شىنجاڭنىڭ تەيچۈەنداۋ تۈرىدە ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى تارىخىي بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

10 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ما جىڭيۆ (ئوڭدا) مۇسابىقىلەشمەكتە. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 2 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ جىڭجىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، 2026 - يىللىق ئەيجى . مىڭگۇۋۇ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەيچۈەنداۋ تۈرىنىڭ ئاياللار 49 كىلوگىراملىقلار مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭدىن بارغان جۇڭگو ماھىرى ما جىڭيۆ فىلىپپىن ماھىرىنى يېڭىپ، ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تەيچۈەنداۋ تۈرىدە تارىخ ياراتتى.
«بۈگۈن ئۇ سەۋىيەسىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇسابىقىدە يەڭدى، پۈتكۈل جەريان ئىنتايىن تەسكە توختىدى، مەن ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىمەن» دېدى ما جىڭيۆنىڭ تىرېنېرى تيەن جيەن.
2014 - يىلى، جۇڭگو شىنجاڭ تەنھەرىكەتچىسى لى جاۋيى رېنچۇەن ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئاياللار تەيچۈەنداۋ مۇسابىقىسىنىڭ 49 كىلوگىراملىقلار تۈرىدە كۈمۈش مېدالنى قولغا كەلتۈرگەنىدى. ئارىدىن 12 يىل ئۆتۈپ، شىنجاڭ يېتىشتۈرگەن ما جىڭيۆ تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ، ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تەيچۈەنداۋ تۈرىدە ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخىدىكى يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.
شۇ كۈنى 1 - ئايلانما مۇسابىقىدە، ما جىڭيۆ 2:0 نەتىجە بىلەن كۈچىمەيلا غەلىبە قىلدى، ئۇنىڭ رىقابەتچىسى ئاسىيا مۇساپىرلار ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ ماھىرى ئالخاسان ئالشىنىد ئىدى. 18 ياشلىق ئالخاسان سۇرىيەدىن كەلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە ئىيوردانىيەدە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، ئۇ يەنە بىر ئەر كوماندا ئەزاسى بىلەن مۇساپىرلار ۋەكىللەر كوماندىسى بولۇپ تەشكىللىنىپ، بىردەك تەيچۈەنداۋ تۈرى مۇسابىقىسىگە قاتناشقان.
2 - ئايلانما مۇسابىقىدە، ما جىڭيۆ كورېيە ماھىرى لى يۈمىن بىلەن مۇسابىقىلەشتى. ما جىڭيۆ كۈچلۈك ھۇجۇم قىلىپ، ئۈنۈملۈك زەربە بېرىپ كۆپ قېتىم نومۇرغا ئېرىشىپ، ئوخشاشلا 2:0 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلدى. يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، ما جىڭيۆ تايلاندنىڭ داڭلىق ماھىرى پۇكېرد بىلەن ئۇچراشتى. ما جىڭيۆ بېسىمغا تاقابىل تۇرۇپ، تاكتىكىنى جايىدا ئىجرا قىلىپ، يەنە بىر قېتىم 2:0 نەتىجە بىلەن رىقابەتچىسىنى يېڭىپ، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى.
ئالتۇن مېدالنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە، ما جىڭيۆ فىلىپپىن ماھىرى مەنجىن بىلەن مۇسابىقىلەشتى، ئىككى تەرەپ ئەمەلىي كۈچ جەھەتتە تەڭلىشىپ قېلىپ، ئوخشاشلا نومۇرغا ئېرىشەلمىدى، ھۇجۇم قىلىش - مۇداپىئەلىنىشتە تىركىشىپ قالدى، ئاخىرىدا رېپېرنىڭ ما جىڭيۆنى ھۇجۇم قىلىش - مۇداپىئەلىنىش جەھەتتە تېخىمۇ ئاكتىپ، تەشەببۇسكار بولدى، دەپ ھۆكۈم قىلىشى بىلەن مۇسابىقىدە ئۇتتى.
ما جىڭيۆ سانجى شەھىرىنىڭ ئەرليۇگۇڭ بازىرىدا تۇغۇلغان، ئۇنىڭ بوي ئېگىزلىكى 1.76 مېتىر بولۇپ ئاران 49 كىلوگىرام كېلەتتى، ئۇنىڭ بويى ئېگىز بولۇش ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك، ئوتتۇرىدىكى ئارىلىقنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، قەدەم يۆتكىشى چاققان بولۇپ، چوڭ مۇسابىقىلەردىكى روھىي ھالىتى تەمكىن ئىدى.
2015 - يىلى، ما جىڭيۆ سانجى شەھەرلىك 7 - ئوتتۇرا مەكتەپتىن شىنجاڭ تەنتەربىيە كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىگە ئەۋەتىلگەن، كېيىن ئىپادىسى ياخشى بولغانلىقتىن شىنجاڭ تەيچۈەنداۋ كوماندىسىغا تاللىنىپ نۇقتىلىق تەربىيەلەنگەن، 2024 - يىلى 11 - ئايدا دۆلەت تەيچۈەنداۋ كوماندىسىغا تاللانغان.
2026 - يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە، ما جىڭيۆنىڭ ھالىتى مۇقىم بولۇپ، ئىلگىرى - كېيىن گوللاندىيە ئاشكارا مۇسابىقىسىنىڭ ئاياللار 49 كىلوگىراملىقلار تۈرىدە 3 - لىكنى، بېلگىيە ئاشكارا مۇسابىقىسىنىڭ ئاياللار 49 كىلوگىراملىقلار تۈرىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى، 8 - ئايدا خۇنەن چاڭشادا جۇڭگو تەيچۈەنداۋ ئاشكارا مۇسابىقىسىنىڭ 49 كىلوگىراملار تۈرىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى، يەنە كورېيە تەيچۈەنداۋ مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسىدە 3 - لىكنى قولغا كەلتۈردى.






