تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​شىنجاڭ چوڭ جىلغا سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ توك تارقىتىشقا باشلىدى

قۇرۇلۇش باسقۇچى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى، كۆپ خىل ئۈنۈم ماس قەدەمدە قوزغىتىلدى

​شىنجاڭ چوڭ جىلغا سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ توك تارقىتىشقا باشلىدى

شىنجاڭ چوڭ جىلغا سۇچىلىق تۈگۈنى (9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تارتىلغان). □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ما كەي فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئاقسۇ، 9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى كاڭ خاۋيەن خەۋەر قىلىدۇ: «چوڭ جىلغا سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى توك تارقىتىشقا باشلىسۇن!» 9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى سائەت 10دىن 31 مىنۇت ئۆتكەندە، بۇيرۇقنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ چوڭ جىلغا سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشىنىڭ 1 -، 2 - نومۇرلۇق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىدا سۇ تۇربىنىسى قوزغىتىلدى، ئايلانما چاق ئۇچقاندەك ئايلاندى، مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان سۇ ئېنېرگىيەسى پاكىز ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئايلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىغا ئۈزلۈكسىز يەتكۈزۈلدى. بۇنىڭ بىلەن، بۇ «دەرىجىدىن تاشقىرى قۇرۇلۇش» ئېكولوگىيەلىك سۇ بىلەن تەمىنلەش، سۇغىرىش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە توك چىقىرىش ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك جارى قىلدۇرۇشقا باشلىدى.

ئاقسۇ ۋىلايىتى قۇمئېرىق دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا - تۆۋەن ئېقىنىغا جايلاشقان شىنجاڭ چوڭ جىلغا سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى دۆلەتنىڭ 172 تۈرلۈك سۇ تېجەش، سۇ بىلەن تەمىنلەشتىكى مۇھىم سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ بىرى بولۇپ، سۇ ئامبىرىنىڭ ئومۇمىي سىغىمچانلىقى 1 مىليارد 170 مىليون كۇب مېتىر، ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 750 مىڭ كىلوۋات.

«نۆۋەتتە تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىككى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى رەسمىي تورلاشتۇرۇلۇپ توك تارقىتىلدى، 3 - نومۇرلۇق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى تورغا چېتىلىپ سىناق قىلىنىۋاتىدۇ، 10 - ئايدا تورلاشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشنى پىلانلىدۇق» دېدى جۇڭگو گېجۇبا گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى، باش ئىنژېنېر يۈ يىڭ تونۇشتۇرۇپ. ئۈچ گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە توك تارقىتىش مىقدارى 1 مىليارد 893 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، تەخمىنەن 600 مىڭ ئائىلىنىڭ پۈتۈن يىللىق توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى تەڭشىشىنى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ.

چوڭ جىلغا سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشىدا خەلقئارا بىردەك ئېتىراپ قىلغان قۇم - شېغىل توسمىسىنىڭ 200 مېتىر دەرىجىلىك «ئېگىزلىك چەكلىمىسى» بۇزۇپ تاشلىنىپ، نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز بېتون يۈزلۈك قۇم - شېغىل توسمىسى ياسالدى، توسمىنىڭ ئەڭ ئېگىز جايى 247 مېتىرغا يەتتى.

قۇمئېرىق دەرياسى تارىم دەرياسىنىڭ مۇھىم مەنبە ئېقىنى بولغان ئاقسۇ دەرياسىنىڭ 1 - دەرىجىلىك تارماق ئېقىنى، چوڭ جىلغا سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى قۇمئېرىق دەرياسىدىكى بىردىنبىر تىزگىنلەش خاراكتېرلىك «باشلامچى» سۇ ئامبىرى بولۇش سۈپىتىدە، ئاقسۇ دەرياسى ۋادىسى تاغلىق رايونىدا تىزگىنلەش خاراكتېرلىك تەڭشەيدىغان سۇ ئامبىرى بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بەردى. سۇ مول مەزگىلدە سۇنى ساقلاپ، سۇ تارتىلىش مەزگىلىدە تولۇقلاش، ئىلمىي تەڭشەش ئارقىلىق، بۇ قۇرۇلۇش ھەر يىلى تارىم دەرياسىنىڭ غول ئېقىنىغا 3 مىليارد 420 مىليون كۇب مېتىر ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈپ، تۆۋەن ئېقىندىكى 6 مىليون 800 مىڭ مودىن ئارتۇق سۇغىرىش رايونىنىڭ «ئەتىيازدا قۇرغاقچىلىق بولۇش، كۈزدە سۇ يېتىشمەسلىك»تەك سۇ ئىشلىتىش قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ، ھەم ئاقسۇ دەرياسى غول ئېقىنىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئۆلچىمىنى 30 يىلغىچە ئاپەت كۆرۈلمەسلىكتىن 50 يىلغىچە ئاپەت كۆرۈلمەسلىككە ئۆستۈرىدۇ.

2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش باشلانغاندىن بۇيان، چوڭ جىلغا سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشىنىڭ ھەربىر مۇھىم تۈگۈن نۇقتىسى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى: 2024 - يىلى 12 - ئايدا توسمىنى تىندۇرۇپ يېپىش مۇددەتتىن سەككىز ئاي بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرۇلدى، 2025 - يىلى چۈشۈرگىنى چۈشۈرۈپ سۇ ساقلاش ئوڭۇشلۇق تاماملاندى، 2026 - يىلى 7 - ئايدا 2 - قارارلىق سۇ ساقلاش (1700 مېتىر) ئېگىزلىكىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش تاماملاندى.

«تۇنجى تۈركۈمدىكى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى قۇرۇلۇش باسقۇچىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇنداقلا قۇرۇلۇش ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ يېپيېڭى باشلىنىش نۇقتىسى.» ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر لى جياڭ مۇنداق بىدۈردى: چوڭ جىلغا سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى جەنۇبىي شىنجاڭ سۇ تورى قۇرۇلۇشىدىكى تايانچ تىرەك قۇرۇلۇش، شۇنداقلا تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، ئۇنىڭ قوغدايدىغىنى بىر دەريالا ئەمەس، بەلكى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ سۇ بىخەتەرلىكى، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى ۋە ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تۆۋەن چېكى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.