□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جا ڭيەن
9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى كەچتە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 77 يىللىقىنى تەبرىكلەش بويىچە كۈتۈۋېلىش يىغىنى خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتنىشىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، 77 يىللىق ئىنتايىن قالتىس مۇساپىنى ئەسلەپ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەرنى خۇلاسىلەپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، بىز شانلىق ئۆتمۈشتىن ئىپتىخارلاندۇق، پارلاق ئىستىقبالغا نىسبەتەن ھەسسىلەپ ئىشەنچكە تولدۇق.
باشلىنىش يىلىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان جۇڭگونى چۈشىنىشتە، تارىخنىڭ ئۇزاق ئېقىنىغا نەزەر سېلىش كېرەك.
قارىماققا ئادەتتىكىدەك بىلىنسىمۇ، ئەمما ناھايىتى ئالاھىدە، ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئاساندەك بىلىنسىمۇ، ئەمما ناھايىتى جاپالىق. يېڭى جۇڭگو بېسىپ ئۆتكەن يولغا نەزەر سالساق، بۇ دەل ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش داۋامىدا يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەش پۈتۈلگەن ئۇلۇغ داستان. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى يېتەكلەپ بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مۆجىزىنى ياراتقان ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇر خۇلاسىلىدى. ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر تاسادىپىيلىق ئەمەس، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى ۋاقىت تۈگۈنىدە تۇرۇپ، قاينام - تاشقىنلىققا تولغان يىللارغا نەزەر سالساق، يىمىرىلمەس بىر ھەقىقەتنىڭ چوڭقۇر ئېچىپ بېرىلگەنلىكىنى ھېس قىلىمىز: جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە.
باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: ئۇزاق مەزگىل ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى غايەت زور ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدى، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ.
تاشلىنىپ قالغان ئىشلارنى قايتىدىن باشلاشتىن گۈللىنىش، قۇدرەت تېپىشقىچە، دەۋرگە يېتىشىۋېلىشتىن دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىشقىچە، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئەۋلادمۇئەۋلاد كوممۇنىستلارنىڭ خەلقنى يېتەكلەپ جاپاغا چىداپ ئىشلەش، ئۇدا جاپالىق كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىققان، شۇنداقلا جەزمەن «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى جانلىق ئەمەلىيەت داۋامىدا ماھىيەتلىك مەزمۇننى ئۈزلۈكسىز بېيىتىدۇ، يېڭى مەنزىل ئاچىدۇ، شۇڭا «بىز يېڭى جۇڭگو قولغا كەلتۈرگەن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان مۇۋەپپەقىيەتلەردىن چەكسىز پەخىرلىنىۋاتىمىز، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پارلاق ئىستىقبالىغا نىسبەتەن ئىشەنچىمىز تولۇپ تاشتى.»
باشلىنىش يىلىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان جۇڭگونى چۈشىنىشتە، مەۋقەنى دەۋر كوردىناتىغا قويۇش كېرەك.
باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىلدىن بۇيان، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى بېسىمغا تاقابىل تۇرۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى بولۇشقا، ئەلا بولۇشقا يۈزلىنىپ، كۈچلۈك ئەۋرىشىملىكى ۋە ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.
بۇ يىلدىن بۇيان، نۇقتىلىق ساھە، رايون، كەسىپلەرگە قارىتا باش شۇجى بىر قاتار ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدا، دۇنيادىكى 2 - چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.7 ئېشىپ، ئېشىش مىقدارى 3 تىرىليون 600 مىليارد يۈەنگە يەتتى، بۇ، يېقىنقى بەش يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى ئەڭ چوڭ ئېشىش مىقدارى ھېسابلىنىدۇ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلار تېز يېڭىلىنىپ ۋە قوللىنىلىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ۋە كېلەچەك كەسىپلەر يېتىلدۈرۈلۈپ، زورايتىلىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل يېڭى بولۇش، ئەلا بولۇش، ياخشى بولۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇندى.
چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا، دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتى ئالدىدا، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرى تەستە قولغا كەلدى، بىزنىڭ ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىزگە ئەرزىيدۇ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇش ئىشەنچىمىز تېخىمۇ چىڭىدى.
باشلىنىش يىلىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان جۇڭگونى چۈشىنىشتە، ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش كېرەك.
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ھەم ۋەتەنگە بولغان تىلەك، ھەم پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە يۈزلەنگەن سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى. ھازىر، «15 - بەش يىل»لىق ئۇلۇغۋار پىلان يولغا قويۇلدى، باشلاش، قەدەم ئېلىش ئىنتايىن مۇھىم.
ئالدىنقى يىلىدىكى دۆلەت بايرىمىلىق كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ نەنيۆ خېڭشەندىكى بىر پارچە دۈيليەننى نەقىل كەلتۈرگەنىدى: قائىدە بويىچە ئىش كۆرۈش كېرەك، لېكىن يېرىم يولغا بارغاندا تېخىمۇ تىرىشىشقا توغرا كېلىدۇ؛ ئەسلىي مەقسەتتىن چەتنەپ كەتمەسلىك كېرەك، جاپا - مۇشەققەتنى يەڭگەندىلا، ئەڭ ئېگىز چوققىغا چىققىلى بولىدۇ. بۇلتۇرقى دۆلەت بايرىمىلىق كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا باش شۇجى مۇنداق كۆرسەتتى: «ئارزۇ ۋە خىرىس بىزنىڭ پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان كۈرەش روھىمىزنى ئۇرغۇتىدۇ.» بۇ يىل، باش شۇجى مەردانە ھالدا مۇنداق جاكارلىدى: «پەقەت بىز ئىشەنچنى چىڭىتىپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، قەدەممۇقەدەم پۇختا ئالغا ئىلگىرىلىسەك، مۇۋەپپەقىيەت چوقۇم ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە، ئۇلۇغ جۇڭگو خەلقىگە، ئۇلۇغ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە مەنسۇپ بولىدۇ!» بۇنىڭغا قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەيدىغان جاسارەت، قەتئىي بوشاشمايدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، قەتئىي ئىلگىرىلىسىلا مەنزىلگە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ دېگەن ئىشەنچ مۇجەسسەملەنگەن.
بوران - چاپقۇنلۇق مۇساپىگە تاغ - دەريالار گۇۋاھ بولىدۇ؛ يول ئۇزۇن، پەقەت كۈرەش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. يۈز مىليونلىغان خەلق بىر مەقسەتتە بولۇپ، جاپاغا چىداپ ئەمەلىي ئىشلىسەكلا، چوقۇم «15 - بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغۋار نىشانىغا قاراپ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىيەلەيمىز.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى)






