− چوڭ جىلغا سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇش يېڭى باسقۇچىغا كىردى
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى كاڭ خاۋيەن
«چوڭ جىلغا سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى قوزغىتىلىپ توك تارقىتىشنى باشلىسۇن!» 9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى سائەت 10دىن 31 مىنۇت ئۆتكەندە، بۇ بۇيرۇق تىيانشاننىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى جىلغىنىڭ ئىچكىرىسىگە يېتىپ كەلگەندە، شىنجاڭ چوڭ جىلغا سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ توك تارقىتىلغان تارىخىي پەيتنى كۈتۈۋالدى. بۇ پەيتتە، قۇرۇلۇشچىلارنىڭ 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرى جىلغىغا كىرگىنىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا يەتتە يىل بولدى. يەتتە يىلدا، نەچچە مىڭ قۇرۇلۇشچى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1700 مېتىر بولغان چۆللۈكنىڭ ئىچكىرىسىدە 18 مىليون 900 مىڭ كۇب مېتىر قۇم - شېغىلنى قاتلاممۇقاتلام چىڭداپ توسما ياساپ، 247 مېتىر ئېگىزلىكتىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز بېتون يۈزلۈك قۇم - شېغىل توسمىسى ياساپ، خەلقئارا قۇرۇلۇش ساھەسىدە بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان 200 مېتىردىن ئاشىدىغان ئوخشاش تىپتىكى چوڭ توسمىلارنىڭ «ئېگىزلىك چەكلىمىسى» رايونىغا بۆسۈپ كىردى.
«تۇنجى تۈركۈم گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى قۇرۇلۇش باسقۇچىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇنداقلا بۇ، قۇرۇلۇش ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ يېپيېڭى باشلىنىش نۇقتىسى.» ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر لى جياڭ مۇنداق دېدى: چوڭ جىلغا سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى جەنۇبىي شىنجاڭ سۇ تورى قۇرۇلۇشىدىكى غول تىرەك قۇرۇلۇش، ئۇنىڭ قوغدايدىغىنى بىر دەريالا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ سۇ بىخەتەرلىكى، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى ۋە ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تۆۋەن چېكى.
«چەكلەنگەن رايون»غا بۆسۈپ كىرىش:
ئەقلىي ياسىمىچىلىق كۈچى ئارقىلىق دۇنياۋى ئاخىرقى چەك بۇزۇپ تاشلاندى
«دەريانى توسۇپ» قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان چوڭ جىلغا سۇچىلىق تۈگۈنى توسمىسى ئۈستىدە تۇرغاندا، جىلغىنىڭ چوڭقۇر جايىدىن چىققان شامال دەريا سۈيىنىڭ سالقىنلىقىنى ئېلىپ كېلەتتى. 576.5 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى توسما ئۈستى ئوڭ - سول تەرەپتىكى تاغ گەۋدىسىنى تۇتاشتۇرغان بولۇپ، سۇ يۈزىگە يۈزلەنگەن يانتۇ يۈزنىڭ ئۇزۇنلۇقى 360 مېتىردىن ئاشىدىغان بېتون يۈزلۈك تاختا قېنىق يېشىل رەڭلىك ئامبار سۈيى بىلەن پۈتۈنلەي ئورالغانىدى.
خەلقئارا قۇرۇلۇش ساھەسىدە، 200 مېتىر ئىزچىل بېتون يۈزلۈك شېغىل توسمىنىڭ «ئېگىزلىك چەكلىمىسى» دەپ ئېتىراپ قىلىنغان. لېكىن چوڭ جىلغا سۇچىلىق تۈگۈنى توسما ئېگىز بولۇش، يانتۇلۇق ئېگىز بولۇش، يەر تەۋرەش تەسىر دەرىجىسى كۈچلۈك بولۇش، كەلكۈن سۈيىنى قويۇۋېتىش سۈرئىتى يۇقىرى بولۇش، قېزىش - تىندۇرۇش سىجىللىقى يۇقىرى بولۇشتىن ئىبارەت «بەش يۇقىرى بولۇش» ئاخىرقى چەك خىرىسىنى يېڭىپ، ئېگىزلىكى 247 مېتىر بولغان ھەيۋەتلىك قىياپىتى بىلەن بۇ «سۇ بۆلگۈچ»تىن ھالقىدى.
«ئىلگىرىكى ئوخشاش تۈردىكى قۇرۇلۇشلار خۇددى مۇقىم ئۇلغا كۇبىك تىزىشقا ئوخشىسا، چوڭ جىلغا يەر تەۋرەش بەلبېغىدا تېخىمۇ ئېگىز قەۋەتلىك <دەرىجىدىن تاشقىرى كۇبىك> قۇراشتۇرغانغا ئوخشايدۇ.» شىنجاڭ گېجوۋبا چوڭ جىلغا سۇچىلىق تۈگۈنى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش ئىنژېنېرى جوۋ جۈنفاڭ ئىلگىرى مۇشۇنداق ئوخشاتقانىدى. بۇ يىل مەملىكەتلىك 1 - ماي ئەمگەك مېدالىغا ئېرىشكەن بۇ كىشىنى پەخىرلەندۈرگىنى چوڭ جىلغا سۇچىلىق تۈگۈنىدە تۇنجى بولۇپ ئىجاد قىلىنغان پۈتۈن جەريانلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياساش سىستېمىسى بولدى. توسما گەۋدىسىنى تىندۇرۇشقا 18 مىليون 900 مىڭ كۇب مېتىر قۇم - شېغىل ماتېرىيالى ئىشلىتىلدى، ھەربىر قاتلامنىڭ ياتقۇزۇلۇش قېلىنلىقى، ھەربىر خىل ماتېرىيالنىڭ تەڭشىلىش نىسبىتى، ھەربىر توشۇش يولى، ھەربىر قېتىملىق چىڭداش ئىزىنىڭ ھەممىسى چوڭ جىلغا رەقەملىك قوش ئاقىل مەركىزىنىڭ تەقلىدىي سىستېمىسىغا مۇددەتتىن بۇرۇن كىرگۈزۈلۈپ، «ئاقىل چوڭ مېڭە»نىڭ قايتا - قايتا خۇلاسىلىشى، دەل جايىدا قوماندانلىق قىلىشى نەتىجىسىدە، ئاخىردا رېئاللىققا ئايلىنىپ، «3D بېسىش» شەكىلگە كەلتۈرۈلدى.
ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان توسما ئېگىزلىكى ئالدىدا، قۇرۇلۇش قىلىش كوللېكتىپى چىڭخۇا داشۆ، تيەنجىن داشۆ، جۇڭگو سۇچىلىق - سۇ ئېلېكتىر پەن تەتقىقات ئاكادېمىيەسى قاتارلىق پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە، 21 تۈر تېمىسى، 44 مەخسۇس تېمىدا تۈر تەتقىقاتى ئېلىپ باردى، قۇرۇلۇش جەريانىدا ئون نەچچە تۈرلۈك ئالاقىدار ئاقىللاشقان تېخنىكىنى قوللاندى.
بۇ سانلار قاتتىق يادرولۇق كۆرسەتكۈچلەرنى بارلىققا كەلتۈردى: توسمىنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كېتىش نىسبىتى ئاران %0.29 بولۇپ، %0.6لىك لايىھە ئۆلچىمىدىن خېلىلا ئەلالاشتى؛ توسمىنى تىندۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈنۈمى %25كە يېقىن ئۆسۈپ، تىندۇرۇش ئومۇمىي قۇرۇلۇش مۇددىتى مۇددەتتىن سەككىز ئاي بۇرۇن تاماملاندى. 2024 - يىلى 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى سەھەردە، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە 7.1 بال يەر تەۋرىدى، تەۋرەش مەركىزىنىڭ توسما بىلەن بولغان ئارىلىقى 70 كىلومېتىرغىمۇ يەتمەيتتى، توسما گەۋدىسى ئىچىدىكى 1000دىن ئارتۇق كۆزىتىش - ئۆلچەش نۇقتىسى شۇ ھامان قوزغىتىلدى، ئاچقۇچلۇق ئورۇندىكى نەچچە ئونمىڭ سانلىق مەلۇمات سىستېمىغا «توسما گەۋدىسى پۈتۈنلەي بىخەتەر» دەپ ھۆكۈم قىلىپ، تەبىئەتنىڭ قۇرۇلۇش سۈپىتىگە بولغان سىنىقىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك بەرداشلىق بەردى.
تۇنجى جەڭنى غەلىبىلىك ئاياغلاشتۇرۇش:
كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشتىن سۇغىرىشقىچە بولغان ئۈنۈم جاۋاب قەغىزى
ئامبارنىڭ ئومۇمىي سىغىمى 1 مىليارد 170 مىليون كۇب مېتىر كېلىدىغان چوڭ جىلغا سۇچىلىق تۈگۈنى تارىم دەرياسى يۇقىرى ئېقىنىدىكى ئىسمى - جىسمىغا لايىق «دەرىجىدىن تاشقىرى جۈمەك». توسما ئارقىلىق سۇ تەڭشەپ ساقلىنىدىغان قۇم ئېرىق دەرياسى تارىم دەرياسىنىڭ مۇھىم ئېقىن مەنبەسى بولغان ئاقسۇ دەرياسىنىڭ 1 - دەرىجىلىك تارماق ئېقىنى بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى 4 مىليارد 879 مىليون كۇب مېتىر. بۇ جايدا تىزگىنلەش خاراكتېرلىك سۇچىلىق قۇرۇلۇشى قىلىش جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقىنى تەڭشەش - تەقسىملەش ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم.
بۇ يىل يازدىكى كەلكۈن مەزگىلىدە، چوڭ جىلغا سۇچىلىق تۈگۈنى سۇ ساقلاشتىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق «چوڭ سىناق»نى كۈتۈۋالدى. تىيانشاننىڭ ئىچكىرىسىدىكى مەيزىباخ مۇز كۆلى ئېرىپ، شىددەتلىك كەلكۈن كەلدى. خەتەرلىك ۋە جىددىي ۋەزىيەتتە، توسما توسۇش - ساقلاش، تەڭشەش - تىزگىنلەش يادرولۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، 27 مىليون 730 مىڭ كۇب مېتىر كەلكۈن سۈيىگە تەمكىن تاقابىل تۇرۇپ تەڭشەپ تىزگىنلىدى ھەم تۆۋەن ئېقىننى بويلاپ كەلكۈن باشلاش، كەلكۈننى تارقاقلاشتۇرۇشنى پائال قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، 23 مىليون 290 مىڭ كۇب مېتىر كەلكۈن سۈيىنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى، پايدىلىنىش نىسبىتى %84كە يەتتى. ئىلگىرىكى كىشىنى ئىنتايىن قورقۇنچقا سالىدىغان مۇزلۇق كۆل كەلكۈنى تۆۋەن ئېقىندا ئېكولوگىيەلىك سۇ ئىشلىتىشتىكى «دەل ۋاقتىدا ياغقان يامغۇر»غا ئايلاندى.
كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە، چوڭ جىلغا سۇچىلىق تۈگۈنىنىڭ گەۋدىلىك رولى بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتتا تېخىمۇ روشەن ئىپادىلەندى: مۇداپىئە توسمىسى قۇرۇلۇشى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قوللىنىش ئارقىلىق، سۇ ئامبىرىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى قۇم ئېرىق دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى كەنت ۋە ئېتىزلارنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئۆلچىمى بەش يىلغىچە ئاپەت كۆرۈلمەسلىكتىن ئون يىلغىچە ئاپەت كۆرۈلمەسلىككە ئۆستۈرۈلۈپ، ئاقسۇ دەرياسى غول ئېقىنىنىڭ ئاقسۇ شەھىرىدىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئۆلچىمى 30 يىلغىچە ئاپەت كۆرۈلمەسلىكتىن 50 يىلغىچە ئاپەت كۆرۈلمەسلىككە ئۆستۈرۈلۈپ، قىرغاقتىكى ئامما ۋە نەچچە مىليون مو تېرىلغۇ يەر ئۈچۈن مۇستەھكەم توسۇق بەرپا قىلىندى.
«چوڭ جىلغا سۇچىلىق تۈگۈنىنىڭ پۈتۈشى بىلەن تارىم دەرياسى ۋادىسىنى تۈزەشتىكى پۇختا تىرەك مۇستەھكەملەندى.» ئاپتونوم رايونلۇق تارىم دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ۋاڭ فۇيۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ سۇچىلىق تۈگۈنىنى ياخشى باشقۇرۇپ، ياخشى ئىشلىتىپ، ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ - ئاسراپ، ئۇنىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش، يېزا ئىگىلىكىدە سۇغىرىش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز.
ئەمەلىيەتتە، بۇلتۇر 10 - ئايدا رەسمىي چۈشۈرگە چۈشۈرۈلۈپ سۇ ساقلانغاندىن بۇيان، قىش پەسلىدە دەريا يولىدا ئېقىن ئۈزۈلۈپ قالغان تەقدىردىمۇ، چوڭ جىلغا سۇچىلىق تۈگۈنى سۇ ئامبىرىنىڭ سۇ ساقلاش مىقدارى يەنىلا ئىزچىل 125 مىليون كۇب مېتىر ئەتراپىدا ساقلىنىپ، ئۈزلۈكسىز تەمىنلىنىدىغان ئېكولوگىيەلىك ئېقىم مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلىنىپلا قالماي، يەنە تۆۋەن ئېقىندىكى سۇغىرىش رايونىدىكى توڭ ياتقۇزۇش، ئەتىيازلىق سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ ۋاقتىدا تولۇقلاندى. بۈگۈنكى كۈندە، لىق سۇ ساقلانغان سۇ ئامبىرى تۆۋەن ئېقىندىكى 6 مىليون 800 مىڭ مودىن ئارتۇق سۇغىرىش رايونىنى سۇ بىلەن مۇقىم تەمىنلەيدىغان ئىشەنچلىك كاپالەتكە ئايلىنىپ، ۋادىدىكى سۇ بايلىقىغا دائىر «ئەتىيازدا قۇرغاقچىلىق بولۇش، يازدا ھۆلچىلىك بولۇش، كۈزدە سۇ يېتىشمەسلىك، قىشتا سۇ ئازىيىپ كېتىش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تېخىمۇ يېتەرلىك ئاساس سالماقتا.
جەنۇبىي شىنجاڭغا كۈچ قوشۇش:
پاكىز ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىدىن تارىم دەرياسىدىكى يېڭى ھاياتىي كۈچكىچە
ئېلكتىر ئىستانسىسىنىڭ زاۋۇت ئۆيىدە سۇ تۇربىنىسىنىڭ ئايلانما چاقى ئۇچقاندەك ئايلىنىۋاتقان بولۇپ، گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ تەۋرىنىشى، سىلكىنىش دەرىجىسى، ئوققازان تېمپېراتۇرىسى قاتارلىق ئاچقۇچلۇق كۆرسەتكۈچلەر مۇقىم ئىدى. دەريا ئېقىنىدىكى سۇنىڭ كۆتۈرۈلۈشىنىڭ ئۆزگىرىش دائىرىسى چوڭ بولۇش، قۇم - لاتقا تەركىبى يۇقىرى بولۇش، دانچىلارنىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قىيىن شارائىتقا ماسلىشىش ئۈچۈن، چوڭ جىلغىدىكى ئۈچ گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىغا كانايسىمان كىلاپانلىق ئارىلاشما ئېقىملىق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇپ قوللىنىلغان بولۇپ، ئۇزاق مەزگىل مۇقىم يۈرۈشۈشىنى ساقلىغىلى بولىدۇ.
«نۆۋەتتە تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىككى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى رەسمىي تورلاشتۇرۇلۇپ توك تارقىتىلدى، 3 - نومۇرلۇق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى تورغا چېتىلىپ سىناق قىلىنىۋاتىدۇ، 10 - ئايدا تورلاشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشنى پىلانلىدۇق.» جۇڭگو گېجوۋبا گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى، باش ئىنژېنېر يۈ يىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: قۇرۇلۇشنىڭ ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 750 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە توك تارقىتىش مىقدارى 1 مىليارد 893 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىدۇ، تەخمىنەن 600 مىڭ ئائىلىنىڭ پۈتۈن يىللىق توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، 1 مىليارد 893 مىليون كىلوۋات سائەت توك پەقەت چىراغ يورۇتىدىغان پاكىز ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سىستېمىسىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى تەڭشەپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشتىكى «تايانچ» كۈچ ھېسابلىنىدۇ.
جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتىغا قۇۋۋەت قوشقاندىن باشقا، چوڭ جىلغا سۇچىلىق تۈگۈنى يەنە تارىم دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيە ئەندىزىسىنى قايتا بەرپا قىلماقتا. 2000 - يىلى تارىم دەرياسى تۆۋەن ئېقىنىغا ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈش باشلانغاندىن بۇيان، 26 يىلدا جەمئىي قويۇپ بېرىلگەن ئېكولوگىيەلىك سۇ مىقدارى 10 مىليارد 700 مىليون كۇب مېتىر بولدى. چوڭ جىلغا سۇچىلىق تۈگۈنىدە ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن، ھەر يىلى تارىم دەرياسى غول ئېقىنىغا 3 مىليارد 420 مىليون كۇب مېتىر ئېكولوگىيەلىك سۇ تولۇقلاپ يەتكۈزۈلۈپ، تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنى، تۆۋەن ئېقىنىدىكى تەبىئىي توغراقلىققا تېخىمۇ ۋاقتىدا، تېخىمۇ دەل جايىدا سۇ تولۇقلىنىدۇ.
«15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا «زامانىۋىلاشقان سۇ تورى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش» ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «چوڭ جىلغا سۇچىلىق تۈگۈنىنىڭ تېخىمۇ زور قىممىتى دۆلەتنىڭ سۇ تورى ئۈچۈن غەربىي قىسىمدا بىر ئاچقۇچلۇق <تۈگۈن> نۇقتا ھاسىل قىلغانلىقىدا.» لى جياڭ مۇنداق بىلدۈردى: دۆلەتنىڭ 172 تۈرلۈك سۇ تېجەش، سۇ بىلەن تەمىنلەشتىكى مۇھىم سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، چوڭ جىلغا سۇچىلىق تۈگۈنى ھەم جەنۇبىي شىنجاڭ سۇ تورىدىكى غول تىرەك قۇرۇلۇش، ھەم تارىم دەرياسى ۋادىسىنىڭ «توققۇز مەنبە، بىر غول ئېقىن»نى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش سىستېمىسىدىكى ئاچقۇچلۇق تۈگۈن، باشقا تۈگۈن قۇرۇلۇشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرۇپ ماسلىشىپ كۈچەش ئارقىلىق، دۆلەت سۇ تورىنىڭ يۇقىرى قاتلام لايىھەسىنى ھەقىقىي تۈردە ئېتىز باشلىرىغا تۇتاشتۇرىدۇ.
«تەبىئىي شارائىتقا تايىنىپ سۇ كۈتۈش»تىن «سۇنى تىزگىنلەپ گۈللىنىش»كىچە، چوڭ جىلغىنىڭ «رەقەملىك شىفىرى» ئاخىرىدا تېخىمۇ مۇقىم سۇغىرىش ئۆستەڭلىرى، تېخىمۇ يېشىل توغراقلىقلار، ھەممە ئائىلىنىڭ تېخىمۇ يورۇق چىراغلىرى ۋە تېخىمۇ كەڭ تەرەققىيات مەنزىرىسى بولۇپ پۈتۈلىدۇ.






