تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىدە داۋاملىق كۈرەش قىلىپ يەنە شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتايلى

− جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 77 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

□خەلق گېزىتى باش ماقالىسى

ئالتۇن كۈز شامىلى كىشىگە راھەت بېغىشلىدى، تاغ - دەريالار گۈزەل تۈسكە كىردى.

يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان، «15 - بەش يىل»نى باشلىغان پەيتتە، بىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 77 يىللىق خاتىرە كۈنىنى كۈتۈۋالدۇق، بۇ، پۈتۈن خەلق ئورتاق تەنتەنە قىلىدىغان مۇھىم بايرام.

77 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مۆجىزىنى يارىتىپ، دۇنيانىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىدە ئەڭ سەلتەنەتلىك جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش تارىخىي داستانىنى پۈتۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ مىسلىسىز پارلاق ئىستىقبالىنى كۈتۈۋالدى.

«مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا، بىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ! تارىخ ساقلاپ تۇرمايدۇ!» بۇ يىل «1 - ئىيۇل»دا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «جاسارەت بىلەن يېڭى تارىخىي شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتايلى» دېگەن ئۇلۇغ چاقىرىقنى چىقاردى.

داۋاملىق كۈرەش قىلىش، يەنە شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشتا ئىشەنچىمىز تولۇق، قەلبىمىزدە ئۇلۇغۋار ئىرادە بار.

بۈگۈنكى جۇڭگو سىجىل تۈردە يېڭى بولۇش، ئەلا بولۇش، ياخشى بولۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى پۇختا ئىگىلىدى.

بۇ يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى بېسىمغا تاقابىل تۇرۇپ ئالغا ئىلگىرىلىدى، قۇۋۋىتى يېڭى بولۇش، قۇرۇلمىسى ئەلا بولۇشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارلىققا كېلىپ، كۈچلۈك ئەۋرىشىملىكى ۋە ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تۈرلۈك كەسىپلەرگە كۈچ قوشتى، ئادەمسىمان ماشىنا ئادەمنىڭ سېتىلىش مىقدارى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا ماڭدى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش مىقدارى مۇقىم ئاشتى... يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئارقىلىق يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، «جۇڭگو ئەقلىي ياسىمىچىلىقى» جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يەنە بىر يارقىن نام كارتىسىغا ئايلاندى.

«بىر تىراكتورمۇ ياسىيالماسلىق»تىن «سانائەت تۈرلىرى ئەڭ تولۇق بولغان دۇنيا ياسىمىچىلىقىدىكى بىرىنچى چوڭ دۆلەت»كىچە، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ ماددىي تېخنىكا ئاساسى تېخىمۇ پۇختىلاندى، «بۇ يولدا ماڭغىنىمىز توغرا بولدى!»

بۈگۈنكى جۇڭگو مۇرەككەپ ئۆزگىرىشچان ۋەزىيەتتە ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، تەرەققىيات بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى.

«جيۇجاڭ 4 - نومۇر» نۇر كىۋانت ئۇچۇر تېخنىكىسىدا دۇنيا رېكورتىنى يېڭىلىدى، دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە دېڭىز، قۇرۇقلۇقتىن ئىبارەت ئىككى تۈردىكى راكېتانى قايتۇرۇپ كېلىش تېخنىكىسىنى بىرلا ۋاقىتتا ئىگىلىگەن بىردىنبىر دۆلەتكە ئايلاندى... «دۇنياۋى پەن - تېخنىكا ئىشلىرىغا قاتناشقۇچى، تۆھپە قوشقۇچى بولۇشتىن يول ئاچقۇچى، يېتەكلىگۈچى بولۇشقا قاراپ تېز ئۆزگىرىپ»، دۆلىتىمىز يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ئەڭ تېز ئاشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تۇنجى ئىچكى دەريا بىلەن دېڭىزنى تۇتاشتۇرىدىغان چوڭ قانال − پىڭلۇ قانىلى پۈتۈپ قاتناش باشلاندى، ئاشلىق، ئېنېرگىيەدىن ئىبارەت «ئىككى تاماق قاچىسى» پۇختا، مەھكەم تۇتۇلدى، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنىڭ «مۇسكۇل - سۆڭەكلىرى» كۈچەيدى، «تومۇرلىرى» راۋانلاشتى، شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىمنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشقا قاراپ قەدەم تاشلاندى. ئىستراتېگىيەنىڭ دەستىلەنمە ئۈنۈمى جارى قىلدۇرۇلدى، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش تېزلىتىلدى، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئېنېرگىيە توپلاپ ئالغا ئىلگىرىلىدى.

«قەدەممۇقەدەم مۇستەھكەم ماڭدۇق»، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش چەكسىز ھەيۋەتلىك، مول ۋە رەڭدار بولدى.

بۈگۈنكى جۇڭگو خەلققە چىڭ تايىنىپ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى سىجىل ئاشۇردى.

كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش پۈتۈن مەملىكەتتىكى 100 مىليوندىن ئارتۇق كىشىگە نەپ يەتكۈزۈشتىن ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق يېشىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرگە كىرىشىگە تۈرتكە بولۇشقىچە، يەنە دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى تورىنى بارغانسېرى زىچ توقۇشقىچە...

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇشقا قوش يۆنىلىشلىك ئاتلاندى، يېڭى دەۋردىكى «خەلق تۇرمۇشى جاۋاب قەغىزى» قەلبلەرنى ئىللىتتى.

توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش «باش كەيگۇەن»ىنى چىڭىتىپ، خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىشتا چىڭ تۇردى.

پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو خەلقى دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلىش، ئىلگىرىلەش تەقدىرىنى ئۆز قولىدا مەھكەم تۇتتى.

بۈگۈنكى جۇڭگو ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنى يارىتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ، دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلدى، كېلەچەككە يېتەكچىلىك قىلدى.

«15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ھەم جۇڭگونىڭ ئۆز تەرەققىياتىنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى، ھەم دۇنياغا يۈزلەنگەن ھەمكارلىق تىزىملىكى.

يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق توك چىقىرىدىغان گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى تۇنجى قېتىم كۆمۈر ئېلېكتىرىنىڭكىدىن ئېشىپ كەتتى، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئوچۇق مەنبەلىك چوڭ مودېلنىڭ جەمئىي چۈشۈرۈلۈش مىقدارى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى، «جۇڭگو پۇرسىتى 2.0» پۈتۈن دۇنيانى بارغانسېرى كۆپ «يېڭىلىق يارىتىش پايدىسى» بىلەن تەمىنلىدى.

«تۆتتە چىڭ تۇرۇش» ئارقىلىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى، «تۆت چوڭ ئاۋانگارتلاردىن بولۇش» ئارقىلىق كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى ئۆستۈردى...

«ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالىنى كۆڭلىگە پۈكتى، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى كۆزلىدى»، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم موتور ۋە مۇقىملاشتۇرغۇچ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ تەشەببۇسچىسى ۋە ھەرىكەتتە كۆرسەتكۈچىسى بولۇپ كەلدى.

ۋاقىت تۇراقلىق مىقدار، شۇنداقلا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگۈچىلەرنىڭ ئۆزگىرىشچان مىقدارى.

بۈگۈن، قەدىمدىن ھازىرغىچە ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلگەن، كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان جۇڭگو تېخىمۇ ھەيۋەتلىك قىياپەتتە دۇنيانىڭ شەرقىدە قەد كۆتۈردى، جۇڭگو خەلقى ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئۆزىگە تايىنىدىغان، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرىدىغان قىياپەتتە مەردانە قەدەم بىلەن تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە قاراپ ئاتلانماقتا، جۇڭخۇا مىللىتى توسۇۋالغىلى بولمايدىغان قەدەم بىلەن ئۇلۇغ گۈللىنىشكە قاراپ ئاتلاندى.

چەت ئەللىك سىياسىي ئەربابلار ھاياجانلانغان ھالدا: «جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيىتى دەل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى» دېدى.

105 يىلدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ ئۈزلۈكسىز شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشىدىكى تۈپ سەۋەب شۇكى، قەتئىي ئىرادە بىلەن ھەقىقەتكە ئىنتىلىش، خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىش، تارىخىي بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىش، تەرەققىيات ئېقىمىغا ماسلىشىش، دادىللىق ۋە ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىش، ئۆزىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىش قاتارلىق ئېسىل ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىدە.

يېڭى دەۋردىن بۇيان، پارتىيە ۋە خەلق پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتىكى تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت تارىخىي ئومۇمىي يۈزلىنىشنىڭ توسۇۋالغۇسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈپتىن كاپالەتلىك قىلدى، بۇ دەل «ئىككىنى تىكلەش»تىن بولدى.

بۇ يىل قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 90 يىللىقى.

«يېڭى مۇساپە − يېڭى ئۇزۇن سەپەر.» ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كىردۇق، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى مۈشكۈل ۋە ئېغىر، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدا يەنە نۇرغۇن توسالغۇ، پۇتلىكاشاڭلار بار، جەزمەن نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشتە يېڭى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ تۈپ كاپالىتى. پات ئارىدا ئېچىلىدىغان پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىشتىكى بىرقانچە مۇھىم مەسىلە مۇھاكىمە قىلىنىدۇ، بۇنىڭدا پارتىيەمىزنى تېخىمۇ مۇستەھكەم، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش مەقسەت قىلىنغان.

يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا، بىز جەزمەن غەلىبە قىلىش ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا بار بولغان نۇرغۇن ئەۋزەللىك ۋە ئىستراتېگىيەلىك پايدىلىق شارائىتنى چوڭقۇر تونۇپ ۋە مەھكەم ئىگىلەپ، يولنى ئۆزگەرتمەسلىك، ئىرادىنى ئۆزگەرتمەسلىكتىن ئىبارەت ئىرادىنى ساقلاپ، لەيلەپ يۈرگەن بۇلۇتنىڭ كۆزنى توسۇۋېلىشىدىن قورقماسلىق، دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەش ھەم يولدىن ئادىشىپ قالماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. باتۇرلۇق بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، بارلىق قىيىنچىلىقنى بېسىپ چۈشىدىغان، شۇنداقلا قىيىنچىلىققا باش ئەگمەيدىغان ئىرادە ۋە جاسارەتنى ئۇرغۇتۇپ، دادىل كۈرەش قىلىپ، ئىجاد قىلىشقا ماھىر بولۇپ، يېڭى ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىش، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىشىمىز، تەجرىبە ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك. قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئۇلۇغۋار پىلاننى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

«بىرلىكتە ئارزۇ ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى، بەخت ئۈچۈن تىرىشايلى». بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تېخىمۇ سەلتەنەتلىك گۈزەل سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقايلى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.