تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى جۇڭگو قولغا كەلتۈرگەن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان مۇۋەپپەقىيەتلەردىن چەكسىز پەخىرلىنىۋاتىمىز

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 77 يىللىقىنى تەبرىكلەش بويىچە كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□ خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«بىز يېڭى جۇڭگو قولغا كەلتۈرگەن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان مۇۋەپپەقىيەتلەردىن چەكسىز پەخىرلىنىۋاتىمىز، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پارلاق ئىستىقبالىغا نىسبەتەن ئىشەنچىمىز تولۇپ تاشتى.»

باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 77 يىللىقىنى تەبرىكلەش بويىچە كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى خۇلاسىلەپ، گۈزەل كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىشەنچنى چىڭىتىپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشقا ئىلھاملاندۇردى.

77 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مۆجىزىنى ياراتتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ تارىخىي داستاننى پۈتتى.

بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو خەلقى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە مەردانە قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە، جۇڭخۇا مىللىتى توسۇۋالغۇسىز پۇختا قەدەم بىلەن ئۇلۇغ گۈللىنىشكە قاراپ ئاتلانماقتا.

مۆجىزە دېگەن نېمە؟ ئۇ دەل قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا يېڭى يول ئېچىپ، توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاش داۋامىدا يېڭى زېمىن ئېچىپ، «مۇمكىن بولمايدىغان» ئىشنى «چوقۇم قىلغىلى بولىدىغان» ئىشقا ئايلاندۇرۇش.

تەرەققىيات سۈرئىتىگە نەزەر سالغاندا، بۇ، «نەچچە يۈز يىللىق مۇساپىنى نەچچە ئون يىلدىلا تاماملاپ بولۇش»تەك «ۋاقىت ۋە بوشلۇقنىڭ قىسقىرىشى».

بۇ يىل قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 90 يىللىقى. ئىلگىرى، 25 مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەر يولىنى بېسىپ بولۇشقا ئىككى يىل ۋاقىت كەتكەنىدى؛ بۈگۈنكى كۈندە، رۇيجىندىن يەنئەنگە گاۋتيېدا بىۋاسىتە يېتىپ بېرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئەتىگەندە يولغا چىقىپ كەچتە يېتىپ بارغىلى بولىدىغان بولدى.

«ھەممە يەر چۆلدەرەپ قېلىش، تاشلىنىپ قالغان ئىشلارنى يېڭىباشتىن باشلاش»تىن قەدەم ئېلىپ، «بىر پارچە ئاق قەغەز»دىن باشلاپ ئىش كۆرۈپ، تەرەققىي قىلىپ دۇنيادىكى 1 - چوڭ ئاپتوموبىل ئېكسپورت دۆلىتىگە ئايلاندى، دۇنيادا 2 - چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە، 1 - چوڭ سانائەت دۆلىتى، 1 - چوڭ مال سودىسى دۆلىتى ئورنىدا مۇقىم تۇردى...

1 مىليارد نەچچە يۈز مىليون نوپۇسى بار چوڭ دۆلەت نەچچە ئون يىلدا تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر نەچچە يۈز يىلدا بېسىپ ئۆتكەن سانائەتلىشىش مۇساپىسىنى تاماملىدى، بۇ، ئىنسانىيەت تارىخىدا كەمدىن - كەم ئۇچرايدۇ؛ بىز «قولدىن بېرىپ قويغان ئىككى يۈز يىل»نى تولۇقلىۋېلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى «دۇنيانىڭ زامانىۋىلىشىشىنىڭ ئېشىش قۇتۇپى»غا ئايلاندۇق.

«ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ! تارىخ ساقلاپ تۇرمايدۇ!»

بۈگۈنكى جۇڭگودا، «100 يىل، 1000 يىلنى ئۆلچەم بىرلىكى قىلىش»تەك ۋاقىت قارىشى مۇجەسسەملەندى، «ئادەتتىن تاشقىرى تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، دەۋر تۇيغۇسى» ئۇرغۇتۇلدى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ داغدام يولىدا تەرەققىياتنىڭ تېز ئىلگىرىلەش كۇنۇپكىسى بېسىلىپ، ۋاقىت جەھەتتىكى ئىلگىرىلەش سۈرئىتى تېزلىتىلدى.

تەرەققىيات سۈپىتىگە نەزەر سالغاندا، بۇ، «بولۇش - بولماسلىق»تىن «ياخشى بولۇش - بولماسلىق»قىچە بولغان يېڭى بولۇشقا، ئەلا بولۇشقا يۈزلىنىش.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى مۇساپىسىدە، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى بېسىمغا تاقابىل تۇرۇپ ئالغا ئىلگىرىلىدى، قۇۋۋىتى يېڭى بولۇش، قۇرۇلمىسى ئەلا بولۇشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارلىققا كېلىپ، كۈچلۈك ئەۋرىشىملىكى ۋە ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

يازلىق ئاشلىق ھوسۇلى تۇنجى قېتىم 300 مىليارد جىڭدىن بۆسۈپ ئۆتتى، يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق توك چىقىرىدىغان گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى تۇنجى قېتىم كۆمۈر ئېلېكتىرىنىڭكىدىن ئېشىپ كەتتى... ئاشلىق ۋە ئېنېرگىيەدىن ئىبارەت «ئىككى تاماق قاچىسى» مەھكەم تۇتۇلۇپ، بوران - چاپقۇنلارنىڭ ھۇجۇمىغا پىسەنت قىلمايدىغان، قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان كۈچلۈك ئاساس نامايان قىلىندى.

«جيۇجاڭ 4 - نومۇر» نۇر كىۋانت ئۇچۇر تېخنىكىسىدا دۇنيا رېكورتىنى يېڭىلىدى، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن مەشغۇلات سىستېمىسى زور بۆسۈشنى كۈتۈۋالدى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار پاتېنت مىقدارى دۇنيا بويىچە %60نى ئىگىلىدى... جۇڭگو دۇنياۋى پەن - تېخنىكا ئىشلىرىغا قاتناشقۇچى، تۆھپە قوشقۇچى بولۇشتىن يول ئاچقۇچى، يېتەكلىگۈچى بولۇشقا قاراپ تېز ئۆزگىرىپ، يېڭىلىق يارىتىپ كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەش قىياپىتىنى نامايان قىلدى.

«ئالتە تور» ئورۇنلاشتۇرۇلدى، «چوڭ بازار» بەرپا قىلىندى، «قوش ئايلىنىش» راۋانلاشتۇرۇلدى، ئالدىنقى سەككىز ئايدا، دۆلىتىمىزنىڭ مال سودىسى ئىمپورت - ئېكسپورتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.6 ئاشتى... يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش تېزلىتىلىپ، ئۆزگىرىشكە ماسلىشىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش، غەلىبە قىلىشنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى مۇستەھكەم تايانچقا ئايلاندى.

يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئارقىلىق يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، بىز يېڭى بولۇش، ئەلا بولۇش، ياخشى بولۇشقا يۈزلىنىش داۋامىدا تەرەققىياتتىكى تەشەببۇسكارلىقنى مەھكەم ئىگىلىدۇق.

تەرەققىياتنىڭ كۈچ مەنبەسىگە نەزەر سالغاندا، بۇ، «تارىخىي مۇساپىدە توپلانغان قۇدرەتلىك ئېنېرگىيە»نىڭ تولۇق قوزغىتىلىشى.

«ياشانغانلار، بالىلار» قوغدىلىپ، يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش كۈچەيتىلىپ، خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى تورى بارغانسېرى زىچ توقۇلدى، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلۈپ مۇستەھكەملەندى؛

«جۇڭگوچە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى» دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى، تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىرى دۇنيانىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، «تىنچ - ئامان» بولۇش «جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى»نىڭ روشەن بەلگىسىگە ئايلاندى...

بۈگۈنكى جۇڭگودا، دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ مائارىپ سىستېمىسى، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى ۋە داۋالاش - ساقلىق ساقلاش سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى تېخىمۇ ئاشۇرۇلدى، تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرۈلدى، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولدى.

خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنى ۋە تۇنجى ئىجادكارلىق روھىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىنىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقى تولۇق ئۇرغۇتۇلدى.

يۈز مىليونلىغان خەلق پارتىيە بايرىقى ئاستىغا «بىر پارچە قاتتىق پولات» بولۇپ ئۇيۇشۇپ، بىر مەقسەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، مىسلىسىز تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى، تارىخىي ئىجادكارلىق روھىنى ئۇرغۇتۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايتتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى بولمايتتى.» بۇ، تارىخنىڭ چوڭقۇر يەكۈنى.

يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرۈپ، بىز شۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇقكى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنىڭ تارىخىي تەشەببۇسكارلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ توسۇۋالغۇسىز ئالغا ئىلگىرىلىشى نېگىزىدىن ئېيتقاندا «ئىككىنى تىكلەش»تىن بولدى.

يېڭى مۇساپە − يېڭى ئۇزۇن سەپەر. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىشى بولغاچقا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكى بولغاچقا، يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلىشى بولغاچقا، بىز چوقۇم «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەردە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، كىشىلەرنى قايىل قىلىدىغان يېڭى تېخىمۇ زور مۆجىزىلەرنى يارىتالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.