تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«سەككىز 10 مىليون»دىكى گۈللەندۈرۈش شىفىرى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېي

ئالتۇن كۈز پەسلىدە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالى مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمدى. مول ھوسۇلنىڭ ئارقىسىدا پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ ئۈن - تىنسىز قوللىشى بار.

2025 - يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ پۇل مۇئامىلە، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق تارماقلىرى پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى قوللاشقا دائىر «سەككىز 10 مىليون» نۇقتىلىق ۋەزىپىنى يېتەكچى قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار ساھەلەرنى بايلىق ئارقىلىق قوللاش سالمىقىنى سىجىل زورايتتى.

كۆپ تارماقنىڭ ئورتاق قوللىشىدا، شىنجاڭدا يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار قەرز پۇل تارقىتىش كۆلىمى تېز ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىشىغا پۇل مۇئامىلە ھاياتىي كۈچى قوشتى.

كۈچەش يۆنىلىشىنى توغرا تېپىش

جەنۇبىي شىنجاڭدا پاختا ئارقا - ئارقىدىن يىغىۋېلىش مەزگىلىگە كىردى. بۇ بىرنەچچە كۈندە، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى كېۋەز تېرىقچىلىقى چوڭ ئائىلىسى جوۋ شۇيۈ كېۋەز يوپۇرمىقى چۈشۈرۈش دورىسى چېچىپ، پاختا يىغىۋېلىش ئۈچۈن تەييارلىق كۆردى. 2024 - يىلىدىن باشلاپ، جۇڭگو بانكىسىنىڭ قەرز پۇل مەدىتىدە، ئۇنىڭ كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى 6000 مودىن ئېشىپ 7000 مودىن كۆپرەككە يەتتى. «جۇڭگو بانكىسى ھەر يىلى بەرگەن 5 مىليون يۈەنگە يېقىن قەرز پۇل كېۋەز تېرىلغۇ ئومۇمىي سېلىنمىسىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەپ، مەبلەغ بېسىمىمنى يېنىكلەتتى، ھەر يىلى 4 مىليون يۈەندىن 5 مىليون يۈەنگىچە مۇقىم پايدا ئېلىۋاتىمەن» دېدى جوۋ شۇيۈ.

جوۋ شۇيۈنىڭ قەرز پۇل ياردىمىگە ئېرىشىشى ئۇنى تۆۋەن ئېقىندىكى پاختا كارخانىسى ئاقسۇ كېرۇن سورتلۇق پاختا كەسپى چەكلىك شىركىتىنىڭ تونۇشتۇرغانلىقى بىلەن ناھايىتى زور مۇناسىۋەتلىك. بۇ شىركەت جۇڭگو بانكىسى قوللىغان يادرولۇق خېرىدار بولۇش سۈپىتى بىلەن، 100 مىليون يۈەنگە يېقىن قەرز پۇل ئېلىش ئىناۋىتىگە ئېرىشتى. بۇ شىركەتنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە تايىنىپ، جۇڭگو بانكىسى يەنە يۇقىرى ئېقىندىكى 60 نەچچە كېۋەز تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسى ۋە تۆۋەن ئېقىندىكى ئون نەچچە ياغ زاۋۇتىغا تۈركۈملەپ قەرز پۇل ئېلىش ئىناۋىتى بەردى.

بۇ، جۇڭگو بانكىسى شىنجاڭ رايونى شۆبە بانكىسى «سەككىز 10 مىليون» نۇقتىلىق ۋەزىپىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يېڭىلىق يارىتىپ يولغا قويغان 10 مىليون مو كېۋەزنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشىدىغان يېڭى تەدبىر. بۇ خىل پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى يېپىق ھالقىلىق پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ئەندىزىسىدە، تۈركۈملەپ خېرىدار كېڭەيتىش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، قەرز پۇل تارقىتىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بۇ يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بانكىسى شىنجاڭ رايونى شۆبە بانكىسى 7500دىن ئارتۇق پاختا ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش كارخانىسى ھەم دېھقان ئائىلىلىرىگە 17 مىليارد يۈەنگە يېقىن قەرز پۇل ئېلىش ئىناۋىتى بېرىشنى تەكشۈرۈپ بېكىتتى.

دەل جۇڭگو بانكىسى شىنجاڭ رايونى شۆبە بانكىسى ئومۇمىي مەنپەئەتدار پۇل مۇئامىلە ئىشلىرى بۆلۈمى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كوللېكتىپىنىڭ مەسئۇلى خۇاڭ لىلى ئېيتقاندەك، «سەككىز 10 مىليون» نۇقتىلىق ۋەزىپە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى بەش چوڭ ساھەنى قاپلاپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىشى ئۈچۈن كۈچەش يۆنىلىشىنى دەل جايىدا تېپىپ بەردى.

يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، بۇلتۇر 4 - ئايدا، جۇڭگو خەلق بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى قاتارلىق تۆت تارماق بىرلىكتە «پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى قوللاشقا دائىر <سەككىز 10 مىليون> نۇقتىلىق ۋەزىپىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، 10 مىليون مو ئاشلىق ئېتىزى كىرىمىنى ئاشۇرۇش، 10 مىليون مو كېۋەزنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، 10 مىليون تۇياق تىرىك چارۋىنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش، 10 مىليون توننا باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتى ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، 10 مىليون گېكتار قۇملۇقتا يېشىللىق كۆپەيتىش، 10 مىليون دېھقاننى بېيىتىش، 10 مىليون چاقىرىم دۆلەت چېگراسى بويىدىكى رايونلارنى گۈللەندۈرۈش، 10 مىليون يېزا - كەنتنى ياخشى ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت سەككىز نۇقتىلىق يۆنىلىشنى چۆرىدەپ، پۇل مۇئامىلە تىرىكىنى كۈچەيتىشنى ئېنىق تەلەپ قىلدى.

«سەككىز 10 مىليون» نۇقتىلىق ۋەزىپە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىشىنى ئېنىق يول بىلەن تەمىنلەپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى ھەرقايسى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ئالاقىدار ساھەلەرنى بايلىق ئارقىلىق قوللاش سالمىقىنى بەس - بەستە زورايتىشقا يېتەكلىدى.

− جۇڭگو بانكىسى شىنجاڭ رايونى شۆبە بانكىسى ئىقتىسادىي كاپىتالنى تەقسىملەش، ئىچكى مەبلەغنى يۆتكەپ باھا بېكىتىش، خىراجەتنى ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار ساھەلەرگە ئومۇميۈزلۈك مايىللاشتى.

− جۇڭگو سودا - سانائەت بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى ئايلىق قەرز پۇل تارقىتىشنى دومىلىما مۆلچەرلەش، پەسىللىك ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى قايتا خۇلاسىلەش مېخانىزمى ئورنىتىپ، يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار، ئومۇمىي مەنپەئەتدار خاراكتېردىكى يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار مەخسۇس تۈر كىرېدىت سوممىسىنى ئايرىم تۈر قىلىپ بېكىتتى.

− جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار كىرېدىت پىلانىنى ئاي بويىچە ئايرىم تەقسىملەپ، يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار كىرېدىتنى تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش يېشىل يولى تەسىس قىلدى.

كىرېدىت مەبلىغى بەس - بەستە يېزا - كەنت مۇنبەت تۇپرىقىغا يەتكۈزۈلدى. جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2026 - يىلى 7 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 1 تىرىليون 310 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8 ئاشقان.

پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈش

ما چىڭگۇينىڭ بېشىنى بىر مەزگىل ئەڭ قاتۇرغىنى نەق پۇل يېتىشمەسلىك ئىدى.

ئۇ قاراماي شەھىرىنىڭ شەھەر ئەتراپى رايونىغا مەبلەغ سېلىپ، كۆلىمى 100 مودىن ئاشىدىغان باقمىچىلىق مەيدانى قۇردى. «بىر تەرەپتىن، كالا بېقىشنىڭ دەۋرىيلىكى ئىككى يىلغا سوزۇلىدۇ، ھەر كۈنى تەننەرخ سېلىنمىسى بار. يەنە بىر تەرەپتىن، نەچچە يۈز گۆش كالىسى كۆز ئالدىمىزدىلا تۇرسىمۇ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە ئامالسىز قېلىپ، بەك جىددىيلىشىپ كەتكەنىدۇق!» دېدى ئۇ.

تىرىك چارۋىلارنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش قىيىن بولۇش، قىممىتىنى مۆلچەرلەش قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، جۇڭگو سودا - سانائەت بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى 2024 - يىلى توردا رەقەملەشتۈرۈلگەن «باقمىچىلىق e قەرزى» مەھسۇلاتىنى ئاچتى، رايوندا بېقىلىدىغان چارۋا تۈرى، تەننەرخى، باھاسى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى كىرگۈزسىلا، سۇپا ئىناۋەت سوممىسىنى ئاپتوماتىك ھېسابلاپ چىقالايدۇ.

بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق، ما چىڭگۇي بۇلتۇر 8 - ئايدا جۇڭگو سودا - سانائەت بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسىدىن 2 مىليون يۈەن قەرز پۇل ئالدى، گۆش كالىسى باقمىچىلىق كۆلىمى بۈگۈنكى كۈندە كېڭىيىپ 1000دىن ئاشتى، «بۇنىڭ بىلەن، مېنىڭ بېسىمىم يېنىكلىدى، بۇ يىل 11 - ئايدا، بىر قىسىم گۆش كالىلىرىنى سېتىپ چىقىرالايدىغان بولدۇم.»

بۇ يىل 8 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگو سودا - سانائەت بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى تارقاتقان بۇنىڭغا ئوخشاش «باقمىچىلىق e قەرزى» مەھسۇلاتى جەمئىي 100 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، 126 باقمىچىلىق ئائىلىسىگە نەپ يەتكۈزدى.

يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار ساھەلەردە رەنە بۇيۇمىنىڭ يېتىشمەسلىكى كۆپ ھاللاردا تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىدىكى توسالغۇ بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئاغرىق نۇقتىغا قارىتا، ھەرقايسى چوڭ بانكىلار «سەككىز 10 مىليون» نۇقتىلىق ۋەزىپىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسىدە بەس - بەستە يېڭىلىق ياراتتى.

بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇش، ئۆسۈملۈك يېڭى سورتى ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، «پەن - تېخنىكىنى قەرز پۇلغا ئايلاندۇرۇش» قاتارلىق ئۇرۇقلۇق پەن - تېخنىكىسى بويىچە تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك قەرز پۇل مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىش؛ يېزا كوللېكتىپىنىڭ «ئۈچ مەبلەغ سۇپىسى»دىكى سانلىق مەلۇماتىدىن پايدىلىنىپ، ئىناۋەتنى ئاشۇرۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش؛ يەر مۈلۈك ھوقۇقى سودا مەركىزى چىقارغان يەر باشقۇرۇش ھوقۇقى ئوبوروت سودىسىنى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاش خاتىرىسى سانلىق مەلۇماتىدىن پايدىلىنىپ، «تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاش e قەرزى»نى تەتقىق قىلىپ ئېچىش... يېپيېڭى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ھالەتلىرى يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىلىرىدەك بارلىققا كېلىپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتىپ، قەرز پۇلنىڭ ئېرىشىشچانلىقى ۋە ماسلىشىشچانلىقىنى ئۆستۈردى.

مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش بىلەن بىللە، ھەرقايسى بانكىلار يەنە يېزا مۇلازىمەت تورىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇردى.

ئاقسۇدىكى تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسى ئۈمىد تۇرغۇن بۇنىڭدىن مەنپەئەتلەنگۈچىلەرنىڭ بىرى. بۇلتۇر 3 - ئايدا، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى ئونسۇ ناھىيەسىدىكى تيەنتەي يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تىجارىتى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت پونكىتى تەسىس قىلىپ، شۇ جايدىكىلەرنىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپى ۋە يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار مۇلازىمەتلەرنى بېجىرىشىگە قولايلىق ياراتتى.

بۇ جايدا بېجىرگەن 200 مىڭ يۈەن قەرز پۇلدىن پايدىلىنىپ، ئۈمىد 20 مو ياڭاقلىقنى ھۆددىگە ئالدى. «قاچان دورا چاچىمىز؟ قاچان ئوغۇتلايمىز؟ ئىشلىتىش مىقدارى قانچىلىك؟ تەمىنات - سودا كوپىراتىپى مېنى ۋاقتىدا تېخنىكا يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ، يەنە ياڭاقلىرىمنى بىرتۇتاش سېتىۋالىدۇ.» ئۈمىد خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «مەن ھۆددىگە ئالغان ياڭاقلىقنىڭ مۇددىتى بەش يىل، بىر يىلدا 60 - 70 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايمەن.»

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى بانكا ئاپپاراتلىرى ناھىيە رايونى ئاساسىي قاتلاملىرىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، يېزا - كەنت ئاساسىي قاتلام مۇلازىمەت تور نۇقتىلىرىنى تەسىس قىلىش، ناھىيە رايونىغا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەرنى سەپلەشنى زورايتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى شەھەردىكى پوكەيلەردىن ئېتىز باشلىرى، يېزا - كەنت بازارلىرى، كەسىپ سېخلىرىغىچە ئۇزارتتى. نۆۋەتتە، پۈتۈن شىنجاڭدا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى دېھقانلارغا ياردەم بېرىش پۇل ئېلىش نۇقتىسىدىن 13 مىڭنى قۇرۇپ، مەمۇرىي كەنتلەرنى چىقىم قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى.

مۇكەممەل بولغان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ئۇل ئەسلىھەلىرى «سەككىز 10 مىليون» نۇقتىلىق ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

ئىناق، گۈزەل يېزا - كەنتنى ئورتاق قۇرۇش

ئامباردا ساقلىنىۋاتقان ئاشلىقنى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈپ ئىناۋەتنى ئاشۇرىدىغان «كۈچلۈك ئوبوروت مال»غا ئايلاندۇرۇش ئاشلىق يىغىپ ساقلاش كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىدىكى بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپلا قالماي، يەنە يۇقىرى ئېقىندىكى دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىغا تۈرتكە بولدى.

ئەندىزىدىكى بىر يېڭىلىق يارىتىش بىر كەسىپ زەنجىرىنى جانلاندۇردى. جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسىنىڭ «شىنلياڭتۇڭ» قەرز پۇلى مۇشۇنداق رول ئوينىدى. بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى مىڭيوۋ يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ يوۋجياڭنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەسىراتى چوڭقۇر: «<شىنلياڭتۇڭ> بولغاچقا، ئامباردىكى بۇغدايلار قولىمىزدىكى پۇلغا ئايلاندى، ئاشلىق سېتىۋالىدىغان مەبلىغىمىز قايتا ئۈزۈلۈپ قالمىدى.»

ئىلگىرى ۋاڭ يوۋجياڭ بۇنداق ئەركىن ئەمەس ئىدى. يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىشتا ئىشلىتىلىدىغان پۇل قىس، مىقدار كۆپ، ۋاقىت مەركەزلەشكەنىدى. ھەر يىلى 6 - ئايدىن 7 - ئايغىچە كارخانىنىڭ مەبلىغى ئەڭ قىس بولىدىغان ئۆتكەل. ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققاندا، كۈندىلىك سېتىۋېلىش مىقدارى 4000 توننىغا يېتىپ، كۈندىلىك ھېسابات سوممىسى 10 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ. «كۈندىلىك سېتىۋېلىش مىقدارى ئىنتايىن كۆپ، بىر قولىمىزدا ئاشلىق سېتىۋېلىپ، بىر قولىمىزدا نەق مەيداندا ھېسابات قىلىمىز، مەبلەغ زەنجىرىمىز ناھايىتى چىڭىپ كېتىدۇ.» ۋاڭ يوۋجياڭ ئاشلىق سېتىۋېلىش - زاپاس ساقلاشنىڭ ئاۋات مەزگىلىدىكى بۇ ئومۇميۈزلۈك قىيىن مەسىلىنى تىلغا ئالدى.

جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى بايىنغولىن شۆبە بانكىسى «شىنلياڭتۇڭ» كىرېدىت مەھسۇلاتلىرىنى دەل جايىدا ماسلاشتۇردى ھەم 86 مىليون 500 مىڭ يۈەن قەرز پۇل ئېلىش ئىناۋىتى بېرىشنى تەكشۈرۈپ بېكىتتى. قەرز پۇل سېتىۋېلىش يۇقىرى پەللىسىدىن بۇرۇن تولۇق ئەمەلىيلىشىپ، بۇ يىل سېتىۋېلىشقا تېگىشلىك 45 مىڭ توننا بۇغداينىڭ سېتىۋېلىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق سېتىۋېلىشقا كاپالەتلىك قىلىندى، 3000دىن 4000غىچە ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقان ئائىلىسى ۋە ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قاپلىدى.

بۇ خىل ئەندىزىنى قوللىنىپ، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى جەمئىي 90دىن ئارتۇق ئاشلىق سېتىۋېلىش - زاپاس ساقلاش، پىششىقلاش كارخانىسىنى قوللاپ، جەمئىي 10 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق قەرز پۇل تارقىتىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 30غا يېقىن ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلىدىغان نۇقتىلىق ناھىيەنى قاپلاپ، ئاشلىق سېتىۋېلىش، پىششىقلاش، ئامباردا ساقلاش ھەرقايسى ھالقىلىرىدا مەبلەغنىڭ ئايلىنىشىنى ئۈنۈملۈك راۋانلاشتۇردى.

«سەككىز 10 مىليون» نۇقتىلىق ۋەزىپە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئاشلىق، چارۋا مەھسۇلاتلىرى، مېۋە - كۆكتات قاتارلىق كەسىپ زەنجىرلىرىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى كۈچەيتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇنىڭدىن باشقا، «سەككىز 10 مىليون» نۇقتىلىق ۋەزىپە يەنە يېزا - كەنتلەرنى ياخشى ئىدارە قىلىش ۋە ئاساسىي قاتلام مەنىۋى مەدەنىيلىكىنىڭ ئالغا بېسىشىنى تېزلەتمەكتە.

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قورغاس ناھىيەسى لەڭگەر بازىرى روشەنباغ كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئابدۇللا مەمتىلى ئادەتتە قاتنىشىدىغان ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پائالىيىتى، ئۆينىڭ ئالدى - كەينىنى تازىلاشتەك بۇ «كۆزگە چېلىقمايدىغان كىچىك ئىشلار»دىن جۇغلانغان «گۈزەل ئەخلاق جۇغلانما نومۇرى»نىڭ ئۇنىڭ قەرز پۇل ئېلىش سوممىسىنى 200 مىڭ يۈەندىن 260 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

ئابدۇللا 30 نەچچە تۇياق چارۋا باقتى، بىر ئاشخانا ۋە تازىلىق ئۆيى ئۈسكۈنىلىرى دۇكىنى ئېچىۋاتىدۇ، يەنە 300 نەچچە مو يەر تېرىدى. «ئىلگىرى قەرز پۇل ئېلىش سوممام ئاران 200 مىڭ يۈەن ئىدى، <گۈزەل ئەخلاق جۇغلانما نومۇرى> ماڭا توپتوغرا 60 مىڭ يۈەن ئۆستۈرۈپ بەردى» دېدى ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا.

ئۇنى نەپكە ئېرىشتۈرگىنى دەل قورغاس ناھىيەسى يېڭىلىق يارىتىپ ئوتتۇرىغا چىقارغان «پارتىيە قۇرۇلۇشى يېتەكچىلىك قىلىش + پۈتۈن كەنت قەرز پۇل ئېلىش ئىناۋىتى + گۈزەل ئەخلاق جۇغلانما نومۇرى»نى يۇغۇرۇپ نۇقتىدا سىناق قىلىش مېخانىزمى. بۇ يىل 3 - ئايدا، ئىلى ئوبلاستى يۇغۇرۇپ نۇقتىدا سىناق قىلىش مېخانىزمىنى تۇنجى بولۇپ روشەنباغ كەنتىدە ئەمەلىيلەشتۈردى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا رىئايە قىلىش، چوڭلارغا ۋاپادار بولۇش، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا كۆيۈنۈش، قوشنىلار ئىناق ئۆتۈش، مۇھىت تازىلىقى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئېسىل ئىپادىسى مىقدارلاشتۇرۇپ جۇغلانما نومۇر قىلىنىپ، شىنجاڭ يېزا سودا بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتى قورغاس ناھىيەسى تارماق بانكىسىنىڭ ئىناۋەتنى باھالاش دەرىجىسى، قەرز پۇل بېرىش سوممىسى ۋە ئۆسۈم نىسبىتىدە ئېتىبار بېرىشىگە بىۋاسىتە چېتىلدۇرۇلۇپ، «گۈزەل ئەخلاق جۇغلانما نومۇرى» ھەقىقىي تۈردە «بېيىش نومۇرى»غا ئايلاندۇرۇلدى.

بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، «سەككىز 10 مىليون» نۇقتىلىق ۋەزىپە يەنە قۇملۇقتا يېشىللىقنى كۆپەيتىش، دۆلەت چېگراسى بويىدىكى رايونلارنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچلۈك ئېنېرگىيە قوشتى.

«سەككىز 10 مىليون» نۇقتىلىق ۋەزىپىنى تايانچ نۇقتا قىلىش ئارقىلىق پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىش يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە مەڭگۈ ئۈزۈلمەيدىغان ئۈمىد بېغىشلىماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.