تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ياشلارغا خاس ئىپادىلەش قىزىل مەدەنىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى

زۇنيى:

ياشلارغا خاس ئىپادىلەش قىزىل مەدەنىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شى چيەنگۇي

يۇقىرى بېسىملىق سۇ ئېقىمى سەھنىنىڭ ئۈستىدىن ئېقىپ چۈشكەندە، توپ - زەمبىرەكلەرنىڭ ئاۋازى بىلەن قىزىل ئارمىيە ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرىنىڭ ئاتاكىغا ئۆتۈش ساداسى گىرەلىشىپ، خۇددى بىردىنلا ئۇرۇش ئىس - تۈتەكلىرى قاپلىغان شياڭجياڭ ئۇرۇشى جەڭ مەيدانىغا بېرىپ قالغاندەك تۇيغۇ بېغىشلىدى... گۇيجوۋ ئۆلكىسى زۇنيى شەھىرىنىڭ فېڭخۇاڭشەن تېغى ئېتىكىدىكى تىياتىرخانىغا كىرگەندە، 360 گىرادۇسلۇق ئايلانما سەھنە كۆرۈرمەنلەرنىڭ كۆز ئالدىدا توغرىسىغا يېيىلىپ، شياڭجياڭ دەرياسىنىڭ شىددەتلىك ئېقىنى، تاغ ئارىسىدىكى ئاسما يول، يىغىن ئېچىلغان ئەسلىي جاي قاتارلىق مەنزىرىلەر بىر - بىرلەپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولدى.

بۇ تىياتىرنىڭ نامى «ئۇلۇغ بۇرۇلۇش».

گۇيجوۋ ئۇلۇغ بۇرۇلۇش مەدەنىيەت تەرەققىياتى چەكلىك شىركىتى بازار بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ لىمىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: «ئۇلۇغ بۇرۇلۇش» ناملىق تىياتىردا قىزىل ئارمىيەنىڭ شياڭجياڭدىكى قانلىق جەڭدىن كېيىن گۇيجوۋغا يۆتكەلگەنلىكى، زۇنيى يىغىنىنى ئاچقانلىقى، چىشۇي دەرياسىدىن تۆت قېتىم ئۆتكەنلىكى قاتارلىق ئۇزۇن سەپەردىكى ئاچقۇچلۇق مۇساپىلەر ئاساسىي لىنىيە قىلىنىپ، ھەيۋەتلىك تەسىرات تىياتىرخانىغا مۇجەسسەملەندى. «تىياتىرنى كۆرۈش ئارقىلىق، كۆرۈرمەنلەر بۈگۈنكى گۈزەل تۇرمۇشنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق ھېس قىلدى.» ۋاڭ لىمىڭ مۇنداق دېدى: تىياتىر كۆرۈرمەنلەرگە قىزىل تارىخنى يېقىن ئارىلىقتىن ھېس قىلدۇرۇپلا قالماي، يەنە ھەقىقىي ھېس قىلغىلى بولىدىغان سەنئەت كۆرۈنۈشلىرى ئارقىلىق ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۇزۇن سەپەر روھىغا بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇردى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2024 - يىلىنىڭ بېشىدا قويۇلغاندىن بۇيان، «ئۇلۇغ بۇرۇلۇش» ناملىق تىياتىر جەمئىي 2500 مەيداندىن ئارتۇق قويۇلۇپ، 800 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپ قىسمى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولغان.

قانداق قىلغاندا قىزىل مەدەنىيەت ئارقىلىق ياشلارنى جەلپ قىلغىلى بولىدۇ؟ زۇنيى يېڭى يول ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدەندى.

«ئۇلۇغ بۇرۇلۇش» تىياتىرخانىسىغا نەچچە يۈز مېتىرلا كېلىدىغان زۇنيى يىغىنى خاتىرە سارىيى تولۇق سىگناللىق پىرويېكسىيە، VR ھەمتۈرتكە بولۇش، ئۈچ ئۆلچەملىك مودېل ياساش قاتارلىقلار ئارقىلىق رەقەملەشكەن كۆرگەزمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تايىنىپ، ۋۇجياڭ دەرياسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈش، لوۋشەنگۇەندىكى زور غەلىبە قاتارلىق تارىخىي كۆرۈنۈشلەرنى قايتا نامايان قىلدى، قىزىل ئارمىيەنىڭ خەتلىرى سۇسلاپ قالغان لوزۇنكىلىرى قاتارلىق مۇزېيدا ساقلانغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى رەقەملىك تېخنىكىنىڭ ياردىمىدە «جانلىنىپ ھېكايە سۆزلىدى».

كۆرۈرمەنلەر VR ئۈسكۈنىسىنى تاقاپ، ئۇزۇن سەپەر تارىخى نەق مەيدانىدا تۇرۇپ، قىزىل ئارمىيەنىڭ جاپالىق ئۇزۇن سەپىرىنى ھەقىقىي ھېس قىلالايدۇ. بۇنىڭ ئارقىسىدا، زۇنيى يىغىنى خاتىرە سارىيى سىجىل ئېلىپ بارغان رەقەملەشتۈرۈپ تىپ ئۆزگەرتىشنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى بار. «بىز بىر قىسىم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى رەقەملەشتۈرۈپ مودېلىنى ياسىدۇق، بۇ ھەم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداشقا پايدىلىق، ھەم رەقەملەشتۈرۈپ كۆرگەزمە قىلىشقا قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ» دېدى زۇنيى يىغىنى خاتىرە سارىيى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش بۆلۈمىنىڭ 7 - دەرىجىلىك خىزمەتچىسى لى چىن.

2025 - يىلى 4 - ئايدا، زۇنيى شەھىرىدىكى لوۋشەنگۇەن مەنزىرە رايونى بىلەن جۇڭگو پوچتىسى بىرلىكتە بەرپا قىلغان «غالىبىيەت پوچتا ئىدارىسى» رەسمىي تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلدى. بۇ پوچتا ئىدارىسى پوچتا ئارقىلىق يەتكۈزۈش بىلەن مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ، قىزىل مەدەنىيەتنى تېخىمۇ ھېس قىلغىلى، مەنپەئەتلەنگىلى بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. «غالىبىيەت پوچتا ئىدارىسى»غا كىرگەندە، قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپىرى لىنىيەسى چۈشۈرۈلگەن پوچتا كارتىسى، لوۋشەنگۇەن ئۇرۇشى كۆرۈنۈشى چۈشۈرۈلگەن خاتىرە ئىزناك، نەپىس لايىھەلەنگەن قىزىل باش تېمىلىق خاتىرە دەپتەر كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ ... قىزىل مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرى كۆزنى قاماشتۇرىدۇ. «شەكلى كۆپ خىل، يېڭىچە بۇ مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرى ياشلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى» دېدى لوۋشەنگۇەن مەنزىرە رايونىنىڭ تىجارەتكە مەسئۇل خادىمى جوۋ تىڭ.

جوۋ تىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: مەنزىرە رايونى يەنە «غالىبىيەت پوچتا ئىدارىسى»غا تايىنىپ، «سالام خەت ئەرزىيدۇ مىڭ تىللاغىمۇ» پارتىيەۋىلىك تەربىيەسى دەرسلىكى تەسىس قىلىپ، قاتناشقۇچىلارغا چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلىش جەريانىدا قىزىل روھنى چۈشەندۈردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قىزىل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، يادىكارلىق - ئىزنالارنى ياخشى قوغداش ئاساسىدا، بۇ جاي چۆكۈش شەكلىدىكى ئويۇن قويۇش، پۈتۈن رايون رەقەملىك ھېس قىلىش سارىيى، VRدا سەييارە كۆرگەزمە كۆرۈش، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىش قاتارلىق شەكىللەردىن پايدىلىنىپ، ئۇزۇن سەپەر روھىنى چۆرىدەپ ئىجادىي مەزمۇنلارنى ئىپادىلەپ، ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ تارىخىي مەنزىرىنى «باشتىن كەچۈرگۈچى»گە ئايلىنىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇزۇن سەپەر روھىنى قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇردى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گۇيياڭ، 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.