر پېتىپ قېلىپ، چىقالمىدى. مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، تۇزكۆل چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىلىرى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش جابدۇقلىرىنى ئېلىپ دەرھال نەق مەيدانغا بېرىپ، بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇشىنى ياخشى ئىشلەپ، سۆرەش مەشغۇلاتىنى قانات يايدۇردى. پۇچقاقلىرى لاي بولۇپ كەتتى، ساقچى فورمىلىرى تەرلەپ ھۆل بولۇپ كەتتى، بىرمەھەل جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق، خەلق ساقچىلىرى قاپسىلىپ قالغان ئاپتوموبىلنى بىخەتەر جايغا يۆتكىدى.
بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، ئونسۇ ناھىيەسىدىكى تىيانشان شېنمۇيۈەن مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچىلەر مىقدارىمۇ كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى. ئاقسۇ چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتىنىڭ ئاقچىن چېگرا ساقچىخانىسى شېنمۇيۈەن چېگرا ساقچى ئىشلىرى پونكىتى تەسىس قىلغان «فېڭجىڭ ھويلىسى» نۇرغۇن ساياھەتچى ئارىلىقتا ئارام ئالىدىغان ياخشى جاي بولۇپ قالدى. ئاقسۇ شەھىرىدىن كەلگەن ساياھەتچى لى مىن بالىسىنى ئېلىپ بۇ جايغا كېلىپ، قولىغا قەلەم ئېلىپ سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە ئەستايىدىللىق بىلەن: «بالام توغراقنى تونۇۋالدى، چىڭ تۇرۇشنىڭ نېمىلىكىنىمۇ چۈشىنىۋالدى» دەپ يازدى.
«فېڭجىڭ ھويلىسى» چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىشقا ۋارىسلىق قىلىشنى باش تېما قىلىپ، نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئىش ئىزلىرى، ئىلگىرىكى يىللاردا چېگرانى پىيادە چارلىغاندىكى كونا سۈرەتلەر، بۈگۈنكى كۈندىكى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق چېگرانى تىزگىنلەش يېڭى ھالىتى قاتارلىقلارنى نامايان قىلدى. «ساياھەتچىلەر ساقچى ئىشلىرى پونكىتىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە كىرىپ ئارام ئېلىپ، بىرەر ئىستاكان قايناق سۇ ئىچىدۇ، ھويلىدا يەنە چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش تارىخى ۋە چېگرا رايون مەدەنىيىتىنى چۈشىنەلەيدۇ» دېدى شېنمۇيۈەن چېگرا ساقچى ئىشلىرى پونكىتىنىڭ باشلىقى چېڭ جىكۇي.






