تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئىشەنچنى چىڭىتىپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، قەدەممۇقەدەم پۇختا ئالغا ئىلگىرىلەيلى

—— باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 77 يىللىقىنى تەبرىكلەش بويىچە كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□ خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ۋاقىت كوردىناتىغا پۇختا بېسىلغان قەدەم ئىزلىرى ئويۇلدى. ئۇلۇغۋار مۇساپە يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىشقا چاقىرماقتا.

«پەقەت بىز ئىشەنچنى چىڭىتىپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، قەدەممۇقەدەم پۇختا ئالغا ئىلگىرىلىسەك، مۇۋەپپەقىيەت چوقۇم ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە، ئۇلۇغ جۇڭگو خەلقىگە، ئۇلۇغ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە مەنسۇپ بولىدۇ!»

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 77 يىللىقىنى تەبرىكلەش بويىچە كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيەنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ بوشاشماي كۈرەش قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى، بۇ يىلدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا قارىتا ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتىكى ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈردى.

يول تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ. مىڭبىر جاپا - مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، غايەت زور ئەجىر سىڭدۈردى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇزاق مەزگىل ئەمەلىي ئىزدىنىشىنىڭ نەتىجىسى، نەقەدەر ئۇلۇغ، نەقەدەر تەستە قولغا كەلگەن!

«خارابلىشىپ زاۋاللىققا يۈز تۇتقان كۆرۈنۈش»تىن «گۈللەپ ياشنىغان قىياپەت»كىچە، تارىخىي تۈگۈندە تۇرۇپ ئەسلىسەك، يېڭى جۇڭگو قولغا كەلتۈرگەن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان مۇۋەپپەقىيەتلەر كىشىنى چەكسىز پەخىرلەندۈرىدۇ، بىز شۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇقكى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى داغدام يول.

«ئىككى بىلەن بىرلەشتۈرۈش» داۋامىدا يىلتىز ۋە روھنى ياخشى ساقلىدۇق، بۇ يولدا توغرا ماڭدۇق.

پىڭلۇ قانىلى دەريا بىلەن دېڭىزغا تۇتاشتۇرۇلۇپ، غەربىي جەنۇب رايونىدىكى توشۇش ئارىلىقى ئەڭ قىسقا، ئەڭ تېجەشلىك، ئەڭ قولايلىق دېڭىزغا چىقىش يولى ئېچىلىپ، 100 نەچچە يىل ئىلگىرىكى «دۆلەت قۇرۇش تەدبىرى»دىكى تەسەۋۋۇر رېئاللىققا ئايلاندى. بۈگۈنكى جۇڭخۇا زېمىنىغا نەزەر سالساق، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز ئۇچقاندەك ماڭماقتا، تاشيوللار تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشتى... بۇنى «پەقەت بىز جۇڭگو كوممۇنىستلىرىلا ئىشقا ئاشۇردۇق».

«بىر ئاپتوموبىل، بىر ئايروپىلان، بىر تانكا، بىر تىراكتورنىمۇ ياسىيالماسلىق»تىن، بۈگۈنكى كۈندە سانائەت تۈرلىرى ئەڭ تولۇق بولغان دۇنيا ياسىمىچىلىقىدىكى بىرىنچى چوڭ دۆلەتكە، دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلىنىشقىچە، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى ئىستراتېگىيەلىك تايانچ قىلىپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى شامالغا قارشى دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىدى، كۈچلۈك ئەۋرىشىملىكى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ساقلىدى.

ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا كۈچىدى، ئورتاق بېيىشقا كۈچىدى، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتقا كۈچىدى، مەڭگۈلۈك تەرەققىياتقا كۈچىدى، تىنچ تەرەققىياتقا كۈچىدى، بۇ يول «جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ ئىلغار ماھىيىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق مۇنەۋۋەر مەدەنىيلىك نەتىجىلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ ۋە قوبۇل قىلىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلدى».

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىنسانلارنىڭ زامانىۋىلىشىشقا قاراپ قەدەم تاشلىشىدىكى يېڭى يولنى ئاچىدۇ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ھالىتىنى يارىتىدۇ، «مۇمكىن بولمايدىغان» ئىشلارنى «چوقۇم قىلغىلى بولىدىغان» ئىشلارغا ئايلاندۇردى.

«جۇڭگو تۈزۈمى» ئارقىلىق «جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى»غا تىرەك بولدۇق، بۇ يولدا مۇقىم ماڭدۇق.

بۇنداق پەيت كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ! بۇ يىل 7 - ئايدا چاڭجېڭ راكېتاسى دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم دېڭىزدا تور تارتىپ قايتۇرۇۋېلىنغاندىن كېيىن، 8 - ئايدا جۇچۆ راكېتاسى دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم قۇرۇقلۇقتا راكېتانى قايتۇرۇۋېلىشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇردى. يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت كۈچىنى ئىشقا سېلىش تۈزۈلمىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، راكېتانى دېڭىز - قۇرۇقلۇقتا قايتۇرۇپ كېلىش قوش غەلىبىسى يەنە بىر قېتىم شۇنى ئىسپاتلىدىكى، «بىزگە قارىتىلغان <گالنى بوغىدىغان> ئىشلار بىزنى چەكلىيەلمەيدۇ».

ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمىغا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، بىرقاتار كۆپەيمە سىياسەتلەر ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىپ يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى؛ تاموژنا بېجى ئۇرۇشى، سودا ئۇرۇشىغا دۇچ كەلگەندە، «جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىرادىسى، شىجائىتى، ئىشەنچىنى كۆرسىتىپ، بىزنىڭ قاتتىق يادرولۇق ئەمەلىي كۈچىمىزنى نامايان قىلدۇق»...

ئىنتايىن ئالاھىدە، ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە يېڭى دەۋردە، بىز نېمە ئۈچۈن ھەرقېتىم خەۋپ - خەتەر ئالدىدا تەمتىرىمەي، خەۋپ - خەتەرنى بىخەتەرلىككە ئايلاندۇرالايمىز؟

«ئۇزاق مەزگىل ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى غايەت زور ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدى، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى تارىخ، ھازىر ۋە كەلگۈسىنى تۇتاشتۇردى.

ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، يۈز مىليونلىغان خەلق بوران - چاپقۇنغا ئۇچرىغان چاغدا ئەڭ ئىشەنچلىك تايانچقا ئىگە بولالايدۇ، دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلىش، ئىلگىرىلەش تەقدىرىنى ئۆز قولىدا مەھكەم تۇتۇپ تۇرالايدۇ.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتتۇق، بۇ يولدا ياخشى ماڭدۇق.

دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تەرەققىياتى ئەڭ تېز بولغان ھاسىلىي ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشتىن دۇنيا بويىچە 100 كۈچلۈك يېڭىلىق يارىتىش توپىنىڭ سانى ئۇدا تۆت يىل دۇنيا بويىچە 1 - ئورۇندا تۇرۇشقىچە، يەنە «جۇڭگو ئاقىل ياسىمىچىلىقى»نىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يەنە بىر يارقىن نام كارتىسىغا ئايلىنىشىغىچە...

«جۇڭگو دۇنيانىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى، سودا ھەمدە تېخنىكا ئىسلاھاتىدىكى مۇقىم كۈچ ۋە يادرولۇق موتور» خەلقئارادىكى زاتلار مۇنداق قارىدى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ روشەن ئالاھىدىلىكىگە ئايلاندى، بۇ، جۇڭگونىڭ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، يېڭىلىق يارىتىش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل ۋە ئەۋرىشىملىكنى يادرو قىلغان ئىقتىسادنىڭ ئېشىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

بۈگۈنكى جۇڭگو، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى چىڭ كۆزلەپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندۇرۇپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى كۈچ توپلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش يارىتىش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش، يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش داۋامىدا تەرەققىيات بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى، تەرەققىياتنىڭ كەلگۈسىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

ئۇلۇغۋار نىشاننى قەلبىگە پۈكۈپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا ئىرادە باغلىدى.

قانچىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۇلۇغ ئىش بولغانسېرى، يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى شۇنچە چىڭىتىپ، يولنى ئۆزگەرتمەسلىك، ئىرادىنى ئۆزگەرتمەسلىكتىن ئىبارەت ئىرادىنى ساقلاش كېرەك؛

قانچىكى شەرەپ ۋە ئارزۇغا تولغان ئۇزۇن سەپەر بولغانسېرى، «ئەڭ ئېگىز چوققىغا ئۆرلەش ئۈچۈن جاپا ۋە چارچاشتىن قورقمايدىغان» چىدامچانلىقنى شۇنچە ئۇرغۇتۇش، «قەدەممۇقەدەم پۇختا ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان» غەيرەتنى شۇنچە ساقلاش كېرەك.

«15 - بەش يىل»دا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، «2035 - يىل»غا نەزەر سالساق، «مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى»غا نەزەر سالساق، ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلۈپ بولدى، يول ئايىغىمىز ئاستىدا يىراقلارغا سوزۇلدى.

ئالغا ئىلگىرىلەشتە، ئىرادىمىز مۇستەھكەم، مەزمۇت ھەم تەمكىن −

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئىستىقبالى چەكسىز پارلاق، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.