تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تيەنئەنمېندىن دۆلەت دەرۋازىسىغىچە، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق قەلبلەرنىڭ تەلپۈنۈشىگە گۇۋاھ بولدى

10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى سەھەر، پامىر ئېگىزلىكى، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 5000 مېتىردىن ئاشىدىغان قونجىراپ دۆلەت دەرۋازىسى ئالدىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەردىن بولۇپ 1000دىن ئارتۇق كىشى جەم بولۇپ، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق چىقىرىلغان مۇقەددەس پەيتكە ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

دۆلەت دەرۋازىسى − دۆلەتنىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ سىمۋولى. قونجىراپ دۆلەت دەرۋازىسى دۇنيا بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى ئەڭ ئېگىز دۆلەت دەرۋازىسى، بۇ جاي ئاۋات شەھەرلەردىن يىراق، يىل بويى سوغۇق، ئوكسىگېن كەمچىل، شىۋىرغان چىقىپ سوغۇق جاندىن ئۆتىدىغان بولسىمۇ، ئەمما باشتىن - ئاخىر دۆلەتنى قوغداش سەمىمىي ساداقىتى مەۋج ئۇرۇپ كەلگەن. ئۇ ۋەتىنىمىزنىڭ تىنچ - ئامانلىقىنى قوغدايدىغان مۇستەھكەم توسۇق بولۇپ، ۋەتىنىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىپ قۇدرەت تېپىش ئىزنالىرى ئويۇلغان. دۆلەت بايرىمى كۈنى، ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلار بۇ جايغا كېلىپ، دۆلەت بايرىقىنى بىرلىكتە چىقاردى، دۆلەت شېئىرىنى بىرلىكتە ئېيتتى. رايون ئايرىمىغان، يىراق - يېقىنلىقى بىلەن ھېسابلاشمىغان بۇ مەيدان ئاتلىنىش قەلبلەرنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقان، ئوتتەك يېلىنجىغان چوڭقۇر دۆلەت مۇھەببىتىدىن كەلگەن.

دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىنى كۆرۈش ۋۇجۇدىمىزغا ئورناپ كەتكەن ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنىڭ ئىپادىلىنىشى. خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيەسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى پاتىمەخان پەرھات ئىلگىرى بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىنى كۆرگەندە كۆزىگە ئىسسىق ياش ئالغانىدى، ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىغا ۋەتەنگە بولغان ئەڭ ساپ مۇھەببەت مۇجەسسەملەنگەن. ھەقىقەتەن، ھەممە كىشىگە تيەنئەنمېنگە بېرىش پۇرسىتى بولۇۋەرمەيدۇ، لېكىن ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتى ئەزەلدىن تاغ - دېڭىزلارنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان ئەمەس. تيەنئەنمېندىن دۆلەت دەرۋازىسىغىچە، جاي ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ئوتتەك ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقى باشتىن - ئاخىر بىردەك بولدى.

تۈمەنلىگەن تاغ چوققىلىرىدا دۆلەت بايرىقى جەۋلان قىلماقتا؛ ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي قىسمىدا ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتى ئۇرغۇپ تاشتى. شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ بىپايان تۇپراقتا، ۋەتەننى سۆيۈش باشتىن - ئاخىر ئەڭ چوڭقۇر ئاساسىي رەڭ بولۇپ كەلدى، قەلبلەرنى مۇجەسسەملىگەن بۇ بايراق ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلارنىڭ قەلبىدىكى ئىنتىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىشقا ئاشۇرۇشىغا گۇۋاھ بولماقتا.

(«جياڭ شياۋيەن» ماقالە ئەۋەتىش خەت ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.