تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى جۇڭگو تارىخىدا كەم بولسا بولمايدىغان رەڭدار سەھىپە

​− «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى» «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ دىن تارىخى»نى ياخشى ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىش توغرىسىدا (2)

□شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

«تارىخ ھامان تارىخ، پاكىت ھامان پاكىت، ھەرقانداق ئادەمنىڭ تارىخ ۋە پاكىتنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن ئەمەس.» «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى» «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ دىن تارىخى» كۆپ مىقداردىكى ئارخېئولوگىيەلىك ئەمەلىي ئىسپاتلار ۋە تەپسىلىي، ئېنىق تارىخىي ماتېرىياللار ئارقىلىق شۇنى قايىل قىلارلىق ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى جۇڭگو تارىخىدا كەم بولسا بولمايدىغان رەڭدار سەھىپە.

باش شۇجى شى جىنپىڭ: كەڭ كادىرلار، ئاممىنى شىنجاڭ تارىخى، بولۇپمۇ مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى توغرا تونۇشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى تارىخى قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، جۇڭگو قەلبى، جۇڭخۇا روھىنى مۇستەھكەملەش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. شىنجاڭ جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، ئۈچ تاغ قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان، ئىككى ئويمانلىق چوڭقۇر سوزۇلغان بولۇپ، يېرى كەڭ، تاغ - دەريالىرى ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل، تارىختا ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەر تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا كۆچۈپ يۇغۇرۇلغان، كۆپ خىل مەدەنىيەت بۇ تۇپراقتا گىرەلىشىپ ئۆزئارا يۇغۇرۇلغان. كۈچلۈك ۋە ھەيۋەتلىك تارىخىي ئۆزگىرىش داۋامىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق باشتىن - ئاخىر پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ئۇيۇشتى، قول تۇتۇشۇپ كۈرەش قىلدى.

ۋەتىنىمىزنىڭ بىپايان زېمىنىنى ئورتاق ئاچتى. شىنجاڭ رايونى ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ئاچقان، گۈللەندۈرگەن ۋە ياشاپ كەلگەن جاي، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ماكانىنىڭ تەركىبىي قىسمى. چىن، خەن سۇلالىلىرى دەۋرىدىن باشلاپ، ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن بولغان نۇرغۇن ئاھالە ھەربىر تارىخىي مەزگىلدە شىنجاڭ رايونىغا كىرىپ - چىقىپ تۇرغان، ئۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنى ئورتاق ئاچقۇچىلاردۇر. غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى، ئەنشى قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى، بېيتىڭ قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى، ئىلى جياڭجۈنى قاتارلىقلارنىڭ ئۇزاق يىللار ھالقىغان ئىدارە قىلىشىدىن ھەربىر كالۇن، تۇر، ئۆتەڭ قاتارلىقلار ئارقىلىق مىڭ چاقىرىملىق مۇساپىنى بېسىپ قوغداشقىچە، يەنە بىڭتۇەن روھى، توغراق روھى، قاراقۇرۇم روھى قاتارلىقلارنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ ۋارىسلىق قىلىنىشىغىچە... چېگرا رايوندىكى ھەر مىللەت خەلق بۈگۈنكى جۇڭگو زېمىنىنىڭ شەكىللىنىشىگە مۇھىم تۆھپە قوشتى.

بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنى ئورتاق بەرپا قىلدى. جۇڭگو بىر گەۋدە، جۇڭخۇا بىر ئائىلە ئېڭى شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ تۇپراقنىڭ ئەڭ قېنىق ئاساسىي رېڭى. قاراخانىيلار خانىنىڭ ئۆزىنى «تاۋغاچ خان» دەپ ئاتىشى، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك سۇلالىلىرىنى «تاغام» دەپ ئاتىشىدىن زو زۇڭتاڭنىڭ «دۆلەت زېمىنىنى جان تىكىپ قوغداپ، بىر سۇڭ يەرنىمۇ باشقىلارغا تارتقۇزۇپ قويمايمەن» دېگەن ئەقىدىسىدە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىيلىك بىلەن شىنجاڭنى قايتۇرۇۋېلىشىغىچە، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دۆلەتنىڭ مۈشكۈلاتىنى يېڭىشكە ئورتاق ئاتلىنىپ، ئىسسىق قېنى بىلەن ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشىدىن يېڭى دەۋردىكى بالىلاردىن قايسى مىللەت ئىكەنلىكىنى سورىغاندا، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا «جۇڭخۇا مىللىتى» دەپ جاراڭلىق جاۋاب بېرىشىگىچە... تارىخنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن قارىغاندا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداشنى تومۇرىدىكى «گېن ئورتاق تونۇشى»غا ئايلاندۇرۇپ، دۆلەت زېمىنى پارچىلىنىپ كەتسە بولمايدۇ، دۆلەت قالايمىقانلىشىپ كەتسە بولمايدۇ، مىللەت چېچىلىپ كەتسە بولمايدۇ، مەدەنىيلىك ئۈزۈلۈپ قالسا بولمايدۇ، دېگەن ئورتاق ئېتىقادتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ گۈللىنىشى، بېيىپ قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن جان تىكىپ كۈرەش قىلدى.

شانلىق جۇڭگو تارىخىنى ئورتاق پۈتتى. چىن، خەن سۇلالىلىرىنىڭ جاسارىتى، تاڭ سۇلالىسىنىڭ گۈللەنگەن مەنزىرىسى، كاڭشى، چيەنلۇڭ زامانىسىدىكى گۈللىنىش ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ياراتقان شانلىق نەتىجە. تۈمەن چاقىرىملىق سەپەردە كولدۇرما ئاۋازىنى ئىزچىل ياڭرىتىشتەك ھەيۋەتلىك يىپەك يولى كۈيىنى پۈتۈپ، قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلەپ، چۆل - باياۋاندا بىر تۈركۈم نېفىت يېڭى شەھەرلىرىنى قۇرۇپ، غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيەسى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، «شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش - شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىش - چېگرانى مۇستەھكەملەش»نى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ ئېچىۋېتىش ئومۇمىيىتىگە سىڭىشىپ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇردى... شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئۇلۇغ دۆلەتنىڭ تارىخىي مۇساپىسىگە چوڭقۇر قاتنىشىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ شانلىق پەيتلىرىگە گۇۋاھ بولۇپ، دۆلەت قۇرۇش، چېگرا رايوننى ئېچىش، ئىجادىي تەرەققىيات داۋامىدا قالتىس تۆھپىلەرنى قوشتى. تارىخنىڭ ئۇزاق ئېقىنى ئۆركەشلەپ ئاقماقتا، شىنجاڭ باشتىن - ئاخىر ۋەتەن بىلەن ماس قەدەمدە ئىلگىرىلەپ كەلدى. ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا ئىرادە باغلىغان، ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرىنى كۆڭلىگە پۈككەن شەرقتىكى چوڭ دۆلەت ئىنسانىيەتنىڭ ئۇلۇغ ۋاقىت تارىخىدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ تارىخىي ۋاقتىنى ياراتماقتا.

پارلاق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئورتاق ياراتتى. شىنجاڭ كۆپ مىللەت ئارىلاشقان، ئالماشتۇرغان، يۇغۇرۇلغان جاي، شۇنداقلا جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى بىلەن ياۋروپا - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى باشقا مەدەنىيلىكلەرنى تۇتاشتۇرىدىغان يول، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكلەر بۇ جايدا گىرەلىشىپ، ئۇچرىشىپ، شىنجاڭنىڭ مول، رەڭدار رايون مەدەنىيىتىنى ياراتقان. شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىگە باشتىلا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەن تامغىسى بېسىلغان، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى باشتىن - ئاخىر شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ھېسسىيات يۆلەنچۈكى، قەلب ماكانى ۋە مەنىۋى ماكانى بولۇپ كەلدى. قېلىن تارىخ سەھىپىلىرىنى ۋاراقلاپ كۆرسەك، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ قائىدە - يوسۇن تۈزۈمى، خەنزۇچە كىتابلىرى، مۇزىكا - ئۇسسۇللىرى قاتارلىقلار غەربىي يۇرتتا كەڭ تارقالغان، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مېھرىبانلىقنى ئۇلۇغلاش، خەلقنى ئاساس قىلىش، ۋەدىسىدە تۇرۇش، دېئالىكتىكىغا ئەھمىيەت بېرىش، ئىناقلىققا تەلپۈنۈش، بۈيۈك بىرلىككە ئىنتىلىش ئىدىيەسى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىنى ئوزۇقلاندۇرغان... ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مۇنبەت تۇپرىقىدا گۈللەپ ياشنىدى.

ئۇلۇغ مىللەت روھىنى ئورتاق يېتىلدۈردى. شىنجاڭ تۇپرىقىدا، ھەرقايسى مىللەتلەر ئۇلۇغ ئىجاد قىلىش روھى ئارقىلىق كارىز قېزىپ، چۆل - باياۋاندا گۈزەل ماكان بەرپا قىلدى؛ ئۇلۇغ كۈرەش قىلىش روھى ئارقىلىق، دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن قۇملۇق يېشىل ئېكولوگىيە توسۇقى بەرپا قىلىپ، بىپايان تەكلىماكان قۇملۇقىنى مەھكەم قاشالىدى؛ ئۇلۇغ ئىتتىپاقلىق روھى ئارقىلىق، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى بەرپا قىلدى؛ ئۇلۇغ ئارزۇ روھى ئارقىلىق، چەت - ياقا جاينى ئېچىۋېتىش ئالدىنقى سېپىگە ئايلاندۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئورتاق بېيىشقا ئاتلاندى... دەۋرنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلار باشتىن - ئاخىر ئۇلۇغ مىللەت روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى.

تارىخنى ئۆرنەك قىلغاندا، دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ياكى خارابلىشىشىنىڭ سەۋەبىنى بىلگىلى بولىدۇ. بىز جۇڭگو تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئومۇمىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، شىنجاڭ رايونىنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەزگىللەردىكى تارىخىي پاكىتلىرىنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى تارىخىنىڭ ئوخشاش بولمىغان باسقۇچلىرىغا قويۇپ كۆزىتىپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخىي باغلىنىشىغا قويۇپ تونۇپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتى بىلەن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىي يۇغۇرۇلۇشىغا قويۇپ چۈشىنىپ، ئومۇمىي يۈزلىنىش، تارىخىي ئاساسىي تومۇر ۋە ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى توغرا ئىگىلەپ، تارىخ ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز قوينىدا، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇشىدا باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن كەلگۈسىگە ئاتلىنايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.