—— باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 77 يىللىقىنى تەبرىكلەش بويىچە كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا
□ خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
«بىز مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ ئېنىقلىق ۋە ئاكتىپ كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.»
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 77 يىللىقىنى تەبرىكلەش بويىچە كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قىلغان مەردانە سۆزلىرى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى كۆزلەش، دۇنيانىڭ باراۋەر - ئىناقلىقىنى كۆزلەشتەك دۇنياۋى مۇھەببىتىنى نامايان قىلدى، جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، تەرەققىياتنى ئورتاق پىلانلاشتىن ئىبارەت چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى.
تارىخنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش لوگىكىسى ئىچىدە ئالغا ئىلگىرىلەپ، دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىدا تەرەققىي قىلىپ، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر ئۆز تەرەققىياتىنى ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ كوردىنات سىستېمىسىغا قويدى، باشتىن - ئاخىر ئۆز تەقدىرىنى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلىدى.
«بىزنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىدىغان ئىرادىمىز بار، شۇنداقلا يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئارقىلىق تەرەققىيات پۇرسىتىدىن دۇنيا بىلەن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان كەڭ قورساقلىقىمىز بار، ئۆز تەرەققىياتىمىز ئارقىلىق دۇنياۋى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا ئىشەنچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىمىز.» بۇ، شەرقتىكى قەدىمىي چوڭ دۆلەت ئۇلۇغ گۈللىنىشكە قەدەممۇقەدەم ئاتلىنىپ، دۇنياغا ئېلىپ كەلگەن يېڭى كەيپىيات، يېڭى ئۆزگىرىش.
«جۇڭگو بىلەن ھەمسەپەر بولغانلىق دەل پۇرسەت بىلەن ھەمسەپەر بولغانلىق»، بۈگۈنكى جۇڭگو پۇرسەتتىن دېرەك بېرىدۇ.
دۇنيا بويىچە 100 كۈچلۈك يېڭىلىق يارىتىش توپىدىن 25ى بار، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلەت ئىچىدە ئۈنۈملۈك كەشپىيات پاتېنتىغا ئىگە بولۇش مىقدارى 5 مىليون 394 مىڭ پارچىغا يەتتى، 2025 - يىلى پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسى 3 تىرىليون 920 مىليارد يۈەندىن ئاشتى. پۇرسەت ئىجادىي تەرەققىيات تومۇرىغا مۇجەسسەملەندى.
جۇڭگو پۈتۈن دۇنيانى %70 شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىسى، %80 يورۇقلۇق ۋولت بىرىكمە دېتال ئۈسكۈنىسى بىلەن تەمىنلەپ، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئېنېرگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشۇپ، پاكىز ئېنېرگىيەنى ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەتلىنىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان دۇنياۋى ئاممىۋى مەھسۇلاتقا ئايلاندۇردى. پۇرسەت يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش قەدىمىگە نەقىشلەندى.
«مەن بۇنداق بىر كۈننىڭ كېلىشىنى ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغانىدىم، كىرئالغۇ، خاتىرە كومپيۇتېر، چوڭ توڭلاتقۇ، توڭلىتىش ئىشكاپى ۋە دۇخوپكا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋالالايدىغان بولدۇق.» كېنىيەلىك بىر تورداش ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا جۇڭگونىڭ ماشىنا ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرىنى مۇشۇنداق ئالقىشلىدى. پۇرسەت ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىپادىلەندى.
دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار، مۇكەممەل كەسىپ سىستېمىسى، جانلىق يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسى قاتارلىقلارغا تايىنىپ، جۇڭگو يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئارقىلىق «جۇڭگو پۇرسىتى 2.0»نى بارلىققا كەلتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق دۇنيانى ئۆسۈپ يېتىلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىمەكتە.
«<15 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلان ھەم جۇڭگونىڭ ئۆز تەرەققىياتىنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى، ھەم دۇنياغا يۈزلەنگەن ھەمكارلىق تىزىملىكى.» ئۈزلۈكسىز تۈردە جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيانى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا ئالدى بىلەن ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاندىن باشقىلارنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، پۈتۈن دۇنياغا كۈچ قوشتى.
ئوچۇق تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق دۇنيانىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، بۈگۈنكى جۇڭگو ئېنىقلىقنى ئەكس ئەتتۈرمەكتە.
خەينەن ئەركىن سودا پورتىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى سىرتقا ئېچىۋېتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان مۇھىم دەرۋازا بەرپا قىلىشتىن غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق - دېڭىز يېڭى يولىنىڭ تايانچ قۇرۇلۇشى بولغان پىڭلۇ قانىلىدا قاتناش باشلاشقىچە، جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش يېڭى ئەندىزىسىنى ئاچتى؛
ئىمپورت كۆرگەزمىسى، گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسى، مۇلازىمەت سودا يەرمەنكىسى، ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنى كەڭ بازار بوشلۇقى ۋە مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەشتىن ئافرىقىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 53 دۆلەتتىن تاموژنا بېجى ئالماسلىق تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشقىچە، جۇڭگونىڭ يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش سەمىمىيىتىنى نامايان قىلدى...
بۈگۈنكى جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش قەدىمى تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامغا، تېخىمۇ كەڭ ساھەگە قاراپ كېڭىيىۋاتىدۇ. «كۈنسېرى مۆلچەرلىگىلى بولمايۋاتقان دۇنياۋى مۇھىتتا، جۇڭگو ئېنىقلىققا تولغان بىر بوستانلىق» ، بۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى.
بىر چەت ئەل كارخانىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق قارىدى: «جۇڭگو قەتئىي تەۋرەنمەي ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىپ، <مۇقىملاشتۇرغۇچ>لۇق رولىنى سىجىل جارى قىلدۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى ناھايىتى قىممەتلىك ئىشەنچ ۋە ئېنىقلىق بىلەن تەمىنلەيدۇ.»
«خەلقنىڭ ئارزۇسىنى تۈپ مەقسەت قىلىش، ئىنسانلارنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى ھەرىكەت نىشانى قىلىش كېرەك»، جۇڭگو دۇنياۋى تەرەققىيات ھەمكارلىقىنىڭ تەشەببۇسچىسى، ھەرىكەتتە كۆرسەتكۈچىسى.
ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىغا جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسىنى تەقدىم قىلىپ، بۈگۈنكى جۇڭگو يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.
باشلامچىلىق بىلەن «دۇنياۋى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسى»نى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار بويىچە ئىقتىدار قۇرۇلۇشى ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پىلانى»نى ئېلان قىلىشقىچە، يەنە دۇنيا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىش ھەم تۈرتكە بولۇشقىچە، جۇڭگو لايىھەسى دۇنياۋى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلدى.
دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەش يىلدىن بۇيان، جۇڭگو تەشەببۇسىدىن خەلقئارا ئورتاق تونۇشقا ئايلاندى؛ دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر يىلدىن بۇيان، 160قا يېقىن دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ قوللىشى ۋە ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى... تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇس ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلشقا تۈرتكە بولۇشنى ئېنىق ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى.
«تۆتتە چىڭ تۇرۇش» ئارقىلىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى، «تۆت چوڭ ئاۋانگارتلاردىن بولۇش» ئارقىلىق كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى ئۆستۈردى، «ھۆرمەتلەش، ئادىل بولۇش، باراۋەر بولۇش ئاساسىدىكى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم مۇناسىۋىتى» ئارقىلىق چوڭ دۆلەتلەرنىڭ چىقىشىپ ئۆتۈش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى تېخىمۇ ئېنىق ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى... جۇڭگو ئىدىيەسى قەلبلەرنى تېخىمۇ مايىللاشتۇردى، چوڭ دۆلەت رولىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈردى، خەلقئارا تەسىر كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇردى.
جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق تىنچ تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش ئۈچۈن.
ھازىر يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى، ئىنسانلار يەنە بىر قېتىم نەگە بېرىپ، نەدە تۇرۇشتىن ئىبارەت تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرماقتا.
«پۈتۈن دۇنيادىكى 190دىن ئارتۇق دۆلەت تەقدىر - قىسمەتتە بىللە بولىدىغان بىر چوڭ پاراخوتتا ئولتۇرىدۇ، شۇڭا جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ دۇنياۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.»
«تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرىدىغان، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى تەرىپىدە تۇرىدىغان» جۇڭگو باشتىن - ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى، دۇنياۋى تەرەققىياتنىڭ تۆھپىكارى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى، ئاممىۋى مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلىگۈچى بولۇپ كەلدى.
ئومۇمىي ۋەزىيەتكە ئۇيغۇنلىشىپ، ھەققانىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، داغدام يولدا ماڭدۇق، بىزنىڭ كۈرەش قىلىشىمىز مۇقەررەر ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تارىخىي سەھىپىسىگە داۋاملىق پۈتۈلىدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى)






