□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رايىدە
9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، چۆچەك شەھىرى قاراقاباق يېزىسى قىزىل جار كەنتىنىڭ ئاھالىسى چۇن يۇڭگاۋنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، خۇددى بىر قاپاق دۇنياسىغا كىرىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كەلدىم. چوڭ - كىچىك جازا ۋە كۆرگەزمە ئىشكاپلىرىغا خىلمۇخىل قاپاق ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى لىق تىزىلغان بولۇپ، ئەڭ چوڭىنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن بىر مېتىر كېلەتتى، كىچىكى نەچچە سانتىمېتىرلا ئىدى، ھەربىر قاپاققا جانلىق نەقىش ئويۇلغانىدى.
بۇ يىل 64 ياشقا كىرگەن چۇن يۇڭگاۋ ئۈستەل ئالدىدا ئولتۇرۇپ، كۆزەينىكىنى تاقاپ، سول قولىدا قاپاقنى چىڭ تۇتۇپ، ئوڭ قولىدىكى توك داغمالدا ئاستا - ئاستا داغماللاپ، قوڭۇر رەڭلىك نەقىش ئىزلىرىنى قالدۇرۇۋاتاتتى. ئۇزاق ئۆتمەي، قاتلاملىرى مول بولغان كۆيدۈرۈلگەن شېكەر رەڭگىدىكى داغماللاپ سىزىلغان رەسىم ئاستا - ئاستا نامايان بولدى.
«قارىماققا ئاددىيدەك كۆرۈنىدۇ، ئەمەلىيەتتە بىر ئولتۇرسام تۆت - بەش سائەت كېتىدۇ، تەرلەپ كېتىمەن.» چۇن يۇڭگاۋ توك داغمالنى قويۇپ، پېشانىسىنى سۈرتكەچ مۇنداق دېدى: «كەشتە تىككەندە خاتالىق كۆرۈلسە يىپنى سۆكۈۋەتسىلا بولىدۇ، بۇنىڭدا ئۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ. ئەگەر كۆيۈپ كەتسە، خاتا داغماللىسا، پۈتۈن قاپاق ئەسىرى بىكار بولۇپ كېتىدۇ.»
چۇن يۇڭگاۋ بالىلار پالەچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، پۇتى 3 - دەرىجىلىك مېيىپ ئىدى. «ئېغىر ئىشلارنى قىلالمايتتىم، لېكىن مەن كىچىكىمدىن رەسىم سىزىشنى ياخشى كۆرەتتىم» دېدى ئۇ. ئاپىسى كەشتىچىلىككە ماھىر ئىدى، ئاكىلىرى ئۆي جاھازلىرى ياسىيالايتتى، كىيىم تىكىش ماشىنىسىدىكى گۈل نۇسخىسى، ياغاچ بۇيۇملاردىكى سىزىقچىلار ئۇ دەسلەپتە ئالغان سەنئەت تەربىيەسى بولۇپ قالدى.
2016 - يىلى، بىر قېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە، ئۇ توردا بىرەيلەننىڭ قاپاققا داغماللاپ رەسىم سىزىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى. ئادەتتىكى قاپاققا داغمالدا رەسىم سىزىش ئارقىلىق تاغ، سۇ، گۈل - گىياھ، قۇشلار نامايان بولدى، ئۇ بۇنىڭغا بىردىنلا چوڭقۇر مەپتۇن بولۇپ قالدى. «شۇ چاغدىلا چىرايلىق ھېس قىلغانىدىم، كۆڭلۈمدە مەنمۇ سىناپ باقسام بولارمۇ، دەپ ئويلىدىم» دېدى چۇن يۇڭگاۋ.
ئۆگىتىدىغان ئادەم بولمىغاچقا، ئۇ ئۆزى ئىزدەندى. سىلىقلاش ماشىنىسى، ئويۇش پىچىقى سېتىۋېلىپ، دەرەخ يىلتىزىنى تېرىپ كېلىپ مەشىق قىلدى، يان تېلېفون ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇستازىغا ئايلاندى − تورغا چىقىپ داغماللاپ رەسىم سىزىش ماھارىتىنى ئۆگەندى، قايتا - قايتا ئويلاندى، تەكرار - تەكرار قول سېلىپ سىنىدى.
چوڭراق دەرەخ يىلتىزىنى ھەرىدەپ، بۇرغىلاپ، سىلىقلاپ، بىر پارچە ئەينەكنى ماسلاشتۇرۇپ، قەدىمىي تۈستىكى چاي ئۈستىلى ياسىدى؛ تاشلاندۇق دەرەخ شاخلىرىدىن داغماللاپ رەسىم سىزىلغان كىچىك ئورۇندۇق ياسىدى. كېيىن، 12 مۈچەل، گۈل - گىياھ، قۇش، قۇرت - قوڭغۇز، بېلىق، تاغ، سۇ، ئادەم قاتارلىقلارنىڭ شەكلىدىكى نەقىشلەرمۇ قاپاقتا جانلىق نامايان بولدى.
قاپاققا داغماللاپ رەسىم سىزىشتا «تۆمۈرنى قەلەم، ئوتنى سىياھ قىلىش»قا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ، بىر تەييار بۇيۇم ماتېرىيال تاللاش، پوستىنى ئېلىۋېتىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئارگىنال سىزىش، داغماللاپ رەسىم سىزىش قاتارلىق كۆپ خىل ئىش تەرتىپى ئارقىلىق ئاندىن تاماملىنىدۇ.
«مېنىڭ قاپاققا داغماللاپ رەسىم سىزىۋاتقىنىمغا ئون يىل بولدى. <芦葫> دېگەن خەت <禄福> دېگەن خەت بىلەن ئاھاڭداش بولۇپ، جۇڭگو ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدە بەخت - سائادەت مەنىسىگە ئىگە. ھەربىر قاپاق ئەسىرىنى ئىجاد قىلىپ پۈتتۈرگەندە، مەن ئىنتايىن خۇشال بولىمەن» دېدى چۇن يۇڭگاۋ.
بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قاپاق داغمال رەسىمدىن 600 پارچە، يىلتىز ئويمىچىلىقى ئەسىرىدىن 100 نەچچە پارچە، تۇخۇم ئويمىچىلىقى ئەسىرىدىن 100 پارچىغا يېقىننى ئىجاد قىلدى، قىسمەن ئەسەرلىرى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلدى، لېكىن ئۇ تېخىمۇ كۆپ ئەسىرىنى ھەقسىز سوۋغا قىلدى. «كىچىكرەك قاپاقلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك باشقىلارغا سوۋغا قىلدىم. مەن 800 - 700 پارچە كىچىك ئەسەر ئىجاد قىلدىم، كۆپىنچىسىنى باشقىلارغا سوۋغا قىلدىم.» ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ ئەسەرلەرگە جۇڭگو ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىكى گۈزەل مەنىلەر مۇجەسسەملەنگەن، كۆپچىلىك بىر كۆرسىلا ياقتۇرۇپ قالىدۇ.»
بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ ئۆيىدە ئاددىيغىنا ئائىلىۋى قول ھۈنەر - سەنئىتىنى كۆرگەزمە قىلىش، ھېس قىلىش نۇقتىسى تەسىس قىلدى. ئۇ ئىجادىيەتتە چىڭ تۇرۇش بىلەن بىللە، يەنە ھەر مىللەت ئاممىغا قاپاققا داغماللاپ رەسىم سىزىش ھۈنىرىنى ھەقسىز ئۆگەتتى، «ھازىر بارغانسېرى كۆپ ياش ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ياقتۇرىدىغان، ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر - سەنئىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان بولدى، مەن كۆپچىلىككە ھەقسىز ئۆگىتىپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇشنى خالايمەن.»






