تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى» «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ دىن تارىخى» مۇتەخەسسىسلەر مۇھاكىمە يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

تارىخنى ئۆرنەك قىلىپ، ھازىرقى زامان ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش

«جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى» «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ دىن تارىخى» مۇتەخەسسىسلەر مۇھاكىمە يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ بېي خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى» «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ دىن تارىخى» مۇتەخەسسىسلەر مۇھاكىمە يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ، بېيجىڭدىكى يىغىندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن «شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى» توغرىسىدىكى 2 - مەيدان مۇتەخەسسىسلەر مۇھاكىمە يىغىنى.

شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تۈزگەن، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلىپ تارقاتقان «شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى» ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا تۈزۈپ تاماملانغان، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەن ساھەسىنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرغانلىقى، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر يولغا قويغانلىقىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى بولۇپ، تارقىتىلىشى بىلەنلا جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ كەڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىدا، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، «شىنجاڭ ئىككى تارىخى»نى تۈزۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ۋەكىللىرى، شىنجاڭدىكى قىسمەن ئالىي مەكتەپ ۋە پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرىدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملار ئىككى كىتابنىڭ ئىلمىي قىممىتى ھەم رېئال ئەھمىيىتىنى چۆرىدەپ پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە مۇھاكىمىنى قانات يايدۇردى.

«جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى» ناملىق كىتابنىڭ باش مۇھەررىرى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى تيەن ۋېيجياڭ، «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ دىن تارىخى» ناملىق كىتابنىڭ باش مۇھەررىرى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يۈ شاڭپىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تۈزۈش كوللېكتىپىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، ئىككى ئەسەرنى تۈزۈش جەريانى، رامكا تۈزۈلۈشى ۋە ئاساسلىق ئىلمىي كۆز قاراشلارنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق كۆرسەتتى: «شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»دا ماركسىزمنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئېھتىياتچان، ئەمەلىيەتچىل ئىلىم تەتقىق قىلىش پوزىتسىيەسىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، تەپسىلىي، ئېنىق تارىخىي ماتېرىياللار، ئەمەلىي ئىسپاتلار ۋە پۇختا دەلىللەنگەن ھۆججەت - ماتېرىياللار، دەلىل - ئىسپاتلار ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى، دىنلارنىڭ ئۆزگىرىشىگە دائىر بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بېرىلگەن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشنى تارىخىي ئەينەك ۋە ئىلمىي قائىدە تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.

ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلىش ھالقىسىدا، يىغىنغا قاتناشقان 11 مۇتەخەسسىس، ئالىم «شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»نى چىڭ كۆزلەپ، تارىخ، مەدەنىيەت، مائارىپ قاتارلىق تەتقىقات ساھەلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ ئىلمىي قاراشلىرىنى ئالماشتۇردى، ئۆگىنىش تەسىراتلىرىنى كەڭ - كۇشادە سۆزلىدى.

«<جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى> ناملىق كىتابتا يېڭى نەزەرىيە، يېڭى تارىخىي ماتېرىيال، يېڭى ئۇسۇل ئارقىلىق جۇڭگو شىنجاڭ رايونى تارىخىنىڭ ئومۇمىي قىياپىتى سىستېمىلىق، ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا نامايان قىلىندى.» شىنجاڭ سىفەن داشۆسى تارىخ ۋە جەمئىيەت شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى گې جىنۋېي مۇنداق قارىدى: بۇ كىتاب جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى نەزەرىيە سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭدىكى ئەمەلىيىتىنىڭ جانلىق ئىپادىسى بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى پۇختا تارىخىي ئاساس بىلەن تەمىنلىدى.

شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ خىزمىتى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، تەتقىقاتچى مەي يۈخۇا تارىخشۇناسلىق تەتقىقاتى ۋە تۈزۈش خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ مۇنداق بىلدۈردى: 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىنى ئەسلىسەك، پارتىيەنىڭ ئوخشاش بولمىغان تارىخىي مەزگىللەردىكى شىنجاڭغا بولغان غەمخورلۇقى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىسى شىنجاڭنىڭ مۇقىم بولۇش، گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش ئاساسىنى پۇختىلىغان، چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىش ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتكەن. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنىڭ تۈپ كاپالىتى، جەزمەن باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇش ۋە كۈچەيتىش كېرەك.

«جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ دىن تارىخى» ناملىق كىتابنى چۆرىدەپ، يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر ئوخشاش بولمىغان پەن نۇقتىسىدىن ئەسەردىكى ئىلمىي ئىجادىي قاراشلارغا ۋە ئەسەرنىڭ رېئال قىممىتىگە يۈكسەك باھا بەردى. شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دىن تەتقىقات ئورنىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك تەتقىقاتچىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى ليۇ بىڭ مۇنداق قارىدى: تارىخ بىلەن نەزەرىيەنى بىرلەشتۈرۈش، بارلىق ھۆكۈم تارىخىي پاكىتنى ئاساس قىلىش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن يۇغۇرۇلۇش دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى.

شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گاۋ ۋېنشۇ مۇھاكىمە يىغىنىنى خۇلاسىلەپ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىنى پۇرسەت بىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»نى تەتقىق قىلىش - بايان قىلىپ چۈشەندۈرۈش ۋە تەشۋىق قىلىپ ئومۇملاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي تەتقىقات بىلەن ئەمەلىيەتتە قوللىنىشنى بىرلەشتۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى «شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»نى ياخشى ئۆگىنىپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسىتىنى تەقدىم قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.