تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قىزىل بايراق جەۋلان قىلدى، ۋەتەنگە بولغان بەخت تىلىكى ئىپادىلەندى

دۆلەت بايرىمىنىڭ تۇنجى كۈنىدە 1000 دىن ئارتۇق ساياھەتچى جۇڭگو - پاكىستان دوستلۇق تاشيولى ئارقىلىق قونجىراپ دۆلەت دەرۋازىسىغا بېرىپ دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىنى كۆردى

قىزىل بايراق جەۋلان قىلدى، ۋەتەنگە بولغان بەخت تىلىكى ئىپادىلەندى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى يۈ جياڭيەن، رەن خۇ، ۋاڭ نا

ئېگىزلىكتە شىمال شامىلى يۈزلەرگە ئۇرۇلدى، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق شامالدا جەۋلان قىلدى. 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى سائەت 10دا، قۇياش نۇرى پامىر ئېگىزلىكىدىكى قارلىق تاغ چوققىسىنى يورۇتقاندا، دېڭىز يۈزىدىن 5100 مېتىر ئېگىزلىكتىكى قونجىراپ دۆلەت دەرۋازىسىدا، ھەيۋەتلىك «پىدائىيلار مارشى»غا ئەگىشىپ، قونجىراپ چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى دۆلەت دەرۋازىسى بايراق قوغداش ئەترىتىنىڭ بايراقچىلىرى شامالدا بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى چىقاردى. دۆلەت دەرۋازىسى ئالدىدا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 1000دىن ئارتۇق ساياھەتچى بىرلىكتە دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتىپ، دۆلەت بايرىقىنىڭ ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلۈشىگە پۈتۈن دىققىتى بىلەن قارىدى.

قونجىراپ دۆلەت دەرۋازىسى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ دەفتەر يېزىسىدىكى قونجىراپ تاغ ئېغىزىغا جايلاشقان بولۇپ، جۇڭگو بىلەن پاكىستاننى تۇتاشتۇرىدىغان بىردىنبىر قۇرۇقلۇق يولى پورتى. جۇڭگو - پاكىستان دوستلۇق تاشيولى مۇشۇ جايدىن باشلىنىپ چېگرادىن ئۆتۈپ، جەنۇبقا سوزۇلۇپ پاكىستانغا تۇتىشىدۇ.

«چېگرا ساياھىتى» «دۆلەت دەرۋازىسى ساياھىتى»نىڭ سىجىل جانلىنىشىغا ئەگىشىپ، بارغانسېرى كۆپ ساياھەتچى پامىر ئېگىزلىكىگە بېرىپ، قونجىراپ دۆلەت دەرۋازىسىنىڭ سالاپىتىنى ھېس قىلدى. بۇ كۈنى دۆلەت بايرىمى، شۇنداقلا گۇيجوۋلۇق ساياھەتچى شۈ جۇڭيۈنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى. «سەھەر سائەت 5تىلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ، سائەت 6دە تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىن يولغا چىقىپ، جۇڭگو - پاكىستان دوستلۇق تاشيولىنى بويلاپ مېڭىپ، سائەت 8دە قونجىراپ دۆلەت دەرۋازىسىغا يېتىپ كەلدىم. دۆلەت دەرۋازىسى ئالدىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ ئىنتايىن ھاياجانلاندىم ۋە ئىپتىخارلاندىم، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا تىلەكداشمەن!» دېدى شۈ جۇڭيۈ ھاياجانلانغان ھالدا.

«پامىردىكى پەلەك يولى» دەپ تەرىپلەنگەن جۇڭگو - پاكىستان دوستلۇق تاشيولى شىمالدا جۇڭگو شىنجاڭدىكى قەشقەردىن باشلىنىپ، جەنۇبتا پاكىستاندىكى تاكوتقا تۇتىشىدۇ، پۈتۈن لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1224 كىلومېتىر. بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى مۇساپىسى 415 كىلومېتىر، پاكىستان چېگراسى ئىچىدىكى مۇساپىسى 809 كىلومېتىر.

1966 - يىلى 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، جۇڭگو - پاكىستان ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى بېيجىڭدا «جۇڭگو - پاكىستان تاشيولىنى ياساش توغرىسىدىكى كېلىشىم»نى ئىمزالاپ، جۇڭگو - پاكىستان دوستلۇق تاشيولى قۇرۇلۇشىنى باشلىدى. 1978 - يىلى تاشيول پۈتۈپ قاتناش باشلاندى، بۇ يىل جۇڭگو - پاكىستان دوستلۇق تاشيولى ياسالغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى.

جۇڭگو - پاكىستان دوستلۇق تاشيولى قاراقۇرۇم تاغ تىزمىسى، ھىندىقۇش تاغ تىزمىسى، پامىر ئېگىزلىكى، ھىمالايا تاغ تىزمىسىنىڭ غەربىي ئۇچىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، قۇرۇلۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن زور، قۇرۇلۇش قىلىش جەريانى ئىنتايىن جاپالىق بولغان. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو - پاكىستان ئىككى دۆلەت خەلقى ئۆز ھاياتى بەدىلىگە ئاچقان بۇ «پەلەك يولى» ھەم جۇڭگو - پاكىستان سودىسىنى راۋانلاشتۇرۇشتىكى چوڭ تومۇرغا، ھەم شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ئالتۇن نام كارتىسىغا ئايلاندى.

«بىز شېنجېندىن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ قەشقەر شەھىرىگە يېتىپ كەلدۇق، ئاندىن ئاپتوموبىل ئىجارە ئېلىپ جۇڭگو - پاكىستان دوستلۇق تاشيولىنى بويلاپ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىگە كەلدۇق، يول بويى مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ ماڭدۇق ھەم خەتەرلىك، ھەم ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل ئىكەن.» شېنجېنلىق ساياھەتچى جاڭ شىنرەن مۇنداق دېدى: تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە بىر كۈن دەم ئالغاندىن كېيىن، بىز ئالايىتەن ئاپتوموبىل ھەيدەپ قونجىراپ دۆلەت دەرۋازىسىغا كېلىپ دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىنى كۆردۇق، «تاغام ئىلگىرى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە تۇرغان، ئۇ بىزگە چوقۇم قونجىراپ دۆلەت دەرۋازىسىغا بېرىپ دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىنى كۆرۈشنى ئېيتقانىدى.»

بۇ يىل، قونجىراپ چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى دۆلەت دەرۋازىسى بايراق قوغداش ئەترىتى تەشكىللەپ، بىرىنچى سەپتىكى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئورنىدىن 16 ئەزانى تاللىدى. «بايراق − يۆنىلىش دېمەكتۇر.» بايراق قوغداش ئەترىتىنىڭ باشلىقى شياۋ زىبىڭ مۇنداق دېدى: بىز ئادەتتە تەكشۈرۈش تامغىسىنى ئېلىپ يۈرۈپ دۆلەت دەرۋازىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايمىز، دۆلەت بايرىقىنىمۇ دۆلەت دەرۋازىسىنى قوغدىغانغا ئوخشاش چىن قەلب، پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدايمىز، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ھەرگىز يەردە قويمايمىز.

قەشقەر ۋىلايىتى پامىر ساياھەت رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، شۇ كۈنى سائەت 10غىچە، قونجىراپ دۆلەت دەرۋازىسى مەنزىرە رايونى 1200 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بارغانسېرى كۆپ ساياھەتچى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ جۇڭگو - پاكىستان دوستلۇق تاشيولى ئارقىلىق تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىگە ساياھەت قىلىش ئۈچۈن كەلدى. بۇ ناھىيە 2024 - يىلى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى مىقدارى تۇنجى قېتىم 2 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشقان بولۇپ، بۇ يىل كىرىپ ھازىرغىچە جەمئىي كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 2 مىليون 437 مىڭ 100 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.88 ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.