تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىمىز

—— باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 77 يىللىقىنى تەبرىكلەش بويىچە كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى شىنجاڭدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

«پەقەت بىز ئىشەنچنى چىڭىتىپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، قەدەممۇقەدەم پۇختا ئالغا ئىلگىرىلىسەك، مۇۋەپپەقىيەت چوقۇم ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە، ئۇلۇغ جۇڭگو خەلقىگە، ئۇلۇغ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە مەنسۇپ بولىدۇ!» 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى كەچتە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 77 يىللىقىنى تەبرىكلەش بويىچە كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سالدى. كۆپچىلىك دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن چوڭقۇر پەخىرلىنىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پارلاق ئىستىقبالىدىن ئىشەنچكە تولۇپ، بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: سەمىمىي تاپشۇرۇقنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، «جۇڭگونىڭ غەربىي قۇتۇپى»دىكى ئۇلۇغچات ناھىيەسىگە جايلاشقان ئەركەشتام پورتىدا، گەرچە دۆلەت دەرۋازىسى تاقالغان، تاموژنىدىن ئۆتىدىغان ئاپتوموبىللار يوق بولسىمۇ، لېكىن چېگرا تەكشۈرۈش خەلق ساقچىلىرى يەنىلا ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، يېپىق مەزگىلدىن پايدىلىنىپ ئەسۋاب - ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلدى. «باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 77 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مۆجىزىنى ياراتتى. بۇ بىزنى چەكسىز ھاياجانلاندۇردى ۋە پەخىرلەندۈردى!» دېدى شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى ئەركەشتام چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش 2 - ئەترىتىنىڭ باشلىقى جوۋ چىبو.

جوۋ چىبونىڭ بۇ جايدا چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىۋاتقىنىغا 15 يىل بولدى، ئۇ پورتنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىغا گۇۋاھ بولدى. «يېڭى كەلگەندە، بىر يىلدا تاموژنىدىن ئۆتىدىغان ئاپتوموبىللار ئاران نەچچە ئونمىڭ ئاپتوموبىل قېتىم ئىدى. بۇ يىل 9 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، بىز چېگرادىن كىرگەن - چىققان يۈك ئاپتوموبىلىدىن جەمئىي 300 مىڭ ئاپتوموبىل قېتىمدىن ئارتۇقنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتتۇق.» ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغاندىن كېيىن، كۆپچىلىكنىڭ غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى، سەمىمىي تاپشۇرۇقنى چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىش، ۋەتەننى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، چېگرادىن كىرىش - چىقىش بويىچە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پورتتىن كىرىدىغان - چىقىدىغان خادىملار، ماللارنىڭ بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز.

شۇ كۈنى، غۇلجا ناھىيەسىگە جايلاشقان ئىلى تىيانشان گۈل دېڭىزى ساياھەت مەنزىرە رايونىدا قىزىل بايراقلار لەپىلدەپ تۇراتتى، ھەر مىللەت ئامما گۈل دېڭىزىنى سەيلە قىلىۋاتاتتى، قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن مەنزىرە دەل تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنىڭ تىنچ - ئىناقلىقى، مەدەنىيەت - ساياھەتنىڭ گۈللەنگەنلىكىنىڭ جانلىق ئىخچام كۆرۈنۈشى. تىيانشان گۈل دېڭىزى مەنزىرە رايونى يېڭى تاراتقۇ ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى جاۋ زېشەن مۇنداق دېدى: «تىيانشان گۈل دېڭىزىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى دەل ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلىش جەريانى بولدى. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى بىزنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ توسالغۇسىز ئالغا ئىلگىرىلەيدىغانلىقىغا بولغان قەتئىي ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇردى. ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا تىلەكداشمىز!»

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى پەن - تېخنىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا. «باش شۇجى شى جىنپىڭ: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل يېڭى بولۇش، ئەلا بولۇش، ياخشى بولۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. بۇ، شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكا خىزمىتى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.» ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جۇ داگاڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ پەن - تېخنىكا سىستېمىسى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، شىنجاڭنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى «ئاچقۇچلۇق ئۆزگەرگۈچى مىقدار»نى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ «ئەڭ چوڭ كۆپەيمە مىقدارى»غا ئايلاندۇرىدۇ. بىر تەرەپتىن، خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى شىنجاڭ بازىسى قاتارلىق يۇقىرى ئىقتىدار دەرىجىلىك يېڭىلىق يارىتىش سۇپىلىرىنى قۇرۇشنى تېزلىتىدۇ، نېفىت - تەبىئىي گاز چارلاش - ئېچىش، يېشىل كانچىلىق قاتارلىق ئۆزگىچە، ئەۋزەل كەسىپلەر توپىنى چۆرىدەپ زور پەن - تېخنىكا ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشنى تۇتقا قىلىپ، رەقەملىك تېخنىكا بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ پۈتۈن زەنجىرلىك يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى تېزدىن رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرىدۇ.

«باش شۇجى شى جىنپىڭ: خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ تاماملاش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. بۇ، ئاياللار، بالىلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.» ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس لى لىڭخۇي مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايوننىڭ ئاياللار، بالىلار تەرەققىياتىنىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانى رەسمىي ئېلان قىلىندى، بىز نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، ئەر - ئاياللار باراۋەر بولۇش تۈپ دۆلەت سىياسىتى ۋە بالىلارنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ھوقۇقنى قوغداش مۇلازىمىتىنى پۇختىلاپ، دەل جايىدا كۆڭۈل بۆلۈش، يار - يۆلەك بولۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاياللار تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاياللار، بالىلار ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ھەل قىلىپ، ئاياللار، بالىلار ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كۈچ قوشۇپ، «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىمىز.

بۇ بىرنەچچە كۈندە، كەلپىن ناھىيەسى ئاچال بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۆ جېن كادىرلارنى باشلاپ ئېتىز باشلىرى، كارخانا سېخلىرىغا بېرىپ، ئاممىنىڭ قەلب ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى پۈتۈن بازاردىكى كادىرلار ۋە ئاممىنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى، ئىشەنچىسىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى. بۇنىڭدىن كېيىن مەۋقەنى كەلپىننىڭ قوي گۆشى، چامغۇر قاتارلىق خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بايلىقىغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى كەسىپ زەنجىرىگە سىڭىپ كىرىشكە يېتەكلەپ، دۆلەت يولى ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇپ، ئۆزگىچە كەسىپلەرنى كۈچەيتىپ، كۆپچىلىكنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئورتاق بېيىش يولىغا مېڭىشقا يېتەكلەيمەن.

ئىختىساسلىقلار بىرىنچى بايلىق، ئالىي مەكتەپلەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرىدىغان ئاساسىي بازا. «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى مائارىپ خىزمەتچىلىرىنى پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت يۈكسەك بۇرچنى تېخىمۇ ياخشى زىممىگە ئېلىشقا رىغبەتلەندۈردى.» شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنىنىڭ ماشىنىسازلىق قۇرۇلۇش شۆيۈەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جوۋ زىلۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: شۆيۈەنىمىز ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «قۇرۇلۇش پەنلىرى + ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس» يۇغۇرۇلغان ئادەم تەربىيەلەش ئەندىزىسى قاتارلىقلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنى ياسىمىچىلىق كەسپىگە ئاتلىنىش، ئەمەلىي ئىقتىساد جەھەتتە چوڭقۇر ئىزدىنىش، سانائەت كۈچلۈك دۆلىتىگە مۇلازىمەت قىلىش نىشانىنى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، تىرىشىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ قۇرۇلۇش پەنلىرى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرىدۇ.

شىنجاڭ ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش باش ئەترىتى ئورگان ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ شۇشيەن مۇنداق بىلدۈردى: سەمىمىي تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۈلپەت ئېڭىنى ئاشۇرۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتى مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى تەدرىجىي تاكامۇللاشتۇرۇپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.

(مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار ۋاڭ نا، سۇڭ ۋېيگو، شيې خۇيبيەن، سى لۇلۇ، جاڭ جىلى، گو لىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار دىڭ مېي، لېي مىڭخۇي)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.