تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«سۆيىمەن سېنى جۇڭگو»

بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلدى، تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرى قەلب سۆزىنى ئورتاق ئىزھار قىلدى ——

«سۆيىمەن سېنى جۇڭگو»

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 77 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالدى. بۇ يىل «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلق قول تۇتۇشۇپ بىر مەقسەتتە بولۇپ، جاسارەت بىلەن كۆرەش قىلدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالى گۈللەپ ياشنىدى. كۆتۈرۈلۈۋاتقان تاڭ قۇياشىنى كۈتۈۋېلىپ، ھەرقايسى جايلار داغدۇغىلىق دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقلار، «سۆيىمەن سېنى جۇڭگو» دېگەن سادالار تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ۋەتەنگە بولغان ئەڭ سەمىمىي يۈرەك ساداسىنى، ئەڭ چوڭقۇر مۇھەببەتكە تولغان بەخت تىلىكىنى ئىپادىلىدى.

بايراقنى بىرلىكتە چىقىرىپ، ۋەتەنگە مەدھىيە ئوقۇدى

گۈللەنگەن ۋەتىنىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە، ۋەتەنگە مەدھىيە ئوقۇدى. 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ماناس ناھىيەسى داغدۇغىلىق دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. جۇشقۇن، ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسىغا ئەگىشىپ، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق قۇياش نۇرىدا ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلدى، نەق مەيداندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ھۆرمەت نەزەرى بىلەن قاراپ، بىرلىكتە دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى.

«ئوتقاشتەك بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنىڭ كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ، قەلبىم كۈچلۈك مىللەت ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا چۆمدى، سۆيىمەن سېنى جۇڭگو!» دېدى ماناس ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى نۇرزاتجان يۈسۈپ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن.

قورغاس 6 - ئەۋلاد دۆلەت دەرۋازىسى مەيدانىدا، 1000دىن ئارتۇق ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما سەپكە رەتلىك تىزىلىپ تۇردى. قورغاس چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى دۆلەت دەرۋازىسى بايراق قوغداش ئەترىتىنىڭ 24 نەپەر ئەزاسى قەددىنى تىك تۇتۇپ، ھۆرمەت قەدىمى بىلەن بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى قوغداپ مەيدانغا كىردى.

«دۆلەت بايرىقى چىقىرىلسۇن، دۆلەت شېئىرىنى ئېيتايلى!» دېگەن بۇيرۇق بېرىلىشى بىلەن، دۆلەت شېئىرى ساداسى يىپەك يولىدىكى چېگرا ئېغىزىدا ياڭرىدى، بايراق چىقارغۇچىلار قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ بايراقنى لەپىلدەتتى، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان جۇڭگو قىزىلى تاڭ نۇرىدا ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلدى. چاچلىرى ئاقارغان ياشانغانلار پۈتۈن دىققىتى بىلەن قارىدى، ئۆسمۈر - بالىلار قوللىرىدىكى قىزىل بايراقلارنى پۇلاڭلاتتى، 1000 كىشى بىرلىكتە دۆلەت شېئىرىنى ئېيتتى.

«ۋەتىنىمىزنىڭ ئەڭ ئالدىراش چېگرا ئېغىزىدا دۆلەت بايرىقىنى قوغداش شان - شەرەپ، تېخىمۇ مۇھىمى ئىلھام.» بايراق قوغداش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ يۈشۈەن مۇنداق دېدى: ۋەتەنگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىمىزنى ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، دۆلەت دەرۋازىسىنى قوغداش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسئۇلىيىتىمىز ۋە بۇرچىمىزنى ياخشى ئادا قىلىمىز.

تاڭ سۈزۈلگەندە، ۋەتىنىمىزنىڭ چېگرا رايونىنى ساقلاۋاتقان شىنجاڭ ھەربىي رايونى چىچار چېگرا مۇداپىئە ليەنى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. 10 - ئاي كىرىشى بىلەن، بۇ جاينىڭ تېمپېراتۇرىسى نۆل سېلسىيە گىرادۇسقا يېقىنلىشىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن چېگرا مۇداپىئە ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرىنىڭ روھى ئۇرغۇپ تۇراتتى، قىياپىتى كۆتۈرەڭگۈ ئىدى. «ھەر قېتىملىق چارلاش، ھەر قېتىملىق چېگرا تېشىغا قىزىل رەڭ بېرىش ئانا ۋەتەنگە بولغان ئەڭ چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببىتىمىزنىڭ ئىزھارى. بىز چېگرا مۇداپىئە ھەربىيلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ۋەتەننىڭ چېگرا مۇداپىئە لىنىيەسىنى ياخشى قوغدايمىز» دېدى ليەندۈينىڭ سىياسىي يېتەكچىسى نيۇ ۋېيرېن.

قەشقەر چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى پەيىك چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ قىزىل تەربىيە بازىسى ھويلىسىدا ساياھەتچىلەر، ئامما، شۇ جايدا تۇرۇشلۇق كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى رەتلىك تىزىلىپ، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنىڭ ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلۈشىگە ھۆرمەت نەزەرى بىلەن قارىدى، نۇرغۇن كىشى كۆزىگە ئىسسىق ياش ئالدى. دۆلەت بايرىقى ۋاخان كارىدورىدا شامالدا جەۋلان قىلغاندا، كىشىلەر «سۆيىمەن سېنى جۇڭگو» «ياشىسۇن ۋەتىنىمىز» دەپ ئۈنلۈك توۋلىدى ... جاراڭلىق سادا تاغ جىلغىسىدا ئۇزاققىچە ياڭرىدى.

دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ساياھەتچىلەر بەس - بەستە بايراق قوغداش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرىنى خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈشكە تەكلىپ قىلدى، چۇڭچىڭلىق ساياھەتچى جياڭ ۋۇدې ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ جايدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، قىزىل تەربىيە بازىسىغا كىرىپ چېگرانى قوغداش ھېكايىسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، خاتىرجەم تۇرمۇشىمىزنىڭ ئارقىسىدا سانسىزلىغان چېگرا قوغدىغۇچىلارنىڭ تۆھپىسىنىڭ بارلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈرىمەن.»

دۆلەت مۇھەببىتىنى ئورتاق بايان قىلىپ، قەلبداش بولۇپ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش

دۆلەت تىنچ، خەلق خاتىرجەم بولدى، دۆلەت مۇھەببىتى چوڭقۇرلاشتى. تاڭ ئەمدىلا سۈزۈلۈشىگە، ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ جىغىن يېزىسى سىمخانا كەنتىدە، ھەيۋەتلىك «پىدائىيلار مارشى»غا ئەگىشىپ، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ۋەتەننىڭ غەربىي چېگراسىدىكى 1 - كەنتتە كۆتۈرۈلدى، قويۇق دۆلەت مۇھەببىتى چېگرادىكى بۇ مېھىرلىك تۇپراقتا مەۋج ئۇردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ يار - يۆلەك بولۇشىدا، سىمخانا كەنتىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى سىجىل مۇكەممەللەشتى، خاس ساياھەت كەسپى مۇقىم راۋاجلاندى، ھەر مىللەت ئامما خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام ئىشلىمەكتە. بۇ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئايناگۈل ھاكىمئەلى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «يۇرتداشلارنىڭ ھەميېنى بارغانسېرى تومپايدى، قەلبى مىننەتدارلىق ھېسسىياتىغا تولدى، دۆلەت بايرىمىدا ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ بىرلىكتە دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشى خېلى بۇرۇنلا كەنتىمىزنىڭ ئەنئەنىسىگە ئايلاندى.»

10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى سەھەردە، غۇلجا شەھىرىنىڭ ئىلى دەرياسى يولى كوچىسى باي كوچا مەھەللىسىدە دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ئىلگىرى، باي كوچا مەھەللىسىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى ئاجىز، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى قالايمىقان ئىدى. يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا، دۆلەتنىڭ شەھەر يېڭىلاش ھەرىكىتىگە تايىنىپ، مەھەللە ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى، بۈگۈنكى كۈندە، كوچا يوللىرى تۈزلەندى، مۇھىتى ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان، قوشنىلار ئېجىل - ئىناق ئۆتىدىغان بولدى، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ، ھەر مىللەت ئاھالىلەرنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.

«ۋەتىنىمىز گۈللەپ ياشنىغاندىلا، ئاندىن بىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمىز بولىدۇ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز!» دېدى باي كوچا مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى جاڭ جيەنگو.

چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئەمەلىي ئىشلەپ يېڭى نەتىجە يارىتىش

10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى داغدۇغىلىق دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. تاڭ ئەمدىلا يورۇشى بىلەن، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلدى، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما، كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرى ۋە ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىرلىكتە دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى، جۇشقۇن ناخشا ساداسى بوشلۇقتا ياڭرىدى.

«پۈتۈن شىنجاڭنىڭ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىدىكى <ئاساسىي جەڭ مەيدانى> بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ يىللاردا دۆلەتنىڭ قوللىشىدا شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى، ئىقتىساد ھەجىم مىقدارى ۋە ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدى، ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەردە ئۇزاق مەزگىل ئىككى خانىلىق سان بويىچە مۇقىم ئېشىشنى ساقلاپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى مەھسۇلات قىممىتى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان بىردىنبىر باغچە رايونىغا ئايلاندى، بۇ، شەرقىي جۇڭغارنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەنگە سۇنغان ئەڭ چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەتلىك سوۋغىسى.» شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چيۇ دۇڭ مۇنداق دېدى: ئەمدىلا ئاياغلاشقان سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 13 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا «مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ كۆمۈردىن گاز ئېلىش ئىستراتېگىيەلىك بازىسى قۇرۇپ، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش بويىچە 100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك كەسىپ توپىنى كۈچەيتىش ۋە زورايتىش» نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونى غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، قەتئىي بوشاشماي، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى كەسكىن، قەتئىي زىممىگە ئالىدۇ.

قەلبداش بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، ئەمەلىي ئىشلەپ يېڭىلىق يارىتىش. 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، شايار ناھىيەسى دۆلەت بايرىمى مەيدانىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتتى، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

«يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 77 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو زېمىنىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ھەممە يېڭى تۈسكە كىردى. ۋەتەننىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، شايار ناھىيەسىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى تېز بولدى، شەھەر - يېزىلارنىڭ قىياپىتى يېپيېڭى تۈسكە كىردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى.» شايار ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جوۋ ۋېنخۇي مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى كادىرلار ۋە ئامما شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، شايار ناھىيەسىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچ قوشىدۇ.

(مۇخبىر گې يوۋجۈن، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ تىڭ، ۋاڭ نا، ياڭ شۇخەن، چېن جياڭلىن، سۇڭ ۋېيگو، جاڭ جىلى، ئىختىيارىي مۇخبىرلار شى سۇچى، سۇڭ لياڭبى، خۇ ۋېيجيې، خۇ جۈنشيۇ، شۈ جىشيەن، جاڭ خۇڭ، چيۇ تيەنلۇن)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.