تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىناق-گۈزەل يېزا-كەنت

«مەركەزلىك ھوسۇل ئېلىش»تىن «كۈچ ئۇلاپ ھوسۇل ئېلىش»قىچە ​شىنجاڭ تاۋۇزىنىڭ بازارغا سېلىنىش ۋاقتى 11 ئايغا ئۇزاردى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن

كۈز كۈنلىرىدە قۇياش نۇرى تاۋۇز پارنىكى يوپۇقىدىن ئۆتۈپ، باراڭ تاۋۇزىنىڭ يېيىلىپ تۇرغان پېلەكلىرىگە چۈشۈپ تۇراتتى، باراڭدىكى تاۋۇزلار چوڭ ھەم يۇمىلاق بولۇپ، پارنىك ئىچىنى سۇس تاۋۇز ھىدى قاپلىغانىدى.

9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، شىنجاڭ سانجى دۆلەت يېزا ئىگىلىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىغا جايلاشقان سىناق تېرىش پارنىكىدا، دۆلەت قوغۇن - تاۋۇز كەسىپلەر تېخنىكا سىستېمىسىنىڭ ئوچۇقچىلىقتا ئۆستۈرۈش ئىش ئورنىدىكى ئالىم، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى غەربىي قىسىم يېزا ئىگىلىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ غەربىي قىسىم خاس پېلەكلىك زىرائەت سورتىنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئاددىيلاشتۇرۇپ ئۆستۈرۈش بويىچە يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىدىكى باش ئالىم جۇ يىڭچۇن تەتقىقات كوللېكتىپىنى يېتەكلەپ، يېڭىدىن تاللاپ يېتىشتۈرۈلگەن تاۋۇز سورتىنىڭ ئالاقىدار كۆرسەتكۈچلىرىنى يىغىپ تەھلىل قىلىۋاتاتتى.

شۇ كۈنى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى تاۋۇز تېرىيدىغان دېھقان گو چىڭچىمۇ ئۆزىنىڭ تاۋۇز پارنىكىدا ئالدىراش بولۇپ كەتتى. بۇ يىل، ئۇ تېرىغان پارنىك باراڭ تاۋۇزىنىڭ ئۆسۈشى ياخشى بولۇپ، 10 - ئاينىڭ باشلىرىدا پىشسا يۇقىرى پەللە مەزگىلىگە تاقاشتۇرماي بازارغا سېلىشنى مۆلچەرلىدى.

گو چىڭچىنىڭ تاۋۇز تېرىقچىلىقى كەسپىدە چوڭقۇر ئىزدىنىۋاتقىنىغا 30 نەچچە يىل بولدى، دەسلەپتە يىللاردا ھەر يىلى 500 - 400 مو يەرگە ئوچۇقچىلىقتا تاۋۇز تېرىپ، مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز جايىدا تەمىنلەش بىلەن شىنجاڭ سىرتىدا سېتىشقا تەڭ ئېتىبار بەردى، پايدىسى مۇقىم بولدى. لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بازار ئەندىزىسىدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولدى: تومۇز مەزگىللىرىدە شىنجاڭنىڭ يەرلىك تاۋۇزلىرى مەركەزلىك بازارغا سېلىنىپ، بازاردا تەمىنلەش ئېھتىياجدىن ئېشىپ كەتكەچكە، تاۋۇز باھاسى چۈشۈپ كەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، نىڭشيا تاۋۇزى پۈتۈن مەملىكەت بازارىنى ئىگىلىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شىنجاڭ تاۋۇزىنى توشۇش ئارىلىقى يىراق، ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخى قىممەت بولۇشتەك كەمتۈكلۈكلەر سىرتقا سېتىش رىقابەت كۈچىنىڭ سىجىل ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

قانداق قىلغاندا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ تاۋۇز سورتى ۋە تېرىقچىلىق ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بازارغا سېلىنىش دەۋرىيلىكىنى ئۇزارتىپ، بازار خەۋپىدىن ساقلىنىپ، كەسىپنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كەسىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئاچقۇچلۇق تېمىغا ئايلاندى.

9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 50تىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى غەربىي قىسىم يېزا ئىگىلىك تەتقىقات مەركىزىگە جەم بولۇپ، شىنجاڭنىڭ خاس پېلەكلىك زىرائەتلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈش ۋە ئاددىيلاشتۇرۇش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ئالىي تەتقىقات كۇرسىغا قاتناشتى. تەتقىقات كۇرسىدىكى دەرس قوغۇن - تاۋۇز كەسپى پۈتۈن زەنجىرىنى قاپلىدى. دەرسخانىدا، مۇتەخەسسىسلەر شىنجاڭ تاۋۇز كەسپىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، سورتلۇق ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش، تۈجۈپىلەپ ئۇلاپ مايسا يېتىشتۈرۈش، تاۋۇز سۈپىتىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلارنى سۆزلىدى. تەربىيەلەش مەزمۇنى كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىغىچە كېڭەيتىلىپ، يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن بىر تەرەپ قىلىپ پىششىقلاش، ساقلاش - يېڭى پېتى ساقلاش، سوغۇق زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىقلار ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈلدى، دەرس ئۆتكەن مۇتەخەسسىسلەر تاۋۇز تېرىقچىلىقىدىكى ئاغرىق نۇقتا، قىيىن نۇقتىلارنى بىر - بىرلەپ يېشىپ چۈشەندۈرۈپ، كۇرسانتلار بىلەن ھەل قىلىش يولى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.

كەسىپ تەرەققىياتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرگە قارىتا، بۇ بىرقانچە يىلدا جۇ يىڭچۇن كوللېكتىپى سىجىل تۈردە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، نۇرغۇن ئەلا سۈپەتلىك تاۋۇز يېڭى سورتىنى تاللاپ يېتىشتۈردى ھەم چىلگە، ئارىلىق، كەنجى تاۋۇز سورتلىرىنى ئىلمىي ماسلاشتۇرۇش، ئوچۇقچىلىقتا تېرىش، ئەسلىھەدە تېرىشتىن ئىبارەت كۆپ خىل ئۆستۈرۈش ئەندىزىسىنى ماس ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، يەرلىك تاۋۇزنىڭ بازارغا سېلىنىش دەۋرىيلىكىنى ئىلگىرىكى قىسقىغىنا ئىككى - ئۈچ ئايدىن 11 ئايغا ئۇزارتىپ، ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان شىنجاڭ تاۋۇز كەسپىنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش يېڭى يولىنى ئىزدىنىپ تېپىپ چىقتى.

2024 - يىلىدىن باشلاپ، گو چىڭچى جۇ يىڭچۇننىڭ يېتەكچىلىكىدە، پارنىك باراڭ تاۋۇزىنى كىچىك كۆلەمدە تېرىدى، ئەتىياز ۋە كۈزدە بىر قېتىمدىن تېرىپ، يۇقىرى پەللە مەزگىلىگە تاقاشتۇرماي بازارغا سېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىر پەسىلدىكى مو بېشى ساپ پايدىسىنى 2000 يۈەنگە يەتكۈزدى. بۇنىڭ پايدىسىنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇ يىل گو چىڭچى ئەتراپتىكى دېھقانلارنى يېتەكلەپ، پارنىك باراڭ تاۋۇزى تېرىش كۆلىمىنى 100 موغا كېڭەيتتى.

«شىنجاڭ تاۋۇز كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىكى يادرو ئۆلچەملەشتۈرۈش، ئاددىيلاشتۇرۇش، ماركىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇشتا.» جۇ يىڭچۇن مۇنداق دېدى: بىرىنچىدىن، سورتنى تەڭشەپ، يەككە سورتلۇق تاۋۇزنى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەمدە تېرىشنى ئازايتىپ، چوڭ، ئوتتۇراھال، كىچىك تاۋۇز سورتلىرى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇلغان سورت سېپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كۆپ خىل ئىستېمال بازىرىغا ماسلىشىش كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، ئەندىزىنى تەڭشەپ، ئوچۇقچىلىقتا تېرىش بىلەن ئەسلىھەدە تېرىشنى تەڭ قوللىنىپ، باراڭغا ئېلىش، باش ئەتىيازدا قوش يوپۇق يېپىش قاتارلىق تېخنىكىلارنى كېڭەيتىپ، يۇقىرى پەللە مەزگىلىگە تاقاشتۇرماي ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق مەركەزلىك بازارغا سېلىشتىن كېلىپ چىقىدىغان بىر خىللاشقان رىقابەتنى تۈگىتىش كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، ئاساسنى تۇتۇپ، ئۇلاپ مايسا يېتىشتۈرۈش، تۇپراقنى ئاسراش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈش ۋە ئاددىيلاشتۇرۇش تېخنىكىسى ئەندىزىسىگە تايىنىپ ئادەم كۈچى تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك؛ تۆتىنچىدىن، ماركىنى كۈچەيتىپ، رايون خاسلىقىغا ئىگە تاۋۇز ماركىسى يارىتىپ، بازاردا تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭ تاۋۇزىنىڭ بازاردىكى تونۇلۇش دەرىجىسىنى سىجىل ئۆستۈرۈش كېرەك.

«شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىش، ماسلىشىپ كۈچەش ئارقىلىق، شىنجاڭ تاۋۇز كەسپىدە جەزمەن <شېرىن بايلىق>نى مۇقىم پايدىغا ئايلاندۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ مول نەتىجىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز» دېدى جۇ يىڭچۇن.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.