− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 77 يىللىقىنى تەبرىكلەش بويىچە كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى باتۇرانە ئالغا بېسىشقا رىغبەتلەندۈردى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
«چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا، دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتى ئالدىدا، بىز مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل تۈردە يېڭى بولۇش، ئەلا بولۇش، ياخشى بولۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ تاماملاپ، <15 - بەش يىل>نىڭ ياخشى باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.» 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى كەچتە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 77 يىللىقىنى تەبرىكلەش بويىچە كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ قىياپەتتە ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئەمەلىي ئىشلەپ تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، «15 - بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىمىز.
غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ
«15 - بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغاندىن كېيىن، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى، پەن تەتقىقات بىرىنچى سېپىدە 32 يىل يىلتىز تارتقان شىنجاڭ رەڭلىك مېتال تەتقىقات ئورنى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش ئىنژېنېرى ئاسىگۈل ئابدۇغوپۇرنىڭ قەلبى ھاياجانغا تولۇپ، ئېتىقادى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى.
تەجرىبىسىز ئوقۇغۇچىدىن ساھە ئاۋانگارتى بولۇشقىچە، ئاسىگۈل شىنجاڭ رەڭلىك مېتال سانائىتىنىڭ ئادەم كۈچىگە تايىنىشتىن ئەقلىي ئىقتىدارلىق، يېشىل بولۇشقا قاراپ غايەت زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشىنى باشتىن كەچۈردى. كۆكتوقاي روھى باشتىن - ئاخىر ئۇنىڭ كېرەكسىز رۇدا داشقاللىرىنى تاۋلاپ ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش قاتارلىق قىيىن مەسىلىلەردە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشىدىكى مەنىۋى موتور بولۇپ كەلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئۆزۈمنىڭ شەخسىي تىرىشچانلىقىنى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىق كاپالىتى ئومۇمىيىتىگە سىڭدۈرۈپ، ھەر مىللەت خىزمەتداشلىرىم بىلەن بىر مەقسەتتە ئورتاق ئىلگىرىلەپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئەمەلىي خىزمىتىم، ئەمەلىي نەتىجەم ئارقىلىق، <15 - بەش يىل>نىڭ ياخشى باشلىنىشى ئۈچۈن رەڭلىك مېتال كۈچى قوشىمەن.»
بۇ يىلدىن بۇيان، G30 ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ شىڭشىڭشيا - قومۇل بۆلىكى، قومۇل - تۇيۇق بۆلىكىنى ئۆزگەرتىش - كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلىنىپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلدى، تىيانشاننى كېسىپ ئۆتىدىغان يەنە بىر يۇقىرى سۈرئەتلىك يول چوڭ تومۇرى بولغان كۈيتۈن - مايتاغ - كۇچا يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ كۆپلىگەن بۆلەكلىرىدە قۇرۇلۇش باشلاندى... شىنجاڭنىڭ تاشيول قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رولغا ئىگە.
«بىز قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى رايون ھالقىپ بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇش، شەكىل ھالقىپ بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ جىپسىلاشتۇرۇش، ساھە ھالقىپ چوڭقۇر يۇغۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، كۈچنى قاتناش ئەشيا ئوبوروتىدا تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، سەپەرگە چىقىشتا خەلققە قولايلىق يارىتىش، ئىللىق مۇلازىمەت قىلىش، سەپەر جەريانىنى مېھىر - مۇھەببەتكە تولدۇرۇش قاتارلىق قاتناش ساھەسىدە خەلققە قىلىپ بېرىلىدىغان ئون تۈرلۈك ئەمەلىي ئىشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، ئەمەلىيىتىمىزدە كۆرسىتىپ ئەمەلىي ئىشلەپ، كۆتۈرەڭگۈ قىياپەتتە <15 - بەش يىل>نىڭ ياخشى باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر گو شېڭ.
ئەمەلىي ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ
ئىقتىسادنىڭ يېڭى بولۇش، ئەلا بولۇش، ياخشى بولۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىمىز
«باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە، ئىقتىسادنىڭ سىجىل تۈردە يېڭى بولۇش، ئەلا بولۇش، ياخشى بولۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.» ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر شى رۇگېن مۇنداق دېدى: يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش دەۋر بىزگە يۈكلىگەن مۇھىم بۇرچ.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ سانائەت ئىقتىسادى سىجىل ياخشىلاندى. شىنجاڭ دىققەتنى ئۆزگىچە ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆزگىچە، ئەنئەنىۋى، يېڭىدىن گۈللەنگەن، كېلەچەك كەسىپلەردىن ئىبارەت تۆت چوڭ يۆنىلىشنى چۆرىدەپ، يېشىل خىمىيە سانائىتى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق 10 نۇقتىلىق كەسىپتە زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشكە تېز تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىلغار ياسىمىچىلىق توپىنى يېتىلدۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، توپنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، يانداش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت دەرىجىلىك تېخىمۇ كۆپ ئىلغار ياسىمىچىلىق توپىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە قۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئەۋزەل بايلىقلارنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى پۇختا كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.
جۇڭگو خەلق مال - مۈلۈك سۇغۇرتىسى پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، دىققەتنى يېزا ئىگىلىكىدە ھوسۇلنى مۇقىملاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام مۇلازىمەت تورىنى سىجىل پۇختىلاپ، خەۋپ - خەتەر كاپالىتى ۋە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، زىياننى ئازايتىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق سۇغۇرتا مۇلازىمىتىنى ياخشى قىلدى. بۇ شىركەت پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش دىرېكتور لياۋ ۋېنچاڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشىدا چىڭ تۇرۇپ، سۇغۇرتىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى سىجىل كېڭەيتىپ، تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت خەۋپ - خەتىرىنى ئۈنۈملۈك تۈگىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك سۇغۇرتا مۇلازىمىتى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ كەسىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا كۈچ قوشىمىز.
10 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، قەشقەر جياڭگوگو يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، خىزمەتچى خادىملار ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە جىددىي ئىشلەپچىقىرىش مەشغۇلاتى قىلىۋاتاتتى. بۇ شىركەت بازار بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى يې لى مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سىياسەتنىڭ «ئىللىق نۇرى»نىڭ ئۈزلۈكسىز ئوزۇقلاندۇرۇشى ئارقىلىق پۇقراۋى كارخانىلار ئۆسۈپ يېتىلىپ زورايدى، شىركىتىمىز مەۋقەنى بۇ جاينىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بايلىقىغا قويۇپ، تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنى زورايتىپ، مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنىڭ ئورتاق بېيىش يولىدا مېڭىشقا يېتەكلەيدۇ.
جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ
دەۋر بۇرچىنى دادىل زىممىمىزگە ئالىمىز
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ھەيۋەتلىك مەنزىرىسى سىزىپ بېرىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ياڭ خۇيگو مەسئۇلىيەتنىڭ زىممىسىدە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى: «چارۋا، ئۆي قۇشلىرىنىڭ ئەلا نەسلى چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ <شىنپيەن>ى، گۆش قويى نەسلىنى يېتىلدۈرۈشتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى ياخشى ئىشلەش دەل كەسىپ ئۇلىنى پۇختىلاش. نەسىلچىلىك كەسپىدە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يۆنىلىشىنى نىشانلاپ، نەسىلچىلىك كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق شىنجاڭ قويچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پەن تەتقىقات كۈچى قوشىمىز.»
«باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى ياشلارنىڭ كۈرەش قىلىشى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.» ئاپتونوم رايون بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئىلغار شەخس ساۋ يۇڭچى مۇنداق دېدى: تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتى بىلەن چېگرا رايوننىڭ ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىشلىرىغا چوڭقۇر ئەجىر سىڭدۈرۈپ، چېگرا رايوننىڭ تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇش، جەمئىيەتنىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزۈش داۋامىدا يېڭى دەۋر ياشلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى پۈتۈپ چىقىمىز.
شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنى بىناكارلىق قۇرۇلۇش شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ۋاڭ تېڭخۇي مۇنداق دېدى: «باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى مېنى ھەسسىلەپ ئىلھاملاندۇردى. بۇنىڭدىن كېيىن، مەن كەسپىي بىلىملەرنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە، ئەمەلىي مەشىققە ئەھمىيەت بېرىپ، قابىلىيىتىمنى تاۋلاپ، ياشلىق باھارىمنى چېگرا رايون قۇرۇلۇشىنىڭ بىرىنچى سېپىگە بېغىشلاپ، تىرىشىپ غايىلىك، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان، جاپاغا چىدايدىغان، كۈرەش قىلىشقا ئىنتىلىدىغان يېڭى دەۋر ياشلىرىدىن بولىمەن.»
(مۇخبىر گاۋ فېڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار شى شىن، لۇ فېڭباۋ، ما يىنىڭ، رەن خۇ، تويا، ما بويۈ، خېي خۇڭۋېي، ۋاڭ يۇڭفېي)






