− «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى» «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ دىن تارىخى»نى ياخشى ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىش توغرىسىدا (3)
□شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى
«بىر ئىشقا ھۆكۈم قىلغاندا ئەڭ ياخشىسى ئەمەلىي ئۈنۈمىگە قاراش، قاراشنى ئىسپاتلىغاندا جەزمەن ئىشەنچلىك پاكىتقا تايىنىش كېرەك». «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى» «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ دىن تارىخى»دا شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغان، ئورتاق گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان تارىخىي تومۇرى سىستېمىلىق نامايان قىلىنغان بولۇپ، تەپسىلىي، ئېنىق تارىخىي ماتېرىياللار ئارقىلىق يىمىرىلمەس ئەمەلىيەت ئىسپاتلاپ بېرىلدى: شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ قان قېرىنداش، تەقدىر - قىسمەتتە بىللە بولىدىغان مۇھىم ئەزاسى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تەقدىرى باشتىن - ئاخىر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر پۈتۈن تەقدىرى بىلەن زىچ باغلانغان، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ تۈپ ئاساسى.» شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون. چىن، خەن سۇلالىلىرى دەۋرىدىن باشلاپ، ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن بولغان نۇرغۇن ئاھالە ھەربىر تارىخىي مەزگىلدە شىنجاڭ رايونىغا كىرىپ - چىقىپ تۇرغان، ئۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنى ئورتاق ئاچقۇچىلار. ئىتتىپاقلىشىپ ئۇيۇشۇش، جاسارەت بىلەن ئورتاق ئىلگىرىلەش باشتىن - ئاخىر شىنجاڭ رايونىدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى بولۇپ كەلدى. نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق باشتىن - ئاخىر پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ قول تۇتۇشۇپ، بىپايان زېمىننى ئورتاق ئېچىپ، گۈزەل تاغ - دەريالارنى ئورتاق قوغداپ، ئۇزاق تارىخقا ئىگە شانلىق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى ئورتاق يارىتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنىڭ ئۆچمەس سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقتى.
ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ قان قېرىنداشتەك يۇغۇرۇلۇشى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتىدىكى تارىخىي ئاساس. جۇڭخۇا زېمىنىدا ئۇزاق مەزگىل كۆچۈپ يۆتكىلىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش ئارقىلىق، قېرىنداشلىق مۇناسىۋەت چوڭقۇرلاشتى، ھەرقايسى مىللەت مەدەنىيىتى ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ يۇغۇرۇلۇپ، ھەممىنى قوبۇل قىلىپ مۇجەسسەملىنىپ، قۇدرەتلىك ئۇيۇشۇش كۈچىگە ئىگە جۇڭخۇا مىللىتى شەكىللەندى. چىن سۇلالىسىدىن بۇرۇنقى دەۋردىكى ھەرقايسى قوۋمنىڭ شىنجاڭدا كۆپىيىپ ياشىشىدىن خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى مەلىكە شىجۈن، مەلىكە جيېيوۋنىڭ يىراقتىكى ئۇيسۇنغا ياتلىق بولۇشىغىچە؛ ھەر مىللەت لەشكەرلەردىن تەركىب تاپقان ئەنشى قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى «قۇم بارخان تۇر» چېگرا قاراۋۇللىرى تىزىملىكىدىن يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى زور بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كۆچۈپ ئولتۇراقلىشىشىغىچە، بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇا زېمىنىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ چەمبەرچاس باغلانغان قانداشلىق، تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى، قان قېرىنداشتەك يۇغۇرۇلغان، قان بىلەن گۆشتەك يېقىن ئۆتىدىغان، ئۆزئارا سىڭىشكەن، ئۆزئارا يۇغۇرۇلغان، كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەن، ئايرىلماس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرگەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلىدۇ.
ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئېتىقادىنىڭ ئوخشاش بولۇشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بەرپا قىلىشىدىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. خەن سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق دۆلەتنى قەلبىگە پۈكۈپ، بۈيۈك بىردەكلىكنى «جاھاننىڭ مەڭگۈلۈك پىرىنسىپى، قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان ئومۇمىي قائىدە» دەپ قارىدى. «جيەنۋۇدىن يەنگۇاڭغىچە، غەربىي يۇرت بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ ئۈچ قېتىم ئۈزۈلۈپ، ئۈچ قېتىم ئەسلىگە كېلىشى»دىن يېقىنقى زاماندا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جاھانگىرلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا باتۇرلۇق بىلەن تاقابىل تۇرۇشىغىچە؛ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بېرىپ ماۋ جۇشى بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغان قۇربان تاغىدىن يېڭى دەۋردە چېگرا لىنىيەسىدىكى 100 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق تاشقا «جۇڭگو» دېگەن خەتنى ئويۇپ چىققان بۇرماقان مولدوغىچە، بۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەزەلدىن دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان شەرەپلىك ئەنئەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، دۆلەت زېمىنى پارچىلىنىپ كەتسە بولمايدۇ، دۆلەت قالايمىقانلىشىپ كەتسە بولمايدۇ، مىللەت چېچىلىپ كەتسە بولمايدۇ، مەدەنىيلىك ئۈزۈلۈپ قالسا بولمايدۇ، دېگەن ئورتاق ئېتىقادتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ كەتكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ يۇغۇرۇلۇشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەن مەدەنىيلىك ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشىدىكى مەدەنىيەت گېنى. شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ئەزەلدىن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، باشتىن - ئاخىر جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئانا تېنىدە يېتىلىپ تەرەققىي قىلدى. قەدىمكى يىپەك يولى شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرغان بولۇپ، كۈسەن مۇزىكا - ئۇسسۇلى، يۈتيەن رەسىملىرى بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك قائىدە - يوسۇنى، شېئىر - نەزمە ماھارىتى قوش يۆنىلىشلىك يۇغۇرۇلۇپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ بىللە مەۋجۇت بولۇپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، كۆپ خىللىق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان مەدەنىيلىك مەنزىرىسىنى ياراتتى. ئون ئىككى مۇقامنى ئەۋلادمۇئەۋلاد ئېيتىپ كېلىشتىن «بۇمبا»نىڭ ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىغىچە، ئۇزاقتىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تىل - يېزىقى، خەلق ئۆرپ - ئادىتى ھۈنەر - سەنئىتى، سەنئەت شەكلى باشتىن - ئاخىر جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىن ئوزۇق ئالدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى خەزىنىسىنى بېيىتتى. چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان بۇ خىل مەدەنىيەت گېنى كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇردى.
ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە بىر - بىرىگە تايانچ بولۇشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئىقتىسادىي گەۋدە بەرپا قىلىشىدىكى قۇدرەتلىك كۈچ. جاڭ چيەن غەربىي يۇرت يولىنى ئاچتى، غەربىي يۇرتتىكى كۆپ خىل مەھسۇلات ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقىلىپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك پۇلى قاتارلىقلار غەربىي يۇرتقا كىرىپ، جۇڭگونىڭ ھەرقايسى رايونلىرى بار - يوقنى ئۆزئارا ئالماشتۇرىدىغان، ئۆزئارا تولۇقلايدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى. يىپەك يولىنىڭ گۈللىنىشى جۇڭخۇا زېمىنىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنى بىر - بىرىگە زىچ باغلانغان ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدە بەرپا قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ئاپتونوم رايون قۇرۇلغان 71 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىن بۇيان، غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىق دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەسى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى، شىنجاڭ تەرەققىيات ئەڭ ياخشى، ئۆزگىرىش ئەڭ زور، ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆپ نەپكە ئېرىشكەن تارىخىي مەزگىلگە قەدەم قويدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش پارلاق يولىدا مەردانە قەدەم تاشلاپ ماڭماقتا.
ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ھېسسىيات جەھەتتە يېقىن ئۆتۈشى جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇشتىكى كۈچلۈك ۋاسىتە. ئىناق بىللە ئۆتۈش، قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتۈش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش باشتىن - ئاخىر دۆلىتىمىز مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى بولۇپ كەلدى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ناھايىتى يېقىن قېرىنداشلارچە دوستلۇقى نۇرغۇن تارىخىي ئېسىل داستانلارنى قالدۇردى. بولۇپمۇ چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىقىغا تاقابىل تۇرۇش، بۆلگۈنچىلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىكنى قوغداش مۇساپىسىدە، ھەر مىللەت خەلق مىسلىسىز ئىتتىپاقلىشىپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىسلىسىز مۇشەققەت ئۈستىدىن غالب كەلگەن، تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلغان ئۇلۇغ تارىخىي داستانىنى پۈتۈپ چىقتى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچى جەڭچىلەر، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق تۈركۈم - تۈركۈم قۇرۇلۇشچىلار تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا يىلتىز تارتىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى. بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، قىيىن ئۆتكەلدىن بىرلىكتە ئۆتۈپ، قان بىلەن گۆشتەك يۇغۇرۇلغان ھېكايىلەرنى ئېيتىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بەخت - سائادەت ۋە جاپادا بىللە بولۇش، شەرەپ - نومۇستا بىللە بولۇش، ھايات - ماماتتا بىللە بولۇش، تەقدىر - قىسمەتتە بىللە بولۇشتىن ئىبارەت چوڭقۇر ھېسسىيات باغلىنىشى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تومۇرىغا سىڭىپ كەتتى.
«جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، شۇنداقلا مىللەتلەر رايونىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى». بىز مەۋقەنى تارىخىي پاكىتقا قويۇپ، توغرا بولغان مىللەت قارىشى تۇرغۇزۇپ، مىللەت بۆلگۈنچىلىكىگە قارشى تۇرىدىغان پولات ئىستىھكام بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتۈپ چىقايلى.






