
9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، كۇچا شەھىرىدىكى دۇڭخۇ باغچىسىدا «دۆلىتىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ئاي تولدى، ساليۇت نۇرى كۈسەننى يورۇتتى» دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش باش تېمىسىدىكى ساليۇت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى، كەڭ شەھەر ئاھالىلىرى بىلەن ساياھەتچىلەر بىر مەيدان تەنتەنىلىك كۆرۈش سېزىمى كاتتا زىياپىتىدىن ھەمبەھرىلەندى. □ بۇ دېڭپېڭ فوتوسى
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا رەڭگارەڭ چىراغلار چاقنىدى، شەھەر يەر بەلگىلىرى، قەدىمىي شەھەر كوچىلىرى رەڭدار تۈسكە كىرىپ، چىراغ نۇرى كۆرگەزمىلىرى كېچە ئاسمىنىنى يورۇتۇپ، جۇلالىق نۇرلار ئارقىلىق ۋەتەنگە بولغان گۈزەل بەخت تىلەكلىرى بىلدۈرۈلدى. ھەر مىللەت ئامما ھەر تەرەپتىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بىلەن بىللە رەڭگدارلىققا تولغان كېچە مەنزىرىسىنى سەيلە قىلىپ، رەڭگارەڭ نۇرلار ئىچىدە ۋەتەنگە بولغان سەمىمىي، قىزغىن مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلدى، بىپايان شىنجاڭ تۇپرىقىدا قويۇق دۆلەت مۇھەببىتى مەۋج ئۇردى.
كېچە مەنزىرىسى يېڭىچە تۈس قوشتى، ھەممە جەم بولۇپ شادلىققا چۆمدى
10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى كەچقۇرۇن، ئۈرۈمچى مەدەنىيەت باغچىسى ئەتراپى كىشىلەر بىلەن لىق تولدى. بەزىلەر يان تېلېفونىنى كۆتۈرۈپ سۈرەتكە تارتىش نۇقتىسىنى تەڭشىسە، بەزىلەر بالىلىرىنى بوينىغا مىندۈرۈپ، ساليۇتنىڭ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈشىنى كۈتتى. دەل سائەت 21دە، تەبرىك توپى ئاۋازى ياڭراپ، ئالتۇن رەڭلىك ساليۇتلار يەر يۈزىدىن كۆتۈرۈلۈپ، كېچە ئاسمىنىدا ئېتىلىپ يەلپۈگۈچسىمان نۇر پەردىسى ھاسىل قىلدى؛ ئارقىدىن قىزىل، كۈمۈش رەڭلىك ساليۇتلار قاتلاممۇقاتلام يېيىلىپ، پۈتۈن ئاسماننى يورۇتتى. ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، شىداچياۋ، يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزى تەۋەلىك رايونى قاتارلىق جايلاردا دۆلەت بايرىمى باش تېمىسىدىكى چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى ماس قەدەمدە ئۆتكۈزۈلۈپ، ۋەتەنگە بەخت تىلىكى بىلدۈرۈلگەن كۆرۈنۈشلەر ئىمارەتلەرنىڭ تىك يۈزىدە تەكرار ئايلاندۇرۇپ كۆرسىتىلدى. نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىلەر ئالايىتەن ھەرقايسى جايلاردىكى مەنزىرە كۆرۈش نۇقتىلىرىغا بېرىپ، سۈرەتكە تارتىپ، سىنغا ئېلىپ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان بۇ پەيتلەرنى خاتىرىلىدى.
«ھەر يىلى دۆلەت بايرىمىدا، مەن ئائىلەمدىكىلەر بىلەن بىللە شەھەرنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىمەن، پۈتۈن شەھەردىكى جۇڭگو قىزىلىدىن بىز تولىمۇ پەخىرلىنىمىز.» ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى جاڭ ياتىڭ يان تېلېفونىدا توختىماي سۈرەتكە تارتقاچ ھاياجانغا چۆمدى. ساي تېز سۈرئەتلىك يولىدا، تېز مېڭىۋاتقان ئاپتوموبىللارنىڭ چىراغلىرى بىلەن بىنالاردىكى چىراغ نۇرلىرى گىرەلىشىپ بىر - بىرىنى جۇلالاندۇرۇپ تۇراتتى، پۈتۈن شەھەر خۇشال، قىزغىن بايرام كەيپىياتىغا چۆمگەنىدى.
مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى خوتەن شەھىرىدىمۇ ئوخشاشلا رەڭدار نۇرلار چاقنىدى. كەچقۇرۇن، خوتەن يوتقان قەدىمىي شەھىرىنىڭ چىراغلىرى كەينى - كەينىدىن ياندى، 500دىن ئارتۇق ئادەمسىز ئۇچقۇ سەپ بولۇپ بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈپ، كېچە ئاسمىنىدا دۆلەت بايرىمى باش تېمىسىدىكى ھەر خىل كۆرۈنۈشلەرنى ھاسىل قىلدى، چىراغ نۇرلىرى چاقناپ، بۇ جاي قويۇق بايرام كەيپىياتىغا چۆمدى. يەر يۈزىدە، قەدىمىي شەھەردىكى كۆڭۈل قويۇپ ياسالغان قەدىمكى ئۇسلۇبتىكى يۇمىلاق ئاي پانۇس گۇرۇپپىسى بىلەن چۆكمە شەكىلدىكى قەدىمكى ئۇسلۇبتىكى مەنزىرە ماس قەدەمدە نامايان بولدى؛ كوچىلاردا، دۆلىتىمىز ئۇسلۇبىدىكى قەدىمكى كىيىم - كېچەكلەرنى كىيگەن NPCلار ئايلىنىپ سەيلە قىلغاچ، پات - پات ساياھەتچىلەرگە دۆلەت بايرىقىنى سۇندى، ساياھەتچىلەر قەدىمىنى توختىتىپ ئارتىسلار بىلەن ھەمتۈرتكە بولدى، سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى. پۈتۈن رايون ساياھىتى بويىچە چۆكۈش شەكلىدىكى ئويۇن «بارچە خەلق چالدى ساز، يۈتيەنمۇ بار بۇ نەغمىدە» كوچا بويلاپ قانات يايدۇرۇلدى، ساياھەتچىلەر ئويۇن قويۇش سېپىگە ئەگىشىپ ئاستا ماڭدى، مىڭ يىللىق تارىخ نۇر ئىچىدە ئاستا - ئاستا نامايان بولدى. بىر چەتتىكى يىپەك يولى مەززىلىك تائاملار بازىرى قاينام - تاشقىنلىق كەيپىياتقا چۆمگەن بولۇپ، بۇ جاينىڭ ھەر خىل ئۇششاق يېمەكلىكلىرىنىڭ مەززىلىك ھىدى ئەتراپقا تارالغانىدى. ساياھەتچىلەر چىراغ نۇرى چاقناپ تۇرغان كوچىلاردا سەيلە قىلىپ، ئويۇن كۆرۈپ، خەلق ئۆرپ - ئادىتىدىن ھۇزۇرلىنىپ، قەدىمىي تۈس بىلەن قاينام - تاشقىنلىق گىرەلەشكەن كېچە مەنزىرىسىدە ئۇنتۇلغۇسىز بايرام ئۆتكۈزدى.
قەدىمىي سېپىل رەسىم سىزىدىغان رەخت قىلىندى، نۇر ۋە سايە ئارقىلىق مىڭ يىللىق تارىخ بايان قىلىندى
قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش كېچىسى چىراغلار يېقىلىپ شەھەرگە كىرىش مۇراسىمىدىن باشلاندى. تۈن پەردىسى يېيىلغاندا، قەدىمىي شەھەرنى كېچىلىك ساياھەت قىلىش باش تېمىسىدىكى سەييارە ئويۇن رەسمىي باشلاندى، چۆكۈش شەكلىدىكى كۆپ مەيدان ئويۇن كەينى - كەينىدىن قويۇلدى. چىراغ نۇرلىرى قەدىمىي شەھەردىكى ئىمارەتلەر بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ رومانتىك كېچە مەنزىرىسىنى جۇلالاندۇردى.
چىراغ نۇرى 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بۇ خام كېسەك قۇرۇلمىلىق ئىمارەتلەر توپىنىڭ تېمىغا بىۋاسىتە چۈشۈپ تۇراتتى. يىپەك يولىدىكى سەييارە سودىگەرلەر، ھەرخىل تىجارەت ھالەتلىرى سېرىق توپا تام يۈزىدە تەدرىجىي نامايان بولدى. كوچىلار ئارىسىدا جۇڭگو مودا ئېقىمى، خەلق ئۆرپ - ئادىتى باش تېما قىلىنغان سەيلە - ساياھەت كۇەيشەنلىرى ئۇياقتىن - بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى؛ ساياھەتچىلەر تاش ياتقۇزۇلغان يولدا ئاستا قەدەم بىلەن مېڭىپ، ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىق يۇغۇرۇلغان كېچە مەنزىرىسىدە بايرامدىكى قاينام - تاشقىنلىقىنى ھېس قىلدى.
جياڭسۇدىن كەلگەن ساياھەتچى چېن يۈ يان تېلېفونى ئارقىلىق بۇ كۆرۈنۈشلەرنى خاتىرىلىۋالدى: «باشقا جايلاردىكى چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسىنىڭ كۆپىنچىسى ئېگىز بىنالارنىڭ سىرتقى تېمىغا چۈشۈرۈلەتتى، لېكىن بۇ جايدا، چىراغ نۇرى مىڭ يىللىق كېسەك تامغا چۈشۈرۈلۈپ، تارىخ بىلەن ھازىر يۇغۇرۇلۇپ بىر گەۋدە بوپتۇ، ئاشۇ خىل كەيپىيات تۇيغۇسى پەقەتلا بىر.»
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسىگە جايلاشقان جېنجۇڭ قەدىمىي شەھىرىدە، دۆلەت بايرىمىلىق چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى ئوخشاشلا قالتىس بولدى. 1000دىن ئارتۇق چىراغ گۇرۇپپىسى قەدىمىي شەھەرنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنى بويلاپ سوزۇلغان بولۇپ، «ماناس» ئېپوسى، قىرغىزلارنىڭ كەشتىچىلىك ئامىلى، يىپەك يولى مەدەنىيىتى بەلگىلىرى كۆچمە چىراغ نۇرلىرىغا ئايلانغانىدى؛ ئىللىق ئالتۇن رەڭ چىراغ نۇرلىرى قەدىمىي شەھەر سېپىلىنىڭ ھەيۋەتلىك، قەدىمىي بولغان ئومۇمىي كۆرۈنۈشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇراتتى. «ئىشىك ئالدىدىلا مۇشۇنداق قالتىس چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسىدىن ھۇزۇرلىنالىدۇق، ھەربىر كۆرۈنۈشتە بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز بار ئىكەن، قەلبىم ئىپتىخارلىققا تولدى.» شۇ جايدىكى ئاھالە گۈلزار مەمەت ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ مەخسۇس بۇ جايغا كېلىپ تاماشا قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، قەدىمىي شەھەردىكى كېچىلىك كەسىپ ھالىتى سىجىل موللىشىپ، شۇ جايدىكى ئامما بوش ۋاقتىدا ئارام ئالىدىغان، داكا قىلىدىغان ياخشى جايغا ئايلاندى.
مىڭ يىللىق مىراسلارغا تايىنىپ بەرپا قىلىنغان بۇ كاتتا نۇر مەرىكىلىرى تارىخىي مەدەنىيەتنى ھېس قىلىش، بىلگىلى بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان بولۇپ، ھەم ھەر تەرەپتىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالماقتا، شۇنداقلا بۇ جايدا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت ئاممىغا مەنسۇپ.
چىراغ نۇرلىرى كوچىلارنى يورۇتتى، ھەممە ئائىلە بىرلىكتە خۇشاللىق ناخشىسىنى ياڭراتتى
بۇ يىل دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، كاتتا نۇر مەرىكىلىرى مەنزىرە رايونلىرى ۋە شەھەر يەر بەلگىلىرىدىلا نامايان بولۇپ قالماي، يەنە شەھەرلەردىكى كوچىلار، شەھەر ئەتراپىدىكى باغچىلارغىچە ئۇزارتىلدى.
سانجى شەھىرىدىكى بىڭخۇ دەرياسى مەركىزىي باغچىسىدا، قىزىقارلىق چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى بوشلۇقتا ئەمەس، بەلكى يەر يۈزىدە نامايان بولدى. تۆت گۇرۇپپا ھەمتۈرتكىلىك پىرويېكسىيەلىك چىراغ ئالتۇن رەڭلىك بۇغداي باشىقى، پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللەرنى پىيادىلەر مەيدانىدىكى يەر يۈزىگە تەسۋىرىي چۈشۈرۈپ تۇراتتى، چىراغ نۇرى پىيادىلەرنىڭ قەدىمىگە ئەگىشىپ، يۆتكىلىپ ئۆزگىرىپ، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسىنى قەدىمىنى توختىتىپ ھەمتۈرتكە بولۇشقا جەلپ قىلدى. مەدەنىيەت سارىيىنىڭ ئالدىدىكى ئايلانمىدا، چىراغ نۇرى مەدەنىيەت ئامىللىرى بىلەن يۇغۇرۇلغان غايەت زور قىزىل ئانار مودېلى كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇرغان بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشقانلىقىغا سىمۋول قىلىنغانىدى. پۈتۈن شەھەردىكى سەككىز بەلگىلەنگەن جاي كۆپ نۇقتىدىن ھەمتۈرتكە بولدى، تۇدۇڭخابا چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى 630 دانە دۆلەت بايرىقى شامالدا يەلپۈنۈپ تۇراتتى، بايرام ئىللىقلىقى باغچىدىن دەريا قىرغىقىغىچە سوزۇلدى.
قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونىدىكى كېچىلىك مەنزىرىنىڭ بەرپا قىلىنىشى تېخىمۇ ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە بولدى. جيەنگو جەنۇبىي يولى، يىڭبىن يولى غول يولىنىڭ ئىككى تەرىپىگە يۈ مىن، چيەن شۆسېن، يۈەن لۇڭپىڭ قاتارلىق قەھرىمان - نەمۇنىچى شەخسلەر باش تېما قىلىنغان 100 گۇرۇپپىدىن ئارتۇق لامپۇچكا ئورنىتىلغان ساندۇق تەسىس قىلىندى. قەھرىمان - نەمۇنىچىلارنىڭ سۈرىتى ۋە ئىش ئىزلىرى، قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى ئېنىق نامايان قىلىنغان بولۇپ، قىزىل تەربىيە بازىسى كۆرگەزمە سارىيىدىن كوچىلارغىچە ئۇزارتىلدى. بۇ لامپۇچكا ئورنىتىلغان ساندۇقلار كېچىدە ياندۇرۇلغاندىن كېيىن، شەھەرنى قاپلىغان دۆلەت بايرىقى، گۈل مەنزىرىسى بىلەن بىرلىكتە ئۆزگىچە «قىزىل كېچىلىك مەنزىرە» ھاسىل قىلىپ، شەھەردىكى ئۆزگىچە قىزىل مەنزىرە لىنىيەسىگە ئايلاندى.
«دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش كېچىسىدە قەھرىمانلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى قايتا ئەسلىسەك، بۈگۈنكى گۈللەنگەن دەۋرنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكىنى تېخىمۇ چۈشىنىپ يېتەلەيمىز» دېدى شەھەر ئاھالىسى ۋاڭ جۈەن. نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ۋاڭ جۈەنگە ئوخشاش، قەدىمىنى ئاستىلىتىپ، قەدىمىنى توختىتىپ كۆردى. بۇ جايدىكى چاقناپ تۇرغان چىراغ نۇرلىرى بەخت تىلەشكە ئىشلىتىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئەستە چىڭ ساقلاشقا ئىشلىتىلدى.
ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ توقسۇ ناھىيەسى دۆلەت بايرىمى نۇرىغا تولغان سەھنىنى بالىلارغا تاپشۇردى. 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 7 - كۈنىگىچە، خەيمېڭتۇڭ بالىلار باغچىسى «قوش بايرامدا دۆلىتىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە مەدھىيە ئوقۇش . بالىلارنىڭ قىزىقىشىنى نۇرلاندۇرغان توقسۇ» باغ سەيلىسى پائالىيىتىنى يولغا قويدى، باش تېمىلىق چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى ۋە يورۇتۇلغان مەنزىرە بەلبېغى باغچە رايونىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىنى جۇلالاندۇردى، ئىستىراھەت دالىدا قونۇش، دالىدا كاۋاپ پىشۇرۇش ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىلىپ، ئاتا - ئانىلار، بالىلارنىڭ ئارام ئالغاندىكى كېچىلىك شادلىق باغچىسىغا ئايلاندى. شۇ جايدىكى ئامما يىراققا بارماي تۇرۇپمۇ، ئىشىك ئالدىدىلا قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن قىزغىن بايرام كەيپىياتىدىن بەھرىمەن بولالايدىغان بولدى.
ئاۋات شەھەرلەردىن مىڭ يىللىق قەدىمىي شەھەرگىچە، مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرىدىن شەھەر - يېزىلاردىكى شادلىق باغچىلىرىغىچە، بۇ يىللىق دۆلەت بايرىمىدا، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى چاقناپ تۇرغان چىراغ نۇرلىرى بايراملىق بېزەك بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى كېچىلىك مەدەنىيەت - ساياھەت ئىستېمالىنىڭ سىجىل ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. چىراغ نۇرلىرى تاغ - دەريالارنى يورۇتتى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى نۇرلاندۇردى، شۇنداقلا تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ۋەتەنگە بولغان ئەڭ سەمىمىي بەخت تىلىشى بولدى.
(مۇخبىر جاڭ رۇيلىن، قاتناشقان مۇخبىر چېن جياڭلىن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار چېن شىڭياڭ، بۇ دېڭپېڭ)






