تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دۆلەت بىلەن قەلبداش بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىرلىكتە تەبرىكلەش

10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ كۇچا شەھىرى ئۇچا بازىرى چىڭشۇي كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى، كەنت كادىرلىرى ۋە ھەر مىللەت ئامما خۇشال - خۇرام جەم بولۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 77 يىللىقىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى. □يۈەن خۇەنخۇەن فوتوسى

10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى «دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش . كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىدا گۈللەنگەن دەۋرنى سۈرەتلەش» باش تېمىلىق مەدەنىيەت پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى، كىچىك دوستلار قەلەم ئارقىلىق ئىجادىيەت قىلىپ، بەخت مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقتى. □شيې جى فوتوسى

10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ساياھەتچىلەر بۇرچىن ناھىيەسىگە جايلاشقان جىكپۇلىن خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىدا مەنزىرىلەردىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنىپ، كۈزنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن مەستخۇش بولۇپ، بايراملىق دەم ئېلىش كۈنلىرىنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزدى. □لى ۋېيپىڭ فوتوسى

10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى قەشقەر شەھىرى خەلق مەيدانىدا قولىدا دۆلەت بايرىقىنى تۇتۇپ سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى. دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، قەشقەر شەھىرىنىڭ كوچىلىرى يېپيېڭى تۈسكە كىرىپ، ھەممە جاي خۇشال - خۇرام بايرام كەيپىياتىغا چۆمدى. □خوۋ لىچاۋ فوتوسى

10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ساياھەتچىلەر خوتەن كەچلىك بازىرىدا ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرمەكتە. خوتەن شەھىرىنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت يېڭى نام كارتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خوتەن كەچلىك بازىرى ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىن ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپلا قالماي، يەنە شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان «سەھنە»گە ئايلاندى. □شۈ شياۋلۇڭ فوتوسى

10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ شىنخۇا جەنۇبىي يولى كوچا باشقارمىسى نەنگۇڭيۈەن مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى مەھەللە كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە، دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش قىزىقارلىق پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى، نەق مەيداندا خۇشال كۈلكە سادالىرى ئۈزۈلمىدى. □سۈن جېنسۇڭ فوتوسى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ فېڭ

ئالتۇن كۈز كىشىگە راھەت تۇيغۇ بېغىشلاپ، پۈتۈن مەملىكەتتە بايرام بىرلىكتە تەبرىكلەندى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 77 يىللىقىنى كۈتۈۋالغان پەيتتە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەممىلا جايدا دۆلەت بايرىقى جەۋلان قىلىپ، ھەممىلا جاي شاد - خۇراملىققا چۆمدى. ھەرقايسى جايلاردا كۆپ خىل شەكىلدىكى مول ۋە رەڭدار دۆلەت بايرىمى باش تېمىسىدىكى پائالىيەتلەر قانات يايدۇرۇلدى، ھەر مىللەت ئامما كۈلكە سادالىرى ئىچىدە، دۆلىتىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە سەمىمىي كۆڭۈل ئىزھارى ئارقىلىق ئۇلۇغ ۋەتەنگە ھۆرمەت بىلدۈردى، دۆلەت تىنچ بولغان، خەلق خاتىرجەم ئۆتۈۋاتقان گۈزەل مەنزىرىلەر نامايان قىلىندى.

كادىرلار بىلەن ئامما قەلبداش بولۇپ، ئىللىقلىق يەتكۈزدى. ھەرقايسى جايلار بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كادىرلار بىلەن ئامما پىكىر ئالماشتۇرىدىغان، ئالاقىلىشىدىغان ئىللىقلىق يەتكۈزۈش سۇپىسى بەرپا قىلدى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ھەر مىللەت ئامما بىلەن خۇشال - خۇرام جەم بولۇپ، يۇرتنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشى توغرىسىدا ئورتاق پاراڭلىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دوستلۇق مېھرىنى ئورتاق بايان قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ئۇلىنى يەنىمۇ پۇختىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى بايرام مەزگىلىدە پورەكلىتىپ ئېچىلدۇردى.

مەدەنىيەت - تەنتەربىيە كاتتا مەرىكىسى قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، رەڭدار پائالىيەتلەر ئارقىلىق گۈللەنگەن دەۋر مەدھىيەلەندى. ھەرقايسى جايلار شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، باش تېمىلىق رەسىم سىزىش، قىزىقارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، ئەدەبىيات - سەنئەت كۆرىكى قاتارلىق مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى. ئۆسمۈر - بالىلار قەلەم ئارقىلىق قەلبىدىكى تاغ - دەريالارنى سىزىپ، گۈللەنگەن دەۋرنىڭ مەنزىرىسىنى مەدھىيەلىدى؛ ھەر مىللەت ئامما قىزىقارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، ئەدەبىيات - سەنئەت كۆرىكىگە بەس - بەستە قاتنىشىپ، مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، ئومۇمىي خەلق بىللە خۇشال بولغان، دۆلىتىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىرلىكتە تەبرىكلىگەن قويۇق كەيپىياتنى ياراتتى.

ھازىر دەل ساياھەتكە چىقىدىغان ياخشى مەزگىل، ھەرقايسى جايلاردىكى مەدەنىيەت - ساياھەت بازارلىرىدا ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇدى. شەھەرلەردىكى مەيدانلار يېپيېڭى تۈسكە كىردى، ئۆزگىچە كەچلىك بازارلار قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا كۈز مەنزىرىسى كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلىدى، كېلىپ - كېتىۋاتقان ساياھەتچىلەر تاغ - دەريالار ئارىسىدا سەيلە - ساياھەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ كۈز مەنزىرىسى ۋە تەرەققىيات يېڭى قىياپىتىنى چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلىپ، گۈللەنگەن دەۋرنىڭ ئاۋاتلىقىغا گۇۋاھ بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.