تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش نىزامى

(2017 - يىلى 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29 - يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2026 - يىلى 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29 - يىغىنىدا ئۆزگەرتىلدى)

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى

(82 - نومۇرلۇق)

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش نىزامى» شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29 - يىغىنىدا 2026 - يىلى 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ئۆزگەرتىپ ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2026 - يىلى 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

ئالاھىدە ئېلان چىقىرىلدى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى

2026 - يىلى 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى

مۇندەرىجە

1 - باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

2 - باب ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونى ۋە يانداش ئەسلىھە

3 - باب ئۆي ئىگىلىرى، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى ۋە ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش كومىتېتى

4 - باب ئالدىنقى مەزگىللىك ئۆي - جاي مۇلازىمىتى

5 - باب ئۆي - جاي مۇلازىمىتى

6 - باب ئۆي - جاي مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرىدىن پايدىلىنىش

7 - باب ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنى ئاسراش

8 - باب قانۇن جاۋابكارلىقى

9 - باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

1 - باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1 - ماددا بۇ نىزام ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئۆي - جاي مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆي ئىگىسى، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش، بىخەتەر، مەدەنىي، ئىتتىپاق، ئىناق تۇرمۇش ۋە خىزمەت مۇھىتى يارىتىش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»، گوۋۇيۈەننىڭ «ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش نىزامى» قاتارلىق قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2 - ماددا بۇ نىزام ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدىكى تۇرالغۇ ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ھەرىكىتىگە تەتبىقلىنىدۇ؛ تۇرالغۇدىن باشقا ئۆي - جاي ئىشلىرىدا بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئىش كۆرۈلىدۇ.

بۇ نىزامدا ئېيتىلغان ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش دېگىنىمىز، ئۆي ئىگىسى ئۆزى باشقۇرۇش ياكى ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ئارقىلىق، ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىدىكى ئىمارەت ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەلىرى ھەم مۇناسىۋەتلىك مەيدانلارنى رېمونت قىلىش، ئاسراش، باشقۇرۇش، مۇھىت تازىلىقى ۋە مۇناسىۋەتلىك تەرتىپنى ساقلاش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قىلىش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.

ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچى ئۆي - جاي مۇلازىمەت كارخانىسى ۋە باشقا باشقۇرغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

3 - ماددا ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش خىزمىتىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇشتا پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكلەش، ئۆي ئىگىسى ئۆزى باشقۇرۇش، كەسپىي مۇلازىمەت قىلىشنى قانۇن بويىچە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك.

ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، مەھەللە (كەنت) پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى شەھەر (كەنت) ئاھالە كومىتېتى، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى، ئۆي ئىگىسى، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچى قاتارلىقلار ئورتاق قاتنىشىدىغان ماسلاشتۇرۇش - يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، مەھەللە ئىدارە قىلىش بىلەن بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

4 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش خىزمىتىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ قېلىپلىشىپ، كەسىپلىشىپ، بازارلىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

5 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدىكى ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىدۇ، باشقۇرىدۇ، تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى كونكرېت ئادا قىلىدۇ:

(1) ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش ھەرىكىتىگە مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ تۈزۈش؛

(2) كوچا باشقارمىسى، يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش؛

(3) ۋاقىتلىق باشقۇرۇش كېلىشىمى، باشقۇرۇش كېلىشىمى، ئالدىنقى مەزگىللىك ئۆي - جاي مۇلازىمىتى توختامى، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى توختامى قاتارلىق ئۈلگە نۇسخىلارنى تۈزۈش؛

(4) ئالدىنقى مەزگىللىك ئۆي - جاي مۇلازىمىتى تۈرلىرىگە خېرىدار چاقىرىش - خېرىدار چىقىش، ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇشنى ئۆتكۈزۈۋېلىشتا تەكشۈرۈش، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچى چېكىنگەندە ئۆتكۈزۈپ بېرىش - ئۆتكۈزۈۋېلىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرگە يېتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىك قىلىش؛

(5) مالىيە تارمىقى بىلەن بىرلىكتە تۇرالغۇ مەخسۇس رېمونت مەبلىغىنى ساقلاش، باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش؛

(6) ئۆي - جاي مۇلازىمىتى سۈپىتىنى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش؛

(7) ئۆي - جاي مۇلازىمىتى ئىناۋەت باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش، تاكامۇللاشتۇرۇش؛

(8) ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇشنى رەقەملەشتۈرۈش ئۇچۇر سۇپىسىنى قۇرۇش، تاكامۇللاشتۇرۇش؛

(9) ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن، نىزام تەشۋىقاتى ۋە تەربىيەسىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش؛

(10) قانۇن، نىزام ۋە قائىدىلەردە بەلگىلەنگەن نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشقا دائىر باشقا مەسئۇلىيەتلەر.

6 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىدۇ:

(1) تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات تارمىقى ئۆي - جاي مۇلازىمەت ھەققى ئېلىشقا دائىر سىياسەتلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ تۈزۈشكە مەسئۇل بولىدۇ؛

(2) گۇڭئەن ئورگىنى ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىدىكى تېخنىكا ئارقىلىق مۇداپىئەلىنىش، ئامانلىق ساقلاش مۇلازىمىتى قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشكە، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ؛

(3) تەبىئىي بايلىق تارمىقى ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىدىكى قۇرۇلۇش قىلىش پىلانى ئىجازەتنامىسى ئالماي تۇرۇپ قۇرۇلۇش قىلىش ياكى قۇرۇلۇشنى قۇرۇلۇش قىلىش پىلانى ئىجازەتنامىسى بويىچە قىلماسلىق قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ؛

(4) سەھىيە - ساغلاملىق تارمىقى ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىدىكى تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ، تۇرمۇش ئىچىملىك سۇ تازىلىقىنى نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ؛

(5) ئوت ئۆچۈرۈش - قۇتقۇزۇش ئاپپاراتى مۇناسىۋەتلىك ئاساسىي گەۋدىلەرنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشقا، ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپى ۋە ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ؛

(6) بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارمىقى ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىدىكى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشقا، ئۆي - جاي مۇلازىمىتىدىكى قانۇنغا خىلاپ ھەق ئېلىش ھەرىكەتلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ؛

(7) شەھەر كۆكەرتىش تارمىقى ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىنى كۆكەرتىش، ئاسراشقا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇنى نازارەت قىلىشقا، شەھەر كۆكەرتىش بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھەرىكەتلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ؛

(8) دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكى (خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى) تارمىقى ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىدىكى خەلق ھاۋا مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ئەسلىھە - ئۈسكۈنىلىرىنى ئاسراش - باشقۇرۇشنى كۈندىلىك نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشكە، خەلق ھاۋا مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ئەسلىھە - ئۈسكۈنىلىرىنى بۇزۇۋېتىش، ئىگىلىۋېلىشتەك قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.

خەلق ئىشلىرى، مالىيە، ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى، ئېكولوگىيە - مۇھىت، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش، شەھەر باشقۇرۇش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلار مەسئۇلىيىتى بويىچە، ئۆي - جاي نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشقا دائىر خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەيدۇ.

7 - ماددا كوچا باشقارمىسى، يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئۆز تەۋەسىدىكى ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى تەشكىللەش، يېتەكلەش ۋە نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ، تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىدۇ:

(1) ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى تەييارلىق گۇرۇپپىسى، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش تەييارلىق گۇرۇپپىسىنى قۇرۇشقا تەشكىللەش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش؛

(2) ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنى قۇرۇشقا، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنى سايلاش ۋە نۆۋەت ئالماشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ھەمكارلىشىش، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى نامزاتلىرىنى كۆرسىتىش ۋە تەكشۈرۈش ئۆتكىلىنى ئىگىلەشنى كۈچەيتىش؛

(3) ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى نازارەت قىلىش؛

(4) ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىدىكى ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش؛

(5) ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇشنى ئۆتكۈزۈۋېلىش تەكشۈرۈشىگە قاتنىشىش، تەۋەسىدىكى ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش تۈرلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە ئۆتكۈزۈۋېلىشقا يېتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىك قىلىش؛

(6) ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇشقا دائىر ماجىرانى مۇرەسسە قىلىش، ئەرز قىلغان ۋە پاش قىلغان ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش، ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇشقا دائىر ماجىرانى مۇرەسسە قىلىش، ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇشقا دائىر ئەرز قىلغان ۋە پاش قىلغان ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش؛

(7) كونا ئولتۇراق رايونلاردىكى ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇشقا دائىر گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىش؛

(8) قانۇن، نىزام ۋە قائىدىلەردە بەلگىلەنگەن ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك باشقا مەسئۇلىيەتلەر.

شەھەر (كەنت) ئاھالە كومىتېتى كوچا باشقارمىسى ياكى يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا ھەمكارلىشىدۇ.

8 - ماددا كوچا باشقارمىسى، يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش بىرلەشمە يىغىنى تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ.

ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش بىرلەشمە يىغىنىنى كوچا باشقارمىسى ياكى يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولۇپ چاقىرىدۇ، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى، گۇڭئەن، ئوت ئۆچۈرۈش - قۇتقۇزۇش، خەلق ئىشلىرى، شەھەر باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلار ۋە شەھەر (كەنت) ئاھالە كومىتېتى، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچى، كەسپىي تىجارەت ئورنى قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتنىشىدۇ. ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى قۇرۇلمىغان بولسا، ئۆي ئىگىسى ۋەكىللىرى قاتنىشىدۇ. ئاساسلىقى ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش ھەرىكىتىگە دائىر تۆۋەندىكى ئىشلارنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىدۇ:

(1) ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلمىسا؛

(2) ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى قانۇن بويىچە نۆۋەت ئالماشتۇرمىغان بولسا؛

(3) ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچى ئۆي - جاي مۇلازىمىتى توختامىدا پۈتۈشكەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا؛

(4) ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچى قانۇن بويىچە چېكىنىپ چىقمىغان ۋە ئۆتكۈزۈپ بېرىش - ئۆتكۈزۈۋېلىش رەسمىيىتىنى بېجىرمىگەن بولسا؛

(5) ئۆي - جاي مۇلازىمىتى جەريانىدا يۈز بەرگەن ئېغىر زىددىيەت - ماجىرالار؛

(6) ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك باشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار.

9 - ماددا تاسادىپىي ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇش مەزگىلىدە، كوچا باشقارمىسى، يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بويىچە قوللانغان تۈرلۈك جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ؛ ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچىنىڭ مۇناسىپ دەرىجىدىكى تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ ھەمدە ماددىي ئەشيا ۋە مەبلەغ جەھەتتىن مەدەت بېرىدۇ.

10 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مەسئۇل تارمىقى ئاپتونوم رايوننىڭ ئاقىل تۇرالغۇ باشقۇرۇش مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنىڭ تور ۋە تور سىرتىدىكى يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۆي - جاينى ئاقىل باشقۇرۇش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

11 - ماددا ئۆي - جاي مۇلازىمىتى ساھە جەمئىيىتى ساھە تەلەپچانلىقىنى كۈچەيتىپ، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قائىدىسى ۋە ئۆلچىمىنى تۈزۈپ، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى سۈپىتىنى باھالاپ، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى كارخانىلىرى ۋە كەسىپكارلىرىنىڭ تەلەپچانلىق تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى كارخانىلىرىنىڭ سەمىمىي تىجارەت قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

2 - باب ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونى ۋە يانداش ئەسلىھە

12 - ماددا ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىنى قۇرۇلۇش يېرى پىلانى ئىجازەتنامىسىدە بېكىتىلگەن قىزىل سىزىق دائىرىسىگە ئاساسلىنىپ، ئىمارەت كۆلىمى، ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان ئەسلىھە - ئۈسكۈنىلەر، ئۆي ئىگىسى سانى، تەبىئىي چەك - چېگرا، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، مەھەللە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئامىللارنى ئەتراپلىق ئويلىشىپ، مۇۋاپىق ئايرىش كېرەك.

ئۆي - جاي يانداش ئەسلىھە - ئۈسكۈنىلىرى ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان بولسا، ئۇنى بىر ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونى قىلىپ ئايرىش كېرەك؛ يانداش ئەسلىھە - ئۈسكۈنىلەرنى ئايرىپ مۇستەقىل ئىشلەتكىلى بولسا، ئۇنى ئوخشاش بولمىغان ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونى قىلىپ ئايرىشقا بولىدۇ.

13 - ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئۆي سېتىشتىن بۇرۇن، قۇرۇلۇش يېرى پىلانى ئىجازەتنامىسى، قۇرۇلۇش قىلىش پىلانى ئىجازەتنامىسى ۋە يەر نامى تەستىق ھۆججىتى قاتارلىق ماتېرىياللارنى ئېلىپ، ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مەسئۇل تارمىقىغا ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىنى ئايرىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مەسئۇل تارمىقى كوچا باشقارمىسى، يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە، ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 20 كۈن ئىچىدە، ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىنى ئايرىشى ھەمدە قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئايرىلغان ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىنى ئۆي سېتىشتىن بۇرۇن ئۆي سېتىۋالغۇچىغا ئېنىق كۆرسىتىشى كېرەك.

14 - ماددا ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونى ئايرىپ بېرىلگەندىن كېيىن تەڭشەشكە توغرا كەلسە، خاس ئىگىدارلىقتىكى قىسىم كۆلىمىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن ئۆي ئىگىلىرى ۋە ئادەم سانىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن ئۆي ئىگىلىرى ئاۋاز بېرىشكە قاتنىشىشى ھەمدە ئاۋاز بېرىشكە قاتناشقان خاس ئىگىدارلىقتىكى قىسىم كۆلىمىنىڭ تەڭدىن تولىسىنى ئىگىلىگەن ئۆي ئىگىلىرى ۋە ئاۋاز بېرىشكە قاتناشقان ئادەم سانىنىڭ تەڭدىن تولىسىنى ئىگىلىگەن ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مەسئۇل تارمىقى كوچا باشقارمىسى، يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە قايتا ئايرىپ بېرىدۇ.

15 - ماددا ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىغا پىلان بويىچە يانداپ سېلىنىدىغان مائارىپ، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش، مەھەللە مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرى قاتارلىق جەمئىيەتكە يۈزلەنگەن ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى ھۆكۈمەت قۇرىدۇ ھەمدە مۇناسىپ خىراجەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىغا پار بېرىش - ئالماشتۇرۇش، توك بېسىمىنى ئۆزگەرتىش - توك تەقسىملەش، يېقىلغۇ گاز بېسىمىنى تەڭشەش، ئەخلەت يۆتكەش، ئاممىۋى ھاجەتخانا شۇنىڭدەك ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەسى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى يانداپ سېلىشتا تۈر قۇرۇلۇش تەستىقى، ئەنگە ئېلىش ھۆججىتىدە قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئېنىق يېزىلىشى، مۇناسىۋەتلىك قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ تەۋەلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇشى كېرەك.

ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىدىكى سۇ، توك، يېقىلغۇ گاز، پار قاتارلىق شەھەر مەمۇرىيىتى ئاممىۋى ئەسلىھەسى، ئۈسكۈنىسىنى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن مەبلەغ چىقىرىپ قۇرغان بولسا، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن سۇ، توك، يېقىلغۇ گاز، پار كەسپىي تىجارىتى قىلىدىغان ئورۇنلار بىلەن تەمىنلەش ئۇسۇلى، ئاساسلىق تېخنىكا كۆرسەتكۈچى، سۈپەت كاپالىتى ۋە ئىشلىتىش يىل چېكى قاتارلىقلار ئۈستىدە كېڭىشىپ، يازما كېلىشىم تۈزۈشى كېرەك. كېلىشىمدە لايىھەلەش، قۇرۇلۇش قىلىش تەلىپى ۋە ماتېرىيال، ئۈسكۈنىلەرنىڭ تىپى قاتارلىق مەزمۇنلار ئېنىق بولۇش كېرەك.

16 - ماددا ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىغا پىلان بويىچە سېلىنغان ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىنى ئالمىغان مائارىپ، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ئەسلىھەسى، سودا مۇلازىمەت ئەسلىھەسى قاتارلىق ئەسلىھەنىڭ مەبلەغ سېلىش ئاساسىي گەۋدىسى، مۈلۈك ھوقۇقى تەۋەلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇننىڭ ئىگىدارلىقىدا بولسا، ئالدى بىلەن شۇ ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىدىكى ئۆي ئىگىلىرىگە مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

17 - ماددا ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىدا ئۆي ئىگىلىرىگە قولايلىق بولۇش، ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى ئۆيىنى يانداپ سېلىش كېرەك؛ يېڭىدىن سېلىنىدىغان ئۆي - جاي مۇلازىمىتى ئۆيىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىدىكى ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمىنىڭ ‰2ىدىن تۆۋەن بولماسلىقى ھەمدە كۆلىمى 300 كىۋادرات مېتىردىن كەم بولماسلىقى؛ ئۆي - جاي مۇلازىمىتى ئۆيى ئايرىم سېلىنغانلىرىدا، يەككە قۇرۇلۇش كۆلىمى 50 كىۋادرات مېتىردىن كەم بولماسلىقى كېرەك. ئۆي - جاي مۇلازىمىتى ئۆيىگە ئىشلىتىدىغان سۇ، توك، يېقىلغۇ گاز ۋە پار ئايرىم تىزگىنلىنىشى، مىقدارى ئايرىم ھېسابلىنىشى كېرەك.

ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى ئىشخانىسى ئۆي - جاي مۇلازىمىتى ئۆيىدىن ئاجرىتىلىدۇ، ئۇنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 30 كىۋادرات مېتىردىن كەم بولماسلىقى كېرەك.

ئۆي - جاي مۇلازىمىتى ئۆيى ئىمارەتنىڭ ئورتاق ئىشلىتىدىغان كۆلىمىگە چېچىپ ھېسابلانمايدۇ، قۇرۇلۇش خىراجىتى قۇرۇلۇش تەننەرخىگە قوشۇپ ھېسابلىنىدۇ، مۈلۈك ھوقۇقى بارلىق ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ.

18 - ماددا ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىدا سۇ، توك، يېقىلغۇ گاز، پار، خەۋەرلىشىش، سىملىق تېلېۋىزىيە قاتارلىق شەھەر مەمۇرىيىتى ئاممىۋى ئەسلىھەلىرى ھەربىر ئائىلىگىچە ئورنىتىلىدۇ.

3 - باب ئۆي ئىگىلىرى، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى ۋە ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش كومىتېتى

19 - ماددا ئۆينىڭ ئىگىدارى ئۆي ئىگىسى بولىدۇ.

بۇ نىزامدا ئېيتىلغان ئۆي ئىگىسى يەنە مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

(1) ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى تېخى تىزىمغا ئالدۇرمىغان، لېكىن سېتىۋېلىش - سېتىش، ھەدىيە قىلىش، چېقىش - كۆچۈرۈش تولۇقلىمىسى قاتارلىق ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش مەقسىتىدە قىلىنغان ھەرىكەتتە ئىمارەتنىڭ خاس قىسمىنى قانۇنلۇق ئىگىلىگەن ئورۇن ياكى شەخسلەر؛

(2) خەلق سوت مەھكىمىسى، كېسىم ئاپپاراتىنىڭ كۈچكە ئىگە قانۇن ھۆججىتى ئارقىلىق ئىمارەتنىڭ خاس قىسمىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ئېرىشكەن ئورۇن ياكى شەخسلەر؛

(3) ۋارىسلىق قىلىش سەۋەبىدىن ئىمارەتنىڭ خاس قىسمىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ئېرىشكەن شەخسلەر؛

(4) قانۇنلۇق سېلىش سەۋەبىدىن ئىمارەتنىڭ خاس قىسمىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ئېرىشكەن ئورۇن ياكى شەخسلەر؛

(5) قانۇن - نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان باشقا ئورۇن ياكى شەخسلەر.

ئۆي ئىگىلىرى ئۆي - ئىمارەتنىڭ خاس قىسمىغا ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، خاس قىسمىدىن باشقا ئورتاق قىسمىغا قانۇن بويىچە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقى ۋە ئورتاق باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ ھەمدە مۇناسىپ مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ئۆي ئىگىسى ھوقۇقتىن ۋاز كەچتىم دەپ مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشتىن باش تارتسا بولمايدۇ.

20 - ماددا ئۆي ئىگىلىرى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى قۇرسا بولىدۇ. ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىدىكى بارلىق ئۆي ئىگىسىدىن تەركىب تاپىدۇ، بارلىق ئۆي ئىگىسىنىڭ ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش ھەرىكىتىدىكى قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ ۋە ئۇنى قوغدايدۇ. بىر ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىدا بىر ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى قۇرۇلىدۇ.

بىرلا ئۆي ئىگىسى بولسا ياكى ئۆي ئىگىسىنىڭ سانى ئازراق بولسا ھەمدە بارلىق ئۆي ئىگىسىنىڭ بىردەك ماقۇللۇقى بىلەن ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى قۇرماسلىق قارار قىلىنغان بولسا، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى بارلىق ئۆي ئىگىسى ئورتاق ئادا قىلىدۇ.

21 - ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ياكى ئۇ ھاۋالە قىلغان ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچى ئۆي ئىگىسىنىڭ كۆچۈپ كىرىش ئەھۋالىنى كوچا باشقارمىسى، يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاقتىدا يوللىشى، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردىن ئۆي - جاي بار جايدىكى ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مەسئۇل تارمىقى بىلەن ئورتاق بەھرىلىنىشى كېرەك.

بىر ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىدا تاپشۇرۇلغان خاس ئىگىدارلىقتىكى قىسىم كۆلىمىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن ئاشسا ھەمدە تاپشۇرۇۋالغان ئۆي ئىگىسىنىڭ سانى ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن ئاشسا، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى قۇرۇش يىغىنى ئاچسا بولىدۇ.

22 - ماددا كوچا باشقارمىسى، يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن، ئۆي ئىگىسى ياكى ئۇلار ھاۋالە قىلغان ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچى تاپشۇرغان ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى قۇرۇش توغرىسىدىكى يازما دوكلاتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى يىغىنى ئېچىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقى ئېنىقلانغان بولسا، دوكلاتنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى تەييارلىق گۇرۇپپىسى قۇرۇشى كېرەك، ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەييارلىق گۇرۇپپىسى تەشكىللىسىمۇ بولىدۇ.

تەييارلىق گۇرۇپپىسى كوچا باشقارمىسى ياكى يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى، مەھەللە (كەنت) پارتىيە تەشكىلاتى، ئۆي ئىگىسى، شەھەر (كەنت) ئاھالە كومىتېتى، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 7 كىشىدىن كۆپ، 11 كىشىدىن ئاز تاق ساندىن تەركىب تاپىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆي ئىگىسى ۋەكىللىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى تەييارلىق گۇرۇپپىسىدىكى ئومۇمىي ئادەم سانىنىڭ ئىككىدىن بىر قىسمىدىن ئاز بولماسلىقى كېرەك. تەييارلىق گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقلىقىنى كوچا باشقارمىسى ياكى يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى ئۈستىگە ئالىدۇ. تەييارلىق گۇرۇپپىسىدىكى ئۆي ئىگىلىرى ۋەكىللىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشتە، كوچا باشقارمىسى، يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى ياكى شەھەر (كەنت) ئاھالە كومىتېتى ئۆي ئىگىلىرىنى تەشكىللەپ كۆرسىتىدۇ.

تەييارلىق گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە، ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىدىكى كۆزگە چېلىقىدىغان ئورۇندا ياكى توردا ئەزالارنىڭ ئىسىملىكى ۋە خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئېلان قىلىش كېرەك.

قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن مەۋجۇت بولمىسا ياكى كوچا باشقارمىسى، يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى يازما ئۇقتۇرۇش قىلسىمۇ تەييارلىق گۇرۇپپىسىغا قاتنىشىشقا خادىم ئەۋەتمىگەن بولسا، تەييارلىق گۇرۇپپىسى قۇرۇشقا تەسىر يەتمەيدۇ.

23 - ماددا ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى تەييارلىق گۇرۇپپىسى تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشى كېرەك:

(1) ئۆي ئىگىسىنىڭ سالاھىيىتى، ئۆي ئىگىسىنىڭ سانى شۇنىڭدەك ئىگىلىگەن خاس ئىگىدارلىقتىكى قىسمىنىڭ كۆلىمىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش؛

(2) ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى قۇرۇش يىغىنى ئېچىش ۋاقتى، ئورنى، شەكلى ۋە مەزمۇنىنى بېكىتىش؛

(3) باشقۇرۇش كېلىشىمى، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىش قائىدىسى ۋە ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ خىزمەت قائىدىسىنى تەييارلاش؛

(4) ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى قۇرۇش يىغىنىدىكى ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىنى ۋە بېلەت ھېسابلاش ئۇسۇلىنى بېكىتىش؛

(5) ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنى سايلاش لايىھەسى، سايلىنىش شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى نامزاتلىرىنىڭ ئىسىملىكى ۋە سايلام چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش؛

(6) ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنى قۇرۇش يىغىنىدا قارار قىلىشقا تېگىشلىك باشقا ئىشلار.

تەييارلىق گۇرۇپپىسى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى قۇرۇش يىغىنى ئېچىلىشتىن 15 كۈن بۇرۇن، ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مەزمۇنلارنى ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىدىكى كۆزگە چېلىقىدىغان ئورۇندا ياكى توردا يازما شەكىلدە ئېلان قىلىشى كېرەك؛ ئۆي ئىگىسىنىڭ ئېلان قىلىنغان ئىشلارغا باشقىچە پىكرى بولسا، تەييارلىق گۇرۇپپىسى قايتا تەكشۈرۈشى ھەمدە قايتا تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى باشقىچە پىكرى بارلارغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

تەييارلىق گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ 90 كۈن ئىچىدە ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى قۇرۇش يىغىنىنى تەشكىللەپ ئېچىشى كېرەك، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن بولسا، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن كۈندىن باشلاپ تەييارلىق گۇرۇپپىسى ئۆزلۈكىدىن تارقىلىپ كېتىدۇ. ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى قۇرۇش يىغىنىنى ۋاقتىدا ئاچمىغانلارنى كوچا باشقارمىسى، يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئېچىشقا بۇيرۇيدۇ؛ ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى قۇرۇش يىغىنى مۆھلەت ئۆتسىمۇ ئېچىلمىسا تەييارلىق گۇرۇپپىسى ئۆزلۈكىدىن تارقىلىپ كېتىدۇ، بۇ نىزامنىڭ 38 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

تەييارلىق گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى قۇرۇش يىغىنى ئېچىشىغا كېتىدىغان خىراجەتنى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئۈستىگە ئالىدۇ.

24 - ماددا تۆۋەندىكى ئىشلارنى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى قارار قىلىدۇ:

(1) ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىش قائىدىسى شۇنىڭدەك ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ خىزمەت قائىدىسىنى تۈزۈش ۋە تۈزىتىش؛

(2) باشقۇرۇش كېلىشىمىنى تۈزۈش ۋە تۈزىتىش؛

(3) ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنى سايلاش ياكى ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى ئەزاسىنى ئالماشتۇرۇش؛

(4) ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچىنى تاللاپ تەكلىپ قىلىش ۋە بوشىتىش؛

(5) ئىمارەت ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنىڭ تۇرالغۇ مەخسۇس رېمونت مەبلىغىنى ئىشلىتىش؛

(6) ئىمارەت ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنىڭ تۇرالغۇ مەخسۇس رېمونت مەبلىغىنى غەملەش؛

(7) ئىمارەت ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىش، قايتا سېلىش؛

(8) ئورتاق ئىگىدارلىقتىكى قىسمىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئۆزگەرتىش ياكى ئورتاق ئىگىدارلىقتىكى قىسمى، ئورتاق ئىگىدارلىقتىكى ئەسلىھە - ئۈسكۈنىدىن پايدىلىنىپ تىجارەت قىلىش شۇنىڭدەك ئېرىشكەن تاپاۋەتنى باشقۇرۇش، تەقسىملەش ۋە ئىشلىتىش؛

(9) ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ خىزمەت خىراجىتىنى غەملەش، باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىش شۇنىڭدەك ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ قوشۇمچە پۇل مەنبەسى ۋە بېرىش ئۆلچىمى؛

(10) ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىش ۋە ئورتاق باشقۇرۇش ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك باشقا چوڭ - چوڭ ئىشلار.

ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى قارار قىلىدىغان ئىشلارغا خاس ئىگىدارلىقتىكى قىسىم كۆلىمىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن ئۆي ئىگىلىرى ھەمدە ئادەم سانىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن ئۆي ئىگىلىرى ئاۋاز بېرىشكە قاتنىشىشى كېرەك. ئالدىنقى تارماقنىڭ 6 -، 7 -، 8 - تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن ئىشلارنى قارار قىلىشتا، ئاۋاز بېرىشكە قاتناشقان خاس ئىگىدارلىقتىكى قىسىم كۆلىمىنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن ئۆي ئىگىلىرى ھەمدە ئاۋاز بېرىشكە قاتناشقان ئادەم سانىنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك. ئالدىنقى تارماقتىكى باشقا ئىشلارنى قارار قىلىشتا، ئاۋاز بېرىشكە قاتناشقان خاس ئىگىدارلىقتىكى قىسىم كۆلىمىنىڭ تەڭدىن تولىسىنى ئىگىلىگەن ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ھەمدە ئاۋاز بېرىشكە قاتناشقان ئادەم سانىنىڭ تەڭدىن تولىسىنى ئىگىلىگەن ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك.

ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى قۇرۇش يىغىنىدا ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىش قائىدىسى، باشقۇرۇش كېلىشىمى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللانغان كۈندىن باشلاپ قۇرۇلغان ھېسابلىنىدۇ.

ئۆي ئىگىسى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى يىغىنىغا مەلۇم سەۋەب بىلەن قاتنىشالمىسا، قاتنىشىشنى باشقىلارغا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ ھەمدە ھاۋالىنامە چىقىرىپ، ھاۋالە قىلغان ئىش، ھوقۇق دائىرىسى، مۆھلەت قاتارلىقلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك.

25 - ماددا خاس ئىگىدارلىقتىكى قىسىم كۆلىمى ۋە ئۆي ئىگىسىنىڭ سانى تۆۋەندىكى ئۇسۇل بويىچە بېكىتىلىدۇ:

(1) خاس ئىگىدارلىقتىكى قىسىم كۆلىمى كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش دەپتىرىدە خاتىرىلەنگەن كۆلەم بويىچە ھېسابلىنىدۇ؛ تېخى تىزىملاتمىغانلىرى ئۆلچەش - سىزىش ئاپپاراتى ئەمەلىي ئۆلچىگەن كۆلەم بويىچە ھېسابلىنىدۇ؛ ئەمەلىي ئۆلچەنمىگەنلىرى ئۆي سېتىش - سېتىۋېلىش توختامىدا پۈتۈشكەن كۆلەم بويىچە ھېسابلىنىدۇ.

(2) ئۆي ئىگىسىنىڭ سانى خاس ئىگىدارلىقتىكى قىسمىنىڭ سانى بويىچە ھېسابلىنىدۇ، بىر خاس ئىگىدارلىقتىكى قىسمى بىر ئادەم دەپ ھېسابلىنىدۇ؛ قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن تېخى ساتمىغان ۋە ساتقان بولسىمۇ تاپشۇرۇپ بەرمىگەن قىسمى شۇنىڭدەك بىر ئۆي ئىگىسى بىردىن ئارتۇق خاس قىسمىغا ئىگىدارلىق قىلغان بولسا، بىر ئادەم دەپ ھېسابلىنىدۇ.

26 - ماددا ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى يىغىنى كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىش، يازما پىكىر ئېلىش ياكى تور يىغىنى قاتارلىق ئۇسۇللاردا ئېچىلسا بولىدۇ.

يازما پىكىر ئېلىش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا، پىكىر ئېلىش قەغىزىنى ئۆي ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ ئىمزا قويدۇرۇش كېرەك؛ ئۆي ئىگىسىگە ئىمزا قويدۇرۇش مۇمكىنچىلىكى بولمىسا، ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىدا ئېلان چىقىرىش ھەمدە پېچەت سېلىنغان پىكىر ئېلىش ساندۇقى تەسىس قىلىپ، ئۆي ئىگىسىنىڭ پىكرىنى ئېلىش كېرەك، ئېلان چىقىرىش ۋاقتى 15 كۈندىن كەم بولسا بولمايدۇ. توردا يىغىن ئېچىپ، بېلەت تاشلاپ ئاۋاز بېرىشتە ئېلېكتىرونلۇق بېلەت تاشلاش ئۇسۇلى قوللانغانلىرىدا، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاقىل تۇرالغۇ باشقۇرۇش مۇلازىمەت سۇپىسىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق بېلەت تاشلاش سىستېمىسىنى ياكى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىش قائىدىسىدە بەلگىلەنگەن باشقا ئېلېكتىرونلۇق ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا بولىدۇ.

27 - ماددا ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىدىكى ئۆي ئىگىسىنىڭ سانى كۆپرەك بولسا، بىنا، دەنيۈەن، بىنا قەۋىتىنى بىرلىك قىلىپ، ئۆي ئىگىسى ۋەكىللىرىنى سايلاپ، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىگە قاتناشتۇرسا بولىدۇ، سايلاش ۋە ئاۋاز بېرىش چارىسى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىش قائىدىسىدە بەلگىلىنىشى كېرەك. ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ئۆي ئىگىسى ۋەكىللىرى ئاۋۋال ئۆزى ۋەكىللىك قىلغان ئۆي ئىگىسىدىن يازما ياكى ئېلېكتىرونلۇق ئۇسۇلدا پىكىر ئېلىشى ھەمدە ئۆي ئىگىسى ئىمزا قويۇپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى كېرەك.

28 - ماددا ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى يىغىنى ھەر يىلى ئاز دېگەندە بىر قېتىم ئېچىلىدۇ. تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ۋاقىتلىق يىغىنىنى ۋاقتىدا تەشكىللەپ ئېچىشى كېرەك:

(1) 20%تىن كۆپرەك ئۆي ئىگىسى تەكلىپ بەرسە؛

(2) ئېغىر ھادىسە ياكى جىددىي ۋەقە يۈز بېرىپ ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كەلسە؛

(3) ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىش قائىدىسى ياكى باشقۇرۇش كېلىشىمىدە بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار بولسا.

29 - ماددا ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى 5تىن 11گىچە بولغان تاق سانلىق ئۆي ئىگىسىدىن تەركىب تاپىدۇ، مۇدىر، مۇئاۋىن مۇدىرلار تەسىس قىلىنىدۇ؛ مۇدىر، مۇئاۋىن مۇدىرلارنى ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى سايلاپ چىقىدۇ. ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 5 يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، ئەزالىرى ئۇدا سايلىنىپ، ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىسە بولىدۇ. ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىدا ئادەم سانى كەم بولسا، ۋاقتىدا تولۇقلاپ سايلاش كېرەك. ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ كونكرېت ئادەم سانى، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ۋە ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى ئەزالىرىنى تولۇقلاپ سايلاش چارىسىنى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىش قائىدىسىدە پۈتۈشىدۇ.

ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى شۇ ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىدىكى تەبىئىي ئىگە ئۆي ئىگىسى ياكى ئورۇن ئۆي ئىگىسى ھوقۇق بەرگەن تەبىئىي ئىگە ۋەكىلى بولۇشى ھەمدە تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك:

(1) تولۇق ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش؛

(2) قانۇن - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، ئادىل - دۇرۇس بولۇش، قىزغىن مۇلازىمەت قىلىش، مەسئۇلىيەتچانلىقى كۈچلۈك بولۇش، بەلگىلىك ئىناۋىتى ۋە تەشكىللەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش؛

(3) ئۆزى، جورىسى ۋە يېقىن تۇغقانلىرى شۇ ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىدىكى ئۆي - جاي مۇلازىمىتى ئورنىدا ۋەزىپە ئۆتىمىگەن بولۇش؛

(4) ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى ئەزاسىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادىل ئادا قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان باشقا ھەرىكىتى بولمىغان بولۇش.

30 - ماددا ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى:

(1) ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى يىغىنى، ۋاقىتلىق يىغىنىنى چاقىرىش ۋە ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلىش، ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىدىن ۋە ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىدىن دوكلات بېرىش؛

(2) ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ بېكىتمە، قارارىنى ئىجرا قىلىش، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداش؛

(3) ئۆي ئىگىسىگە ۋاكالىتەن ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچى بىلەن ئۆي - جاي مۇلازىمىتى توختامى تۈزۈش؛

(4) ئۆي ئىگىلىرى، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرىدىن پايدىلانغۇچىلارنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى ۋاقتىدا ئىگىلەش، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچىنىڭ ئۆي - جاي مۇلازىمىتى توختامىنى ئادا قىلىشىنى نازارەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ھەمكارلىشىش، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئۆي - جاي مۇلازىمىتى ھەققىنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش؛

(5) باشقۇرۇش كېلىشىمىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى نازارەت قىلىش؛

(6) تۇرالغۇ مەخسۇس رېمونت مەبلىغىنى غەملەش ۋە ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىشقا تەشكىللەش؛

(7) ۋاكالىتەن يىغىلغان ئاممىۋى تاپاۋەت، تۇرالغۇ مەخسۇس رېمونت مەبلىغىنى ئىشلىتىش، خىراجەت چىقىمى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىش؛

(8) ئۆي ئىگىلىرى ئارىسىدىكى ئۆي - جاي مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرىدىن پايدىلىنىش، ئاسراش ۋە باشقۇرۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىش؛

(9) يىغىن خاتىرىسى، ئورتاق ئىگىدارلىقتىكى قىسمىنىڭ ئارخىپ - ماتېرىياللىرى، بوغالتىرلىق ئىسپاتى ۋە ھېسابات دەپتىرى، مالىيە - بوغالتىرلىق دوكلاتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى تەييارلاش ۋە ساقلاش؛

(10) شەھەر (كەنت) ئاھالە كومىتېتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا ماسلىشىش ۋە ئۇنى قوللاش ھەمدە ئۇنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە نازارىتىنى قوبۇل قىلىش؛

(11) ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى يۈكلىگەن باشقا مەسئۇلىيەتلەر.

31 - ماددا ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، ئۆي - جاي بار جايدىكى كوچا باشقارمىسى، يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتىگە ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. ئەنگە ئالدۇرغان ئۇچۇردىن ئۆي - جاي بار جايدىكى ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مەسئۇل تارمىقى بىلەن ئورتاق بەھرىلىنىشى كېرەك. ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى ئەنگە ئالدۇرغاندا تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك:

(1) ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى يىغىنىنىڭ قارارى؛

(2) ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىش قائىدىسى؛

(3) باشقۇرۇش كېلىشىمى؛

(4) ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكى ۋە ئاساسىي ئەھۋالى؛

(5) قانۇن، نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ماتېرىياللار.

كوچا باشقارمىسى، يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى ئەنگە ئالدۇرۇش ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 10 كۈن ئىچىدە ئەنگە ئالدۇرۇش ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولسا ئەنگە ئېلىپ تىزىملاپ، ئەنگە ئالغانلىق ئىسپاتى، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى ۋە ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىغا تامغا ئويدۇرۇش ئىسپاتى چىقىرىپ بېرىدۇ؛ ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى ئەنگە ئالغانلىق ئىسپاتىنى ئېلىپ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىغا ھېسابات ئېچىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئەنگە ئالمىغانلىرىغا ئەنگە ئالماسلىق سەۋەبىنى يازما چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

ئەنگە ئالدۇرغان ئىشلاردا ئۆزگىرىش بولغاندا، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى ئۆزگىرىش بولغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئەنگە ئالغۇچى تارماققا بېرىپ ئۆزگەرتىش رەسمىيىتى بېجىرىشى كېرەك.

32 - ماددا ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىش قائىدىسىدىكى بەلگىلىمە ۋە ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى يىغىنىنىڭ قارارى بويىچە يىغىن ئېچىشى كېرەك. ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكى تەكلىپ بەرسە، يەتتە كۈن ئىچىدە ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى يىغىنى ئېچىشى كېرەك.

ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى يىغىنىنى مۇدىر چاقىرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، مۇدىر مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالمىسا، مۇئاۋىن مۇدىرنىڭ چاقىرىشى ۋە رىياسەتچىلىك قىلىشىغا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.

ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىش قائىدىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ قەرەللىك يىغىنىنى تەشكىللەپ ئاچمىسا ياكى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ۋاقىتلىق يىغىنىنى ئېچىشقا تېگىشلىك ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى يىغىنىنى تەشكىللەپ ئېچىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىسا، ئۆي - جاي بار جايدىكى شەھەر (كەنت) ئاھالە كومىتېتى ياكى كوچا باشقارمىسى، يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە يىغىن ئېچىشقا بۇيرۇسا بولىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ ئاچمىسا، ئۆي - جاي بار جايدىكى شەھەر (كەنت) ئاھالە كومىتېتى كوچا باشقارمىسى، يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ۋە نازارەتچىلىكىدە ئېچىشقا تەشكىللىسە بولىدۇ.

ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى يىغىنىغا ئەزالارنىڭ تەڭدىن تولىسى قاتنىشىشى، چىقارغان قارارغا بارلىق ئەزالارنىڭ تەڭدىن تولىسى قوشۇلغان بولۇشى كېرەك. ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى ئەزالىرى يىغىنغا قاتنىشىشنى ۋاكالەتچىگە ھاۋالە قىلسا بولمايدۇ.

33 - ماددا ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى يىغىنىدا ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى يازما خاتىرە قالدۇرۇشى ھەمدە ئارخىپلاشتۇرۇپ ساقلىشى كېرەك. ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ قارارىنى قارار چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ كۈن ئىچىدە ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىدىكى كۆزگە چېلىقىدىغان ئورۇندا ياكى توردا ئېلان قىلىش كېرەك.

ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى يىغىنى يازما خاتىرە قالدۇرۇشى ھەمدە ئارخىپلاشتۇرۇپ ساقلىشى كېرەك. ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى يىغىنى چىقارغان قارارنى يىغىنغا قاتناشقۇچى ئەزالار ئىمزا قويۇپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى، باشقىچە پىكرى بولسا، يىغىن خاتىرىسىگە خاتىرىلىشى ھەمدە قارار چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ كۈن ئىچىدە ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىدىكى كۆزگە چېلىقىدىغان ئورۇندا ياكى توردا ئېلان قىلىشى كېرەك.

ئۆي ئىگىسى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى يىغىنى، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى يىغىنىنىڭ ماتېرىيالى ۋە خاتىرىسىنى كۆرۈشكە، ئۆز مەنپەئىتىگە چېتىشلىق ئىشلار توغرىسىدا ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىدىن سوئال سوراشقا ھوقۇقلۇق، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى چۈشەندۈرۈشى، جاۋاب بېرىشى كېرەك. ئۆي ئىگىسى يازما جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلسا، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى يازما جاۋاب چىقىرىپ بېرىشى كېرەك.

34 - ماددا ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشۇشتىن بەش ئاي بۇرۇن، كوچا باشقارمىسى، يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتىگە نۆۋەت ئالماشتۇرۇش توغرىسىدا يازما ئىلتىماس سۇنۇشى كېرەك. كوچا باشقارمىسى، يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋېلىپ 60 كۈن ئىچىدە نۆۋەت ئالماشتۇرۇش تەييارلىق گۇرۇپپىسى تەشكىللىشى ھەمدە ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشۇشتىن بۇرۇن، نۆۋەت ئالماشتۇرۇش تەييارلىق گۇرۇپپىسى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى يىغىنىنى تەشكىللەپ ئېچىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنى سايلاپ چىقىشى كېرەك. ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى ئىلتىماس سۇنۇشتا بەلگىلىمە بويىچە ئىش كۆرمىسە، كوچا باشقارمىسى، يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ياكى ئۆي ئىگىسىنىڭ يازما تەلىپىگە ئاساسەن نۆۋەت ئالماشتۇرۇش تەييارلىق گۇرۇپپىسى قۇرسىمۇ بولىدۇ. نۆۋەت ئالماشتۇرۇش تەييارلىق گۇرۇپپىسىدىكى خادىملار ۋە ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى تەييارلىق گۇرۇپپىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە بولىدۇ.

ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى نۆۋەت ئالماشقاندا، باشقۇرۇش كېلىشىمى ياكى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى يىغىنىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، ئىقتىسادىي تەپتىش ئاپپاراتىغا ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدىكى مالىيە ئەھۋالىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنى ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.

ئەسلىدىكى ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى 10 كۈن ئىچىدە تامغا، ئارخىپ ماتېرىياللىرى شۇنىڭدەك بارلىق ئۆي ئىگىسىگە تەئەللۇق پۇل - مال قاتارلىقلارنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى ھەمدە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ ھېساباتتىكى ئۇچۇرلارنى ئۆزگەرتىشىگە ماسلىشىشى كېرەك. ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈپ بەرمىسە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى شەھەر (كەنت) ئاھالە كومىتېتى، كوچا باشقارمىسى، يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتىدىن ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

35 - ماددا ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەردە بولسا بولمايدۇ:

(1) ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق مال - مۈلكىنى ئىشلىتىۋېلىش، ئىگىلىۋېلىش؛

(2) قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچى ياكى مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولغان ئۆي ئىگىسىدىن پايدا ياكى ھەقنى قانۇنسىز سوراپ ئېلىش، قوبۇل قىلىش؛

(3) ئەزالىق سالاھىيىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچىدىن ئۆي - جاي مۇلازىمىتى ھەققى قاتارلىقلارنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلەش؛

(4) بوغالتىرلىق ئىسپاتى، بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرى، مالىيە - بوغالتىرلىق دوكلاتى قاتارلىق بوغالتىرلىق ماتېرىياللىرىنى ئوبدان ساقلىماسلىق، بوغالتىرلىق ماتېرىياللىرىنى ياسىۋېلىش، ئۆزگەرتىۋېتىش، يوشۇرۇۋېلىش، قەستەن يوق قىلىۋېتىش ياكى بوغالتىرلىق ماتېرىياللىرىنى تەمىنلەش، ئۆتكۈزۈپ بېرىشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلماسلىق؛

(5) ئۆي ئىگىسىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش ياكى مەسئۇلىيىتىنى ئادىل ئادا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان باشقا ھەرىكەتلەر.

36 - ماددا ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى ئەزالىرىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىدىكى ئۈچتىن بىر قىسىمدىن ئارتۇق ئەزا ياكى %20تىن ئارتۇق ئۆي ئىگىلىرى تەكلىپ بەرسە، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى ياكى ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى بەرگەن ھوقۇق بويىچە، ئۇنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ:

(1) ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىگە ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا سوراش يازما ئىلتىماسى سۇنغان بولسا؛

(2) مەسئۇلىيەت ۋە ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن ياكى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ بېكىتمە، قارارىنى ئىجرا قىلمىغان، ئەزالىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان بولسا؛

(3) بۇ نىزامنىڭ 29 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن كەلمىسە؛

(4) بۇ نىزامنىڭ 35 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ھەرىكەتلەر بولسا؛

(5) ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىنى ئۆتەشكە ماس كەلمەيدىغان باشقا ئەھۋاللار.

ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ھازىر ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىدىكى ئۆي ئىگىسى ياكى ئورۇن ئۆي ئىگىسى ھوقۇق بەرگەن تەبىئىي ئىگە ۋەكىلى بولمىسا، ئۇلارنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتى ئۆزلۈكىدىن ئاخىرلىشىدۇ، ئۇنى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى ياكى ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى بەرگەن ھوقۇق بويىچە مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.

ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىدىن سالاھىيىتى ئاخىرلاشقانلىرى، سالاھىيىتى ئاخىرلاشقان كۈندىن باشلاپ ئۈچ كۈن ئىچىدە ئۆزى ساقلاۋاتقان، پايدىلىنىۋاتقان ئارخىپ ماتېرىياللار، تامغا شۇنىڭدەك بارلىق ئۆي ئىگىسىگە تەئەللۇق باشقا پۇل - مالنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

37 - ماددا ئۆي ئىگىلىرى ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى ئۆزلىرى باشقۇرۇشنى ئورتاق قارار قىلغان بولسا، باشقۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈپ، باشقۇرۇشقا مەسئۇل كىشى، باشقۇرۇش تۈرلىرى، باشقۇرۇش ئۇسۇلى، باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىش، ئادەم ئىشلىتىش قاتارلىق ئىشلار توغرىسىدا ئورتاق پۈتۈشۈشى كېرەك.

ئۆي - جاي بار جايدىكى كوچا باشقارمىسى، يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى ئۆزلىرى باشقۇرۇشىغا بولغان يېتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك. كوچا باشقارمىسى، يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى ئۆي - جاي بار جايدىكى ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مەسئۇل تارمىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش ئۇچۇرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشى كېرەك.

38 - ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئۆي - جاي بار جايدىكى كوچا باشقارمىسى، يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش كومىتېتى قۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ:

(1) ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى قۇرۇش شەرتىنى ھازىرلىمىغان بولسا؛

(2) ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى قۇرۇش شەرتىنى ھازىرلىغان بولسىمۇ، لېكىن ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قۇرۇلمىغان بولسا؛

(3) ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى يىغىنى ئاچقان بولسىمۇ، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنى سايلاپ چىقالمىغان بولسا؛

(4) ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنى قايتا سايلاشقا توغرا كەلسىمۇ، لېكىن ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سايلاپ چىقالمىغان بولسا.

ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش كومىتېتى ۋاقىتلىق ئاپپارات سۈپىتىدە، بۇ نىزام بويىچە ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئۆي ئىگىلىرىنى تەشكىللەپ، ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش ئىشلىرىنى ئورتاق قارار قىلىدۇ، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى يىغىنى ئېچىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنى سايلاپ ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ.

39 - ماددا ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش كومىتېتى ئۆي - جاي بار جايدىكى شەھەر (كەنت) ئاھالە كومىتېتى ۋەكىلى، ئۆي ئىگىسى ۋەكىلى قاتارلىقلاردىن بولۇپ، تاق سان بويىچە بەشتىن ئارتۇق كىشىدىن تەركىب تاپىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە ئۆي ئىگىسى ۋەكىلىنىڭ سانى ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش كومىتېتى ئەزالىرى سانىنىڭ ئىككىدىن بىر قىسمىدىن كەم بولسا بولمايدۇ. ئۆي ئىگىسى ۋەكىلىنى كوچا باشقارمىسى، يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى كۆرسىتىشى ياكى بىرلىشىپ كۆرسىتىشىگە ئاساسەن بېكىتىدۇ.

ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىنى شەھەر (كەنت) ئاھالە كومىتېتىنىڭ ۋەكىلى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ مۇئاۋىن مۇدىرلىقنى ئۆي ئىگىلىرى ۋەكىلى ئۈستىگە ئالىدۇ.

ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئادەتتە ئۈچ يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى قۇرۇلغان، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى سايلاپ چىقىلغان بولسا، ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش كومىتېتى ئۆزلۈكىدىن تارقىلىپ كېتىدۇ. مۇددەت توشسىمۇ ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى قۇرۇشقا، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنى سايلاپ چىقىشقا تۈرتكە بولالمىغان بولسا، كوچا باشقارمىسى ياكى يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنى قايتا تەشكىللەپ قۇرىدۇ.

ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئۆزلۈكىدىن تارقىلىپ كەتكەنلىكى، قايتا تەشكىللەنگەنلىكى شۇنىڭدەك ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىدىكى كۆزگە چېلىقىدىغان ئورۇندا ياكى توردا كەم دېگەندە يەتتە كۈن ئېلان قىلىنىشى كېرەك.

4 - باب ئالدىنقى مەزگىللىك ئۆي - جاي مۇلازىمىتى

40 - ماددا يېڭىدىن سېلىنىدىغان ئۆي - جاي قۇرۇلۇشى قىلدۇرغۇچى ئورۇن تاۋار ئۆينى ئالدىن سېتىش ئىجازىتى بېجىرىش ياكى تەييار ئۆينى سېتىشنى ئەنگە ئالدۇرۇشتىن بۇرۇن، خېرىدار چاقىرىش - خېرىدار چىقىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچىنى تاللاپ تەكلىپ قىلىشى كېرەك؛ خېرىدار چىققۇچى ئۈچتىن ئاز بولسا ياكى تۇرالغۇ كۆلىمى كىچىكرەك بولسا، ئۆي - جاي بار جايدىكى ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئېلىپ، كېلىشىم ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچىنى تاللاپ تەكلىپ قىلسا بولىدۇ. تۇرالغۇ كۆلىمىنى كىچىكرەك دەپ بېكىتىش ئۆلچىمىنى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك) خەلق ھۆكۈمىتى (مەمۇرىي مەھكىمە) بېكىتىدۇ.

41 - ماددا يېڭىدىن سېلىنغان ئۆي - جاينى سېتىشتىن بۇرۇن، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن تاللاپ تەكلىپ قىلغان ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچى بىلەن يازما شەكىلدە ئالدىنقى مەزگىللىك ئۆي - جاي مۇلازىمىتى توختامى تۈزۈشى كېرەك.

ئالدىنقى مەزگىللىك ئۆي - جاي مۇلازىمىتى توختامىدا ئۆي - جاينىڭ ئاساسىي ئەھۋالى، ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنىڭ مەزمۇنى، ئۆي - جاينى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ۋە ئۆي - جاي ماتېرىياللىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش، ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇق - مەجبۇرىيىتى، مۇلازىمەت دەرىجىسى، مۇلازىمەت مەزمۇنى، ھەق ئېلىش ئۆلچىمى، ھەق ئېلىش ئۇسۇلى شۇنىڭدەك ھەق ئېلىشنىڭ باشلىنىش ۋاقتى، ئاممىۋى تاپاۋەتنى باشقۇرۇش، كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقى، توختامنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان ئەھۋاللار، ئۆي سۈپىتىدىكى نۇقسان جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى پۈتۈشۈش كېرەك.

ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچى ئالدىنقى مەزگىللىك ئۆي - جاي مۇلازىمىتى توختامى تۈزۈلگەن كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، ئالدىنقى مەزگىللىك ئۆي - جاي مۇلازىمىتى توختامى، تۈر مەسئۇلىنىڭ ئۇچۇرىنى ئۆي - جاي بار جايدىكى ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. ئەنگە ئالدۇرۇلغان ئۇچۇردىن ئۆي - جاي بار جايدىكى كوچا باشقارمىسى، يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن ئورتاق بەھرىلىنىشى كېرەك.

ئالدىنقى مەزگىللىك ئۆي - جاي مۇلازىمىتى توختامىنىڭ ئۈلگە نۇسخىسىنى ئىشلىتىشكە ئىلھام بېرىلىدۇ.

42 - ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئۆي - جاينى سېتىشتىن بۇرۇن، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە ۋاقىتلىق باشقۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈپ، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرىدىن پايدىلىنىش، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرىنى ئاسراش ۋە باشقۇرۇش، ئۆي ئىگىسىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى، ئۆي ئىگىسى ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيەت، ۋاقىتلىق باشقۇرۇش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلغاندا ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك جاۋابكارلىق قاتارلىق ئىشلار توغرىسىدا قانۇن بويىچە پۈتۈشۈشى كېرەك.

قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن تۈزگەن ۋاقىتلىق باشقۇرۇش كېلىشىمىدە ئۆي سېتىۋالغۇچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ.

ۋاقىتلىق باشقۇرۇش كېلىشىمى ئۈلگە نۇسخىسىنى ئىشلىتىشكە ئىلھام بېرىلىدۇ.

43 - ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئۆي سېتىۋالغۇچى بىلەن ئۆي سېتىۋېلىش - سېتىش توختامى تۈزگەندە، ئۆي سېتىۋالغۇچىغا ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونى، ئالدىنقى مەزگىللىك ئۆي - جاي مۇلازىمىتى توختامى، ۋاقىتلىق باشقۇرۇش كېلىشىمى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئېنىق كۆرسىتىشى كېرەك.

ئالدىنقى مەزگىللىك ئۆي - جاي مۇلازىمىتى توختامى ئۆي سېتىۋېلىش - سېتىش توختامىنىڭ قوشۇمچە ھۆججىتى سۈپىتىدە، ئۆي سېتىۋالغۇچىنى - ساتقۇچىنى ۋە ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچىنى چەكلەش كۈچىگە ئىگە. ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى قاتارلىقلار ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچى بىلەن تۈزگەن يېڭى ئۆي - جاي مۇلازىمىتى توختامى كۈچكە ئىگە بولغاندا، ئالدىنقى مەزگىللىك ئۆي - جاي مۇلازىمىتى توختامى ئاخىرلىشىدۇ.

44 - ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن يېڭىدىن سېلىنغان ئۆي - جاينى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇشتىن 15 كۈن بۇرۇن، تاللاپ تەكلىپ قىلىنغان ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچى بىلەن دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى ۋە ئالدىنقى مەزگىللىك ئۆي - جاي مۇلازىمىتى توختامىدىكى پۈتۈم بويىچە، ئۆي - جاينىڭ ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان قىسمى، ئورتاق ئىشلىتىدىغان ئەسلىھە - ئۈسكۈنىلىرىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش خىزمىتىنى تاماملاپ، مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئۆي - جاينى تاپشۇرۇش مۇددىتى توشقانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچىدىن تېخى تەكشۈرۈلمىگەن ياكى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇپ بېرىش شەرتىگە ئۇيغۇن بولمىغان ئۆي - جاينى ئۆتكۈزۈۋېلىشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ. ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچى تەكشۈرۈلمىگەن ئۆي - جاينى ئۆتكۈزۈۋالسا بولمايدۇ.

قارارغا بۆلۈپ قۇرۇلۇش قىلغان ئۆي - جاي تۈرلىرىدە، قۇرۇلۇش سۈرئىتىگە ئاساسەن، ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇش شەرتىگە توشىدىغان ئۆي - جاينى قارارغا بۆلۈپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ئۆي - جاينى قارارغا بۆلۈپ ئۆتكۈزۈپ بېرىش - ئۆتكۈزۈۋېلىش رەسمىيىتىنى بېجىرسە بولىدۇ. قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن بىلەن ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچى ئەڭ ئاخىرقى بىر قارارلىق ئۆي - جاينى ئۆتكۈزۈپ بەرگەندە ۋە ئۆتكۈزۈۋالغاندا، ئۆي - جاي تۈرىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆتكۈزۈپ بېرىش - ئۆتكۈزۈۋېلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك.

45 - ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن تاپشۇرىدىغان ئالدىنقى مەزگىللىك ئۆي - جاي تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك:

(1) قۇرۇلۇشنىڭ پىلان بويىچە پۈتكەنلىكى ئېتىراپ قىلىنغان بولۇش، پۈتكەن قۇرۇلۇش تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتلىك بولغان بولۇش؛

(2) سۇ بېرىش، سۇ چىقىرىۋېتىش قۇرۇلۇشى شەھەر مەمۇرىيىتى ئاممىۋى تۇرۇبا تورى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇش، ئىشلىتىلىدىغان توك شەھەر مەمۇرىيىتى توك بېرىش تورىغا ئۇلانغان بولۇش، لايىھەدىكى ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەمدە تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغان مىقدار ئۆلچەش قۇرۇلمىسى ئورنىتىلغان بولۇش؛

(3) شەھەردىكى تۇرۇبىلىق يېقىلغۇ گاز، مەركەزلىك پار بېرىش تۇرۇبا تورى قاپلىغان رايوندا، يېقىلغۇ گاز تۇرۇبىسى ۋە پار تۇرۇبىسى لايىھە بويىچە ياتقۇزۇلغان ۋە تۇرۇبا تورىغا ئۇلانغان بولۇش، ئائىلە بويىچە ئايرىلغان يېقىلغۇ گاز - پار بېرىش تىزگىنلەش قۇرۇلمىسى ۋە تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغان مىقدار ئۆلچەش قۇرۇلمىسى ئورنىتىلغان بولۇش، ئائىلە بويىچە مىقدار ئۆلچەپ ھەق ئېلىش تەلىپىنى قاندۇرغان بولۇش؛

(4) خەۋەرلىشىش، سىملىق تېلېۋىزىيە سانلىق مەلۇماتلىرىنى يەتكۈزۈش ئۇچۇر تېرمىنالى ئائىلىلەرگىچە تۇتاشتۇرۇلغان بولۇش؛

(5) بىخەتەرلىكنى كۆزىتىش - تىزگىنلەش قۇرۇلمىسى ياكى لىفىت، پار قازان قاتارلىق ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر شۇنىڭدەك ئوت ئۆچۈرۈش سۈيى قۇرۇلمىسى، ئوت ئاپىتىدىن ئاپتوماتىك سىگنال بېرىش ۋە ئوت ئۆچۈرۈش قۇرۇلمىسى، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى يولى، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى ئېگىزدە مەشغۇلات قىلىش مەيدانى قاتارلىق ئورتاق پايدىلىنىدىغان ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەسى، خەلق ھاۋا مۇداپىئە قۇرۇلۇشى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتلىك بولغان بولۇش؛

(6) يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن يول، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى ئۆيى، ئاپتوموبىل ئىسكىلاتى، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى شۇنىڭدەك توك قاچىلاش ئۈسكۈنىسى پىلان بويىچە پۈتكەن بولۇش؛

(7) كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى لايىھە بويىچە تاماملانغان بولۇش، پەسىل سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈپ تاماملاشقا توغرا كەلگەنلىرىدە، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇننىڭ يازما كاپالەتنامىسى ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىدىكى كۆزگە چېلىقىدىغان ئورۇندا ياكى توردا ئېلان قىلىنغان بولۇش؛

(8) دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن باشقا شەرتلەر.

قارارغا بۆلۈپ قىلىنىدىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىدىكى پۈتكەن قۇرۇلۇش رايونى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇش ھەمدە ئۇنى توسۇق ئورنىتىپ قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان رايوندىن ئايرىۋېتىش كېرەك.

46 - ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئالدىنقى مەزگىللىك ئۆي - جاينى تاپشۇرغاندا، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچىغا ئۆي - جاي مۇلازىمىتى ئۆيى، ئۆي - جاينىڭ ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان قىسمى، ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان ئەسلىھە - ئۈسكۈنىلەرنى ۋە تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك:

(1) پۈتكەن قۇرۇلۇشنىڭ ئومۇمىي تەكشىلىك خەرىتىسى، يەككە ئىمارەت، قۇرۇلما، ئۈسكۈنىنىڭ پۈتكەنلىك خەرىتىسى، يانداش ئەسلىھە، يەر ئاستى تۇرۇبا تورى قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكەنلىك خەرىتىسى، ئائىلە بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش قاتارلىق پۈتكەن قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ماتېرىيالى؛

(2) ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان ئەسلىھە - ئۈسكۈنىلەرنىڭ تىزىملىكى ۋە ئۇنى قۇراشتۇرۇش، ئىشلىتىش ۋە ئاسراش، رېمونت قىلىشقا دائىر تېخنىكىلىق ماتېرىياللار؛

(3) ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىغا ئايرىشقا دائىر ھۆججەت - ماتېرىياللار؛

(4) باغ - ئورمان قۇرۇلۇشى قىلىش خەرىتىسى، دەل - دەرەخ تۈرى تىزىملىكى؛

(5) ئۆي - جاي سۈپىتى، رېمونت كاپالەت ھۆججىتى ۋە ئۆي - جاي مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرىدىن پايدىلىنىش چۈشەندۈرۈش ھۆججىتى؛

(6) ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئىسىملىكى؛

(7) قانۇن، نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ياكى ئىككى تەرەپ تاپشۇرۇشنى پۈتۈشكەن باشقا ماتېرىياللار.

ئالدىنقى مەزگىللىك ئۆي - جاي مۇلازىمىتى توختامى ئاخىرلاشقاندا، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچى ئۆي - جاي مۇلازىمىتى ئۆيى، ئۆي - جاينىڭ ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان قىسمى، ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان ئەسلىھە - ئۈسكۈنىلەرنى ۋە ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ماتېرىياللارنى ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى قۇرۇلمىغان بولسا، ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش كومىتېتىغا ياكى ئۆي - جاينى ئۆزى باشقۇرىدىغان مەسئۇل كىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.

5 - باب ئۆي - جاي مۇلازىمىتى

47 - ماددا ئۆي - جاي مۇلازىمىتى تۆۋەندىكى ئاساسلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك:

(1) ئورتاق ئىگىدارلىقتىكى قىسىم، ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان ئەسلىھە - ئۈسكۈنىلەر شۇنىڭدەك ئۆي ئىگىلىرى ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىدىغان ئاپتوموبىل ئىسكىلاتى، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى باشقۇرۇش، ئاسراش، رېمونت قىلىش؛

(2) ئاممىۋى يېشىللىقنى باشقۇرۇش، ئاسراش؛

(3) ئورتاق ئىگىدارلىقتىكى قىسىم، ئاممىۋى رايونلارنى تازىلاش، قار - مۇز تازىلاش قاتارلىق مۇھىت تازىلىقىنى قىلىش ۋە ئاسراش، تۇرمۇش ئەخلىتىنى تۈرگە ئايرىش، يېشىل مەھەللە بەرپا قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش؛

(4) ئاممىۋى رايونلارنىڭ تەرتىپىنى ساقلاش، بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قاتارلىق ئىشلارغا ھەمكارلىشىش، مەھەللىنىڭ ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش ئىشلىرىغا قاتنىشىش؛

(5) بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپ - خەتىرىنى بايقىغاندا، ۋاقتىدا ئاگاھ بەلگىسى ئورنىتىش، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى قوللىنىش، زۆرۈر تېپىلغاندا مۇناسىۋەتلىك تارماق ياكى كەسپىي تىجارەت ئورنى قاتارلىقلارغا مەلۇم قىلىش ھەمدە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە ھەمكارلىشىش؛

(6) جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى تۈزۈپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئوت ئۆچۈرۈش، لىفىت كاشىلىسى، تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسى قاتارلىقلار بويىچە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرىنى قەرەللىك قانات يايدۇرۇش؛

(7) سۇ، توك، يېقىلغۇ گاز، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى قاتارلىق كەسپىي تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىغا كىرىپ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى ۋە رېمونت قىلىشى، ئاسرىشىغا ماسلىشىش؛

(8) ئۆي ئىگىلىرىنىڭ پوچتا يوللانمىسى، تېز يوللانما، ۋەيمەي قوبۇل قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش، سەۋەبسىز توسقۇنلۇق قىلماسلىق؛

(9) ئۆي - جاي مۇلازىمەت تەۋەلىكىدىن پايدىلىنىشتا مەنئى قىلىنغان ھەرىكەتلەرنى ئۇقتۇرۇش، نەسىھەت قىلىپ توسۇش ۋە دوكلات قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەر؛

(10) ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدىكى ئۆي، ئەسلىھە، ئاپتوموبىل ئىسكىلاتى، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى قاتارلىقلاردىن ۋاكالىتەن يىغقان ئاممىۋى تاپاۋەت كىرىم - چىقىمىنى باشقۇرۇش؛

(11) تۇرالغۇ مەخسۇس رېمونت مەبلىغىنى ئىشلىتىش لايىھەسىنى تۈزۈش؛

(12) ئۆي - جاي مۇلازىمىتى ئارخىپى ۋە ئۆي - جاي ئارخىپىنى ساقلاش؛

(13) ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش مۇلازىمىتىدىكى باشقا ئىشلار.

ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچىنىڭ مۇلازىمەت دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ كۆپ خىل تۇرمۇش مۇلازىمىتى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

48 - ماددا ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچىنى خېرىدار چاقىرىش - خېرىدار چىقىش ئۇسۇلى ئارقىلىق تاللاپ تەكلىپ قىلىشقا ئىلھام بېرىلىدۇ؛ ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى قانۇن بويىچە تاللاپ تەكلىپ قىلغان ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچى بىلەن يازما ئۆي - جاي مۇلازىمىتى توختامى تۈزۈشى كېرەك.

ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچى ئۆي - جاي مۇلازىمىتى توختامى تۈزگەن كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى توختامى، تۈر مەسئۇلىنىڭ ئۇچۇرىنى ئۆي - جاي بار جايدىكى ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. ئەنگە ئالدۇرغان ئۇچۇردىن ئۆي - جاي بار جايدىكى كوچا باشقارمىسى، يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن ئورتاق بەھرىلىنىشى كېرەك.

ئۆي - جاي مۇلازىمىتى توختامىدا ئۈلگە نۇسخىسىنى ئىشلىتىشكە ئىلھام بېرىلىدۇ.

49 - ماددا ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى ياكى ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، ئورتاق ئىگىدارلىقتىكى قىسىم، ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان ئەسلىھە - ئۈسكۈنىنى رېمونت قىلىش - ئاسراش، يېشىللىقنى باشقۇرۇش - ئاسراش، تازىلىق قىلىش، قار - مۇز تازىلاش، تەرتىپ ساقلاش، بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىش شۇنىڭدەك ئاممىۋى تاپاۋەت ھېساباتىنى باشقۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنى كەسپىي ئورۇنغا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ ھەمدە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ۋە مۇلازىمەت ئۆلچىمىنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ. ھاۋالە قىلىنغۇچى كەسپىي ئورۇن ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزسە، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچى ئۆزى قىلىشقا تېگىشلىك بارلىق ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى 3 - كىشىگە ھاۋالە قىلسا ياكى بارلىق ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى پارچىلاپ 3 - كىشىگە ئايرىم - ئايرىم ھاۋالە قىلسا بولمايدۇ.

50 - ماددا ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئۆي - جاي مۇلازىمىتى توختامى سىرتىدىكى ئۆي سېتىۋېلىش - سېتىش، بېزىلىپ تاپشۇرۇلىدىغان ئۆيلەرنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، توختىتىپ قويۇلغان ئاپتوموبىللارنى ساقلاپ بېرىش، جىسمانىي ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئۆي، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتى قىلىش، ئۆينىڭ خاس ئىگىدارلىقتىكى قىسمىنى تازىلاش، پاكىزلاش، رېمونت قىلىش، ئەشيا يەتكۈزۈش، ياشانغانلارنى كۈتۈش - ھالىدىن خەۋەر ئېلىش قاتارلىق ئىشلاردا مۇلازىمەت تەلىپى بولسا، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچى بىلەن كېڭىشىپ، مۇلازىمەت تۈرلىرى، مۇلازىمەت ئۆلچىمى، ئېلىنىدىغان ھەق، خىلاپلىق جاۋابكارلىقى قاتارلىق ئىشلار توغرىسىدا ئايرىم پۈتۈشسە بولىدۇ.

51 - ماددا ئۆي - جاي مۇلازىمىتى توختامى بىكار قىلىنغان ياكى ئاخىرلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچى توختامدىكى پۈتۈم بويىچە چېكىنىپ چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى ھەمدە ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى قاتارلىقلارغا تۆۋەندىكى ماتېرىيال ۋە پۇل - مالنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك:

(1) ئۆي - جاينى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئارخىپى؛

(2) ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغان مەزگىلىدە شەكىللەنگەن ئۆي - جاي ۋە ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان ئەسلىھە - ئۈسكۈنىلەرنى ئۆزگەرتىش، رېمونت قىلىش، يۈرۈشتۈرۈش ۋە ئاسراشقا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار ھەم ئۆي - جاي مۇلازىمىتى ئارخىپى؛

(3) ئۆي - جاي مۇلازىمىتى ئۆيى ۋە ئۆي - جاينىڭ ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان قىسمى، ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان ئەسلىھە - ئۈسكۈنىلەر؛

(4) ھېساب - كىتاب قىلىنغاندىن كېيىنكى ئالدىن ئېلىنغان، ۋاكالىتەن ئېلىنغان ھەقلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك ھېسابات دەپتىرى، تالون - ئىسپاتلار؛

(5) قانۇن، نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە تېگىشلىك باشقا ئىشلار.

ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچى ئۇقتۇرۇش قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي ياكى ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش رەسمىيىتىنى بېجىرمەي تۇرۇپ، ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىدىن ئۆز مەيلىچە ئايرىلسا ياكى ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى توختاتسا بولمايدۇ؛ قانۇن ياكى توختامدا ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچىنىڭ ئۇقتۇرۇش قىلىش مەجبۇرىيىتىنىڭ مۇددىتى ئېنىق بېكىتىلمىگەن بولسا، 90 كۈن بۇرۇن ئۆي ئىگىسى ياكى ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىغا ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك.

52 - ماددا ئۆي ئىگىسى، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرىدىن پايدىلانغۇچى ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچىنىڭ ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش ھەرىكىتىدە ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشى توغرىسىدا ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىغا ياكى كوچا باشقارمىسى، يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى، ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى تارمىقى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا ئەرز قىلسا بولىدۇ. ئەرزنى تاپشۇرۇۋالغان ئورۇن ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە بىر تەرەپ قىلغانلىق نەتىجىسى توغرىسىدا ئەرز قىلغۇچىغا جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك.

53 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مەسئۇل تارمىقى ئۆي - جاي مۇلازىمىتى ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، ئۆي ئىگىسىنىڭ رازىمەنلىك دەرىجىسى ئاساسىي كۆرسەتكۈچ قىلىنغان ئۆي - جاي مۇلازىمىتى سۈپىتىنى باھالاش تۈزۈمى، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى كارخانىلىرىنىڭ ئىناۋىتىنى باھالاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى، تاكامۇللاشتۇرۇشى كېرەك. كونكرېت چارىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مەسئۇل تارمىقى چىقىرىدۇ.

54 - ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچىنى مۇناسىۋەتلىك ھەقلەرنى ۋاكالىتەن يىغىشقا ياكى ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىشقا مەجبۇرلىسا بولمايدۇ.

مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان ياكى مەجبۇرىيىتىنى ئېغىرلىتىۋېتىدىغان قارارنى ئۆز مەيلىچە چىقارسا بولمايدۇ.

55 - ماددا ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىدىكى ئۆي - جاينىڭ ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان قىسمى ۋە ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان ئەسلىھە - ئۈسكۈنىلەرنى ئاسراش، پاكىزلاش، كۆكەرتىش ۋە ئوت ئۆچۈرۈش قاتارلىقلارغا سۇ، توك ۋە يېقىلغۇ گاز ئىشلىتىشتە، سۇ ھەققى ئاھالە ئىشلىتىدىغان سۇدىن باشقا مۇھىت تازىلىقى، كۆكەرتىش ۋە ئوت ئۆچۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىغان سۇ باھاسى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ؛ توك ھەققى، يېقىلغۇ گاز ھەققى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشقا ئىشلىتىدىغان توك، گاز باھاسى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

56 - ماددا ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچى تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەردە بولسا بولمايدۇ:

(1) ئۆز مەيلىچە ھەق ئېلىش تۈرلىرىنى تەسىس قىلىش، ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش ياكى تەكرار ھەق ئېلىش؛

(2) ھەقلا ئېلىپ مۇلازىمەت قىلماسلىق ياكى ئالغان ھەق قىلغان مۇلازىمەتنىڭ سۈپىتى ۋە باھاسىغا ئۇيغۇن كەلمەسلىك؛

(3) سۇ، توك، يېقىلغۇ گاز، پار بېرىشنى توختىتىش ياكى ئىشىك توسۇقى، لىفىت ئىشلىتىشنى چەكلەش قاتارلىق ئۆي ئىگىسىنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى ھەققى تاپشۇرۇشنى سۈيلەش؛

(4) ئۆي ئىگىسىنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدىكى قىسمىدىن ئۆز مەيلىچە پايدىلىنىپ تىجارەت قىلىش؛

(5) ئۆي ئىگىسىنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدىكى مەبلىغىنى ئىشلىتىۋېلىش، ئىگىلىۋېلىش، يوشۇرۇش؛

(6) ئۆي ئىگىسى تاپشۇرىدىغان ئىمارەت ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنى رېمونت قىلىش، تەكشۈرۈش - ئۆلچەش ھەققى قاتارلىق ھەقلەرنى شۇنىڭدەك ئۆي ئىگىسى ئورتاق تاپشۇرىدىغان باشقا ھەقلەرنى كۆپەيتىۋېلىش، تۇتۇپ قېلىش؛

(7) ئۆي - جاي مۇلازىمىتى ھەرىكىتىدە ئېرىشكەن ئۆي ئىگىسى، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرىدىن پايدىلانغۇچىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا تەمىنلەش، ئاشكارىلاپ قويۇش، سېتىش؛

(8) ئۆي ئىگىسىنى بەلگىلەنگەن تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىشقا مەجبۇرلاش؛

(9) ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ، ئۆي ئىگىسىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش؛

(10) ئۆي ئىگىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان باشقا ھەرىكەتلەر.

57 - ماددا ئۆي - جاي مۇلازىمىتى ھەققى ئېلىشتا سۈپەت بىلەن باھا ماس كېلىش، ئادىل - ئاشكارا بولۇش، مۇۋاپىق - سەمىمىي بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك.

ئالدىنقى مەزگىللىك ئۆي - جاي مۇلازىمىتى ھەققى ئېلىشتا ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى يولغا قويۇلىدۇ، باشقا ئۆي - جاي مۇلازىمىتى ھەققى ئېلىشتا بازار تەڭشەلمە باھاسى يولغا قويۇلىدۇ.

ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى يولغا قويۇلغانلىرىدا، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات تارمىقى تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە، ئۆي - جاي تۈرى، مۇلازىمەت دەرىجىسى، مۇلازىمەت مەزمۇنى، مۇلازىمەت تەننەرخى قاتارلىقلارغا ئاساسەن، مۇناسىپ ئاساسىي ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ۋە لەيلىمە دەرىجىسىىنى بېكىتىپ، ئۇدۇللۇق تەڭشەش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىدۇ.

بازار تەڭشەلمە باھاسى يولغا قويۇلغانلىرىدا، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچى بىلەن ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى تىجارەت تەننەرخى، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتى ۋە بازاردىكى تەمىنلەش - ئېھتىياج قاتارلىق ئامىللارنى تولۇق ئويلاشقان ئاساستا كېڭىشىپ پۈتۈشىدۇ ھەمدە ئۆي - جاي مۇلازىمىتى توختامىدا مۇلازىمەت دەرىجىسى، مۇلازىمەت مەزمۇنى، ھەق ئېلىش ئۆلچىمى، ھەق ئېلىش ئۇسۇلى قاتارلىقلار توغرىسىدا پۈتۈشىدۇ.

58 - ماددا سېتىلمىغان ياكى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلمىغان ئۆي - جاينىڭ ئۆي - جاي مۇلازىمىتى ھەققىنى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئۈستىگە ئالىدۇ. ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلغان ئۆي - جاينىڭ ئۆي - جاي مۇلازىمىتى ھەققىنى ئۆي ئىگىسى ئۈستىگە ئالىدۇ، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن بىلەن ئۆي ئىگىسى ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

ئۆي ئىگىسىنىڭ ئۇدا 6 ئايدىن ئارتۇق قۇرۇق تۇرۇپ قالغان ئۆيىنىڭ ئۆي - جاي مۇلازىمىتى ھەققىنى ئۆي ئىگىسى ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچى بىلەن كېلىشىپ پۈتۈشسە بولىدۇ؛ كېلىشەلمىسە، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى توختامىدىكى پۈتۈم بويىچە ئۆي - جاي مۇلازىمىتى ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك.

59 - ماددا ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچى باھا باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە ۋە ئۆي - جاي مۇلازىمىتى توختامىدىكى پۈتۈمگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆز مەيلىچە ھەق ئېلىش دائىرىسىنى كېڭەيتسە، ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرسە، تەكرار ھەق ئالسا، ئۆي ئىگىسىنى بەلگىلەنگەن تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىشقا مەجبۇرلىسا، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى توسۇشقا ياكى تۈزىتىشكە ھوقۇقلۇق، ئۆي ئىگىسى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

ئۆي ئىگىسى پۈتۈشكىنى بويىچە ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچىغا ئۆي - جاي مۇلازىمىتى ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك. ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە ۋە پۈتۈم بويىچە مۇلازىمەت قىلغان بولسا، ئۆي ئىگىسى مۇناسىۋەتلىك ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى قوبۇل قىلمىغانلىقىنى ياكى قوبۇل قىلىش زۆرۈرىيىتى يوقلۇقىنى باھانە قىلىپ، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى ھەققى تاپشۇرۇشنى رەت قىلسا بولمايدۇ.

ئۆي ئىگىسى پۈتۈمگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى ھەققىنى مۆھلەت ئۆتسىمۇ تاپشۇرمىسا، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچى ئۇنى مۇۋاپىق مۆھلەتتە تاپشۇرۇشقا سۈيلىسە بولىدۇ؛ مۇۋاپىق مۆھلەت توشسىمۇ تاپشۇرمىسا، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچى دەۋا قىلسا ياكى كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

60 - ماددا سۇ، توك، يېقىلغۇ گاز، پار بەرگۈچى ئورۇنلار ھەقنى ھەربىر ئىشلەتكۈچىدىن بىۋاسىتە ئېلىشى كېرەك، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچىنى ۋاكالىتەن يىغىش، ۋاكالىتەن تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلىسا بولمايدۇ، كەسپىي تىجارەت ئورۇنلىرى ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچىغا ۋاكالىتەن يىغىش، ۋاكالىتەن تاپشۇرۇشنى ھاۋالە قىلماقچى بولسا، يازما كېلىشىم ئىمزالىشى كېرەك. ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچى سۇ، توك، يېقىلغۇ گاز، پار ھەققىنى ۋاكالىتەن يىغقاندا، ئۆي ئىگىسىدىن رەسمىيەت ھەققى قاتارلىق ئارتۇق ھەقلەرنى ئالسا بولمايدۇ.

61 - ماددا ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچى ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىدىكى كۆزگە چېلىقىدىغان ئورۇندا ئاشكارا ئېلان قىلىش تاختىسى ئورنىتىش ياكى تور ئارقىلىق تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئېلان قىلىشى كېرەك، مەزمۇندا ئۆزگىرىش بولسا ۋاقتىدا يېڭىلىشى كېرەك:

(1) ئۆي - جاي مۇلازىمىتى كارخانىسىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى، تۈر مەسئۇلىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى ۋە ئۆي - جاي مۇلازىمىتى توغرىسىدا ئەرز قىلىش تېلېفونى؛

(2) ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنىڭ دەرىجىسى، مۇلازىمەت مەزمۇنى، ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ۋە ئۇسۇلى قاتارلىقلار؛

(3) لىفىت، ئوت مۇداپىئە قاتارلىق كەسپىي تېخنىكا تەلىپى بولغان ئەسلىھە - ئۈسكۈنىلەرنى كۈندىلىك رېمونت قىلىدىغان، ئاسرايدىغان ئورۇننىڭ نامى، سالاھىيىتى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، رېمونت قىلىش - ئاسراش لايىھەسى ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسى قاتارلىقلار؛

(4) ئالدىنقى بىر يىللىق ئۆي - جاي مۇلازىمىتى توختامىنىڭ ئادا قىلىنىش ئەھۋالى؛

(5) ئاممىۋى سۇ - توك ھەققىنى چېچىش ئەھۋالى، ۋاكالىتەن يىغىلغان ئاممىۋى تاپاۋەت كىرىم - چىقىمى ۋە تۇرالغۇ مەخسۇس رېمونت مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالى؛

(6) ئۆي ئىگىلىرى، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرىدىن پايدىلانغۇچىلارنىڭ ئۆينى بېزەش ئەھۋالى؛

(7) ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىدىكى ئورتاق ئىگىدارلىقتىكى ئاپتوموبىل ئىسكىلاتى، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنى ئىجارىگە بېرىش ئەھۋالى؛

(8) ئاشكارا ئېلان قىلىشقا تېگىشلىك باشقا ئۇچۇرلار.

ئۆي ئىگىسىنىڭ ئېلان قىلىنغان مەزمۇنغا باشقىچە پىكرى بولسا، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچى ۋاقتىدا جاۋاب بېرىشى كېرەك.

6 - باب ئۆي - جاي مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرىدىن پايدىلىنىش

62 - ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىدا تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەردە بولسا بولمايدۇ:

(1) ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىدىكى پىلان بويىچە سېلىنغان ئاممىۋى ئىمارەت، ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان ئەسلىھە - ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىۋېتىش، قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىمارەت، قۇرۇلما سېلىش؛

(2) ئۆز مەيلىچە ئۆينىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئۆزگەرتىۋېتىش ياكى ئەسلىي ئىمارەتنىڭ قەۋىتىنى كۆپەيتىش، ئىمارەتنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش؛

(3) قانۇنسىز ھالدا ئۆي - جاينىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدىكى قىسمىنى، ئورتاق ئىشلىتىدىغان ئەسلىھە - ئۈسكۈنىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ياكى ئىگىلىۋېلىپ تىجارەت قىلىش؛

(4) ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىدىكى يول، مەيدان، ئاممىۋى يېشىللىق، ئورتاق ئەسلىھە - ئۈسكۈنىلەرنى ئىگىلىۋېلىش، بۇزۇۋېتىش؛

(5) ئۆينىڭ ئېغىرلىق كۆتۈرۈش قۇرۇلمىسى، ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلمىسىنى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىۋېتىش، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تېمىدىكى ئەسلىدە بار ئىشىك - دېرىزىنى چوڭايتىۋېتىش؛

(6) ئۆگزە يۈزى، بىنا قەۋىتىنىڭ سۇ ئۆتكۈزمەس قاتلىمىنى بۇزۇۋېتىش، يېقىلغۇ گاز، پار تۇرۇبىسى، ئۈسكۈنىلىرىنى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇپ، بىنانىڭ يۈكىنى لايىھەدىكى ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇۋېتىش؛

(7) ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان بۇيۇم، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇم، رادىيوئاكتىپ بۇيۇملارنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا ساقلاش، دۆۋىلەپ قويۇش، زەھەرلىك، زىيانلىق ماددىلارنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا قويۇپ بېرىپ مۇھىتنى بۇلغاش؛

(8) بەلگىلەنگەن ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن شاۋقۇن، تەۋرىنىش پەيدا قىلىش ياكى قوشنىلارنىڭ ئۆيىگە كۈن نۇرى چۈشۈشىگە، ھاۋا ئۆتۈشۈشىگە تەسىر يەتكۈزۈش؛

(9) ئىمارەت، قۇرۇلمىلارغا ئۆز مەيلىچە نەرسە - كېرەك ئېسىش، چاپلاش، سىزىش، ئويۇش؛

(10) بالكون سىرتىغا كىيىم يېيىپ، نەرسە - كېرەك قاتارلىقلارنى دۆۋىلەپ قويۇپ، ئېسىپ قويۇپ، تىزىپ قويۇپ شەھەر قىياپىتىگە تەسىر يەتكۈزۈش ياكى ئاممىۋى بىخەتەرلىككە تەسىر يەتكۈزۈش؛

(11) خالىغانچە ئەخلەت تاشلاش، بۇلغىما ۋە پاسكىنا سۇ چىقىرىش، ئوچۇقچىلىقتا نەرسە كۆيدۈرۈش؛

(12) كارىدور، تارقاقلاشتۇرۇش يولى، بىخەتەر چىقىش ئېغىزى، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى يولى، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى ئېگىزدە مەشغۇلات قىلىش مەيدانىنى ئىگىلىۋېلىش، توسۇۋېلىش، ئېتىۋېتىش، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى تېخنىكا ئۆلچىمى ۋە قائىدىسىگە خىلاپ ھالدا ئەسلىھە - ئۈسكۈنىلەرنى ئورنىتىش، خەلق ھاۋا مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش، ئېتىپ قويۇش؛

(13) لىفىت بۆلمىسى، كارىدور، بىخەتەر چىقىش ئېغىزى، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى يولى ۋە ئۇنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى رايونغا ئاپتوموبىل توختىتىش ياكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئۆز ئالدىغا توك سىمى، كابېل تارتىپ، توكلۇق ۋېلىسىپىت، توكلۇق ئاپتوموبىل قاتارلىقلارغا توك قاچىلاش؛

(14) بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھايۋانات بېقىش؛

(15) ئىمارەتتىن نەرسە تاشلاش؛

(16) قانۇن، نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاممىۋى مەنپەئەتكە ۋە باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان باشقا ھەرىكەتلەر.

ئالدىنقى تارماقتا دېيىلگەن ھەرىكەتلەرنى بايقىغاندا، ئۆي ئىگىسى، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرىدىن پايدىلانغۇچىلار ئەرز قىلىش، پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچى نەسىھەت قىلىشى، توسۇشى كېرەك؛ نەسىھەت قىلىش، توسۇشنىڭ ئۈنۈمى بولمىسا، كوچا باشقارمىسى، يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى، گۇڭئەن قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىغا مەلۇم قىلىشى، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار قانۇن بويىچە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. ئۆي ئىگىلىرى، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرىدىن پايدىلانغۇچىلار ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتنى مۇرەسسە، دەۋا قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ھەل قىلسا بولىدۇ؛ ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى ئۆي ئىگىسىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەت ئۈستىدە قانۇن بويىچە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

63 - ماددا ئۆي ئىگىسى ئۆي ياكى ئاپتوموبىل ئىسكىلاتى، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنى ئىجارىگە بەرمەكچى بولسا، ئىجارە ئالغۇچىنىڭ ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش ھەرىكىتىدىكى ھوقۇق - مەجبۇرىيىتىنى ئىجارە توختامىغا ئېنىق يېزىشى ھەمدە ئىجارە ئالغۇچى، ئىجارە مۇددىتى، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى ۋە سۇ، توك، گاز، پار قاتارلىقلارنىڭ ھەققىنى تاپشۇرۇش پۈتۈمى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىجارە توختامى كۈچكە ئىگە بولغان كۈندىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

64 - ماددا ئۆي ئىگىسى ئۆيىنى بېزىگەندە، بېزەش مەزمۇنى، پىلاندىكى قۇرۇلۇش مۇددىتى، بېزەش قۇرۇلۇشى مەسئۇلىنىڭ ئىسىم - فامىلىسى ۋە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچىغا ۋە قوشنا ئۆي ئىگىسىگە ئۇقتۇرۇپ قويۇشى، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچى ئەسكەرتكەن مۇۋاپىق دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارغا رىئايە قىلىشى ھەمدە ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچىنىڭ زۆرۈر بولغان نەق مەيدان تەكشۈرۈشىگە ماسلىشىشى كېرەك. ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچى قانۇن - بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشنى بايقىسا، ۋاقتىدا نەسىھەت قىلىشى، توسۇشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچى تۆۋەندىكى ئىشلار ئۈستىدە ئۆي ئىگىسى بىلەن يازما كېلىشىم ئىمزالىشى كېرەك:

(1) بېزەش قۇرۇلۇشى قىلىش ۋاقتى، ئورنى؛

(2) ئۆي بېزەشتىن چىققان ئەخلەتنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە توشۇش؛

(3) لىفىتنى ئىشلىتىش، ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان قىسىمنى ۋاقىتلىق ئىگىلەش قاتارلىقلاردا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار؛

(4) ئۆگزە، دېرىزە سىرتى، بالكونغا ئەسلىھە، ئۈسكۈنە، رېشاتكا قاتارلىقلارنى ئورنىتىش ھەققىدىكى تەلەپ؛

(5) قانۇن، نىزام ۋە باشقۇرۇش كېلىشىمىدە مەنئى قىلىنغان ھەرىكەتلەر؛

(6) كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقى؛

(7) پۈتۈشۈشكە تېگىشلىك باشقا ئىشلار.

65 - ماددا ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىدىكى پىلان بويىچە سېلىنغان ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى، شەھەر مەمۇرىيىتى ئاممىۋى قۇرۇلۇشى ۋە ئۆي - جاي مۇلازىمىتى ئۆيىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ئىشلىتىلىشىنى ھەقىقەتەن ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، بۇ نىزامنىڭ 24 - ماددىسى 1 - تارمىقىنىڭ 8 - تارماقچىسىدىكى ئاۋاز بېرىش تەرتىپى بويىچە، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، قانۇن بويىچە مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش كېرەك.

66 - ماددا ئۆي - جاينىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقتىكى قىسمىدىن پايدىلىنىپ لىفىت ئورنىتىش قاتارلىق ئىككىنچى قېتىم قۇرۇش، ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، پىلان، يەر، قۇرۇلۇش، مۇھىت قوغداش، ئوت مۇداپىئە، ئالاھىدە ئۈسكۈنە بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ۋە تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى، بۇ نىزامنىڭ 24 - ماددىسى 1 - تارمىقىنىڭ 8 - تارماقچىسىدىكى ئاۋاز بېرىش تەرتىپى بويىچە، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، قانۇن بويىچە مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش كېرەك.

67 - ماددا ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىدىكى پىلان بويىچە قۇرۇلغان ئاپتوموبىل ئىسكىلاتى، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى ئالدى بىلەن ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشى كېرەك. قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن تېخى ساتمىغان ئاپتوموبىل ئىسكىلاتى، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنى ئۆي ئىگىسىگە، ئىشلەتكۈچىلەرگە ئاپتوموبىل توختىتىشى ئۈچۈن ئىجارىگە بېرىشى كېرەك، ساتىمىز دەپ، ئىجارىگە بەرمەي تۇرۇۋېلىشقا بولمايدۇ.

ئاپتوموبىل ئىسكىلاتى، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى سەپلىمە نىسبىتى بويىچە، ئالدى بىلەن ئۆي ئىگىلىرىنىڭ مۇۋاپىق ئېھتىياجىنى قاندۇرغاندىن كېيىن، شۇ ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىدىكى ئۆي ئىگىلىرىدىن باشقا كىشىلەرگە ئىجارىگە بېرىشكە بولىدۇ، لېكىن سېتىشقا بولمايدۇ، باشقۇرۇش كېلىشىمى، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئايرىم بەلگىلىمىسى بولغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئىجارە مۇددىتىنى بىر قېتىمدا 12 ئايدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ؛ ئىجارە توختامىنىڭ مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ يېڭى ئېھتىياجى بولسا، ئالدىن قاندۇرۇش كېرەك.

68 - ماددا ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىدا پىلانلانغان ئاپتوموبىل ئىسكىلاتى، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى بار تۇرۇقلۇق، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچى ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدىكى يول، مەيداننى ئىگىلەپ ئاپتوموبىل ئىسكىلاتى، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى قۇرۇشقا بولمايدۇ.

ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدىكى يول، مەيداننى ئىگىلەپ ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى قۇرۇش ھەقىقەتەن زۆرۈر بولسا، تارقاقلاشتۇرۇش يولى، بىخەتەر چىقىش ئېغىزى، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى يولى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى ئېگىزدە مەشغۇلات قىلىش مەيدانىنى ئىگىلىۋېلىشقا، توسۇۋېلىشقا، ئېتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، ئوت ئۆچۈرۈش جۈمىكىنى توسۇپ قويۇشقا بولمايدۇ.

69 - ماددا ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىدا توك قاچىلاش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش، ئىشلىتىش دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا ئۆلچىمى ۋە باشقۇرۇش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

يېڭىدىن سېلىنغان ئولتۇراق رايوندىكى ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىغا پىلانغا ئاساسەن يۈرۈشلەشتۈرۈپ قۇرۇش تەلىپى بويىچە توك قاچىلاش ئەسلىھەسى قۇرۇش ياكى ئورنىتىش شارائىتى قالدۇرۇش كېرەك. توك قاچىلاش ئەسلىھەسى ئورنىتىشنى كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يۈرۈشلەشكەن توك بېرىش - تەقسىملەش ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشىنى ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىش كېرەك.

ئۆي ئىگىسى، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرىدىن پايدىلانغۇچىلار ئولتۇراق رايوندىكى ھازىر بار بولغان ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىغا توك قاچىلاش ئەسلىھەسىنى كۆپەيتىپ ئورناتماقچى بولسا، توك بېرىش كارخانىسىغا ئورنىتىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك، ئۆز مەيلىچە ئورنىتىۋېلىشىغا بولمايدۇ.

توك قاچىلاش تىجارىتى كارخانىلىرىنىڭ ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، ئولتۇراق رايوندا توك قاچىلاش ئەسلىھەسى قۇرۇش، تىجارەتلىك يۈرۈشتۈرۈش، ئاسراش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى بىرتۇتاش قىلىشىغا مەدەت بېرىلىدۇ.

كوچا باشقارمىسى، يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى، شەھەر (كەنت) ئاھالە كومىتېتى، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار ئۆي ئىگىسىنىڭ قانۇن بويىچە توك قاچىلاش ئەسلىھەسى ئورنىتىشىغا ماسلىشىپ، نەق مەيداننى تەكشۈرۈش، توك سىمى تارتىش، توك ئۆتكۈزۈپ يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق ھالقىلارغا قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

70 - ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ياكى ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچى قاتارلىقلار ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدىكى قىسمىدىن پايدىلىنىپ قىلغان كىرىمدىن مۇۋاپىق تەننەرخىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىنكى قىسمى ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ. ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدىكى ئاممىۋى تاپاۋەتنى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ قارارى بويىچە ئىشلىتىش كېرەك، ئۇنى تۇرالغۇ مەخسۇس رېمونت مەبلىغىنى تولۇقلاشقا ئىشلەتسىمۇ، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى ۋە ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ خىزمەت خىراجىتى، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ خىزمەت قوشۇمچە پۇلى ياكى ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى باشقا ئېھتىياجغا ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.

ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدىكى ئاممىۋى تاپاۋەتنى ئىشلىتىۋېلىشىغا، ئىگىلىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. تىجارەت كىرىمىنى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ياكى ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچى ۋاكالىتەن باشقۇرىدىغان بولسا، ئايرىم ھېسابات تۇرغۇزۇپ، ئۆي ئىگىلىرى، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك؛ ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى ئۆزى باشقۇرىدىغان بولسا، ئۆي ئىگىلىرى، شەھەر (كەنت) ئاھالە كومىتېتىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدىكى قىسمىدىن پايدىلىنىپ تىجارەت قىلىش شۇنىڭدەك ئاممىۋى تاپاۋەتنى تەقسىملەش ۋە ئىشلىتىش ئەھۋالىنى قەرەللىك ھالدا ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىدىكى كۆزگە چېلىقىدىغان ئورۇندا ياكى تور ئارقىلىق يىلدا ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم ئېلان قىلىش كېرەك.

7 - باب ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنى ئاسراش

71 - ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن رېمونت كاپالىتى دائىرىسى ۋە رېمونت كاپالىتى مۇددىتى بويىچە، ئۆي - جاينىڭ رېمونت كاپالىتى مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن رېمونت كاپالىتى مەسئۇلىيىتىنى ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچىنىڭ ئۈستىگە ئېلىشىغا ھاۋالە قىلغان بولسا، ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىدىكى كۆزگە چېلىقىدىغان ئورۇندا ياكى توردا ئېلان قىلىشى كېرەك.

قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئۆي - جايغا دائىر ئەرزنى بىر تەرەپ قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى كېرەك. ئۆي - جايدا ساقلانغان نۇقسان رېمونت كاپالىتى دائىرىسى ۋە رېمونت كاپالىتى مۇددىتى ئىچىدە بولسا، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ۋاقتىدا تىزىملاپ، تەكشۈرۈپ، ئۆي ئىگىسى، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچى بىلەن رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇسۇلى، مۇددىتى ئۈستىدە كېڭىشىشى كېرەك. ئۆي - جاينىڭ سۈپىتىدە نۇقسان ياكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى بولسا، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ياكى ئۇ ھاۋالە قىلغان ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچى ۋاقتىدا قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىشى ھەمدە كېلىپ چىققان زىياننى قانۇن بويىچە تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

72 - ماددا ئۆي - جاي مۇلازىمىتى تەۋەلىكىنىڭ رېمونت كاپالىتى مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، ئۆينىڭ خاس ئىگىدارلىقتىكى قىسمىنى رېمونت قىلىش، ئاسراشقا ئۆي ئىگىسى مەسئۇل بولىدۇ.

ئۆينىڭ خاس ئىگىدارلىقتىكى قىسمىدا بىخەتەرلىككە، ئاممىۋى مەنپەئەتكە ۋە باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئۆي ئىگىسى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ خەۋپنى تۈگىتىشى، قوشنا ئۆي ئىگىسى قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

73 - ماددا ئۆي - جاي مۇلازىمىتى تەۋەلىكىنىڭ رېمونت كاپالىتى مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، ئورتاق ئىگىدارلىقتىكى قىسمى ۋە ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان ئەسلىھە - ئۈسكۈنىلەرنى رېمونت قىلىش، ئاسراشقا ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچى مەسئۇل بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە لىفىت، پار قازان قاتارلىق ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى رېمونت قىلىش، ئاسراشقا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقارغان زاۋۇت مەسئۇل بولۇشى ياكى مۇناسىپ سالاھىيەتكە ئېرىشكەن كەسپىي رېمونت ئورنى مەسئۇل بولۇشى كېرەك، كۈندىلىك يۈرۈشتۈرۈش ۋە ئاسراش خىراجىتىنى ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ.

74 - ماددا سۇ، توك، پار، گاز بېرىش، خەۋەرلىشىش، سىملىق تېلېۋىزىيە قاتارلىق كەسپىي تىجارەت ئورۇنلىرى ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىدىكى ھەربىر ئائىلە بويىچە مىقدار ئۆلچەش قۇرۇلمىسى، ئائىلىلەرگىچە ئۇلاش ئۇچىدىن باشقا ئەسلىھە - ئۈسكۈنىلەرنى رېمونت قىلىش، ئاسراش، يېڭىلاشقا قانۇن بويىچە مەسئۇل بولۇشى ھەمدە مۇناسىپ ھەقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، قانۇن - نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

سۇ، توك، پار، گاز بېرىش، خەۋەرلىشىش، سىملىق تېلېۋىزىيە قاتارلىق كەسپىي تىجارەت ئورۇنلىرى كەسپىي تىجارەت ئەسلىھە - ئۈسكۈنىلىرىنى رېمونت قىلىش، ئاسراش، يېڭىلاشتا، يول، مەيداننى ۋاقىتلىق ئىگىلەپ ئىشلەتكەن، كولىغان بولسا، ۋاقتىدا ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈشى، ئۆي ئىگىسى، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچى ماسلىشىشى كېرەك.

سۇ، توك، پار، گاز بېرىش، خەۋەرلىشىش، سىملىق تېلېۋىزىيە قاتارلىق كەسپىي تىجارەت ئورۇنلىرى ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچىغا ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئەسلىھە - ئۈسكۈنىلەرنى كۈندىلىك رېمونت قىلىش، ئاسراشنى ھاۋالە قىلسا، ئىككى تەرەپ يازما ھاۋالە كېلىشىمى ئىمزالاپ، ھاۋالە قىلىنىدىغان ئاساسلىق ئىشلار ۋە ھەق ئۆلچىمى ھەم بېرىش ئۇسۇلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك.

75 - ماددا ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئاسراش مەشغۇلاتى قىلغاندا، قۇرۇلۇش ۋاقىت بۆلىكىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مەشغۇلات دائىرىسىنى تىزگىنلەپ، مەشغۇلات ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئالدىن ئېلان قىلىپ، خەلققە قولايلىق ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا بولغان تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىشى كېرەك.

76 - ماددا ئۆي ئىگىسى تاپشۇرغان تۇرالغۇ مەخسۇس رېمونت مەبلىغى ئۆي ئىگىسىنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، تۇرالغۇنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقتىكى قىسمى، ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان ئەسلىھە - ئۈسكۈنىلەرنىڭ رېمونت كاپالىتى مۇددىتى توشقاندىن كېيىنكى رېمونت قىلىش، يېڭىلاش ۋە ئۆزگەرتىش ئىشلىرىغا مەخسۇس ئىشلىتىلىدۇ، ئۇنى باشقا ئىشقا ئىشلىتىۋېلىشقا بولمايدۇ.

77 - ماددا ئۆي ئىگىسى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشتىن بۇرۇن، تۇنجى قارارلىق تۇرالغۇ مەخسۇس رېمونت مەبلىغىنى تۇرالغۇ مەخسۇس رېمونت مەبلىغى مەخسۇس ھېساباتىغا قويۇشى كېرەك. تۇرالغۇ مەخسۇس رېمونت مەبلىغىنىڭ دىرى بىلەن ئۆسۈم قالدۇقى تۇنجى قارارلىق تاپشۇرۇش سوممىسىنىڭ %30ىگە يەتمىسە، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى ئۇلاپ تاپشۇرۇشقا تەشكىللىشى كېرەك. ئۇلاپ تاپشۇرۇش ئۇسۇلى، سوممىسى قاتارلىق كونكرېت ئىشلارنى باشقۇرۇش كېلىشىمىدە پۈتۈشىدۇ ياكى ئۆي ئىگىلىرى ئورتاق قارار قىلىدۇ.

ئۆي ئىگىلىرى باشقۇرۇش كېلىشىمىدىكى پۈتۈمگە ئەمەل قىلمىسا ياكى ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق قارارى بويىچە تۇرالغۇ مەخسۇس رېمونت مەبلىغىنى ۋاقتىدا ئۇلاپ تاپشۇرمىسا، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى سۈيلەش ئۇقتۇرۇشى قىلىدۇ. ئۆي ئىگىلىرى سۈيلەش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، تۇرالغۇ مەخسۇس رېمونت مەبلىغىنى ۋاقتىدا ئۇلاپ تاپشۇرمىسا، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى تۇرالغۇ مەخسۇس رېمونت مەبلىغىنى تولۇق تاپشۇرمىغان ئۆي ئىگىسى ئۈستىدىن قانۇن بويىچە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى قۇرۇلمىغان بولسا، ئۇلاپ تاپشۇرۇشقا دائىر كونكرېت باشقۇرۇش چارىسىنى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك)، ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مەسئۇل تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك مالىيە تارمىقى بىلەن بىرلىكتە چىقىرىدۇ.

78 - ماددا جىسمانىي بىخەتەرلىك، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى، ئۆي بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان تۆۋەندىكى جىددىي ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ، تۇرالغۇ مەخسۇس رېمونت مەبلىغىنى دەرھال ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى ياكى ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى قاتارلىقلار جىددىي ئىشلىتىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، مۇناسىۋەتلىك ئۆي ئىگىلىرى، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچىلىرى جىددىي ئىشلىتىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويسىمۇ بولىدۇ، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى ياكى ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، قانۇن بويىچە تۇرالغۇ مەخسۇس رېمونت مەبلىغى مەسئۇل تارمىقىغا مەبلەغ ئىشلىتىش توغرىسىدا يازما ئىلتىماس سۇنىدۇ. رېمونت مەبلىغى مەسئۇل تارمىقى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ۋاقتىدا تەكشۈرۈشى، تەكشۈرۈش ۋاقتىنى ئەڭ ئۇزاق بولغاندا ئىككى خىزمەت كۈنىدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى، شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەنلىرىگە مەبلەغنى ۋاقتىدا ئاجرىتىپ بېرىشى كېرەك.

(1) ئۆگزە، سىرتقى تامنىڭ سۇ ئۆتمەس قاتلىمى بۇزۇلۇپ سۇ ئۆتۈپ كەتسە؛

(2) لىفىتتا كاشىلا چىقىپ ياكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى كۆرۈلۈپ جىسمانىي بىخەتەرلىككە خەۋپ يەتسە؛

(3) بىنا سىرتقى تام چاپلىقىنىڭ ئاجرىلىپ چۈشۈش خەۋپى بولسا؛

(4) ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان ئوت مۇداپىئە ئەسلىھە - ئۈسكۈنىلىرىدىن كاشىلا چىقىپ، نورمال ئىشلەتكىلى بولمىسا؛

(5) ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان سۇ چىقىرىۋېتىش ئەسلىھەلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، توسۇلۇپ قېلىپ، يېرىلىپ كېتىپ جىسمانىي ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزسە؛

(6) جىسمانىي بىخەتەرلىك، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى، ئۆي بىخەتەرلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغان باشقا جىددىي ئەھۋاللار.

رېمونت قۇرۇلۇشى پۈتۈپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنغاندىن كېيىن، ئىشلىتىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى تۇرالغۇ مەخسۇس رېمونت مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىدىكى كۆزگە چېلىقىدىغان ئورۇندا ياكى توردا ئاز دېگەندە يەتتە كۈن ئېلان قىلىشى كېرەك.

دۆلەتنىڭ كونا تۇرالغۇلارنى ئۆزگەرتىش ۋە كونا لىفىتلارنى يېڭىلاشتا تۇرالغۇ مەخسۇس رېمونت مەبلىغىنى ئىشلىتىش توغرىسىدا ئايرىم بەلگىلىمىسى بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

79 - ماددا ئۆي ئىگىسى سانى بىرقەدەر ئاز بولغان كونا ئولتۇراق رايونلاردا ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مەسئۇل تارمىقى كۆپ ساندىكى ئۆي ئىگىسىنىڭ ئارزۇسىغا ئاساسەن، ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىنى مۇۋاپىق بىرىكتۈرسە بولىدۇ، بىرقانچە كونا ئولتۇراق رايوننى باشقۇرۇشنى بىر ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچىغا ئورتاق ھاۋالە قىلىشنى تەشكىللەپ ماسلاشتۇرسىمۇ بولىدۇ.

80 - ماددا كونا ئولتۇراق رايوندىكى يول، يورۇتۇش ئەسلىھەسى، يېشىللىق، ئوت مۇداپىئە، مەدەنىيەت - تەنتەربىيە ئەسلىھەسى، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى ئۆيى قاتارلىقلارنى قۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىشنى شۇ جايدىكى كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشكە بولىدۇ؛ ئەسلىھە - ئۈسكۈنىلەر يۈرۈشلەشمەسلىك قاتارلىق قالدۇق مەسىلىلەرنى ئەسلىدىكى مۈلۈكدار ئورۇن ياكى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئۈستىگە ئالىدۇ، ئەسلىدىكى مۈلۈكدار ئورۇن، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ھازىر مەۋجۇت بولمىسا ياكى ئۈستىگە ئېلىشقا قۇربى يەتمىسە، ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) خەلق ھۆكۈمىتى مالىيە مەبلىغى چىقىرىش، ئىجتىمائىي كاپىتال كىرگۈزۈش ۋە ئۆي ئىگىلىرى ئۆزى مەبلەغ توپلاش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئۆزگەرتىشكە تەشكىللىشى كېرەك. ئۆزگەرتىشتىن بۇرۇن، ئۆي ئىگىلىرى ياكى ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ پىكرىنى ئېلىش ھەمدە ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىدىكى كۆزگە چېلىقىدىغان ئورۇندا ياكى توردا ئېلان قىلىش كېرەك. كونا ئولتۇراق رايونلارنىڭ دائىرىسىنى ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتىدۇ.

كونا ئولتۇراق رايونلارنىڭ سۇ، توك، يېقىلغۇ گاز، پار بېرىش، خەۋەرلىشىش، سىملىق تېلېۋىزىيە قاتارلىق شەھەر مەمۇرىيىتى ئاممىۋى ئەسلىھە - ئۈسكۈنىلىرىنى قۇرۇش، ئۆزگەرتىش مەبلىغىنى كەسپىي تىجارەت ئورنى ئۈستىگە ئالىدۇ، قانۇن، نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. ئۆزگەرتىشتىن بۇرۇن، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ پىكرىنى ئېلىش ھەمدە ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىدىكى كۆزگە چېلىقىدىغان ئورۇندا ياكى توردا ئېلان قىلىش كېرەك.

81 - ماددا شارائىت ھازىرلىغان كونا ئولتۇراق رايونلاردا، ئۆزگەرتىش، تۈزەشكە بىرلەشتۈرۈپ، قانۇن بويىچە تىجارەتلىك ئۆي، ئاپتوموبىل ئىسكىلاتى، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى قۇرۇش، توكلۇق ۋېلىسىپىت، توكلۇق ئاپتوموبىل قاتارلىقلارنى مەركەزلىك توختىتىپ توك قاچىلايدىغان مەيدان قۇرۇشقا ئىلھام بېرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ تىجارەتتىن ئېرىشكەن ئاممىۋى تاپاۋىتىنى ئۆزگەرتىش مەبلىغىنىڭ كېمىنى تولۇقلاشقا ئىشلەتسە ياكى تۇرالغۇ مەخسۇس رېمونت مەبلىغىگە كىرگۈزۈپ باشقۇرسا بولىدۇ.

8 - باب قانۇن جاۋابكارلىقى

82 - ماددا ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ قانۇنسىز مەنپەئەتكە ئېرىشكەنلىرى ئىشلىتىۋالغان، ئىگىلىۋالغان ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدىكى مال - مۈلۈك ۋە سوراپ ئالغان، قوبۇل قىلغان ھەقنى، شۇنداقلا باشقا نامۇۋاپىق مەنپەئەتنى قايتۇرۇشى كېرەك؛ بوغالتىرلىق ئىسپاتى، بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرى، مالىيە - بوغالتىرلىق دوكلاتى قاتارلىق بوغالتىرلىق ماتېرىياللىرىنى ئوبدان ساقلىماي، بوغالتىرلىق ماتېرىياللىرىنى ياسىۋېلىپ، ئۆزگەرتىۋېتىپ، يوشۇرۇۋېلىپ، قەستەن يوق قىلىۋېتىپ ياكى بوغالتىرلىق ماتېرىياللىرىنى بەلگىلىمە بويىچە تاپشۇرماي، ئۆتكۈزۈپ بەرمەي زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

83 - ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنلاردىن بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆي سېتىۋالغۇچىغا ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونى، ئالدىنقى مەزگىللىك ئۆي - جاي مۇلازىمىتى توختامى، ۋاقىتلىق باشقۇرۇش كېلىشىمىنى ئېنىق كۆرسەتمىگەنلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مەسئۇل تارمىقى مۆھلەت ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىگە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچىلاردىن بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلماي، ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىدىكى كۆزگە چېلىقىدىغان ئورۇندا ياكى توردا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلمىغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مەسئۇل تارمىقى مۆھلەت ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىگە 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

84 - ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆي - جاينى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالمىغانلارنى ياكى مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ئۆتكۈزۈپ بەرمىگەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مەسئۇل تارمىقى مۆھلەت ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەن قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچى ئۆتكۈزۈۋالغان ئالدىنقى مەزگىللىك ئۆي - جاي تەلەپكە ئۇيغۇن بولمىسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مەسئۇل تارمىقى 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

تەكشۈرۈلمىگەن ياكى تەكشۈرۈشتە تەلەپكە ئۇيغۇن بولمىغان ئالدىنقى مەزگىللىك ئۆي - جاينى تاپشۇرۇش، ئۆتكۈزۈۋېلىشتا، ئۆي - جاينىڭ ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان قىسمى، ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان ئەسلىھە - ئۈسكۈنىدىكى نۇقسان سەۋەبىدىن ئۆي ئىگىسىگە زىيان يەتكەن بولسا، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ۋە ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچى مۇناسىپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

85 - ماددا ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچىلاردىن بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى توختامىنى بىكار قىلغان، ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن چېكىنىپ چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرمەي تۇرۇۋالغانلىرىنى، ئۆز مەيلىچە چېكىنگەنلىرىنى ياكى ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى توختاتقانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مەسئۇل تارمىقى مۆھلەت ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىگە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ زىيان يەتكۈزگەنلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

86 - ماددا ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچىلاردىن بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆز مەيلىچە ھەق ئېلىش دائىرىسىنى كېڭەيتكەن، ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرگەن، تەكرار ھەق ئالغان، بەلگىلەنگەن تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىشقا مەجبۇرلىغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارمىقى تۈزىتىشكە، مۆھلەت ئىچىدە قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالايدۇ.

87 - ماددا ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچىلاردىن بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ۋاكالىتەن يىغىدىغان سۇ، توك، يېقىلغۇ گاز، پار ھەققى قاتارلىق ھەقلەرگە ئۆي ئىگىسىدىن رەسمىيەت ھەققى ئالغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارمىقى تۈزىتىشكە، مۆھلەت ئىچىدە قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن - نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالايدۇ.

ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچىلاردىن توك، سۇ، پار، يېقىلغۇ گاز بېرىشنى چەكلەش ياكى ئىشىك توسۇقى، لىفىت ئىشلىتىشنى چەكلەش قاتارلىق ئۆي ئىگىلىرىنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ئۆي - جاي مۇلازىمىتى ھەققى تاپشۇرۇشنى سۈيلىگەنلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، تۈزەتمەي تۇرۇۋالغانلىرىغا 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

88 - ماددا ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچى بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدىكى مەبلەغنى ئىشلىتىۋالغان، ئىگىلىۋالغان، يوشۇرۇۋالغان بولسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مەسئۇل تارمىقى مۆھلەت ئىچىدە قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە ئىشلىتىۋالغان، ئىگىلىۋالغان سوممىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچى ئۆي ئىگىلىرى تاپشۇرغان ئىمارەت ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنى رېمونت قىلىش، تەكشۈرۈش ھەققى قاتارلىق ھەقلەرنى شۇنىڭدەك ئۆي ئىگىلىرى ئورتاق تاپشۇرغان باشقا ھەقلەرنى كۆپەيتىۋالغان، تۇتۇپ قالغان بولسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مەسئۇل تارمىقى مۆھلەت ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە كۆپەيتىۋالغان، تۇتۇپ قالغان سوممىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

89 - ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنلار، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار، كەسپىي تىجارەت ئورۇنلىرىدىن بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، رېمونتقا كاپالەتلىك قىلىش، رېمونت قىلىش ۋە ئاسراش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان ياكى ئادا قىلىشنى كەينىگە سۈرگەنلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مەسئۇل تارمىقى مۆھلەت ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىگە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، ئۆي ئىگىسىگە زىيان يەتكۈزگەنلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

90 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مەسئۇل تارمىقى، كوچا باشقارمىسى، يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى شۇنىڭدەك باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماق ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ:

(1) ئۆي - جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش رايونىنى بەلگىلەنگەن مۇددەت، شەرت بويىچە ئايرىمىغان بولسا؛

(2) ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى تەييارلىق گۇرۇپپىسى، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى نۆۋەت ئالماشتۇرۇش تەييارلىق گۇرۇپپىسىنى قۇرۇشقا تەشكىلاتچىلىق ۋە يېتەكچىلىك قىلىشتا بەلگىلىمە بويىچە ئىش كۆرمىگەن ياكى ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ سايلىمى ۋە نۆۋەت ئالماشتۇرۇشىغا ئارىلىشىۋالغان، توسقۇنلۇق قىلغان بولسا؛

(3) قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى بايقاپ ياكى ئەرز - شىكايەتنى قوبۇل قىلىپ ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلمىغان بولسا؛

(4) قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىقتەك باشقا ئەھۋاللار.

91 - ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك باشقا قىلمىشلار مۇناسىۋەتلىك قانۇن، نىزاملار بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

9 - باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

92 - ماددا بۇ نىزام 2026 - يىلى 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن - نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.