ئالتۇن كۈزدىكى 10 - ئايدا، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بايرامنى ئورتاق تەبرىكلىدى. 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا قىزىل بايراقلار جەۋلان قىلىپ، چۆل - باياۋاندىكى بوستانلىقلار قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلار پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن قول تۇتۇشۇپ بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ تاغ - دەريالىرىنىڭ گۈزەل بولۇشىغا، دۆلەتنىڭ تىنچ، خەلقنىڭ خاتىرجەم بولۇشىغا ئورتاق تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
ۋەتەننى سۆيۈش قۇرۇق شوئار ئەمەس، بەلكى توختىماي جان تىكىپ كۈرەش قىلىش. دۆلەت بايرىمى ھارپىسىدا، شىنجاڭ چوڭ جىلغا سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ توك تارقاتتى، تارىم دەرياسى بويىدا يەنە بىر ئېنېرگىيە تومۇرى كۆپەيدى؛ شىنجاڭنىڭ يازغى بۇغدىيى مەملىكەت بويىچە كۆپ تۈردە بىراقلا يۇقىرى ھوسۇل رېكورتىنى يېڭىلىدى، ۋەتىنىمىزنىڭ «غەربىي قىسىم ئاشلىق ئامبىرى»نىڭ ئىشەنچىسى بارغانسېرى تولۇپ تاشتى؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەشۋىقات ھەپتىلىكىدە تۈرلۈك پائالىيەتلەر چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈلدى. شىنجاڭنىڭ ھەربىر قەدەمدىكى تەرەققىياتى، ھەربىر قېتىملىق بۆسۈش ھاسىل قىلىشىنىڭ ھەممىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يول باشلاپ يۆنىلىشنى بەلگىلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ كۈچ ئۇلاپ كۈرەش قىلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ.
ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ۋە بەخت تىلىكىنى ئىپادىلەش بايرامدىكى مۇراسىم تۇيغۇسىلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى كەلگەن يولنى ئەسلەپ ئالغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتە، بۇ ھەم شان - شەرەپتىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان پەيت، شۇنداقلا قايتىدىن جابدۇنۇپ يەنە سەپەرگە ئاتلىنىدىغان يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى. «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدا تۇرغاندا، ئالدىمىزدا ھەم تېپىلغۇسىز تەرەققىيات پۇرسىتى بار، شۇنداقلا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتىكى نۇرغۇن خىرىسقا دۇچ كېلىمىز. پەقەت باشتىن - ئاخىر كۈرەش قىلىش ھالىتىنى ساقلاپ، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى پۈتمەس - تۈگىمەس قۇۋۋەتكە ئايلاندۇرۇپ، مىننەتدارلىققا تولغان قەلبنى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچى قىلىپ مۇجەسسەملەپ، چېگرانى قوغداش، مۇداپىئەنى مۇستەھكەملەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات مۇسابىقە يولىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىش ئورنىدا ئۈن - تىنسىز تۆھپە قوشقاندىلا، ئاندىن ئەمەلىي تەرەققىيات نەتىجىسى ئارقىلىق ۋەتەنگە يېڭى جاۋاب قەغىزى تاپشۇرغىلى بولىدۇ.
يول ئۇزۇن، پەقەت كۈرەش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنىڭ ھەممە يېرىدە كۈرەش قىلىۋاتقان سىيمالار بار، ھەممە يېرىدە ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان كۈچ - قۇۋۋەت بار. بىز ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، كۈرەش قىلىشنى قەلەم قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى سىجىل پۈتۈپ چىقىپ، ۋەتەننى سۆيۈش ئاساسىي رېڭىنى ئەمەلىي ئىشلەش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش داۋامىدا تېخىمۇ جۇلالاندۇرايلى.
(«جياڭ شياۋيەن» ماقالە ئەۋەتىش خەت ساندۇقى: xjrbplb@126.com)






