□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بەي سۇجۈن
9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى كەچقۇرۇن، ماناس ناھىيەسىنىڭ باۋجادەن بازىرى تۇنماۋ يولىغا جايلاشقان دېھقانلار مېۋە - كۆكتات سېتىش نۇقتىسى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتتى. يايمىچىلارنىڭ بىر كۆتۈرۈلۈپ، بىر پەسىيىپ تۇرغان خېرىدار چاقىرغان ئاۋازلىرى بىلەن ئاممىنىڭ مېۋە - كۆكتات تاللىغاندىكى باھا تالاشقان ئاۋازلىرى گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، قويۇق تۇرمۇش پۇرىقى ئۇرغۇپ تۇراتتى.
بۇ جايدا مېۋە - كۆكتات ساتىدىغان تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى ۋە يايما ئىگىلىرىنىڭ بىر يىل ئىلگىرى تېخى كوچىنى بويلاپ يول ئىگىلەپ يايما يېيىپ، تەرتىپسىز تىجارەت قىلغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ناھايىتى تەس.
ماناس ناھىيەسى باۋجادەن بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چېن ياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: باۋجادەن بازىرى تەۋەلىكىدە يەتتە مەمۇرىي كەنت بار، بۇنىڭ ئىچىدە بازار رايونىغا بىرقەدەر يېقىن بولغان بەش مەمۇرىي كەنت ھويلا - ئاران ئىگىلىكىگە تايىنىپ مېۋە - كۆكتات تېرىقچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇردى، لېكىن سودا مەيدانى چەكلىك ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، بەزى تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى ئۆزلۈكىدىن يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە يايما يېيىپ، يولنى ئىگىلەپ تىجارەت قىلىپ، يولدا قاتناشنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، يەنە ئەتراپتىكى سودىگەرلەرنىڭ سودىسىغىمۇ تەسىر يەتكۈزدى.
«ئوچۇقچىلىقتا يايما يېيىپ شامال ۋە ئاپتاپتا قالغاچقا، مېۋە - كۆكتاتلار كۆپلەپ زىيان بولدى، خېرىدار مۇقىم بولمىدى، كەنت ئاھالىلىرى جاپا تارتىپ ئۆستۈرگەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ياخشى باھادا ساتالمىدى، كىرىمىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولمىدى» دېدى چېن ياڭ.
بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش ئۈچۈن، 2025 - يىلى 9 - ئايدا، باۋجادەن بازارلىق پارتىيە كومىتېتى بازاردىكى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە، ھەرقايسى كەنتلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ زىيارەت قىلىپ بىرمۇبىر ئەھۋال ئىگىلەپ، مېۋە - كۆكتات تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ قىيىنچىلىقى، ئىلتىماس - تەلىپىنى نۇقتىلىق ئىگىلەپ، ئۇزاق مەزگىل سېتىش ئېھتىياجى بار كەنت ئاھالىلىرى ۋە تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى ۋەكىللىرىدىن 42نى يىغىپ سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئۇلارنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى بىرمۇبىر رەتلەپ چىقتى. ئاخىردا ئەمەلىي ئەھۋالغا بىرلەشتۈرۈپ، «باۋجادەن بازىرى دېھقانلار كۆكتات سېتىش نۇقتىسى» قۇرۇشنى خەلق قۇرۇلتىيى «مىكرو ئەمەلىي ئىش» خەلق تۇرمۇشى تۈرىگە كىرگۈزدى ھەم 64 مىڭ يۈەن تۈر مەبلىغىنى بىرتۇتاش غەملەپ، تۈرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.
مەيداننى ماسلاشتۇرۇش، ئەخلەتلەرنى تازىلاش، ئاممىۋى ھاجەتخانا سېلىش ئارقىلىق، بىر ئايدىن كېيىن، ئىگىلىگەن كۆلىمى 3000 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان دېھقانلار مېۋە - كۆكتات سېتىش نۇقتىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، مۇقىم يايما ئورنىدىن جەمئىي 80ى تەسىس قىلىندى.
ئىلگىرىكى يولنى ئىگىلىۋالغان، تەرتىپسىز يايما نۇقتىلىرى قېلىپلاشتۇرۇلدى، رەتلەندى، سېتىش نۇقتىسىدا ھەر كۈنى تازىلىق قىلىشقا مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇلدى، يۈرۈشلەشكەن ئۆي - جاي مۇلازىمىتى شىركىتى ئارقا سەپ كاپالىتى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى، ئىلگىرىكى قالايمىقان تىزىلغان، قالايمىقان توختىتىلغان، تازىلىقى ناچار، نەرسە - كېرەك قالايمىقان دۆۋىلەپ قويۇلىدىغان، شاۋقۇن ئېغىر كۆچمە يايما ئورۇنلىرى يايما ئىگىلىرى خاتىرجەم تىجارەت قىلىدىغان، ئامما ئازادە تاللاپ سېتىۋالىدىغان خەلققە قولايلىق تىجارەت سورۇنىغا ئايلاندى.
بۇ ئۆزگىرىش تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى ۋە كۆچمە يايمىچىلارغا ھەقىقىي پايدا يەتكۈزدى.
باۋجادەن بازىرى خۇاڭگۇڭ كەنتىنىڭ ئاھالىسى چېن گۇيشيا ئۈچ مو يەرگە كۆممىقوناق ۋە ئۈچ مو يەرگە كاۋا تېرىغان بولۇپ، بۇ يىلدىن باشلاپ دېھقانلار مېۋە - كۆكتات سېتىش نۇقتىسىدا يايما يېيىپ، كۈنىگە 200 يۈەندىن 300 يۈەنگىچە پۇل تاپالايدىغان بولدى، «مۇقىم يايما ئورنۇم بار بولدى، يول بويىدا يول ئىگىلەپ تىجارەت قىلمايدىغان بولدى. خېرىدارىم كۆپ، سودام مۇقىم، قىشتا يەنە ئازراق كۆكتات توپ ساتسام، بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە مۇقىم كىرىم قىلالايمەن» دېدى چېن گۇيشيا.
كۆكتات توپ سېتىش سودىسى بىلەن شۇغۇللانغىنىغا 20 يىل بولغان تىجارەتچى ۋاڭ فاڭ مۇنداق دېدى: «بۇ جاينىڭ مۇھىتى ياخشى، ئادەم ئېقىمى مۇقىم، ھەر قېتىملىق بازار كۈنىدە، ئەتراپتىكى ھەرقايسى كەنتلەردىكى ئاھالىلەر كېلىپ مال سېتىۋالىدۇ، كىرىمىم ئىلگىرىكىدىن كۆپ ئاشتى.»
يايما ئورنى مۇقىم بولدى، مۇھىت ياخشىلاندى، سېتىش يوللىرى كېڭەيدى، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ ئىشەنچى تېخىمۇ ئاشتى.
باۋجادەن بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خەلق قۇرۇلتىيى رەئىسى سۇ چاۋ: دېھقانلار مېۋە - كۆكتات سېتىش نۇقتىسى خەلق قۇرۇلتىيى «مىكرو ئەمەلىي ئىش» تۈرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تايىنىپ، بازارنى دائىملىق ئىدارە قىلىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، بۇ جايدىكى تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى ۋە كۆچمە يايمىچىلارغا يېقىن ئەتراپتا سودا قىلىدىغان خەلققە قولايلىق سۇپا ھازىرلاپ بەردى، دەپ تونۇشتۇردى. «كېيىنكى قەدەمدە، بىز خەلق تۇرمۇشى ئېھتىياجىغا سىجىل كۆڭۈل بۆلۈپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ھەل قىلىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ئىشنى ياخشى قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئاممىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىمىز» دېدى سۇ چاۋ.
بۈگۈنكى كۈندە، رەتلىك، پاكىز، قېلىپلاشقان دېھقانلار مېۋە - كۆكتات سېتىش نۇقتىسى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، سېتىۋېلىش - سېتىش تەڭ جانلاندى. يايما ئورۇنلىرى ھەم شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى بېيىتتى، ھەم تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى ۋە كۆچمە تىجارەتچىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى.






